ئىسمائىل غاسپىرالى


    ئىسمايىل غاسپىرالى



ئىسمايىل غاسپىرالىئىسمايىل غاسپىرالى

 

        مەشھۇر تۈرك مۇتەپەككۇرى، مائارىپچى، يازغۇچى، تۈرك ۋە مۇسۇلمانلارنى ئويغىتىش يولىدا خىزمەت قىلغان قىممەتلىك بىر ژۇرنالىست بولغان ئىسمائىل گاسپىرالى، 1854-يىلى ئاقياز (سىۋاستاپول) ئۇرۇشى ئەسناسىدا قىرىمنىڭ باغچە ساراي يېزىسىدا دۇنياغا كېلىدۇ.  ئاتىسىنىڭ يۇرتى گاسپىرىنىسكىغا نىسبەتەن «گاسپىرالى» تەخەللۇسىنى قوللانغان ئىسمائىل، ئون يېشىغا قەدەر ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە باھچە سارايدا ياشايدۇ.  كېيىن ئاقمەسچىتتىكى رۇس ئوتتۇرا مەكتىپىگە، ئون ئىككى ياشقا كىرگەندە رۇس ھەربىي مەكتىپىگە كىرىدۇ ۋە ئۇ يەردىن موسكۋا ھەربىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە يۆتكىلىدۇ.  بۇ مەكتەپتە دۇچ كەلگەن سلاۋچىلىق نەزىرىيىسى ۋە تۈرك دۈشمەنلىكى گاسپىرالىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ،  ئۇنى تۈرك مىللىتىگە تېخىمۇ چوڭقۇر رىشتىلەر بىلەن باغلايدۇ. گىرىت ئۇرۇشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مەكتەپتىن قاچىدۇ،  ئودېسسادا ئىستانبۇلغا بارىدىغان پاراخوتقا چىقىش ئەسناسىدا قولغا چۈشۈپ قېلىپ قىرىمغا ئەۋەتىلىدۇ.  بۇ ئىشتىن كېيىن مەكتەپنى تاشلايدۇ.  گاسپىرالى 17 ياشقا كىرگەندە باغچە سارايدىكى مەڭلى گىراي خان تەرىپىدىن سالدۇرۇلغان زەنجىرلىك مەدرىسىسىدە رۇس تىلىدىن دەرس بېرىشكە باشلايدۇ.  1869-يىلى يالتاغا يېقىن دەرەكۆي تۈرك مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلىنىدۇ، 1871-يىلى قايتىدىن زەنجىرلىك مەدرىسىسىگە قايتىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. كونىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەنقىت قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىك قىلىشلىرى نەتىجىسىدە مەدرىسىدىن ئايرىلىدۇ.
        1872-يىلى پارىژغا بارىدۇ ۋە ئۇ يەردە ئىككى يىل تۇرۇپ قالىدۇ.  بۇ جەرياندا رۇس يازغۇچىسى تۇرگېنيېۋ بىلەن تونۇشىدۇ،  ئۇنىڭ قوليازمىلىرىنى رەتلەيدۇ،  رۇسچە – فىرانسۇزچە تەرجىمانلىق ئىشلىرى بىلەنمۇ مەشغۇل بولىدۇ.  فىرانسىيەدە كۆرگەنلىرى، ئۇلار ھەققىدىكى پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن «ياۋروپا مەدەنىيىتىگە بىر نەزەرى مۇۋازەنە» ناملىق ئەسىرىنى 1903-يىلى ئىستانبۇلدا نەشىر قىلدۇرىدۇ.
     1875-يىلى قىرىمغا قايتىپ كەلگەن ئىسمائىل گاسپىرالى، 1879-يىلى باغچە ساراي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقلىقىغا سايلىنىپ تۆت يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. 1879-يىلى تۈركچە گېزىت چىقىرىش ئۈچۈن رۇس ھۆكۈمىتىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ، ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمىغاندىن كېيىن 1881-يىلى «ياش موللا» دېگەن تاقىما ئىسىم بىلەن رۇسچە «تاۋرىدا» گېزىتىدە رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى توغرىسىدا زەنجىرسىمان ماقالىلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرىدۇ.  تەلىم – تەربىيە سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەپدارى بولغان ئىسمائىل گاسپىرالى، مەدرەسە، مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.  ئۆز ئىجادى بولغان ئۇسۇلى جەدىد (يېڭى ئۇسۇل) ئېلىپبەسى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى پۈتۈن رۇسىيە تۈركلىرى ئارىسىدا قوبۇل قىلىنىدۇ.  گاسپىرالى نۇقتىلىق ھالدا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى، تۈرك شىۋىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئاددىيلاشتۇرۇش ۋە ئورتاق تۈرك ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشى ئىدى.  بۇ مەسىلە، 1906-يىلى چاقىرىلغان رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ۋە رۇسىيەدىكى تۈرك باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ تۆتىنچى سىنىپلىرىدا ئورتاق تۈرك ئەدەبىي تىلى بىلەن يېزىلغان كىتابلارنىڭ ئوقۇتۇلىشى قارار قىلىنىدۇ. بۇ ئەدەبىي تىل ئىستانبۇل ئېغىز تىلىغا ناھايىتى يېقىن ئىدى.  گاسپىرالى مەزكۇر غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن 1883-يىلى 10-ئاپرېل كۈنى باغچە سارايدا «تەرجىمان» گېزىتىنىڭ تۇنجى سانىنى چىقىرىدۇ. «تىلدا بىرلىك، ئىشتا بىرلىك» پىرىنسىپى ئاساسىدا چىقىرىلىشقا باشلىغان «تەرجىمان» گېزىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا تارقىلىدۇ.
     قىرىملىق ئىسمائىل گاسپىرالىنىڭ تىل ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈش پائالىيتى، تۈرك تىلى تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. گاسپىرالى پەقەت تىلدىلا ئەمەس، تۈرك مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ساھەلەردىمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پىكرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بىر داھىي بولۇپ، پۈتۈن ھاياتىنى تۈركلەرنىڭ نادانلىق ۋە مۇتەئەسسىپلىكتىن قۇتۇلۇپ يۈكسەكلەرگە ئۆرلىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ. «ئىندىمدە شەرق مەسىلىسى، مائارىپ مەسىلىسى دېمەكتۇر» دېگەن گاسپىرالى، 1893-يىلى تۈركىستانغا، 1907 ۋە 1908-يىللىرى ئارىسىدا تۈركىيە، مىسىر ۋە ھىندىستانغا بېرىپ كونفېرانسلارنى بېرىدۇ، ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلغار كىشىلىرى بىلەن پىكىرلىشىدۇ، تۈركلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئويغىنىشى، ئوقۇپ ئىلىم ئىگىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ.
     ئىسمائىل گاسپىرالىنىڭ قارىشىچە، تۈرك دۇنياسىدىكى بىرلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى تىل بىرلىكىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، گاسپىرالى ھاياتى بويىچە تۈرك قەبىلىرى ئارىسىدا تىل بىرلىكىنى روياپقا چىقىرىش پىكرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. گاسپىرالى، باشقا تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، ئۆز تىلىدىن سۆز تۈرلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئىسمايىلئىسمايىل غاسپىرالى


