زەينەپ غەززالى


زەينەپ غەززالىزەينەپ غەززالى

زەينەپ غەززالى ئەلجۇبەيلىنىڭ ئەسلى نەسىبى ھەقىقىي ئەرەب ئىرقىدىن بولۇپ، ئۇ مىلادىيە 1917-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى مىسىرنىڭ شىمالى غەربىگە جايلاشقان بەھىرە ۋىلايىتىدە، ئېسىل نەسەب ۋە ھاللىق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادا تەرەپ نەسەب شەجەرىسى ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا ئۇلاشسا، ئانا تەرەپ نەسىبى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى ھەزرىتى ئىمام ھەسەنگە باغلىنىدۇ. زەينەپ غەززالىنىڭ بوۋىسى چوڭ سودىگەر بولۇپ، ئاساسلىق ئىشى پاختا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىدى. دادىسى بولسا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۈيۈك شەيخلىرىدىن بىرى بولۇپ، ۋەز نەسىھەت ۋە نۇتۇق سۆزلەش جەھەتتە ھەممىگە تونۇلغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر، مۆتىۋەر ئەللامە ئىدى. دادىسى قىزى زەينەپنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى ۋە ئەركىلىتىپ نۇسەيبە دەپ ئاتايتتى. دادىسىنىڭ ئۇنداق دەپ ئاتىشىدا ئەركە قىزىنىڭ كەلگۈسىدە بۈيۈك ساھابە نۇسەيبە بىنتى ئەلكەبىلمازەنىغا ئوخشاش خىسلەت ۋە ئىپپەت ئابىدىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇ تېخى تۆت-بەش يېشىغا توشمىغان قىزىغا ياغاچتىن قىلىچ ياساپ بېرىپ، يۇمىلاق بىر دائىرە سىزىپ، قىزىنى سىزىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇزۇپ، قىلىچنى تۇتقۇزاتتى، ئاندىن :«پەيغەمبىرىمىزنىڭ دۈشمىنىنى چاپ قىزىم» دەپ چېنىقتۇراتتى. زەينەپ بولسا قولىدىكى قىلىچىنى ئوڭ، سول، ئالدى، ئارقىسىغا توختىماي شىلتىپ دادىسىغا ئارىدا بىر قاراپ، تاتلىق كۈلۈپ قوياتتى. دادىسى، «پەيغەمبىرىمىزنىڭ دۈشمىنىدىن قانچىنى ئۆلتۈردۈڭ قىزىم» دەپ سورىسا، ئۇ: «بىرنى ئۆلتۈردۈم» دەيتتى. دادىسى يەنە ئۆلتۈر قىزىم دەيتتى، ئۇ قىلىچنى ھاۋاغا شىلتىپ يەنە دادىسىغا قارايتتى، دادىسى، «قانچىنى ئۆلتۈردۈڭ» دەپ سورىسا ئىككىنى، ئۈچنى، تۆتنى ئۆلتۈردۇم دەپ جاۋاب بېرەتتى. دېمەك مۇھەممەد غەززالى بۇ ئەركە قىزىنى كىچىكىدىنلا ساھابىلاردەك تەربىيىلەپ چىقىشقا قاتتىق كۆڭۈل بۆلگەن.


زەينەپ غەززالىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋىرى زەينەپ غەززالىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋىرى


