ھوشۇر ئىسلام

 

    ھوشۇر ئىسلام



     

ھوشۇر ئىسلام 
ھوشۇر ئىسلام

     پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام 1942-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان. دۆلەت دەرىجىلىك تۆھپىكار مۇتەخەسسىس، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاھىدە تۆھپە قوشقان مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى. ئاساسلىقى كومپيۇتېردا كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.

     ھوشۇر ئىسلام غۇلجا شەھىرى چاپچال ناھىيىسى جاغىستاي يېزىسىدا تۇغۇلغان. بۇ قەدىمى يۇرت چاپچال ناھىيىسى ئىلى دەرياسى بىلەن تەڭرىتاغ تىزمىلىرى ئارىلىقىدىكى 40~50 كىلومېتىرچە يانتۇ تەكشىلىككە، تاغ باغرى ئېتىكىدىكى يېشىل ۋادىغا جايلاشقان بولۇپ، يىراق تارىختىن قالغان، سۈكۈتتە تۇرغان يادنامىدەك تەسىر بېرەتتى. ھەيران قالغىنىم ئاز ئۇچرايدىغان ئۈچ خىل يايلاق ئېكولوگىيىسى، تەبىئى ئەۋزەللىك شۇ ئارىلىقتا تېپىلىدىكەن.

     ئۇ ئەنە شۇ گۈزەل ۋادىنىڭ ئەركىن قۇشىدەك ئارزۇ-ئارماننى بويلاپ، « پەلەك چاقى» دېگەندەك بىراقلا يىراقلارغا پەرۋاز قىلىپ، ئىلى پېداگوگىكا مەكتىپى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدا فىزىكا كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، 22 يېشىدا قەشقەرپېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا كېلىپ نەق 17 يىل ئىشلەپ، ياشلىقتىن قىرانلىق دەۋرىگە قەدەم باسقان تەقدىرىي قىسمەتنى تۇيمايلا قالدى. ئۇ 1981-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كېلىپلا يېڭى شارائىتقا غەرق بولۇپ، بىر قاتار كەسپىي، مەمۇرىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلەشكە باشلىدى. بولۇپمۇتەتقىقات، ئوقۇتۇش مەسئۇلىيەت جاۋابكارلىقى ئېغىر خىزمەت بولغاچقا، باشتىن-ئاخىركۈچلۈك بېسىم، ئەندىشە، تەقەززالىق ئىچىدە ياشىدى. ئەلۋەتتە نەتىجىلەردىن ئۇلا ئەمەس، خەلقىمىز خۇش بولدى. ئۇ خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق، نەتىجىلىك راۋاجى ئۈچۈن، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئىلمىي پوزىتسىيىدە بىر قانچە مۇلازىمەت ئامىلىنى توغرا ھەل قىلىپ ماڭالىدى.



قېتىرقىنىپ ئىزدىنىۋاتقان ھوشۇر ئىسلام  قېتىرقىنىپ ئىزدىنىۋاتقان ھوشۇر ئىسلام

  تەتقىقات مەزمۇنى تېمىدىن تېمىغا، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە، رايون سەۋىيىسىدن دۆلەت، خەلقئاراغا يۆتكەلگەندە ئەلۋەتتە مۇناسىپ ئىزدىنىش، ئۇسۇل،سەۋىيە، تەپەككۇر ئالدىن يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىدى. بەزى زىددىيەت-خىرىسلىق ئىشلارنى ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىنى باشقىلارنى ئاياپ پىنھان تۇتۇپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلىدى.


   ھوشۇر ئىسلام شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر ئاسپىرانت يېتەكچىسى. مەركىزىي كومپارتىيە تەشكىلات بۆلۈمى باشقۇرۇشىدىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس ۋە ش ئۇ ئا ر رايونلۇق ئالاھىدە دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ( 500 مىڭ يۈەن ) ئېرىشكەن بىردىنبىر ئازسانلىق مىللەت ئالىمى. ئۈچ قېتىم جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېميىسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە كۆرسىتىلگەن نامزات. دۆلەتلىك ئالاھىدە تۆھپىكار مۇتەخەسىس، دۆلەتلىك ئىلغار خىزمەتچى، ئاپتونۇم رايونلۇق مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس(ئۈچ نۆۋەت)، دۆلەتلىك 10 مۇنەۋۋەر مۇھاجىر خادىمىنىڭ بىرى. ئاپتونۇم رايونلۇق مۇتەخەسىسلەر مەسلىھەتچىلەر كومىتىتى ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق ئىلمىي ئۈنۋان كومىتىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك  ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق كومپىيۇتېر، ئۇچۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەم مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك «211 قۇرۇلۇشى »، «شىنجاڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى ھەم ئالاقە ئىلمى» نۇقتىلىق پەن قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىسى، دوكتۇر ۋە دوكتۇر ئاشتى تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى، 4 خىل كومپىيۇتېر ئۇچۇر ماگىستىرلىق تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ھەم كۆپ  خىل تىل –يېزىقلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇ 50 تىن ئارتۇق ئاسپىرانت ۋە ياش تايانچنى تەربىيىلىگەن. خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك ژۇرناللاردا 70 تىن ئارتۇق ماقالە ئېلان قىلغان. ئىككى قېتىم خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك يىغىنلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان، 15 قېتىمدىن كۆپرەك خەلقئارالىق يىغىنلاردا ماقالە ئوقۇغان. 10 پارچە ئالىي مەكتەپ دەرىسلىكى يازغان. 10 مىڭدىن ئارتۇق كومپىيۇتېر –ئېلىكترون سۆزلۈكلىرىنىڭ ئۆلچەملىك ئاتالغۇسىنى بېكىتىپ چىققان. بۇلار ھەرقايسى ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ .

     

تەتقىقات تۈرىدىكى بىر قىسىم خىزمەتداشلارتەتقىقات تۈرىدىكى بىر قىسىم خىزمەتداشلار

     ھوشۇرئىسلام دۆلەتنىڭ «863» پىلانىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر تەتقىقات تۈرى (جەمئىي 6 قارار)گە، دۆلەتنىڭ تەبىئىي پەنلەر تەتقىقات فوندى تۈرى، 7-بەش يىللىق، 8-بەش يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تۈرى قاتارلىق 15 تۈرلۈك پەن تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 6 تۈر خەلقئارا ئىلغار سەۋىيىگە يەتكەن، تۆت تۈر دۆلىتىمىزدىكى ئىجادىيەت بولۇپ باھالانغان. بىر تۈردە دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بىر تۈردە3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛  3 تۈردە ئاپتونوم رايوننىڭ پەن-تېخنىكاتەرەققىياتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. دۆلەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردە 60 نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلغان. 7 پارچە دەرسلىك تۈزگەن ۋە تەرجىمە قىلغان. ھازىر جۇڭگو يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، شىنجاڭ كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى، شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى.    

     2011يىللىق ئاكادىمىيە ئاكادىمىكلىرىنى سايلاش يىغىنى ئۇنىۋېرستىتىنىڭ پراففىسورى ھوشۇر ئىسلام جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادىمىيىسى ئۇچۇر ۋە ئېلىكترونلۇق تېخنىكا پەنلىرى بويىچە ئاكادىمىك بولۇپ سايلاندى. ھوشۇر ئىسلام شىنجاڭ ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئۆزىدە يېتىشكەن تۇنجى ئاكادىمىك بولۇپ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ چىققان ئاكادىمىك ھېساپلىنىدۇ.

     ئۇزۇندىن بۇيان كۆپ خىل تىلدا ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتقان،كومپىيوتىرغا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈشكە زور تۆھپە قوشقان كىشى ئۇ ئازسانلىق مىللەتلەر ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ساھەسىنى ئاچقان. ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى كۆپ خىل يېزىقلىق dos2.0 دىن dos6.0گىچە، windows3.1/95/98/2000/xp تۈرىدىكى ھەرخىل مەشغۇلات سىستېمىلىرى ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ چىققان. ئوخشىمىغان يۆنىلىشتىكى، ئوخشاشمىغان كەڭلىكتىكى كۆپ خىل يېزىقلارنى قوش يۆنىلىشتە ئارىلاشما بىر تەرەپ قىلىشنى ھەل قىلغان.
  ئۇ تۇنجى بولۇپ تەتقىق قىلىپ چىققان ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە چاقىرغۇ ۋە يانفونلار شىنجاڭدا تورلاشتى. ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆلچەملىك توچكىلىق ھەرپ ئامبىرىنى قۇرۇپ، ۋېكتورلۇق ھەرپ، ئۈچ ئۆلچەملىك ئەگرى سىزىقلىق ھەرپ دەرىجىسىگە كۆتۈردى. مېخانىك خەت بېسىش، مىخ مەتبەئە ساھەسىنىڭ ئېلىكترونلۇق ماشىنا،ئاپتوماتلىشىش دەۋرىگە كىرىشىگە زور تۆھپە قوشتى.


ھوشۇر ئىسلام ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت بىلەن سۆھبەتتەھوشۇر ئىسلام ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت بىلەن سۆھبەتتە

