تۈرگۈن ئىبراھىم


    تۈرگۈن ئىبراھىم 




تۈرگۈن ئىبراھىمتۈرگۈن ئىبراھىم


     تۈرگۈن ئىبراھىم 1958-يىلى8-ئايدا بېيجىڭدا تۇغۇلغان. پروفېسسور، دوكتۇر يىتەكچىسى. 1983يىلى شنجاڭ ئۇنۋىرسىتى ماتېماتىكا فاكۇلتىتى ماتېماتىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1987-يىلدىن1988-يىلغىچە شاڭخەي قاتناش ئۇنۋىرسىتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1991- يىلدىن 1992-يىلغىچە پېتىربۇرگ ئېلكتىرون تېخنىكسى ئۇنۋېرسىتىدا بىلىم ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. 1988-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەرىپىدىن ئەلا نەتىجە بىلەن دۆلەتكە قايتقان. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى ماتېماتىكا فاكۇلتىتى كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتال كافىدىراسنڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كومپىيۇتېر ئىلمى فاكۇلتىتىنىڭ مۇئاۋىن فاكۇلتىت مۇدىرى ھەمدە ئىلمىي تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولغان. ھازىر شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى ھېساپلاش مەركىزىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن مۇدىرى ھەمدە ئۇچۇر پەن- تېخنىكىسى ئىلمىي ئىنىستۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (باشقارما دەرىجىلىك )مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەر كومپىيۇتېر ئوقۇتۇش يېتەكچى ھەيئىتىنىڭ ئىجتىمائىي پەن كەسپى ھەيئەت ئەزاسى. مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر كومپىيۇتېر ئاساسي ئوقۇتۇش تەتقىقات يىغىنىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ كومپىيۇتېر مائارىپ تەتقىقات يىغىنىنىڭ دائىمىي ئىشلار كېڭەش ئەزاسى، خەنزۇچە ئۇچۇر ۋە ئۇچۇر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر كەسپى ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. جۇڭگو خەنزۇچە ئۇچۇر ۋە ئۇچۇر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى)، (<<خەنزۇچە ئۇچۇر ئىلمىي>> ژۇرنىلىنىڭ تۈزۈش ھەيئىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 9 ،10-قېتىملىق سىياسى مەسلەھەت كېڭەش ئەزاسى. شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق 9-قېتىملىق سىياسىي مەسلەھەت كېڭەش ئەزاسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 10-قېتىملىق سىياسىي مەسلەھەت كېڭىشىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان. ئاساسلىق كۆپ خىل ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى، كومپىيۇتېر ئاممىۋى ئوقۇتۇش ئىشلىرى تەرەپلەردىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇلىنىدۇ.

     80-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇچۇر-يېزىق بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى ۋە كومپىيۇتېر ئاساسىي مائارىپ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلدى. ئۇدا ئۈچ تۈرلۈك دۆلەت پەن-تېخنىكا پىلانى<<863 تېمىسى>>غا قاتناشقان ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپلىگەن پەن-تېخنىكا  ھۇجۇم قىلىش تۇرلىرىگە قاتناشقان .ئىلگىرى پەن -تىخنىكا مىنىستىرلىكى ئاساسي تەتقىقاتىنىڭ دەسلەپكى ئالاھىدە تەتقىقات تۇرىدىن بىر،دۆلەت تەبئى پەن مەبلەغ تۇرىدىن بىر،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پەن-تىخنىكا ئۆتكۈزگەن ھۇجۇم قىلىش تۈرىدىن بىرگە رىياسەتچىلىك قىلغان. نۆۋەتتە دۆلەت تەبئىي پەن مەبلەغ تۈرىدىن بىر، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا ئۆتكۈزگەن ھۇجۇم قىلىش تۈرىدىن بىرگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ.