زەينەپ باشلانغۇچ مەكتەپنى مەھەللىسىدىكى ھۆكۈمەت مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. 11 يېشىدا دادىسى كېسەل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇشتۇمتۇت ئالەمدىن ئۆتىدۇ. زەينەپنىڭ ئانىسى قاھىرىدە ئىشلەۋاتقان چوڭ ئوغلى مۇھەممەد ۋە ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرانچى ئوغلى ئەلىلار بىلەن بىرگە تۇرۇش ئۈچۈن، قىزى زەينەپنى ئېلىپ قاھىرىگە كۆچۈپ كېلىدۇ. ئۇلار قاھىرىدە سەييىدە زەينەپ رايونىغا كېلىپ يەرلىشىدۇ. زەينەپ قاھىرىگە كەلگەندىن كېيىن يەنە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە ئانىسىدىن رۇخسەت سورايدۇ. ئانىسى چوڭ ئوغلى مۇھەممەد بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. چۈنكى زەينەپنىڭ دادىسى مۇھەممەد غەززالى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۆينىڭ ئاساسلىق چوڭى مۇھەممەد بولۇپ قالغان ئىدى. ھەر قانداق ئىش ئۇنىڭ سۆزى بىلەن يۈرەتتى. زەينەپنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىگە كەلگەندە مۇھەممەد سىڭلىسىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئالغان بىلىمى، شۇنىڭدەك دادىسىدىن قوشۇمچە ئالغان ئىلمى يېتىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ سىڭلىسىنىڭ ئوقۇشىغا قوشۇلمايدۇ. ئەمما مۇھەممەدنىڭ كىچىكى بولغان ئەلى بولسا سىڭلىسىنىڭ ئوقۇشىنى قوللايتتى ۋە سىڭلىسىغا خالىغان كىتابلىرىنى ئېلىپ بېرەتتى. ئانىسى ئۆينىڭ چوڭى بولغان مۇھەممەدنىڭ سۆزى بويىچە قىزى زەينەپكە نەسىھەت قىلىپ تۇراتتى. بۇ شەكىلدە بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن زەينەپ بىر كۈنى قىزلار ئوقۇيدىغان مەكتەپ ئۇقۇشۇپ بېقىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىدۇ. بىر يەرگە كەلگەندە كۆزى «قىزلار مەكتىپى» دەپ يېزىلغان ۋىۋىسكىغا چۈشىدۇ. دەرھال مەكتەپ ئالدىغا بېرىپ دەرۋازىۋەندىن ئۆزىنىڭ مۇدىر بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. دەرۋازىۋەن «بۇ كىچىك قىزنىڭ مۇدىر بىلەن نېمە ئىشى» دەپ ئۇنى ئىچىگە كىرگۈزمەيدۇ. زەينەپ تاقەتسىزلىكتىن مۇدىر بىلەن بۇ سائەتتە كۆرۈشۈش ئۈچۈن كېلىشىپ بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. دەرۋازىۋەن ئاخىرى بۇ كىچىك قىز بىلەن تالىشىپ ئولتۇرۇشنى مۇناسىپ كۆرمەي كىرگۈزۈۋېتىدۇ. زەينەپ ئۇدۇل مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ ئىككىلەنمەي ئىشىكنى قاقىدۇ. مۇدىر كىرىشكە رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن، زەينەپ «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم» دەپ جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن سالام قىلىپ كىرىدۇ. مۇدىر ئىشخانىسىدىكى كىچىك قىزغا قاراپ ھەيرانلىق ئىچىدە تۇرۇپ قالىدۇ. ئوتتۇرىدا بىر پەس تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈرىيدۇ. بۇ تىمتاسلىقنى يەنە زەينەپ ئۆزىنىڭ روھلۇق قىياپىتى ۋە جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن بۇزۇپ، ئۆزىنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما ئائىلىسىدە چوڭ ئاكىسىنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئىكەنلىكىنى، ئوتتۇرانچى ئاكىسىنىڭ ئوقۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بېرىدۇ. مۇدىر زەينەپنىڭ سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلايدۇ. ئاندىن زەينەپكە قاراپ ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ دادىسى ۋە چوڭ دادىسىنى تونۇيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە ئوتتۇرانچى ئاكىسىنى باشلاپ كېلىپ مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا ماقۇل بولىدۇ. زەينەپ مەكتەپكە ئېلىنغاندىن كېيىن مۇدىر ئۇنى ئۆزى ئىمتىھان قىلىدۇ. زەينەپ مۇدىرنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا بىر-بىرلەپ توغرا جاۋاب بېرىدۇ. مۇدىر ئۇنىڭ زېرەكلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ.
زەينەپ ئاخىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا بىرىنچى سىنىپقا قوبۇل بولىدۇ. مەكتەپكە قوبۇل بولۇپ، بىر ئايدىن كېيىن مۇدىر ئۇنى يەنە ئىمتىھان قىلىدۇ. زەينەپ ئىمتىھاندىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتىدۇ. مۇدىر ئۇنى ئىككىنچى سىنىپقا قوبۇل قىلىدۇ. زەينەپ تولۇق ئوتتۇر مەكتەپنى 17 يېشىدا ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزىدۇ. ئۇ بىر كۈنى گېزىت كۆرىۋېتىپ ھۇدا شەراۋىنىڭ فرانسىيىگە ئۈچ قىزدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەك ئەۋەتىدىغانلىق خەۋىرىنى كۆرۈپ قالىدۇ. زەينەپ دەرھال ھۇدا شەراۋى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىش ئورنىغا بارىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزىنى بۇ قىزلارنىڭ قاتارىدا بىرگە فرانسىيىگە ئەۋەتىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ھۇدا شەراۋى ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى بىر قۇر ئىگىلىگەندىن كېيىن باشتا بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ. چۈنكى، فرانسىيىگە بارىدىغان قىزلارنىڭ كەمبەغەل ئائىلىدىن بولۇشى شەرت ئىدى. زەينەپ ھۇدا شەراۋى بىلەن بۇ ھەقتە بىر قانچە قېتىم پاراڭلىشىدۇ. بۇ جەرياندا ھۇدا شەراۋى زەينەپنىڭ ئىرادىلىك، گەپ سۆزى جايىدا، ئىلمى سەۋىيىسى ۋە نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى جەمئىيەتكە ئەزالىققا قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنى جەمئىيەتنىڭ شۇرا-كېڭەش ئەزالىقىغا ئېلىش بىلەن بىرگە زەينەپنىڭ فرانسىيىگە بېرىشتىن ئىبارەت تەلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ جەمئىيەتكە ئەزا بولغۇچىلار قاتارىدا دۆلەتنىڭ يۇقىرى تەبىقىلىرىدىن بولغان خانىم ئاياللارمۇ بار ئىدى. زەينەپ ھۇدا شەراۋىنىڭ جەمئىيىتىگە ئەزا بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلاتى تولىمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ. ئۇ بەزىدە تاماق يېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئۆيگىمۇ كەچ قايتىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە غەيرىتى بىلەن قاتتىق تەر تۆكۈش بەدىلىگە ھۇدا شەراۋىنىڭ ئەتىۋارلىق ۋە سادىق ئوڭ قولى بولۇپ قالغان ئىدى. زەينەپنىڭ يېشى كىچىك بولغان بىلەن قابىلىيەتلىك، ئۇستا ناتىق ئىدى، بۇنىڭ ئۈستىگە  ھۇدا شەراۋى ئۇنى ھەر جەھەتتە قوللاپ يېقىندىن ياردەملىشىپ تەربىيىلەۋاتاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى خېلى كۈچلىنىپ قالغان ئىدى.  ھۇدا شەراۋىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى كېيىنچە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئورۇن باسارى قىلىش ئىدى.
ھۇدا شەراۋى مىسىر مۇستەقىللىق مىللىي كۆرەش ھەرىكىتىگە قاراشلىق «ئاياللار ئۇيۇشمىسى» جەمئىيىتىنى قۇرغۇچى مەشھۇر شەخس ئىدى. ئۇ ئاياللار ئازاتلىقىنى، ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش نامىدا ھەر خىل پائالىيەت ئېلىپ باراتتى. ھۇدا شەراۋىنىڭ ئەسلى ئىسمى كەرىمە مۇھەممەد سۇلتان بولۇپ، دادىسى مۇھەممەد سۇلتان بولسا، مىسىر پارلامېنت مەجلىسىنىڭ تۇنجى رەئىسى ئىدى. ھۇدا شەراۋى 1879-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى مىسىرنىڭ مىنيا ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. ھۇدا شەراۋىنىڭ دادىسى قىزى ھۇدا ئۈچۈن ئۆيىگە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ دىنى دەرستىن تەلىم بەرگەن. ئۇ قۇرئان كەرىمىنى يادلاش بىلەن بىرگە خەت يېزىش ۋە ئوقۇشنى راۋان ئۆگەنگەن. شۇنىڭدەك فرانسۇزچە ۋە تۈركچە تىللارنى مۇكەممەل ئۆگەنگەن. ئۇ 13 ياشقا كىرگەندە 1919-يىلقى قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان تاغىسىنىڭ ئوغلى مەشھۇر ئەلى شەراۋىغا ياتلىق بولىدۇ. ئۇ توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. 1907-يىلى «بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش» جەمئىيىتىنى قۇرىغان. 1908-يىلى مىسىر ئۇنىۋېرستېتلىرىدا ئاياللارغا خاس يىغىن زالى ئېچىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە پۈتۈن ئالىي مەكتەپلەردە ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە قىز-خانىملار ئۈچۈن ئالاھىدە يىغىن زاللىرى قۇرۇلغان. ئۇ 1919- يىلى مىسىر تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان ئاياللار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1923-يىلى «مىسىر ئاياللار ئۇيۇشمىسى» نى قۇرغان. ئۇ خەلقئارادا ئېچىلغان نۇرغۇن ئاياللار يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇ بۇ جەرياندا غەربچە پىكىرلەرنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان. ئەينى چاغدا مىسىرنى ئىشغال قىلىۋالغان ئەنگىلىيە تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن سىرتقا پالانغان سائاد زەغلۇل 1921-يىلى مىسىرغا قايتقاندا، ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن خەلق ئايدۇرۇمغا چىققان. ھۇدا شەراۋىيمۇ جەمئىيەت رەھبەرلىرىگە باش بولۇپ بۇ قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. (ئۇ مىسىردىكى تۇنجى ئاياللار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن سائاد زەغلۇلنى قارشى ئالغىلى چىققاندا بېشىدىكى رومىلىنى ئېلىپ تاشلىغانلىقتىن تارىخ بېتىگە پۈتۈلگەن). ئۇ قىزلارنىڭ بۇرۇن توي قىلىشىغا قارشى چىقىپ، قىزلار ئەڭ كىچىك بولغاندا 16 يېشىدا، ئوغۇللار 18 يېشىدا توي قىلىشى كېرەكلىكىنى تەشۋىق قىلغان. شۇنىڭدەك، ئەر-ئاياللار ھوقۇقتا باراۋەر دەپ كۆرسىتىپ، ئەرلەرنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشىغا شىددەت بىلەن قارشى چىققان ۋە بۇنى ئاياللارغا نىسبەتەن ھاقارەت ۋە خورلۇق دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ ئۆز شۇئارىدا ئاياللارنىڭ مائارىپ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، سىياسەتكە ئارىلىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ 1947-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋاپات بولغان. 
فرانسىيىگە ماڭىدىغان ۋاقىت جەدۋىلى تۇرغۇزۇلدى. بۇنىڭدىن قاتتىق خۇشال بولغان زەينەپ سەپەر تەييارلىقى ھەلەكچىلىكىدە ئىدى. ئۇ بىر كۈنى ئاخشىمى چارچاپ ئارام ئېلىش ئۈچۈن ياتاق ئۆيىگە كىرىپ شېرىن خىياللار بىلەن كۆزى ئۇيقىغا كېتىدۇ. ئۇخلاۋېتىپ چۈش كۆرىدۇ، چۈشىدە دادىسى ئۇنىڭ فرانسىيىگە بارماسلىقىنى، جانابى ئاللاھ ئۇنى مىسىردا تېخىمۇ ياخشى ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلىدىغانلىقنى ئېيتىدۇ، ئۇ «نېمىشقا» دەپ سورايدۇ، دادىسى، «يېقىندا بىلىپ قالىسەن قىزىم، ئەگەر بارىدىغان بولساڭ مەن سەندىن رازى بولمايمەن» دەيدۇ. زەينەپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىدۇ ۋە كۆرگەن چۈشى ھەققىدە قاتتىق ئويلىنىدۇ. ئاخىرى دادىسىنىڭ قىلغان نەسىھىتىنى قوبۇل قىلىپ، فرانسىيىگە بېرىش قارارىدىن ۋاز كېچىدۇ. ھۇدا شەراۋى ئۇنىڭ بۇ قارارىدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق ئىچى پۇشۇپ سەۋەبىنى سورايدۇ. زەينەپ كۆرگەن چۈشىنى ھۇدا شەراۋىغا سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن، ھۇدا شەراۋى زەينەپنىڭ ئىككى قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ: «زەينەپ سەن مېنىڭ ئۈمىدىم ئىدىڭ، مەن پۈتۈن ئارزۇ تىلەكلىرىمنى ساڭا باغلىغان ئىدىم، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوققا چىقاردىڭ، بۇ نېمە ئۈچۈن زەينەپ! چۈش دېگەننىڭ ھەممىسى رېئاللىق ئەمەسقۇ؟!» دەپ كۆزىدىن تارام-تارام ياش تۆكۈپ يىغلاپ كېتىدۇ. زەينەپ: «مېنى كەچۈرۈڭ، مەن دادامنىڭ سۆزىگە خىلاپ ئىش قىلالمايمەن» دەپ ئۆزرە قويىدۇ. زەينەپ فرانسىيىگە بېرىشتىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ يەنە بۇ جەمئىيەتتە ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا ئىشلەۋېرىدۇ. زەينەپ غەززالىنىڭ شۇ چاغدىكى مىسىرلىقلار نەزەرىدە ئاقسۆڭەك بولۇش قەدىمىنىڭ تۇنجىسى بولغان ياۋروپاغا چىقىشتىن ۋاز كېچىپ مىسىردا تەرەققىي قىلىشنى خالىشى كېيىن ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسىنى ئۆزگەرتىدۇ.

