تاتاتوڭا

ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ 13 - ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻮﻝ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ موﯕﻐﯘﻝ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻫﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺯﺍﺗﺘﯘﺭ .
«ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ» 124 - ﺟﯩﻠﺪ « ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ» ﺩﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻼ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﺪﯨﻦ ئىشتىياق ﺑﺎﻏﻼﭖ، ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ موﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ . «توڭا» ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ« ﺑﺎﺗﯘﺭ ، ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯜﭼﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ، ﻣﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﯩﻠﻰ ﺗﺎﻳﺎﻧﺨﺎﻥ ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎﻧﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻣﯚﻫﯜﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺗﺎﻳﺎﻧﺨﺎﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺰﺯﻩﺗﻠﯩﮕﻪﻥ، ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ «ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ» «ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ» ﺩﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺑﺎﺭ : « ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺩﯗﺭ، ﺋﺎﻗﯩﻞ، ﻧﺎﺗﯩﻖ، ﺋﯚﺯ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ، ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﺧﺎﻧﻰ ﺗﺎﻳﺎﻥ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﭖ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻣﯚﻫﯜﺭ ﯞﻩ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ، ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﺒﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ». 
ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ موﯕﻐﯘﻝ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﺧﺎﻗﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ ﻣﯚﻫﯜﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ قېچىپ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ : « ﺗﺎﻳﺎﻧﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﻰ، ﯞﻩﺗﯩﻨﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﺳﯩﺰ ﺗﺎﻣﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ؟» ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ : «ﻣﯚﻫﯜﺭﻧﻰ ﺋﯚلگۈچە ﺳﺎﻗﻼﺵ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻢ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﻤﻪﻥ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻫﻪﻗﻘﯩﻢ ﻳﻮﻕ ! » ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍب ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎﻧﯩﯔ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻣﯚﻫﯜﺭﮔﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ : « ﺗﺎﻣﻐﯩﻨﻰ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ ؟ » ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ. ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ : « ﭘﯘﻝ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯩﺮﯨﻢ - ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﻫﻪﻡ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﭘﯜﺗﯜﻛﻜﻪ ﻣﯚﻫﯜﺭ ﺑﺎﺳﻤﺎﻱ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ » ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍب ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎﻧﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﯩﮕﻪ، ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭﮔﺎﻫﺘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﻳﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﻣﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ ﺋﺎﯞﯞﺍﻟﻘﯩﺪﻩﻛﻼ ﺗﺎﻣﻐﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎﺩﯨﻦ : « ﺳﯩﺰ ﺋﯧﻠﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ ؟ » ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ : «ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ» ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍب ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎﻏﺎ موﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﻫﺰﺍﺩﻩ، ﺑﻪﮔﺰﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘ موﯕﻐﯘﻝ ﺷﺎﻫﺰﺍﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﻪﮔﺰﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ، موﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﭖ، موﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻳﯧﺰﯨﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻫﻪﺗﺘﺎ موﯕﻐﯘﻝ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﻠﯘﻕ ﯞﻩﺯﯨﺮ - ﯞﯗﺯﺭﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ « ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﻪﺭ» ﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ ﺧﺎﻧﺒﺎﻟﯩﻘﺘﺎ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﯩﯔ ﻫﯚﺟﺠﻪﺕ-ﻳﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ، ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺋﻪﻫﻠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺶ، ﻣﯚﻫﯜﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ .
ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ موﯕﻐﯘﻝ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﺶ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ موﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪﯛﺭﯛﺵ، موﯕﻐﯘﻝ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﺵ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚﻫﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻧﺎﻣﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻳﯧﺰﯨﻘﺸﯘﻧﺎﺱ ﯞﻩ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﻛﺘﯘﺭ . ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯚﻫﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﯞﻩ موﯕﻐﯘﻝ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﺴﺘﯘﺭ.(ئۆمەرجان سىدىق)

موڭغۇللار دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم يېزىق ئىشلەتكەن . بۇ يېزىق دەل «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى» ئىدى . «جۇڭگو بۈيۈك ئىنسىكلوپېدىيىسى، جوڭگو تارىخى» تومىدا مۇنداق يازغان : «ئۇيغۇرلار ناھايتى بۇرۇنلا ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىنى ئىشلەتكەن . ئۇيغۇر زىيالىلىرى دائىم باشقا مىللەت ھۆكۈمدارلىرى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىتىلگەن . مەسىلەن: تاتاتۇڭا(塔塔统阿) نايمان خانى تاياڭخان (كۈنخان) تەرىپىدىن ئۇستازلىققا تەكلىپ قىلىنىپ ، ئاقچا ۋە ئاشلىق كىرىم-چىقىم قىلغاندا مۆھۈرىنى باسقان . كېيىن چىڭگىزخاننىڭ يارلىقىغا بىنائەن شاھزادىلەرنى تەربىيەلەش ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان .» 

موڭغۇللارغا يېزىقنى ئەنە شۇ مەشھۇر سىياسىئون ، تىلشۇناس تاتاتوڭا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىپ بەرگەن . سڭوليەن (1310----1381) تەرىپىدىن يېزىلغان «يۈەننامە ، تاتاتوڭا تەزكىرىسى» دە بۇ ۋەقە تەپسىلىي خاتىرلەنگەن : مىلادىيە 1204-يىلى چىڭگىزخان ئالتاي ۋادىسىدا تۇرۇۋاتقان تايمانلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن نايمان خانى تاياڭخاننىڭ ئوردىسىدا مۆھۈردارلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىدىن بولغان تاتاتوڭانى تۇتۇۋالغان . تاتاتوڭا زېرەك ، سۆزمەن ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ يېزىقىغا ئۇستا بولغاچقا ، نايمان خانى ئۇنى ئۇستاز تۇتقان ھەمدە ئۇنىڭغا ئالتۇن تامغا تۇتۇش ، پۇل ، ئاشلىق باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغانىدى . چىڭگىزخان نايماننى مۇنقەرز قىلغاندا ، تاتاتوڭا تامغىنى ئېلىپ قاچقان . ئۇ تۇتۇۋېلىنغاندا ، چىڭگىزخان ئۇنىڭدىن :«تاياڭخاننىڭ پۇقرالىرى ھەم زېمىنى پۈتۈنلەي ماڭا مەنسۇپ بولدى . تامغىنى ئېلىپ نېمە قىلماقچىدىڭ » دەپ سورىغان . تاتاتۇڭا :«تاياڭخاننى تېپىپ بۇنى ئۆزىگە قايتۇرماقچىمەن ، باشقا غەرىزىم يوق » دەپ جاۋاب بەرگەن . چىڭگىزخان :«دىيانەتلىك ، ۋاپادار ئادەم ئىكەنسەن» دېگەن . ئاندىن : «تامغىنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟» دەپ سورىغان . ئۇ : «پۇل ۋە ئاشلىقنى چىقىم قىلغاندا ، كىشىلەرنى خىزمەتكە تەيىنلىگەندە ھەم باشقا ھەممە ئىشتا ئىناۋەت بەلگىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ » دەپ جاۋاب بەرگەن . تاتاتوڭا چىڭگىزخاننىڭ دىتىغا يېقىپ قالغان ھەم ئۇنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ قالغان . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن موڭغۇللاردا پەرمان ۋە يارلىقلارغا تامغا ئىشلىتىش باشلانغان . چىڭگىزخان تامغىنى يەنىلا تاتاتوڭاغا تۇتقۇزغان . چىڭگىزخان يەنە پەرمان چىقىرىپ تاتاتوڭانى شاھزادە-ۋاڭلارغا ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىتىشكە ، ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن موