قارلۇق شىركىتى


قارلۇق مىدىئا پەن-تېخنىكا شىركىتى تۇغىقارلۇق مېدىئا پەن-تېخنىكا شىركىتى تۇغى



شىركەت نامى: قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

تىجارەت دائىرىسى:  يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى، جانلاندۇرۇم، ئىنتېرنېت،ICT ... 

قانۇنىي ۋەكىلى: پەخرىدىن شېرىپ (قارلۇق)

تىزىملاتقان كاپىتال: 20 مىليۇن خەلق پۇلى

خادىملارسانى: 258 نەپەر

كۆلىمى: 3800 كۋدىرات مېتىر

باش شىركەت ئورنى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى شامالباغ (يەنئەن) يولى 4- نومۇر 3-،4- قەۋەت


乌鲁木齐

شىركەت تارماقلىرى: 

قارلۇق ئالما تەتقىقات تەجرىبىخانىسى

شاڭخەي قارلۇق يۇمشاق دېتال شىركىتى

شىنجاڭ قارلۇق كومپيۇتېر كەسپلىرى تەربىيىلەش مەكتىپى


شىنجاڭ قارلۇق مېدىيا-پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2008-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان. ئاساسلىق ئېنتىرەكتىۋ يۇمشاق دېتال ياساش، جانلاندۇرۇم، مېدىيا مەھسۇلاتلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.قارلۇق شىركىتى يۇقىرى تېخنىكا سەۋىيىسىگە ئىگە مېدىيا تېخنىكا شىركىتى بولۇپ، شىركەتنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بىر قىسىم جانلاندۇرۇم، يۇمشاق دېتال ۋە ئويۇنلىرى بار. شىركەت ھازىرغا قەدەر 26 قوللىنىش يۇمشاق دېتال، 57 جانلاندۇرۇم، 500 دىن ئارتۇق 3D مودىل، 5000 پارچىدىن كۆپرەك رەقەملىك سۈرەتلەرنىڭ ئەقلىي-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشتى. 360 گىرادۇسلۇق تەسۋىر بىرىكتۈرۈش تېخنىكىسى، ئۈچ ئۆلچەملىك فىلىم ئىشلەش، ئۈچ ئۆلچەملىك ئىنتىرەكتىۋ يۇمشاق دېتال ياساش شىركەتنىڭ يادرولۇق تېخنىكىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قارلۇق شىركىتى ئامېرىكا ئ‍الما شىركىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىنبىر يۇمشاق دېتال تەتقىقات تەجىرىبخانىسىدۇر. شىركەتنىڭ "خاتىرەم"، "ئېلىپبە"، "ئوكيان خەۋەرلىرى"، "سالام ئەلى"،"دەستەرپىچ"،"لۇغەت" تىن ئىبارەت كۆچمە يۇمشاق دېتاللىرى تاماملىنىپ، جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. شىركەتتە سەككىز بۆلۈم، 258 خادىم بار. شىركەتتىكى خادىملار قوشۇنى قاتتىق تاللاشتىن ئۆتكەن، تەجرىبىلىك، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلاردۇر. شىركەت ئىجادىيەت، سەنئەت ۋە مېدىيا تەتقىقات ئىشلىرىدا  ئاپتونوم رايونىمىزدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە.

قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ھەققىدە خاتىرە فىلىم:

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 72

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 3013 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 5قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-07-01