    دۆلەت ئىچى-سىرتىدا altay تىل سىستېمىسىدا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇش سىستېمىسىنى ئىشلەپ چىقتى. ئۇنىڭ 40 مىڭغا يېقىن سۆزلۈكنى تونۇش ئىقتىدارى %95 كە يەتتى. مۇئاۋىن زۇڭلى بۇ سىستېمىنى كۆرۈپ يۇقىرى باھا بەردى. ھوشۇر ئىسلام 10 نەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە يېزىق ئۇچۇرلىرىنىڭ خەلقئارالىق ۋە دۆلەتلىك ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە ئۇنى unicode غا كىرگۈزۈپ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپە ياراتتى.ھازىر يېڭى يېزىقنى ۋە كونا ئۇيغۇر يېزىقى (orkhun) نى خەلقئارالىق ئۆلچەمگە كىرگۈزۈشكە كۈچەۋاتىدۇ. ئۇ تورلاشتۇرۇشتىكى«كۆرۈش، مۇلازىمەتچى، مەلۇمات ئامبىرى»دىن ئىبارەت ئۈچ قەۋەتلىك سىستېما قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.
  ھوشۇر ئىسلام ۋە ئۇنىڭ شاگىرىتلىرى، خىزمەتداشلىرى 20 نەچچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكى نەتىجسىدە، شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلەر ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى كۆپ مۇھىتلاشتۇرۇش، تورلاشتۇرۇشنى يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈردى.
  ئەمەلىي قوللنىلىدىغان سىستېمىلار: كۆپ خىل يېزىق « شىڭ خەن » ۋە «بوغدا » مەتبەئە سىستېمىسى، ئازسانلىق مىللەت ئۇچۇر ئامبىرىنى ئاپتوماتىك شەكىللەندۈرۈش سىستېمىسى، ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇش-سىتېزلاش سىستېمىسى، « ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېرلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى»، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە چاقىرغۇ، ئىنگىلىزچە-خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە ئىلىكترونلۇق لۇغەت، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى «863» ۋە «سەردار » توربېكەتلىرى، « دەن چىن » ماركىلىق ئۇيغۇرچە –خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە ئېلىكترونلۇق كۇتۇپخانا، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە يانفۇن (ئۈچ خىل )، رادىئو ئىستانسىسى ھۆججەت تورسىستېمىسى، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئېلىكترونلۇق ھۆججەتلىرىنى يوللاش، قوبۇللاش سىستېمىسى، ئۇيغۇرچە ئىشخانا، ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئىمتىھان ئېلىش سىستېمىسى، ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، روسچە linux مەشغۇلات سىستېمىسى قاتارلىقلار.






ھوشۇر ئىسلامھوشۇر ئىسلام

     ھازىر كومپىيۇتېر كۆپ خىل يېزىقلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى ھەم نەزەرىيىسى ساھەسىدە مەملىكەتلىك ھەم ئاپتونۇم رايونلۇق سەككىز نۇقتىلىق تەتقىقات تېمىسىنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىياغا يۈزلەندۈرۈش تەتقىقاتىدىن ئىككىنى ئىشلىمەكتە. ئۇ يېتەكلىگەن ستۇدېنىتلارنىڭ كەشپىياتلىرىمۇ ئالاھىدە نەتىجىلىك بولماقتا. 6-نۆۋەتلىك «غالىبلار لوڭقىسى » مەملىكەتلىك سىتۇدېنىتلار ئىلىم-پەن، تېخنىكا ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىگە 322 ئالىي مەكتەپتىن 1049 ئەسەر (شىنجاڭدىن11) قاتناشتۇرۇلغانىدى. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى 7-لىككە ( مەملىكەت ئىچىدە چىڭخۇادىن قالسىلا 2-لىككە )ئېرىشكەن. ھوشۇر ئىسلام «مۇنەۋۋەر باغۋەن»مۇكاپاتىغا ۋە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى «رىغبەتلەندۈرۈش»، «تەشكىللەش» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ مۇسابىقە دەرىستىن سىرتقى پائالىيەت بولغاچقا بەزى چەكلىمىلەرگە ئۇچرىسىمۇ، ئەمما ئەركىن ئىشلەش ھەم بازار ئىگىلىكىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەقىقىي قەھرىماننى، ئىقتىدارلىقلارنى سىنايدىغان جەڭگاھتەك رول ئوينايدۇ. بۇ مەنىدىن قارىساق نەتىجىنىڭ قىممىتى يەنىمۇ ئاشىدۇ. مانا بۇ نەتىنجىلەرنىمۇ پروفېسسورنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ۋە ئەجرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئېلىپبەسىئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئېلىپبەسى



  ھوشۇر ئىسلامنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ شۇنداق يۇقىرى باھالارغا ئېرىشىپ، دۆلەت ۋە خەلقئارالىق ئىلىم-پەن مۇنبىرى ۋە ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلۇشى ئۇنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى، تېخنىكىلىق قىممىتى ۋە نەزەرىيىۋى سەۋىيىدە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئۇ مەملىكەتلىك ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان مۇتەخەسسىس، غەربىي شىمالنى ئېچىشتا تۆھپىسى ئالاھىدە مۇتەخەسسىس، پارتىيە مەركىزىي كومىتىتى تەشكىلات بۆلۈمى ئالاقىلىشىدىغان، يەنە ئاپتونۇم رايونىمىزدا «پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئالاھىدە مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن بىردىنبىر ئازسانلىق مىللەت مۇتەخەسسىس. گوۋۇيۈەن فوندىدىن بەھرىمەن بولغۇچى مۇتەخەسسىس، دۆلەتلىك 10 مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس قاتارلىق ھەرخىل كەسپىي مۇكاپات، يۇقىرى شەرەپ، ئىنئام ۋە مەمۇرىي خىزمەت ئورۇنلىرىغا مۇيەسسەر بولالىغان. فاكۇلتىت مۇدىرى ۋە باشقا بىر قاتار مەمۇرىي، ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنىمۇ بىللە ئىشلىگەن.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 26

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1609 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 9قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-14