      1909-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىستانبۇلغا كەلگەن گاسپىرالى، ياشلار ۋە زىيالىيلار تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ. تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۆچمەس مەشئەللىرى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان بۈيۈك مۇتەپەككۇر 1914-يىلى ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
      تۆۋەندە ئىسمائىل گاسپىرالىنىڭ بىر پارچە ئەسىرىدىن ئېلىنغان قىسقىغىنە مىسالنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز:
«ئەسەرىي ئەدەبىييە ۋە شېئىرىييە ئارىسىغا مۇشۇنداق مەسلەكلىك بىر ئەسەرنى قىستۇرۇش تۈرك ئالەمىگە بۈيۈك خىزمەتتۇركى، دەرۇنەن تەبرىكلەيمەن. تۈرك دۇنياسىغا دېگەنلىرىم مۇبالىغە دەپ گۇمان قىلىنمىسۇن؛ مۇبالىغىمۇ قىلمايمەن ۋە مۇبالىغىنى ياخشى كۆرمەيمەن. ئەرزۇرۇم تۈركلىرى ئاڭلاپ ھۇزۇرلانغانغا ئوخشاش تىفلىس، تەبرىز، شىرۋان، خوراسان، تۈركىستان، قەشقەر، دەشتى قىپچاق، سېبرىيە، قازان ۋە قىرىم تۈركلىرىمۇ ئوقۇسۇنكى، بۇ شەرەپكە فۇزۇلى ۋە نابى نائىل بولالمىدى. قىرىق، ئەللىك مىليونلۇق ۋە ئوتتۇر ئەسىرلىك بۇ ئالەمگە ئىپتىدا بىر قوشۇق ئوغۇل ھەسىلىنى ئىچۈرگەن سىلەر بولۇڭلاركى، بۇ سىلەر ئۈچۈن شەرەپ ۋە سائادەتتۇر، تەبرىكلەيمەن... بىر ئاز ئاددىكى ۋە قوپال تىل بىلەن ئېيتقاندا، دەرسائادەتتىن ھاممال ۋە قېيىقچىلارغا، قازان ۋە سېبىرىيەدىكىگە ئوخشاشلا جۇڭگودىكى تۈرك تۈگىچىلەرگە گېزىتنى تونۇشتۇرغانىدى؛ «تەرجىمان» نىڭ تىرىشچانلىقىمۇ بۇ يولدا خىزمەت قىلىشتۇر. گېزىت، تەبرىز ۋە خوراساندىمۇ باغچەساراي تىلىنى ئۆگىنىش مايىللىقىنى پەيدا قىلدى».


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 5

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1021 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-14