مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى «م د ب » دىيىلىدۇ. ئۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ ساندىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن دۆلەتلەر بىرلەشمىسى تەشكىلاتى بولسىمۇ ، لېكىن بىر دۆلەت ئەمەس. 1991- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى
روسىيە،
بىلوروسىيە ۋە ئۇكرائىنادىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت رەھبىرى
بىلوروسىيە پايتەختى مىنسكىنىڭ ئەتراپىدىكى بېلوۋېژسكايادا ئالدى بىلەن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ « مەۋجۈتلۇقتىن قالغانلىقى » نى جاكارلىدى . باشقا ئىتتپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرمۇ بۇ كېلىشمىگە تېزلا ئاۋاز قوشتى . 12- ئاينىڭ 21- كۈنى ،
روسىيە، ئۇكرائىنا ،
بېلوروسىيە ،
قازاقستان ،
ئۆزبېكستان ،
قىرغىزىستان ،
تاجىكستان ، تۈركمەنىستان ،
ئارمېنىيە ،
ئازەربەيجان ، مولداۋادىن ئىبارەت 11 جۇمھۇرىيەتنىڭ رەھبىرى
قازاقىستان پايتەخىتى ئالمۇتادا كېلىشىمنامە ئىمزالاپ ، 11 دۆلەتنىڭ « باراۋەرلىك پىرىنسىپى ئاساسىدا ، كېلىشىم تۈزگەن تەرەپلەردىن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى تەشكىل قىلغانلىقى » نى جاكارلىدى. 1993- يىل 12- ئايدا ،
گىروزىيە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا بولدى . شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتتىن بالتىق دېڭىز بويىدىكى لىتۋا،
ئېستونىيە ۋە لاتۋىيدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتتىن باشقىلىرى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا بولدى .