مالكام x (ئەلھەج مالىك ئەل شاباز)


مالكام x 


مالكام ئەلھەج شابازمالكام ئەلھەج شاباز

       ئەلشاباز «مالكام x» دېگەن نام بىلەن داڭلىق بولۇپ، 20- ئەسىردە ئامېرىكىدا ئۆتكەن كۈچلۈك تەسىرگە  ئىگە ئامېرىكىلاشقان ئافرىقىلىقلار پائالىيەتچىسى، شۇنداقلا قاراتەنلىكلەر ئەركىنلىكىنىڭ ھىمايىچىسى. ئۇنىڭ نۇتۇقلىرى ۋە پائالىيەتلىرى، 1950 -يىلدىن 1960- يىلغىچە بولغان قاراتەنلىك مىللەتچىلەرگە ۋە مۇستەقىللىق داۋاگەرلىرىگە ناھايتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر نەزىرىدە ئوخشاش بولمىغان سالاھىيەتكە ئىگە بولۇپ، بەزىلەرنىڭ نەزىردە پانئافرىقىست، قاراتەنلىكلەر ھوقۇقنىڭ ئاتىسى،  يەنە بەزىلەرنىڭ نەزىردە ئۇ بىر جەمىئىيەتشۇناس. ئۇ ئىسلام دۆلىتى (Nation of Islam تۆۋەندە قىسقارتىپ NOIدەپ ئېلىندۇ.) بىلەن مۇناسىۋەتتە بولغان،  ئاخىرقى ھاياتىدا ھەقىقىي ئىسلام ئەقىدىسىنى قوللاپ، ئىسلام دۆلىتىنىڭ(NOI) كۆزقاراشلىرىغا قارشى تۇرغان ھەمدە ئىسمىنى ئەلھەج مالىك ئەلشابازغا ئۆزگەرتكەن، لېكىن ئۇ مالكام x دېگەن ئىسمىنى ئىنكار قىلمىغان.  ئۇ 40 ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنىگە دەل ئۈچ ئاي قالغاندا قەسلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. 
       مالكام x بولسا 1925-يىلى مايدا نىبراسكىدىكى ئوماھانىڭ مالكام لىتتىلدا دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ ئانىسى لوئىس نورتون لىتتىل پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەت قىلىپ سەككىز بالىنى باققان.  ئۇنىڭ دادىسى ئىرل لىتتىل بولسا خىرىستىئان دىن تارقاتقۇچىسى، جەمىئىيەت بايانچىسى ۋە قاراتەنلىكلەرنىڭ ئىقتىسادىي مۇستەقىللىقنىڭ ئىلگىر سۈرگۈچىسى، شۇنداقلا ماركۇس گارۋىينىڭ «قاراتەنلىكلەرنىڭ ئافرىقىغا قايتىش» ھەرىكىتنىڭ قوللىغۇچىسى، ئۇنىڭ ئاتىسى باياناتچى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىر قانچە قېتىملىق ئىرقى توقۇنۇشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدۇ.  ئىرل ئاقتەنلىكلەر ئۇلۇغلۇق تەرەپدارى بىلەك لەجىندىن ئۆلۈم تەھتىدى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، ھەمدە مالكان تۆت ياشقا كىرىپ بولغىچە ئائىلىسى مەجبۇرى ئىككى قېتىم كۆچىدۇ . شۇنداقتىمۇ 1929 -يىلى لانسىڭدىكى ئۆيى كۆيدۈرۋېتىلىدۇ، ھەمدە ئىككى يىلدىن كىيىن ئىرلىنىڭ پارچە - پارچە قىلىۋىتىلگەن جەسىتى ئىلـكتىرۋۇزنىڭ ئاچال يولىدىن تىپىلىدۇ. ساقچى بولسا بۇ قاتناش ھادىسىسىدىن  كېلىپ چىققان ۋەقە دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. مالكامنىڭ ئانىسى بىر قانچە يىلدىن كېيىن روھى جەھەتتىن تۈگۈشىدۇ، ھەمدە روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا ئەكىرىپ قويۇلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بالىلار باشقىلارغا بېقىۋېلىشقا بېرىۋېتىلىدۇ ياكى يىتىملار ساناتوريىسىگە ئاپىرىپ قويۇلىدۇ. 
