سەيىد ئەبۇ ئەلا مەۋدۇدى


ققئەبۇلئەئلا مەۋدۇدى


بۈيۈك ئالىم، ئىسلام پەيلاسوپى ئەبۇلئەئلا مەۋدۇدى يىقىنقى زامان ئىسلام دەۋەت يولىدا چاقنىغان بىر يۇلتۇز بولۇپ، ئۇ ھازىرقى دەۋرىدە ئىسلام دەۋىتىنى قانداق ئىلىپ بىرىش، قايسى ئۇسۇلدا ۋە نىمىلەرگە تايىنىپ ئىلىپ بىرىش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ـ چارىلەرنى كۈرسىتىپ بەردى.

ئۇ 1903 ـ يىلى ھىندىستاننىڭ ھەيدەر ئاباد ۋىلايىتى ئورۇڭ ئاباد شەھىرىدە ئىلىم مەرىپەتلىك بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ئىلىمگە ھىرىسمەن بولۇپ، ئەرەب تىلى، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ ئىلمى قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۈگەنگەن. ئۇ 16 يىشىدا مالىكى مەزھىبىنىڭ ئاساسلىق كىتابى بولغان “ مۇۋەتتائ “ ھەدىس كىتابىنى پىششىق ۋە تولۇق ياد ئىلىپ بولغان.

ئۇ 17 يىشىدىن باشلاپ بانكور شەھىرىدە چىقىدىغان شەھەر  (ئەلمەدىنە) ناملىق گىزىتتە ئىشلىگەن. ئۇنىڭدىن كىيىن گىلبوردا چىقىدىغان “ تاج “ گىزىتىدە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. مەلۇم ۋاقىت ئۈتكەندىن كىيىن يىڭى دىھلىگە بىرىپ ھىندىستاننىڭ مۇپتىسى شەيخ كىپايەتۇللاھ دىھلەۋىي بىلەن كۈرۈشۈپ سۈھبەتتە بولغان.

ئۇنىڭ زىھنىنىڭ ئۈتكۈرلىكى ۋە كىچىك تۇرۇپلا نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۈگىنىپ بولغانلىقىنى بايقىغان كىفايەتۇللاھ ئۇنى ئۈلۈمالار جەمئىيىتى نامىدىن يىڭى دىھلىدا چىقىدىغان ”مۇسۇلمانلار“ ناملىق ھەپتىلىك گىزىتكە مۇھەررىر قىلىپ تەيىنلىگەن. ئۇ 23 يىشىدىن باشلاپ ھەر خىل گىزىت ـ ژۇرناللادا ئۈزىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئىلان قىلدۇرۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭ يازغان ماقالىلىرى جەمئىيەتتىكى ناچار قىلىقلار، دىنسىزلىقنىڭ ئەۋج ئىلىپ كىتىشى قاتارلىق يامان ئىشلارغا ئۈنۈملۈك دورا بولغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ”ئىسلامدىكى جىھاد“،   ”ئاللاھ يولىدىكى جىھاد“ ناملىق ئەسەرلىرى كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن. ئۇ ئەسەرلەر شۇ ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيە مۇستەملىكچىلىرىنى ئالاقزادە قىلىۋەتكەن. چۈنكى ئۇنىڭ بۇ ئىككى ئەسىرى مۇسۇلمانلارنى ئەنگىلىيە مۇستەملىكچىلىرىگە قارىشى جىھاد قىلىشقا چاقىرغان. مىسىردىكى مۇسۇلمان قىرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ئۇنىڭ بۇ ئىككى ماقالىسىنى توپلاپ چوڭ ئىككى كىتاب قىلىپ بارلىق ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ ئۇ ئىككى كىتابنى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرىشىنى تەۋسىيە قىلغان. تەپسىرشۇناس ئالىم شەھىد سەييىد قۇتۇبمۇ ئەبۇ لئەئلا مەۋدۇدىنى دەۋرىمىزدىكى كۈزگە كۈرۈنگەن مەشھۇر ئالىم دەپ تەرىپلىگەن. بۈيۈك پەيلاسوپ شائىر مۇھەممەد ئىقبال مۇسۇلمان ياشلىرىنى داۋاملىق ئۇنىڭ كىتابلرىنى ئوقۇپ تۇرۇش تەشەببۇسىدا بولغان.

