ئەھمەد داۋۇت ئوغلۇ

ئەھمەد داۋۇت ئوغلۇ

ۋەزىپىسى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (ھازىر ۋەزىپىدە) ؛

ئەھمەد داۋۇت ئوغلۇ Ahmet Davutoğluئەھمەد داۋۇت ئوغلۇ Ahmet Davutoğlu

شۇ ۋاقىتتىكى باش مىنىستىر: رەجەب تاييىب ئەردوغان؛

ئالدىنقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: ئەلى باباجان؛

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1959-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى؛

يۇرتى: تۈركىيە، كونيا؛

تەۋە پارتىيسى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى؛

پۈتتۈرگەن مەكتەپ: بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرسىتىتى؛

كەسپى: ئاكادېمىك، دىپلومات، سىياسەتچى؛

دىنى: ئىسلام دىنى، سۈننىي مەزھىبى؛

 

ئەھمەد داۋۇت ئوغلۇ 1959-يىلى 26-فېۋرال كونيانىڭ تاشكەنتتە تۇغۇلغان، تۈرك سىياسەتچىسى، خەلقئارالىق مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسى، ئاكادېمىك ۋە باش ئەلچى. ئەھمەد داۋۇت ئوغلۇ 2009-يىلى 1-مايدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى سىرتىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەندى. تۈركىينىڭ 58، 59 ۋە 60-قېتىملىق ھۆكۈمەتلەر دەۋرىدە باش مىنىستىر رەجەب تاييىب ئەردوغانغا مىنىستىرلىك ھەم جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلگە تاشقى دىپلوماتىيە باش مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، كېيىن كونيا خەلق ۋەكىلى بولۇپ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە كىرگەن1959-يىلى كونيانىڭ تاشكەنت ناھىيەسىدە تۇغۇلغان ئەھمەد داۋۇت ئوغلۇ ئىستانبۇل ئوغۇللار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1983-1984 يىلى ئوقۇش يىلىدا بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئىقتىساد ۋە سىياسەت بىلىمى ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنى پۈتتۈردى. يەنە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ "سىياسەت بىلمى ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر" بۆلۈمىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇدى. 1990-يىلى مالايسىيە خەلقئارالىق ئىسلام ئۇنىۋېرسىتىتىدا ياردەمچى دوتسېنت  بولۇپ خىزمەت قىلدى ۋە ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ سىياسەت بىلىمى بۆلۈمىنى قۇردى ۋە 1993-يىلىغا قەدەر بۇ بۆلۈمنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. 1993-يىلى دوتسېنت بولدى ۋە 1995-1999 يىللىرى ئارىسىدا مەرمەرە ئۇنىۋېرسىتىتى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلدى. 1998-2002  يىللىرىدا قۇراللىق ئارمىيە ئاكادېمىيسى ۋە جەڭ ئاكادېمىيسىدە تەكلىپلىك مائارىپ ئەزاسى بولۇپ دەرس ئۆگەتتى. 1999-2004 يىللىرى ئارىسىدا پروفىسسور بولدى ۋە بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتىتدا ئۇنىۋېرستىت رەھبەرلىك ھەيئىتى ئەزاسى، ئالىي كومىتىت ئەزاسى،  خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى باشلىقى، مەرمەرە ئۇنىۋېرستىتى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىدە تەكلىپلىك مائارىپ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.   

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇت ئوغلۇتۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇت ئوغلۇ

ئەھمەد داۋۇت ئوغلۇ شۇ مەزگىلنىڭ جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەھمەد نەجدەت دەۋرىنىڭ باش مىنىستىرى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ 2003-يىلى 17-يانۋار بىرلىكتە ئالغان قارار ۋە 18-يانۋار رەسمىي ھالدا گېزىتلەردە تارقاتقان قارارلار بىلەن ئۇنىڭغا باش ئەلچىلىك ئۇنىۋانى بېرىلدى. داۋۇت ئوغلۇ پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى ئۇرۇشقا ھەل قىلىش لاھىيەسى بېرىش ئۈچۈن تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزگەن دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنىڭ بېشىدا تۇرغان رەھبەرلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ 2009-يىلى 1-مايدا باش مىنىستىر رەجەب تاييىب ئەردوغان تەرىپىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەندى. ئۇ ھازىرمۇ تۈركىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەھمەد داۋۇت ئوغلۇنىڭ تاشقى سىياسەت ھەققىدە تۈرك ۋە ئېنگىلىز تىلىدا يازغان  نۇرغۇن ئەسەرلىرى بار بولۇپ،  بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ياپون، روس، ئەرەب، پورتىگال، فرانسوز قاتارلىق تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. ئائىلىلىك ۋە تۆت بالىنىڭ دادىسى بولغان ئەھمەد داۋۇت ئوغلۇ ئېنگىلىز، گېرمان ۋە ئەرەب تىللىرىنى بىلىدۇ.


 (جان پولات)


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 20

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 2050 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-04