      مالكان بولسا بېقىۋالغۇچىنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرلۇپ مەكتەپكە بېرىلىدۇ. ئۇ ناھايتى ئەقىللىق بولۇپ تولۇقسىز ئوتتۇرىنى سىنىپىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچى بولۇپ پۈتتۈرىدۇ. بىراق ئۇنىڭ ئۆز تەرجىمىھالىغا ئاساسلانغاندا ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مۇئەللىمى ئۇنىڭغا ئۇنىڭ ئادۇۋكات بولۇش ئارزۇسىنىڭ نېگىرلار ئۈچۈن رېئالىنى ئارزۇ ئەمەسلىكىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 17 ياش ۋاقتىدا مەكتەپنى تاشلاپ نىيويورىكقا يېقىن جاي ھارلىمغا كۆچۈپ بارىدۇ، ھەمدە بۇ جايدا كىچىك جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. «دىچرويد قىزىل» دەپ تونىلغان ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي زەھەر، پاھىشە ۋە قىمارغا چېتىلىپ قالىدۇ.  20 ياشقا كىرگەندە ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. قانداق بولمىسۇن تۈرمە ئۇنىڭ ئۆزىنى ۋاللىس فارد قورغان،  ئىلجاھ مۇھەممەد رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئىسلام دۆلىتىنىڭ(NOI)تەربىيسىدە تەربىيىلىنىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ.  ئىلجاھ مۇھەممەد ئاق تەنلىكلەر جەمىئىيىتى ئافرىقان ئامېرىكىلىقلارنى ئۆزىنى روناق تاپقۇزۇشتىن ، ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەھەتلەردە نەتىجە يارىتىشىدىن توسۇش ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ دەپ تەلىم بىرىدۇ. NOI يەنە بىر نىشانى بولسا ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش، ئاق تەنلىكلەردىن ئايرىلىپ ئولتۇراقلىشىش. ئەنئەنىۋى ئىسلام ئەقىدىسگە ئوخشىمايدىغىنى NOI بولسا كۈچلۇك ئىرقىچىلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ ئاق « تەبىئىتدىنلا ئىبلىس»، خۇدا بولسا قارا دەپ جاكارلايدۇ. NOI يېقىن كەلگۈسىدە چوڭ بىر ئۇرۇش بولۇپ ئاق تەنلىكلەر يوقىتىلىپ، قارا تەنلىكلەر ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا دۇنيانى باشقۇرىدۇ دەپ بىشارەت بېرىدۇ. بۇ يىڭى تۈزۈلمىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، قاراتەنلىك مۇسۇلمانلاردىن نەپسىنى يىغىپ، زەھەر ، ھاراققا قارشى تۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. 
     مالكام NOIنىڭ ئىنتىزامىغا ، قۇرئان ۋە ئىنجىلغا قەتئىي بوي سۇنىدۇ. ئۇ تۈرمە ھاياتىدا كۈچلۇك قايىل كۈچىگە ئىگە مۇنازىرچى بولۇپ يېتىشپ چىقىدۇ. ھەمدە تۈرمە مۇنازىر ئەترىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆلۈم جازاسى توغرىسىدىكى مۇنازىردە ماساچوستا تېخنىلوگىيە ئىنىستىتوتىنى يېڭىپ چىقىدۇ. ئۇ 1952- يىلى ئۆزگۈرۈش ۋەدىسى بىلەن تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن مىچىگان دىچرويتقا كېلىپ NOIغا قاتنىشىدۇ. ئۇ «لىتتىل»( كىچىك) دىگەن ئىسىمىنى قۇللۇق ئىسمى دەپ قاراپ «x» ھەرىپىنى ئۆزىنىڭ يوقۇلۇپ كەتكەن قەبىلىسىگە سىموۋۇل قىلىپ ئىشلىتىدۇ. 1958- يىلى ئۇ بەتتى ساندىرىس( كېيىنكى ۋاقىتلاردا بەتتى شاباز دەپ تونۇلغان) بىلەن توي قىلىپ ، ئالتە قىزلىق بولىدۇ. ئۇ ناھايتى تېزلا NOI دا يۇقىر ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ، 1954- يىلى ئىجاھ مۇھەممەد ئۇنى ھارلىم ئىبادەتخانىسنىڭ ئىماملىقىغا كۆرسىتىدۇ. دۆلەتلىك نۇتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرى، تېلۋىزىيە ، ھەمدە ھەرىكەتنىڭ مۇھىم ئۇچۇر ۋە گېزىتلىرىنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق ئىلجاھ مۇھەممەد پىكىر بايان قىلىدۇ ، مالكام x بولسا NOI نىڭ ئەتراپلىق پىلانلاشقا ياردەملىشىدۇ. 