زەينەپ غەززالىنىڭ ياشلىق دەۋىرىزەينەپ غەززالىنىڭ ياشلىق دەۋىرى

زەينەپ غەززالى ئەزھەرگە قارشى نۇرغۇن قېتىم نۇتۇق سۆزلەش، يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇشتەك پائالىيەتلەردە بولغان. چۈنكى ئەزھەر بۇ جەمئىيەتنىڭ مۇسۇلمان قىز-خانىملار ئارىسىدا ئىسلام شەرئىتىگە كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرىگە قارشى ئىدى. زەينەپ غەززالىدەك ئۇقۇمۇشلۇق نۇرغۇن زىيالىي قىز-خانىملار ھۇدا شەراۋى كۆتۈرۈپ چىققان دىندىن خالىي دۆلەتچىلىك قارىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. شۇ سەۋەبلىك ئەزھەر شەرىپ بۇ جەمئىيەتكە قارشى تۇرۇۋاتقان بىردىن بىر ئاساسلىق ئورۇن ئىدى. ئەزھەر شەرىپتىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ھۇدا شەراۋىنىڭ بۇ جەمئىيىتى بىلەن بىر قانچە قېتىم ئىلمى مۇنازىرە ئۆتكۈزگەن. ھۇدا شەراۋى بۇ مۇنازىرىگە دىنى بىلىمى مول، تىلى راۋان زەينەپ غەززالىنى، سىزا نەبراۋىنى ۋە ھاممىسىنىڭ قىزى ھاۋا ئىدرىسنى ۋەكىل قىلىپ قاتناشتۇرغان ئىدى. بۇ مۇنازىرىنىڭ بىرىدە ئەزھەر تەرەپتىن قاتناشقان شەيخلار ھۇدا شەراۋىنى مۇسۇلمان خانىملار ۋەكىلى سۈپىتىدە ئىسلام پرىنسىپى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ چاقىرىقىغا زەينەپ غەززالى قاتتىق رەددىيە قايتۇرۇپ، ھۇدا شەراۋىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتى، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، سەۋىيىسىنى كۆتۈرۈش بىلەن ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيىتىنى قوغداپ كەلگەن ئىدى. ئۇ بىر كۈنى 10 دەك ئەزھەرنىڭ شەيخلىرى بىلەن مۇنازىرىگە چۈشۈپ قالىدۇ. مۇنازىرىدە زەينەپ ھۇدا شەراۋىنىڭ پىكرىنى قوغداش بىلەن ئەزھەر شەيخلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىدە يېڭىلىپ قالغان شەيخلار ئىرشاد ۋە ۋەز-نەسىھەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى شەيخ مۇھەممەد ئابدۇھتىن زەينەپ غەززالىنىڭ ھەرقانداق جەمئىيەت سورۇنلىرىدا سۆز قىلىشىنى ۋە نۇتۇق سۆزلىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن شەيخ مۇھەممەد ئابدۇھ زېرەك ۋە بىلىملىك ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەزھەرنىڭ مۆتىۋەر شەيخلىرىدىن 10 ئەللامە بىر قىزنى قايىل قىلالماي، ئۇنى ئاممىۋى سورۇنلاردا سۆز قىلىشتىن توسساق، خەلق «بىزنىڭ پىكرىمىزنىڭ خاتا ئۇلارنىڭكىنى توغرا ئىكەن» دەپ چۈشىنىپ قالمامدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى قايىل قىلمىساق بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئىشقا سىلەردىن بىرىڭلار مەسئۇل بولۇشى كېرەك دېگەندە، سورۇندىكىلەرنىڭ ئىچىدىن شەيخ مۇھەممەد نەججار ئىسىملىك كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ زەينەپ بىلەن ئۆزىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بېقىش تەكلىپىدە بولىدۇ. ئىككىنچى كۈنى زەينەپ خىزمەتداشلىرى سىزا ۋە ھاۋا بىلەن بىرگە يىغىن زالىغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ. ئارقىدىن شەيخ مۇھەممەد نەججارمۇ يېتىپ كېلىدۇ. زال ھەر تەبىقىدىكى قىز-خانىملار بىلەن تولۇپ تاشقان ئىدى. يىغىن رىياسەتچىسى مىكروفۇننى قولىغا ئېلىپ زەينەپ غەززالىنى سۆزگە تەكلىپ قىلىدۇ. زەينەپ غەززالى مىكروفۇندا ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن ھۇدا شەراۋىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى، ئىش-ئىزلىرى ۋە كۆز قاراشلىرىنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ ئۆتۈپ يىغىندىكىلەرنىڭ قاتتىق ئالقىش-سادالىرىغا ئېرىشىدۇ. زەينەپ غەززالى سۆزىنى تۈگىتىپ ھەمراھلىرى بىلەن قايتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغاندا، شەيخ مۇھەممەد نەججار: «قىزىم مەن ئىسلام دەۋىتى توغرۇلۇق بىر نەچچە مىنۇت سۆز قىلماقچى سىلەرمۇ قاتنىشىپ بەرگەن بولساڭلار» دەيدۇ. زەينەپ: «بولىدۇ، قېنى مەرھەمەت قىلسىلا» دەپ شەيخنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىدۇ. شەيخ مۇھەممەد نەججار مىكروفۇننىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، زەينەپ غەززالىغا قاراپ تۇرۇپ ئاللاھقا مۇنداق دۇئا قىلىشقا باشلايدۇ: «ئى ئاللاھ سېنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىڭنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇنى ئىسلامغا خىزمەت قىلغۇچىلاردىن قىلغىن، سەن ھەممىگە قادىر، مۇبارەك كىتابىڭ قۇرئان كەرىمىنىڭ بەرىكىتى بىلەن ئۇنى ئىسلامغا خىزمەت قىلغۇچىلاردىن قىلغىن، ئالەملەرگە رەھمەت بولۇپ كەلگەن پەيغەمبىرىڭگە سالام ۋە رەھمىتىڭ بولسۇن دەيدۇ.» زەينەپ شەيخنىڭ ئۆزىگە قىلغان دۇئاسىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ كەتكەن زەينەپ ئىختىيارسىز كۆز يېشى تاراملاپ ئېقىشقا باشلايدۇ. زەينەپ يىغىسىنى شەيخقا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن يۈزىنى قاچۇرۇپ بولالماي قالىدۇ. ئاخىرى يىغىسىنى توختىتالماي، ئورنىدىن تۇرۇپ «سىلە نېمىشقا ماڭا ئاتاپ دۇئا قىلىلا، سىلە مېنى ئاللاھ بىلەن ئەمەس دەپ قاراملا؟! ھالبۇكى، مەن ناماز ئوقۇيمەن، قۇرئان ئوقۇيمەن، ئاللاھ خالىسا يېقىندا ھەجگە بارىمەن، ئاللانىڭ يولىدا شېھىد بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دەيدۇ. شەيخ نەججار «مەن سىزنى شۇنداق دەپ ئويلايمەن» دەپ يەنە دۇئانى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئاخىرىدا زەينەپكە قاراپ تۇرۇپ «سىز بۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن يەنە ھۇدا شەراۋىنىڭ يېنىغا بارامسىز ياكى ئاللاھ ۋە ئاللانىڭ پەيغەمبىرى بىلەن بىرگە قالامسىز» دەپ سورايدۇ. زەينەپ مۇنداق دەيدۇ :«مەن ھۇدا شەراۋى بىلەن بولساممۇ يەنە ئۆزۈمنى ئاللاھ ۋە ئاللانىڭ پەيغەمبىرى بىلەن دەپ بىلىمەن». شەيخ نەججار يەنە :«سىز ماڭا ھەقىقەت تەرەپتارى بولۇپ ھەقىقەتنى قوغداشقا ۋەدە بېرەمسىز» دەيدۇ. زەينەپ :«ۋەدە بېرىمەن» دەيدۇ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن زەينەپ شەيخ نەججارنى ھەر زامان زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار چۈشەنمىگەن نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بىلىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ نۇرغۇن مەسىلىدە كۆزى ئېچىلىپ نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ قالىدۇ. 