ئۇ 1932 ـ  يىلدىن باشلاپ ”قۇرئان تەرجىمىسى“ ناملىق ئايلىق ژۇرنال چىقىرىشقا باشلىغان. ئۇ بۇ ژۇرنالنى چىقىرىش ئارقىلىق ئىسلام دىنىنى ئۈزىنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان قورئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپكە ماس ھالدا كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇش، ئىسلام دىنىغا زىت بولغان غەرب پىكىر ـ ئىقىملىرىغا قارىشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

1938 ـ يىلى ئەبۇلئەئلا مەۋدۇدى ھىندىستاننىڭ ھەيدەر ئاباد دىگەن شەھىرىدىن پاكىستاننىڭ لاھۇر شەھىرىگە كۈچۈپ كەلگەن. 1941 ـ يىلى لاھۇردا ”ئىسلام جامائىتى“ ناملىق تەشكىلات قۇرغان ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئۇ مۇشۇ جەرياندا ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىق جايلاردىكى ئەنگىلىيە كۈچلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ۋە دۈشمەنلىك قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئۇ ئاشۇنداق ئىغىر قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي ئۈزىنىڭ قىرىنداش، سەپداشلىرى بىلەن بىرگە بۇتپەرەس ھىندوسلار ۋە غەربپەرەس زىيالىلارغا قارشى كۈرەش ئىلىپ بارغان.

1947 ـ يىلى پاكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن، بىر قىسىم ئىمانى سۇس كىشىلەر دۈلەت بىشىغا چىقىۋالغان ئىدى. شۇڭا ئەبۇلئەئلا مەۋدۇدى ھەر قاچان كىشىلەرگە نۇتۇق سۈزلىسە، پۈتۈن دۈلەت سىستىمىسى ۋە ئىدارە ئورگانلاردا ئىسلام دىنىنى تەدبىقلاشنى ۋە پۈتۈن قانۇن ـ نىزاملارنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپتىن ئىلىشنى تەلەپ قىلغان. مۇشۇ سەۋەبتىن پاكىستان ھۈكۈمىتى ئۇنى ياردەمچىلىرى بىلەن قوشۇپ تۇرمىغا تاشلىغان. 1950 ـ يىلى خەلقنىڭ قارشىلىقى سەۋىبىدىن ھۈكۈمەت ئۇنى قويۇپ بەرگەن.

ئۇ ھەقىقىي بىر مۇجاھىد ۋە دەۋەتچى بولۇپ، كىشىلەرنى بىدئەد ۋە خۇراپاتلىقتىن خالىي ساپ ھەقىقىي ئىسلام دىنىغا چاقىراتتى. غەرب پىكىر ئىقىملىرى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئىلمىي يۇسۇندا مۇنازىرە ئىلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ دەۋا قىلىۋاتقان يالغان ـ ياۋىداق، كىشىلەرنى ھالاكەتكە باشلايدىغان پىكىرلىرىگە ئەجەللىك زەربە بىرەتتى. غەرب جاھانگىرلىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ئىسلام ئەللىرىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مىللەتچىلىك ۋە دىنسىزلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەپتى ـ بەشىرىسىنى ئىچىپ تاشلاپ، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن قاتتىق ئاگاھلاندۇراتتى.

ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىنى، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنى ئىسلام دىنىدىن باشقا ھەرقانداق نەرسىنىڭ بەخىت ـ سائادەتكە ئىرىشتۈرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن. ئەبۇل ھەسەن نەدەۋىي مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇلئەئلا مەۋدۇدى ھازىرقى زامان ئىسلام پەيلاسوپلىرىدىن بىرى بولۇپ ، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان دۈلەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ مۇسۇلمانلارغا نىمە قىلىش ئىكەنلىكىنى كۈرسىتىپ بەرگەن.

مەۋدۇدى ئىسلام ئەقىدىلىرىنى قاتتىق مۇداپىئە قىلغان بولۇپ، پاكىستاندىكى قادىيانى پىرقىسى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە قارىشى كۈرەش قىلغان. بۇ پىرقىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچى كىشىلەرنىڭ كاپىر ئىكەنلىكى توغرىسىدا پەتىۋا بەرگەن. مەۋدۇدىنىڭ بۇ پەتىۋاسى سەۋەبىدىن پاكىستان ھۈكۈمىتى، 1953 ـ يىلى ئۇنىڭغا ئۈلۈم جازاسى ھۈكۈم قىلغان. بۇنى ئاڭلىغان پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى نامايىش قىلىپ، پاكىستان ھۈكۈمىتىدىن بۇ ھۈكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ئۇنى قويۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەيۋىسىدىن قورققان پاكىستان ھۈكۈمىتى ئۈلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى ياردەمچلىرى بىلەن بىرگە قويۇپ بەرگەن.