مالكام x نىڭ رەھبەرلىك قابىلىيىتى، تەسىرى ۋە ئىشەنچىسى نۇرغۇنلىغان يېڭى ئەزالارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ ھەمدە ئۇنى NOIنىڭ ئىلجاھ مۇھەممەدتىن بەكرەك كۆزگە كۆرۈنگەن بايانچىسىغا ئايلاندۇرىدۇ. 1952- يىلىNOIنىڭ 500 ئەزاسى بولۇپ، 1963- يىلىغا كەلگەندە ئەزاسى 30 مىڭغا يېتىدۇ. ئۇ خەلق ھوقۇق داھىيىسى مارتىن لۇتىر كىڭنىڭ قاراتەنلىكلەر ئىتىپاقى قۇرۇش ۋە قۇراللىق ئۆزىنى قوغداشنىڭ ئورنىغا ئاق تەنلىكلەر جەمىئىيىتى بىلەن بىرگەۋدىلىشىشنى دەسستەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى كەسكىن تەنقىدلەيدۇ. ئۇ غەرىپ مەدىنىيتى، يەھۇدى ، خىرىستىئان دىنى ماھىيەتتە ئىرقچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان دەپ ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەمدە قورالسىزلىق ( زوراۋانسىزلىق) بولسا « ئەخمەقلەرنىڭ پەلسەپىسى » دەپ جاكارلايدۇ. مالكام xنىڭ نامى چىققانلىقتىن ئىلجاھ مۇھەممەد ، NOIنىڭ باشقا رەھبەرلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرسىدا جىددىيلىك پەيدا بولىدۇ، مالكام xنىڭ 1950- يىللاردا ئاق تەنلىكلەر تەبىئىتىدىلا «ئىبلىس» دىگەن مۇھىم ئىددىيسىمۇ ئۇنىڭغا ياردەم قىلالمايدۇ. بىراق NOIنىڭ يۆلىنىشى ئۆز- ئۆزىگە ياردەم بېرىدىغان سىياسىيغا قاتناشمايدىغان دىنى ھەرىكەت بولسىمۇ ، ئۇ يەنىلا كۈچلۈك سىياسى، ئىرىقچىلىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 
     مالكام x ئۇستازى ئېلجاھ مۇھەممەدنىڭ NOIدا باشقا ئالتە ئايال بىلەن غەيرى مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بالىلىق بولغانلىقىنى بىلگەندە، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى جىددىيلىك تېخىمۇ كۈچىيدۇ. مالكام x توي قىلغانغا قەدەرNOIنىڭ بويتاقلار قانۇنىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئىلجاھ مۇھەممەدنىڭ بۇ ئالدامچىلىقدىن قاتتىق ئازاپلىنىدۇ.  ئىلجاھ مۇھەممەد بولسا ئۇنىڭدىن بۇ ئىشىنى مەخپى تۇتۇشنى ئۆتۈنىدۇ.  ئەڭ يامان بولغىنى 1963 -يىلى پىرىزدىنىت جون كىنىدى ۋاپاتىدىن كىيىن مالكام x «ئۇنىڭ ئىلگىرى ئەتكەنلىرى ئۇنىڭ ئۆلىمىگە سەۋەب بولدى » (The Chickens Come Home to Roostئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي داۋاغا )دەپ باھا بېرىدۇ. بۇ باھا پىرىزدىنتقا ھۆرمەتسىزلىك غەرىزىنى ئالمىغان بولسىمۇ، باشقا مەنىدە چۈشەندۈرۈلۈپ،  قاراتەنلىكلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىق، ئاقتەنلىك پىرىزدىنتقا قىلىنغان زوراۋانلىق ھۇجۇم بىلەن «قونغاق»قا چىقتى دىيىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بۇلاردىن ئېنىقكى ، يۇقىرى دەرىجىدىكى بىخۇدلۇق ، مۇھەممەد ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلىنپ مالكامنى جىمقىلماقچى بولدى. بۇنداق قىلىش ئېنىقكى مالكام x نىڭ  NOI نىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى ئىنكار قىلغانلىق بىلەن باراۋەر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇنى قوبۇل قىلماستىن 1964- يىلى ھەرىكەتتىن  ئايرىلىپ «مۇسۇلمانلار مەسجىدى»نى تەشكىللەيدۇ، ھەمدە ئىسلام ھەرىكىتى مەخسۇس سىياسىي ساھەدە خىزمەت قىلىدۇرىدۇ. 