زەينەپ غەززالىزەينەپ غەززالى

 ئۇ بىر كۈنى ئۆيىدە كەچلىك تاماق ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، توساتتىن گاز توڭى پارتلاپ ئاشخانىنى ئوت يالقۇنى قاپلاپ كېتىدۇ. زەينەپ قورققىنىدىن نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ ئىشىكنى تاپالماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوت ئۇنىڭ بەدىنىگە تۇتىشىپ كۆيۈپ چالا ئۆلۈك بولۇپ قالىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولىدۇ، ئەمما زەينەپ قەتئىي ئۇنىمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ بەدىنىنى يات ھەرقانداق كىشىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايتتى. ئائىلىدىكىلەر ئىلاجسىز ئۆيىگە خاس دوختۇر تەكلىپ قىلىپ داۋالايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ سالامەتلىكى كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىپ كېتىدۇ. دوختۇر پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئەڭ قىممەتلىك دورا ۋە ئوكۇللارنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دوختۇرنىڭ بۇ بىچارە بىمارنىڭ ھاياتىدىن ئۈمىدى قالمايدۇ. بىر كۈنى دوختۇر ئاكىسى مۇھەممەدنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئۈمىد قالمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاكىسى قاتتىق قايغۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېزىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى چاقىرتىپ زەينەپ بىلەن كۆرۈشۈۋېلىشنى ئېيتىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇلارغا تېلېفون بېرىدۇ. مۇھەممەد تېلېفوندا زەينەپنىڭ ھاياتىدىن ئۈمىد قالمىغانلىقىنى ئۇلارغا ئېيتقاندا زەينەپ ئاڭلاپ قالىدۇ. ئۇ ياتقان يېرىدە تەيەممۇم قىلىپ جانابى ئاللاھقا ئىبادەتكە يۈزلىنىدۇ، ئۇنىڭغا يېلىنىپ يالۋۇرۇپ نامىزىدا دۇئا قىلىدۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم مېنىڭ ھۇدا شەراۋىنىڭ جامائىتىگە قېتىلغانلىقىمنىڭ جازاسى بولىدىغان بولسا، مەن بۈگۈندىن باشلاپ سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن بۇ جەمئىيەتتىن ئايرىلىمەن. ئەگەر مېنىڭ شىلەپە كىيگەنلىكىمنىڭ جازاسى بولىدىغان بولسا مەن ھازىردىن باشلاپ ھىجاپ تاقايمەن. ئى پەرۋەردىگارىم مەن ساڭا ۋەدە بېرىمەنكى، ئەگەر مېنىڭ تېنىم بۇرۇنقىدەك بولۇپ ساقايسا ئاياللار ئۇيۇشمىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئىسلام دەۋىتىنى تارقىتىدىغان جەمئىيەت قۇرىمەن. مۇسۇلمان ئاياللارنى ئەينى چاغدىكى ئايال ساھابىلاردەك بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن. دەۋەت يولىدا داۋاملىق ئىشلەپ، ھاياتىمنىڭ قالغان قىسمىنى سېنىڭ يولۇڭدا نەزرى قىلىمەن». جانابى ئاللاھ بۇ سەمىمىي قەلىپتىن چىققان نالە پەرياد ۋە يالۋۇرۇشلارنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭغا ئۆز رەھمىتىدىن شىپالىق ئاتا قىلىدۇ، پۈتۈن بەدىنى تامامەن ئەسلىگە كېلىدۇ. ئۇنى داۋالاۋاتقان دوختۇر ئادىتى بويىچە ئەتىگەن كېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يېپىنچىنى ئاچىدۇ-دە قاراپ ھەيران بولۇپ، توۋلاپ سالغىلى تاس قالىدۇ. «بۇ نېمە ئىش» دەپ ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەي «سىز كىمۇ؟!!» دەپ سوراپ تاشلايدۇ. چۈنكى زەينەپ غەززالىنىڭ بەدىنىدە كۆيۈكنىڭ قىلچە ئىزناسى قالمىغان ئىدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى كۆيۈپ ئادەم قورققىدەك دەرىجىدە جاراھەتكە تولۇپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن زەينەپنى بۇ ھالەتتە كۆرگەن دوختۇر ھەيران بولۇپ كەتكەن، زەينەپنىڭ ئەتراپىدىكىلەرمۇ بۇ كارامەتلىك ھادىسىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن كۆز يېشىنى توختىتالماي ھۆكۈرەپ يىغلاپ كېتىدۇ. زەينەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەممىسى خۇشاللىقىدا «سۇبھانەللاھ .. سۇبھانەللاھ ..» دەپ ئاللاھقا رەھمەت ۋە شۈكرى ئېيتىدۇ. دوختۇرمۇ «سۇبھانەللاھ .. سۇبھانەللاھ.. ئاللاھ ھەممە ئىشقا قادىر» دەپ زەينەپ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ ھەيرانلىق ئىچىدە زەينەپنىڭ يېنىدىن چىقىپ كېتىدۇ. زەينەپ غەززالى ساقىيىپ قوپۇپلا، پەرۋەردىگارىغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە، بىرىنچى قىلىپ ھۇدا شەراۋىغا «ئاياللار ئۇيۇشمىسى» جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىدىن ئىستېپا سوراپ خەت يازىدۇ، شىلەپىنى تاشلايدۇ. ئاكىسىغا بازاردىن ئابايە ۋە لېچەك ئەكەلدۈرۈپ ھىجاپلىنىدۇ. 