تەتقىقات تۈرىگە ئىشلەۋاتقان تۈرگۈن ئىبراھىمتەتقىقات تۈرىگە ئىشلەۋاتقان تۈرگۈن ئىبراھىم



    ئاساسلىق نەتىجىلىرىدىن <<ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئاۋاز، رەسىم، يىزىق بىرلەشتۈرىلگەن ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش سېتىمىسى>>. <<ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئاۋاز، رەسىم، يىزىق بىرلەشتۈرىلگەن ئۇچۇر باشقۇرۇش مۇھىتى بىلەن قولىنىشچان سېستىمىسىى >>نى بارلىققا كەلتۈرگەن . بۇ تېمىلار 1998-يىلى 8-ئايدا مەملىكەتلىك 11-قېتىملىق كەشپىيات پاتنىت كۆرگەزمە يىغىنىدا <<كەشپىيات پاتنىت كۆمۈش مېدالى>>، <<ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار پەن-تېخنىكا نەتىجسى ئالتۇن لوڭقىسى>>، مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1999-يىل ئاپتونوم رايون بويىچە پەن-تېخنىكا ئىلگىرى سۇرۈش 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2001-يىلى مەملىكەت بويىچە پەن-تېخنىكا ئىلگىرى سۇرۈش 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2008يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە پەن-تېخنىكا ئىلگىرى سۇرۈش 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كۆپ يىللىق ئوقو-ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتى جەريانىدا مىللىي تىل-يېزىقنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشتىكى كۆپ ئۆتكەللىك تېخنىكىدىكى قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ھازىرغا قەدەر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئەنگە ئېلىنغان يۇمشاق دېتال ئاتۇرلۇق ھوقوقىدىن 9 دانە بار.ئۇچ يۇرۇش خەنزۇچە يىزىقتىكى كومپىيۇتېر ئاساسىي ئوقو-ئوقوتۇش ماتىريالىنى تۇزۇشكە قاتناشقان.بەش يۈرۈش ئۇيغۇر يېزىقتىكى كومپىيۇتېر ئاساسىي ئوقو-ئوقۇتۇش ماتىريالىنى تۇزۇشكە قاتناشقان ھەم تۇزۇپ چىقىشقا رەھپەرلىك قىلغان. چېگرا رايونلارنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا زور مۇۋاپىقىيەتلەرنى قوشقان. يېقىنقى بەش يىلدا ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرىدىن كۆپ تىللىق-كۆپ ۋاستە تېخنىكىسىدىكى ئېلىكتىرونلۇق لۇغەت سىستېمىسى ۋە بىلىقۇت ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئېلىكتىرونلۇق لۇغىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە پەن-تېخنىكىنى ئىلگىرى سۇرۈش 2-دەرىجىلىك قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

     ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى) كومپيۇتېر ساھەسىدە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە كونا يېزىققا يانداش قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان لاتىن ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن يېزىق بولۇپ، 2001- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تۈرگۈن ئىبراھىم، ئىبراھىم مۇتىھى، ھوشۇر ئىسلام، مىرسۇلتان ئوسمان، مۇھەببەت قاسىم، ئىمىن تۇرسۇن، ئابلىز ياقۇپ، خەمىت زاكىر، ئارسلان ئابدۇللا  قاتارلىق ئالىم، تىلشۇناس، دوكتور ۋە پروفېسسورلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 5 قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق 2000-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن 15 خىلدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان لاھىيىنى ئەستائىدىل مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 2001-يىل 3-ئىيۇل كۈنى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن لاھىيە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە تىل-يېزىق كومېتېتىگە يوللانغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سابىق رەئىس ئابلەت ئابدۇرىشىتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شۇ يىلى باھاردا «ئۇيغۇر ئىسىم - فامىلىسى ۋە UKY توغرىسىدا مەخسۇس پىكىر ئاڭلاش يىغىنى» چاقىرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر ئىسىم - فامىلىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شۇنداقلا UKY نىڭ ئاممىۋىي ئاساسىنى پۇختىلاش، ئۇندىن كېيىن شارائىت پىششىپ يېتىلگەندە قايتا مۇزاكىرە قىلىش قارارىغا كەلگەن. يۇقارقىلار تۈرگۈن مۇئەللىمنىڭ كومپىيۇتېر ساھەسىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرنىڭ ئاز بىر قىسمى. تۈرگۈن مۇئەللىم پەن-تەتقىقات جەھەتتە يۇقارقىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپلا قالماي ئوقۇتۇش جەھەتتە ئۇستاز.

بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر كومپىيۇتېر يېزىقى ئېلىپبەسىبىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر كومپىيۇتېر يېزىقى ئېلىپبەسى







مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 415 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-07