     شۇ يىلى ئۇ ئىلجاھ مۇھەممەد بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزدىدۇ، ھەمدە تۈنجى قېتىم مەككە-مۇكەررەمگە  ھەجگە باردۇ. بۇ قېتىمقى ھەج پائالىيتى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ،  ئۇ «مەن سېرىق چاچلىق، كۆك كۆزلۈك كشىلەرنى قېرىندىشىم دىيەلىدىم» دەيدۇ. ئۇ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىسمىنى ئەل ھەج مالىك ئەل شاباز (  مالكام - مالىك بولسا شاباز قەبىلىسىدىن ھەمدە ھەج قىلغان دېگەن مەنىدە) غا ئۆزگەرتىدۇ،  ھەققىي ئسلامنىڭ سۈننەت ئەقىدىسىگە ئىشىنىدۇ. ئۇ ئىنسانى «ھەققىي قېرىنداشلىق»نى تاپقانلىقىنى، ئاق تەنلىكلەر ھەرگىزمۇ « ئىبلىس» ئەمەسلىكىنى جاكارلايدۇ.  ئۇ يەنىلا قارا تەنلىكلەر ئۆز-ئۆزىگە غۇجا بولۇشغا قەتئىي ئىشەنگۈچى بولسىمۇ،  شۇنىڭدىن كېيىن ئاق تەنلىكلەرگە قارىتىلغان ئىرقى ئايرىمىچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارمايدۇ. ئۇ «ئافرىقان ئامېرىكىلىقلار ئىتىتىپاقى» نى ( «Organisation of Afro-American Unitu» قىسقارتىپ «OAAU» ) تەشكىللىگەن بولۇپ،  ئافرىقىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەر تەشكىللىگەن «ئافرىقا  ئىتتىپاقى »( Organisation of African Unity)  بۇلارغا ئىلھام بېرىدۇ.  بۇ تەشكىلات ئىرقى بىرلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان بولۇپ، مالكام x بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشلىك ھوقۇققا خىلاپ ، ئافرىقان ئامېرىكىلىقلارغا قارىتىلغان ئىرقى قىرغىنچلىق ھەرىكەتىنى ئىسپاتلايدىغان بىر ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇشنى پىلانلايدۇ. ئۇ ئىرقى كەمسىتىنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن ، قاراتەنلىكلەرنى بېلەت تاشلاشقا، سىياسىي سىستېمىغا قاتنىشىشقا، ئاق تەنلىك ۋە باشقا ئىرىقتىكىلەر بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. 