زەينەپ غەززالىزەينەپ غەززالى

بەزىدە، بالا-مۇسىبەت ئىنسانغا ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئوت ھادىسىسى زەينەپ غەززالىنىڭ ھاياتىدا قاتتىق سىلكىنىش پەيدا قىلىدۇ. ئۇ ھاياتىنى تامامەن ئۆزگەرتىپ ئىسلام دىنىنىڭ خادىمى بولۇش ئۈچۈن قالغان ئۆمرىنى ئاللاھ يولىدا نەزرى قىلىدۇ. ئۇ ئەزھەرنىڭ بۈيۈك ئالىملىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، بولۇپمۇ شەيخ مۇھەممەد نەججارغا بولغان ئىخلاسى ۋە ھۆرمىتى كۈنسېرى ئاشىدۇ. ئۇلاردىن تەپسىر، پىقھى ئۆگىنىدۇ. زەينەپ 1936-يىلى «مۇسۇلمان خانىملار» جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە ئازغىنا ۋاقىت ئىچىدە 15 مەسچىت سېلىش ئۈچۈن ۋەقپە مىنىستىرلىقىدىن رۇخسەت ئالىدۇ. زەينەپ جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن ئىسلامى دەۋەت ئىشىنى باشلايدۇ. زەينەپنىڭ ھاياتىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەن سەبداشلىرى، خىزمەتداشلىرى ۋە شۇنىڭدەك ئۇنى تونۇيدىغان خانىم-قىزلار ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدۇ ۋە ئۇنى قوللاپ قۇۋەتلەشكە باشلايدۇ. زەينەپ قۇرغان بۇ جەمئىيەت ئازغىنا ۋاقىت ئىچىدە كېڭىيىپ مىسىرنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. ئۇ كۆپىنچە ۋاقتىنى مەسچىتتە ئۆتكۈزەتتى. ئۇ ئورۇنلاشتۇرغان يىغىلىش ۋە نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق يىغىلىشلارنىڭ يىللىق سانى 119 قېتىمغا يەتكەن. زەينەپ غەززالى نۇرغۇن ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغان، ئىسلام دەۋىتى ۋە ئىسلام ھوقۇقى قاتارلىق تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىگەن ۋە بىر قانچە قېتىم چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. بۈيۈك ئىسلامى شەخسلەر بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ كۆرۈشكەن كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ھاياتىغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن كىشى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇغۇچىسى شېھىد ھەسەنۇلبەننا بولغان. زەينەپ غەززالى «مۇسۇلمان خانىملار» جەمئىيىتىنى قۇرۇپ تۆت يىلدىن كېيىن شېھىد ھەسەنۇلبەننا ئۇنىڭغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئىسلامغا خىزمەت قىلىشتا ھەمكارلىشىش ئۈچۈن، «مۇسۇلمان خانىملار» جەمئىيىتىنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ تارمىقىدىكى «مۇسۇلمان قېرىنداش خانىملار» دېگەن جەمئىيەت بىلەن، ئۇ جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىكىنى قولىغا ئېلىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. چۈنكى ھەر ئىككى جەمئىيەتنىڭ نىشانى ۋە خىزمەت پائالىيىتى ئاساسەن بىر سىزىقتا ئىدى. لېكىن زەينەپ غەززالى ئۆز جەمئىيىتىنىڭ ھازىر خېلى ياخشى مېڭىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى، كېيىنچە چوقۇم كېلىپ بىرگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەكلىپنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئارىدىن 3-4 يىل ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەسەنۇلبەننا شېھىد بولۇشنىڭ ئالدىدا (1948-يىلى) زەينەپ ھەسەنۇلبەننانىڭ ئىدارىسىگە كېلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھازىر سىز بىلەن بىرگە ئىشلەش ئۈچۈن كەلدىم، « مۇسۇلمان خانىم ئاياللار» جەمئىيىتىنى شەرتسىز سىزنىڭ ئەمرىڭىزگە تاپشۇرىمەن، مېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق تەلىۋىم يوق» دەيدۇ. لېكىن ھەسەنۇلبەننا بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۆز جەمئىيىتىدە قېلىۋېرىشنى ئېيتىدۇ. چۈنكى بۇ كۈنلەردە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى ئۇ زاماندىكى ھاكىم ھۆكۈمەت بىلەن سىياسىى كرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە ئىدى. زەينەپ غەززالى ھەسەنۇلبەننا بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي (1949-يىلى) ھەسەنۇلبەننا سۈيقەستكە ئۇچراپ شېھىد بولىدۇ. لېكىن زەينەپ غەززالى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىگە ئۆزىنىڭ بەيئەت قىلغانلىقىنى ۋە بۇ جەمئىيەتنىڭ سادىق ئەسكەرلىرىدىن بىر ئەسكەر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىدۇ. ھەسەنۇلبەننا شېھىد بولۇپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ھاكىم ھۆكۈمەت ۋە تاشقى كۈچلەر تەرىپىدىن قاتتىق بېسىمغا ئۇچرايدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە ئاۋانگارت ئەزالىرى بىر-بىرلەپ قولغا ئېلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك يادرو كۈچى ئاجىزلاپ قاتتىق داۋالغۇشقا دۇچ كېلىدۇ. زەينەپ غەززالى دەل بۇ شارئىتتا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئېغىر يۈكى ئاستىغا كىرىپ، ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ. قولغا ئېلىنغان تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ ئائىلىسىنى يوقلاپ ئۇلارغا ماددىي، مەنىۋى ياردەمدە بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ئىگە چىقىدۇ. ئۇ شېھىد ھەسەنۇلبەننادىن كېيىن مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھەسەن ھۇدەيبىنىڭ رۇخسىتى بىلەن بۇ جامائەت كادىرلىرى بىلەن بىر ئارىغا كېلىپ، يېڭىدىن يېڭىچە خىزمەت ئېلىپ بېرىش ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ خەلقنىڭ ھال-ئەھۋالىغا يېتىش ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئاچىدۇ. ئۇنىڭ بارغانچە مۇسۇلمان قېرىنداشلار بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئۇلار بىلەن ئىش بىرلىكى قۇرغانلىقى ھاكىم ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىخبارت ئورۇنلىرى تەرىپىدىن بىلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشىدۇ ۋە ئۇنى دەرھال كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن 1964-يىلى زەينەپنى ماشىنا بىلەن كېتىۋاتقاندا ھادىسە چىقىرىپ يوقاتماقچى بولىدۇ. زەينەپ ھادىسىدە ئېغىر يارىدار بولىدۇ. لېكىن جانابى ئاللاھ ئۇنى يەنە قوغداپ قالىدۇ. زەينەپ غەززالى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقاندا، ئابدۇنناسىر تەرەپتىن زەينەپ غەززالىنىڭ جەمئىيىتىنى تارقىتىۋېتىش توغرىلىق ئۇقتۇرۇش كېلىپ، زەينەپ غەززالىنىڭ قول قويۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كونۋېرت ئەۋەتىدۇ. زەينەپ غەززالى«ئابدۇنناسىرنىڭ بۇ جەمئىيەتنى تارقىتىۋېتىشقا ھوقۇقى يوق، بۇ جەمئىيەت ئىسلامى بىر جەمئىيەت، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى نومۇسسسىزلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس»  دەپ ئۇقتۇرۇشقا قول قويمايدۇ. 