پەيلاسوپ ئەبۇلئەئلا مەۋدۇدى ياشلارغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: “ ئى ياشلار! 21 ـ ئەسىرنى ئىسلام ئەسىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىڭلار، غەرب مەدەنىيىتى گۇمران بولۇپ يوقىلىدۇ. ئىسلام مەدەنىيىتىنى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىغا چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار، سىلەر كىشىلەرنى ئىسلامغا چاقىرىشتا ھىكمەت بىلەن ئىش قىلىڭلار، ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويماڭلار، جەمئىيەتنى ئۈزگەرتىشتە قۇرال ـ ياراق، كۈچ ئىشلەتمەڭلار، مەخپى تەشكىلات قۇرماڭلار، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئالدىراقسانلىق بولۇپ، پايدىسىدىن زىيىنى كۈپ، ئۈتكۈنچە شامالدەك ئۈتۈپ كىتىدۇ. سىلەر ئىلمىڭلار، ئەدەپ ـ ئەخلاقىڭلار، ئەمەلىي ئىش ـ ئىزلىرىڭلار ۋە گۈزەل گەپ ـ سۈزلىرىڭلار بىلەن كىشىلەرنى ئىسلام دىنىغا چاقىرىڭلار، ئاسانلاشتۇرۇڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار. مانا مۇشۇنداق قىلساڭلار كىشىلەر چىن دىلىدىن ئىشىنىپ، رازى بولۇپ، ئىسلام دىنىغا كىرىدۇ. “ مانا بۇ ھازىرقى دەۋرىدىكى ئىسلام جىھادى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

مەۋدۇدى دەۋەت يولىدا كۈچ ئىشلىتىشنى خالىمايتتى. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرماي تۇرۇپ، دۈشمەنلىرىگە قارشى كۈچ ئىشلىتىلسە، دەۋەتنىڭ نەتىجىسى بولمايدۇ دەپ قارايتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە ئىسلامنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا مۇسۇلمانلارنى مۇشرىكلار بىلەن قۇراللىق ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرىمىغان، چۈنكى ئۇ چاغلاردا مۇشرىكلار كۈچلۈك، مۇسۇلمانلار ئاجىز ئىدى. ئەگەر ئۈز ئارا ئۇرۇش بولۇپ قالسا مۇسۇلمانلار كۈپ قىرىلىپ كىتەتتى. ئەمما مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كىيىن, مۇسۇلمانلار سان جەھەتتە كۆپەيدى، كۈچى زورايدى. ئاندىن كىيىن مۇسۇلمانلارغا قۇراللىق ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت قىلىندى.“

ئەبۇلئەئلا مەۋدۇدى كەڭ دائىرىلىك كاتتا ئالىم بولۇپ، ھەرخىل ساھەدە ھەرخىل ئەسەر يازغان. ئۇ ئۈز ئۈمرىدە 70 خىلدىن ئارتۇق ئەسەر يىزىپ قالدۇرغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدە ”ئىسلامنىڭ پىلانلىق توغۇتقا بولغان كۈز قارىشى“، ”مىللەتچىلىك ۋە ئىسلام بىرلىكى“، ”بۈگۈنكى ئىسلام“، ”ئىسلام ھۈكۈمىتى“، ”ئىسلامدىكى ھايات پەلسەپىسى“، ”ئىسلام قانۇنى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىش يولى“، “ ئىسلام دۇنياسىنى قۇرۇپ چىقىشتا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ رولى“ ناملىق ئەسەرلەر… ۋە ”قۇرئاننى چۈشۈنۈش“ ناملىق تەپسىرى قاتارلىقلار  ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئۇ يۇقىرىقىدەك جان ـ پىدالىق بىلەن ئىشلەپ, ئىسلام دەۋەت يولىدا ئالاھىدە خىزمەت كۈرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، 1979 ـ يىلى خەلقئارالىق فەيسەل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

ئۇلۇغ ئالىم، مۇتەپەككۇر ئىسلام پەيلاسوپى ئەبۇلئەئلا مەۋدۇدى 1979 ـ 9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى نىيۇ  يۇرك شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا 76 يىشىدا ئالەمدىن ئۈتكەن. ئۇنىڭ جەسىتى پاكىستانغا يۈتكەپ كىلىنىپ شۇ يەردە دەپنە قىلىنغان.

مەنبە---تامچە ئىلمى ماقالە بىلوگى


پايدىلانمىلار
[1] مىسرانىم  http://bbs.misranim.com
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 6

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 787 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-06-03