      مالكام x ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالى ئۈستىدە يازغۇچى ئەلكىىس خەلىي بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ يازما كېيىنچە« مالكام x نىڭ تەرجىمىھالى»(1965-يىلى) (The Autobiography of Marcolm X ) نەشىردىن چىقىدۇ.  مالكام x كىتاب نەشىردىن چىققۇچە ياشىيالمايمەن دېگەن بولۇپ، بۇ سۆز راست بولۇپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن NOI نىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ جىددىيلەشكەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ قەسلەپ ئۆلتۈرۈش ئوبىكتى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. 1965- يىلى 15- فېۋرال ئۇنىڭ نىيويورۇكنىڭ شەرقى ئىلىمخىرتتىكى ئۆيى كۆيدۇرگۈچى بومبىنىڭ ھۇجىمىغا ئۇچىرايدۇ، بۇ ۋەقەدە ئۇنىڭ ئائىلىسدىكلەر ھېچقانداق زەخمىگە ئۇچۇرماي قېچىپ كەتكەن. مالكام x  ئاساسەن قوغدىغۇچىسىز سەپەر قىلمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئالتە كۈندىن كېيىن ئۇ نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا،  ئۈچ قۇراللىق ئۇنسۇر مۇنبەرگە ئېتىلىپ چىقىپ، يېقىن ئارلىقتىن 15 پاي ئوق ئۈزىدۇ. ئۇ نىيۇيورك كولومبىيە پىرىنسباي تېرىين دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغاندا ئۆلگەنلىكىگە دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ خارلىمدىكى مېيىت نامىزىغا 1500 كىشى قاتنىشىدۇ.  يىل ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئايالى بەتتى ئۇلارنىڭ قوش كېزەك قىزىنى تۇغىدۇ. مالكامغا زىيانكەشلىك قىلغان تەلمەج خەيىر، نۇرمان  3xبۇتلىر ھەمدە توماس 15x جونسۇنلار 1966-يىلى مارتتا، بىرىنجى دەرجىلىك قەسلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايتى بىلەن ئەيىبلىنىدۇ. بۇ ئۈچ جىنايەتچىنىڭ ھەممىسى NOIنىڭ ئەزالىرى بولۇپ چىقىدۇ. 
      مالكام x ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىلىدا خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ،  قاراتەنلىك پائالىيەتچىلەر مىللى ئىپتىخارى ۋە قارا تەنلىكلەر ئىتپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئىددىيسىنى قۇۋەتلەيدۇ.  ئۇ  ئاز دەرىجىدە رادىكال ماركىسىزىم، كۆپ مىقداردا سوتسىيالىستىك پىرولتارىيات ( ئىشچىلار) پارتىيىسىنىڭ (SWP ) تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى قاراتەنلىكلەر ھەرىكىتىنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالىدۇ. مالكام xنىڭ مىراسلىرى ئىلىم ساھەسىدە ئاز بولمىغان ھۆججەتلىك فىلىملەر، كىتاب ۋە كىنولارنىڭ باش تېمىسىغا ئايلىنىدۇ. 1992-يىلى رېژىسسور سپايىك لى  پەيدا بولغان بىر قېتىملىق قىزىقىشنىڭ تۈرۈتكىسىدە «مالكام x» دېگەن كىنو ئىشلەپ تارقىتىلىدۇ. بۇ كىنو ئەڭ ياخشى رولچى (Denzil Washigton )،  ئەڭ ياخشى كاستۇم لاھىيەسى قاتارلىق تۈرلەر بويچە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.  ھەققىي ئىسلام ئىددىيسىنىڭ مالكام x غا بولغان تەسىرى، ئۇنىڭ ئۈنۋېرسال كۆزقارىشىنى تېخىمۇ موللاشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلىمى ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى ھەرگىزمۇ يوققا چىقارمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ ھەج سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ دەۋىر بۆلگۈچ ئىپادىسى سۈپىتىدە ئالاھىدە جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. 
ئۇ NOIنىڭ ئىسلام نامىغا ھاقارەت ئېلىپ كەلگەنلىكى، ھەققىي ئىسلام تەربىيسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتپ بېرىدۇ. ھەقىقەتتىمۇ NOIنىڭ نۇرغۇن پىرىنسىپلىرى ھەققىي ئىسلامنىڭ ئىددىيەلىرىگە زىت ئىدى. 
 
     رويىل جېكسون تەرىپىدىن يېزىلغان، روتلەج نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئىسلامدىكى 50 مۇھىم شەخىس» ( FIFTY KEY FIGURES IN ISLAM) دىگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىدى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 469 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-18