زەينەپ غەززالىزەينەپ غەززالى
زەينەپ غەززالىزەينەپ غەززالى

زەينەپ غەززالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كاتىپى كىرىپ، ئابدۇنناسىر چىقارغان مۇسۇلمان خانىملار جەمئىيىتىنى تارقىتىۋېتىش ئۇقتۇرىشىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى يەتكۈزىدۇ. زەينەپ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇپ كاتىبىدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورايدۇ. كاتىپى ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن تېخى خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتىدۇ. زەينەپ تېخى تولۇق ئەسلىگە كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆيىدە دەم ئېلىۋاتاتتى. بۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭغا بىر كونۋېرت كېلىدۇ. كونۋىرتتا زەينەپ غەززالىنىڭ «ئەرەب سوتسىيالىستىك بىرلىكى» گە ئەزالىق كىنىشكىسى ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇنى بۇ جەمئىيەتنىڭ يىللىق يىغىنىغا چاقىرىلغان دەۋەت بار ئىدى. زەينەپ كىنىشكىنى قولىغا ئېلىپ كۆرۈۋاتقاندا تېلېفون كېلىدۇ، تېلېفوندا زەينەپ غەززالى باشچىلىقىدا مۇسۇلمان خانىملار جەمئىيىتى رەھبەرلىرى ئابدۇنناسىرنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئايدۇرۇمغا چىقىشنىڭ زۆرۈرلۈكى يەتكۈزۈلىدۇ. زەينەپ غەززالى ئاللاھ خالىسا دەپ جاۋاب بېرىپ تېلېفوننى قويۇۋېتىدۇ ۋە قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدۇ. بۇ ۋەقەدىن كېيىن زەينەپ ساقىيىپ ئىشقا چۈشىدۇ. بىر كۈنى زەينەپ ئىشخانىسىدا خىزمەت ئۆتەۋاتقاندا ئىدارە ئالدىغا بىر ساقچى ماشىنىسى كېلىپ توختايدۇ. ماشىنىدىن بىر قانچە ساقچى ئۇدۇل زەينەپنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ، قولىدىكى ئۇقتۇرۇشنى زەينەپكە سۇنىدۇ، زەينەپ ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ غەزەپتىن كۆزلىرى قىزىرىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا بۇ جەمئىيەتنىڭ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ پۈتۈن ئەزالىرىنىڭ تارقىتىۋېتىلىشى بەلگىلەنگەن ئىدى. زەينەپ غەززالى قۇرغان بۇ جەمئىيەت تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن بۇ جەمئىيەتنىڭ غوللۇق رەھبەرلىرى شەخسلەرنىڭ ئۆيىگە توپلىنىپ خىزمەت ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىزمىتى ئۇزۇنغا بارماي يەنە ئىستىخبارات ئورۇنلىرى تەرەپتىن سېزىلىپ قالىدۇ. ئۇلار ئاخىرى توپلانماي يالغۇز خىزمەت ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. زەينەپ غەززالى جەمئىيەت تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بارغانچە قويۇقلاشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ سەييىد قۇتۇپ تۈرمىگە تاشلانغاندا ئۇنىڭ پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرىنى تارقىتىش ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان. ھەتتا سەييىد قۇتۇپ تۈرمىدە يازغان «يولدىكى ئىشارەت» ناملىق ئەسىرىنى ياشلار ئارىسىدا كەڭرى تارقىتىپ ئاخشاملىرى دەرس قىلىپ ئوقۇغان. بۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە زەينەپ غەززالىنى جامال ئابدۇنناسىر چاقىرتىدۇ. زەينەپ ئابدۇنناسىرنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىنىڭ غوللۇق رەھبەرلىرىنى ۋە ئاكتىپ ئاۋانگاتلىرىنى يوقىتىپ تازىلاۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئابدۇنناسىر تەرەپتىن كەلگەن ئەلچىگە: « مەن شېھىد ئابدۇلقادىر ئەۋدىنىڭ قېنى بىلەن قولى بويالغان ئادەم بىلەن كۆرۈشمەيمەن» دەپ ئابدۇنناسىرنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ. ئابدۇنناسىر بۇ باھانە بىلەن زەينەپ غەززالىنى (1965-يىلى 20-ئاۋغۇست) دەرھال تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلايدۇ. ئۇ تۈرمىدە قاتتىق ئازاب ۋە قىيىن قىستاققا دۇچ كېلىدۇ. لېكىن بۇ ئازاب ۋە ئوقۇبەتلەر ئۇنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسىنى سۇندۇرالمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقەتتە ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ھاكىم ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە ئەسلا كۆنمەيدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇنى ئۆز تەلىپىگە بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇل ۋە ۋاستىلارنى قوللانغان بولسىمۇ زەينەپ ئۆز ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەي قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇلار زەينەپكە تېخىمۇ زەربە بېرىپ روھى جەھەتتە ئېزىش ئۈچۈن، يولدىشى مۇھەممەد سالىم ھاجىمغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ زەينەپنىڭ سۆزىنى بېرىشكە مەجبۇرلايدۇ. مۇھەممەد سالىم ھاجىم مىسىردا كۆزگە كۆرۈنگەن چوڭ تىجارەتچى شەخس بولۇپ، 10 دىن ئارتۇق شىركەت ئىگىسى ئىدى. مۇھەممەد سالىم ھاجىم زەينەپ غەززالىغا توي تەلىپى قويۇپ ئەلچى ئەۋەتكەندە، زەينەپ غەززالى ئۆزىنىڭ تويلۇق مېھرى ئۈچۈن مۇھەممەد سالىمىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇشنى شەرت قىلغان ئىكەن. مۇھەممەد سالىم زەينەپنىڭ بۇ شەرتىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد سالىم ھاجىم مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىگە قولىدىن كېلىشىدە ياردەمدە بولۇپ كەلگەن. مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى بىلەن ھاكىم ھۆكۈمەت ئارىسىدا سىياسىي كرىزىس كېلىپ چىققاندا، بۇ جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىر قاتاردا مۇھەممەد سالىم ھاجىممۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، پۈتۈن مال-مۈلكى توڭلىتىۋېتىلگەن ۋە بىر نەچچە قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان. زەينەپ غەززالى قولغا ئېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھاكىم ھۆكۈمەت مۇھەممەد سالىم ھاجىمدىن زەينەپ غەززالىنىڭ سۆزىنى بېرىپ ئاجرىشىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئاخىرىدا ئۇنى قايىل قىلالمىغاندىن كېيىن، ئەگەر زەينەپنىڭ سۆزىنى بەرسە توڭلىتىۋېتىلغان پۈتۈن مال-مۈلكىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇنىڭغىمۇ كۆنمىسە تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت قىلىدۇ. مۇھەممەد سالىم ھاجىم ئاخىرى ئامالسىز ھۆكۈمەتنىڭ شەرتىگە كۆنىدۇ. لېكىن ئۇ ئاخىرقى ئۆمرىدە زەينەپ غەززالى ئۆزىنىڭ دۇنيا ئاخىرەتلىك ھالال جۈپتى ۋە سۆيۈملۈك ئايالى ئىكەنلىكىنى قاتتىق تەكىتلەپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ. 

زەينەپ غەززالىزەينەپ غەززالى

زەينەپ غەززالى ئاجرىشىش خېتىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. باشتا بۇنىڭغا قەتئىي ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ يولدىشى مۇھەممەد سالىم ھاجىمنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. لېكىن قولىدىكى خەتتە يولدىشى مۇھەممەد سالىم ھاجىمنىڭ ئىمزاسى ئېنىق تۇراتتى. ئۇ ئەمدى رېئاللىققا بوي ئەگمىسە بولمايتتى. زەينەپ غەززالى بۇنىڭ بىلەنمۇ يىقىلمايدۇ، تېخىمۇ قەددىنى كۆتۈرۈپ ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىگە رازى بولىدۇ. ئۇ يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا ئۆزىنى روھلۇق تۇتۇشقا تىرىشىدۇ. زەينەپ غەززالىنىڭ ئىپادىسىدە قىلچە ئۆزگىرىش بولمىغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تەرەپ قاتتىق جىلە بولۇپ، ئاخىرىدا شەرەپسىزلارچە ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق پىلانى تۇرغۇزىدۇ. جانابى ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ رەزىل پەسكەش قىلمىشلىرىدىن بۇ بۈيۈك ئالىيجاناب ئايالنى ساقلاپ قالىدۇ. زەينەپ غەززالى 1970-يىلى ئابدۇنناسىر ئۆلۈپ ئەنۋەر سادات تەخىتكە چىققاندىن كېيىن (1971-يىلى) سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فايسال ئابدۇلئەزىزنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ بۈيۈك مۇجاھىدە ئايال تۈرمىدىن چىقىپ، يەنە بۇرۇنقىدەكلا ئىسلام يولىدا دەۋەت خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە بۇ يولدا ئۆمىرىنىڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئىشلەپ 88 يېشىدا ( 2005-يىلى 3-ئاۋغۇست) بۇ دۇنيا بىلەن خەيرلىك خوشلىشىدۇ. جىنازە نامىزى 2005-يىلى 4-ئاۋغۇست پىشىن نامىزىدىن كېيىن مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرىدە ناسىر شەھىرىدىكى رابىەتىل ئەدەۋەييە دېگەن مەشھۇر مەسچىتتە چۈشۈرلىدۇ.

زەينەپ غەززالىزەينەپ غەززالى

زەينەپ غەززالى ئۆزىنىڭ تۈرمە ھاياتىنى «ھايات كۈنلىرىمدىن» دېگەن ئەسىرىدە تەپسىلىي يازىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنى ئوقۇغان ھەرقانداق ئادەم ئەسەرنى ئاخىرلاشتۇرغانغا قەدەر كۆز يېشى قىلىپ چىقىدۇ. چۈنكى بۇ بۈيۈك ئايال ئۆز ھاياتىدا قاتتىق سىناققا دۇچ كەلگەن، بولۇپمۇ تۈرمىدە ئۇنىڭ كۆرمىگەن كۈنى، چەكمىگەن ئازاب ۋە جاپاسى قالمىغان.  شۇڭىمۇ بۇ جاسارەت ئابىدەسى مۇجاھىدە بۈيۈك ئايالنىڭ ھەر بىر سۆزى ۋە ئۇ دۇچ كەلگەن تىراگىدىيىلەر ھەر قانداق ئادەمگە تەسىر قىلماي قالمايدۇ. ھەتتا كۆز يېشىنى توختىتالماي ھۆكىرەپ يىغلاپ تاشلايدۇ. ئۇ 1980-يىلقى پاكىستان زىيارىتىدە، ئۇ چاغدىكى پاكىستان زۇڭتۇڭى زىيائۇلھەق بىلەن ئۇچراشقان. ئەسلى ئۇچرىشىش ۋاقتى 25 مىنۇت دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئۇچراشقاندىن كېيىن سۆھبەت ۋاقتى ئىختىيارسىز ھالدا ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن. چۈنكى زىيائۇلھەق بۇ بۈيۈك مۇجاھىدە ئايال بىلەن بولغان سۆھبەتتىن قاتتىق تەسىرلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، باشقا كۆرۈشۈش ۋە پروگراممىلارنى تامامەن ئۇنتۇغان، ھەتتا سۆھبەتنىڭ ئاخىرىغىچە كۆز يېشى قىلىپ چىققان. دوكتۇر مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلقادىر ئەششىھاب زەينەپ غەززالىنىڭ پاكىستاندىكى زىيارەت خاتىرىسىنى مۇنداق يازىدۇ :«زەينەپ غەززالى پاكىستاننىڭ ئەينى چاغدىكى رەئىسى زىيائۇلھەق بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈش ۋاقتى نورمالدا 20 مىنۇت ئەتراپىدا بەلگىلەنگەن ئىدى. چۈنكى زىيائۇلھەقنىڭ باشقا مېھمانلىرى بولۇپ، ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ئىكەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇ تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئۇچرىشىشلارنى كېچىكتۈردى ۋە بۇ بۈيۈك ئايالنىڭ سۆھبىتىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىدى. زەينەپ غەززالى زىيائۇلھەققە ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئاياللارنىڭ ئەينى چاغدا تارتىۋاتقان خاپىلىق ۋە مۈشكىللىرىنى، شۇنىڭدەك ئاياللارنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ قاتتىق قىيىن قىستاققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. زۇيائۇلھەق ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆز يېشى قىلىپ يىغلاپ كەتكەن ۋە بۇ شەكىلدە ئۇلارنىڭ سۆھبىتى ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشقان. زەينەپ غەززالى ئافغانىستان مۇجاھىتلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى. ئۇ ئافغانىستان مۇجاھىتلىرىغا ھەر تۈرلۈك ياردەمدە بولۇپ كەلگەن. مەن بۇ ئايال بىلەن ئۇچرىشىشىنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلاتتىم. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ھايات كۈنلىرىمدىن» دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش مېنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئارزۇلىرىمدىن بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ 1980-يىلى پاكىستانغا زىيارەتكە كەلگەندە شەيخ ئابدۇللاھ ئەززام (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مېنى ئۆزى بىلەن بىرگە ھەمراھ بولۇپ بېرىشىمنى ئېيتتى. مەن بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم. مېنىڭ بۇ جاسارەت ئابىدەسى ئايال بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىم مەن ئۈچۈن ئىنتايىن بىر مۇبارەك ئۇچرىشىش بولغان ئىدى. بۇ ئۇچرىشىش دۇنيا ئىسلام بىرلىكىنىڭ ئىش ئورنىدا بولغان. بۇ ئۇچرىشىشقا شەيخ ئابدۇللاھ ئەززامدىن باشقا يەنە مۇجاھىتلارنىڭ قوماندانلىرىدىن ئۈچ كىشى قاتناشقان ئىدى. زەينەپ غەززالى بۇ مۇبارەك سورۇندا ئىنتايىن مۇھىم تېمىدا قىسقا سۆز قىلدى. بولۇپمۇ سەپ بىرلىكىنى قوغداپ بىرلىككە كېلىشنى قاتتىق تەۋسىيە قىلغان ئىدى. شۇنىڭدەك مۇجاھىتلارنىڭ مەسىلىسىگە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئادىللىق بىلەن ھېسداشلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم-ئايرىم بىردىن كونۋېرت تەقدىم قىلدى. كونۋېرتنىڭ ئىچىدە ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ياردەم ئۈچۈن ئىئانە قىلغان سوۋغىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ تەقدىم قىلغان ھەدىيىسى ئىنتايىن بۈيۈك ۋە كاتتا ئىش بولغان ئىدى. ئۇ ئاندىن ئۇ قوماندارلارنىڭ ئىچىدىن بىرسىگە قاراپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ساڭا بېشارەت بولسۇن! مەن سېنى چۈشۈمدە ئات ئۈستىدە سالاھىددىن ئەييۇبىنىڭ قىياپىتىدە كۆردۈم» دېدى. ئۇ قوماندان ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ دۇئا قىلدى. شەيخ ئابدۇللاھ ئەززام زەينەپ غەززالى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتىن قاتتىق تەسىرلەنگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ نەق مەيداندا بىرەر ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئىدى. (مەن ئۇنىڭ تەسىرلەنگەنلىكىنى بىز يىغىلىشتىن چىققاندىن كېيىن چۈشىنىپ يەتتىم) چۈنكى شەيخ ئابدۇللاھ چوڭ-كىچىك دېمەي ھەممە كىشىنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن ئەدەپلىك ۋە كەمتەر شەخس ئىدى. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى :«كاشىكى ئۇ ئۆزىنىڭ چۈشىنى بۇ سورۇندا سۆزلىمىگەن بولسا ياخشى بولاتتى». بۇنىڭدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، شەيخ ئەززام ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىدە بىرەر مەغرۇرلۇق ھېس قىلىپ قېلىشتىن قورققان ئىكەن». زەينەپ غەززالى قۇرغان مۇسۇلمان خانىملار بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇسۇلمان قىز-خانىملارغا خىزمەت قىلىپ خەيرىيەت ئىشلىرىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ جەمئىيەتنىڭ خاراكتېرى باشقا سىياسىي پارتىيلەرنىڭ خاراكتېرىگە قەتئىي ئوخشىمايتتى. چۈنكى بۇ جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى مىسىرنىڭ دۆلەت قانۇنىنى ئىسلام قانۇنى قىلىپ بەلگىلەش، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ كىتاب ۋە سۈننەتكە قايتىش ۋە ئىسلام خىلاپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ زەينەپ غەززالىنىڭ مۇسۇلمان خانىملار جەمئىيىتى تەدرىجىي ھالدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا يېقىنلىشىشقا باشلايدۇ، ھەتتا زەينەپ غەززالى ئۆزى كېلىپ شېھىد ھەسەنۇلبەننادىن ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ھەر ئىككى تەشكىلاتنىڭ خىزمەت مىزانى خاراكتېر جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان بىر پۇلنىڭ ئىككى يۈزىدىن ئىبارەت ئىدى. زەينەپ غەززالىنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلىيىتى شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، ئۇ يەنە نۇرغۇن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇ يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە (ھايات خاتىرىلىرىمدىن)، (يېڭى ھاياتقا يۈزلىنىش)، (ئاللاھنىڭ كىتابىغا نەزەر) دېگەن ئەسەرلىرى نەشرىدىن چىقىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلغان. ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرى نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. زەينەپ غەززالىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلغان كىشى، ئۇنىڭ يېتىشكەن بۈيۈك ئالىم ۋە ياشىغان دەۋرىنى چۈشىنىپ ھېس قىلالايدىغان نەزەر دائىرىسى كەڭ بىر مۇتەپەككۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ.

زەينەپ غەززالىزەينەپ غەززالى

ئۇ ئۆزىنىڭ ‹ئاللاھنىڭ كىتابىغا نەزەر› دېگەن ئەسىرى نەشرىدىن چىققاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «مەن قۇرئاننى ئۆزۈمگە دوست تۇتتۇم، ھەتتا ئۇنىڭ (پرىنسىپى بويىچە) ياشاشقا تىرىشتىم، ئۇنىڭ (پرىنسىپى بويىچە) ياشىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ توغرىسىدا مەنمۇ بىر نەرسە دەپ باقتىم. چۈنكى ئىنسان ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي ھەر يەردە ئۇنىڭ سۆزىنى قىلىشقا كۆنۈپ كەتكىنىدەك مەنمۇ ئولتۇرسام قوپسام ئۇنىڭ ھەققىدە سۆزلەشكە كۆنۈپ قالدىم. مەن ئۆزۈمنى مۇپەسسىر دەپ داۋا قىلمايمەن، لېكىن، مەن قۇرئاننى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇنىڭ ئاشىقى، ئاشىق مەشۇقىنىڭ ئىسمىنى ئۇنىڭ تەرىپاتلىرىنى ۋە ياخشىلىقىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، دائىم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇشنى، ئۇنى باغرىغا بېسىشنى ئويلايدۇ. مەنمۇ قۇرئانى كەرىمىنى باغرىمغا باسىمەن، ئۇنى پۈتۈن ئىنسانلارغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىمەن. مەن قۇرئان كەرىمىنى ئېغىزىمدىن چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈن 60 يىللىق ئۆمرۈم مەسچىتتە ئۆتتى». زەينەپ غەززالىنىڭ ئىسلامى دەۋىتى پەقەت مىسىر خەلقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان، بەلكى ئۇ نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، دەۋەت ئېلىپ بارغان، شۇنىڭدەك نۇرغۇن قېتىم دىنى نۇتۇق ۋە لېكسىيە سۆزلىگەن. ئۇ دەۋەت يولىدا ئۆزىنىڭ 53 يىلىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇ بۇ جەرياندا بۈيۈك دەۋەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇنىڭ ھاياتىغا ئەڭ قاتتىق تەسىر قىلغان شەخس ھەسەنۇلبەننا ۋە ھەسەن ھۇدەيبىلەر بولغان. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننى 60 قېتىم زىيارەت قىلغان، 39 قېتىم ھەج قىلغان، 100 قېتىم ئۆمرە قىلغان. زەينەپ غەززالىنىڭ كېلەچەكتىكى مۇسۇلمان ئاياللاردىن كۈتكەن ئۈمىدى ۋە ئۇلارغا باغلىغان ئارزۇسى ئىنتايىن چوڭ ئىدى. ئۇنىڭچە ئىسلام دۈشمەنلىرى خالىسۇن، خالىمىسۇن كېلەچەكتە ئاياللارنىڭ يېتەكچىلىكى مۇسۇلمان ئاياللار ئىچىدىن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. دېمەك بۈيۈك دەۋەتچى زەينەپ غەززاالىنىڭ ھايات مۇساپىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزۈتىدىغان بولساق، ھەقىقەتنى قوغداش يولىدا نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت چەككەن، ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچ كەلگەن، ھەتتا بىر نەچچە ئاي تەنھا يەر ئاستى سۇ تۈرمىسىدە قالغان بولسىمۇ ئەسلا زالىمغا بوي ئەگمەي جاسارەت كۆرسەتكەن بۈيۈك مۇجاھىدە جاسارەت ئابىدەسى ۋە ھەقىقەت ئۆرنىكى ئۇلۇغ ئايال ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. قەلبىنىڭ ئىمان بىلەن گۈللىنىپ، دۇنيا ھاياتىغا نەزەر سالمىغانلىقىنى، ئالدامچى ھەشەمەتلىككە ئالدانمىغانلىقىنى، ئىخلاس ۋە سەمىمىيەتلىكنى ئۆزىگە رەھبەر قىلىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى، جەننەتتىن ئىبارەت بۈيۈك مۇكاپاتىغا تەلپۈنۇپ، ھەقىقەت يولىدىن قەتئىي ئايرىلماي ئۆزىدىن كېيىنكى مۇسۇلمان قىز-خانىملارغا ھەتتا ئەر مۇسۇلمانلارغا نەمۇنە بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 63

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 3040 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 9قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-09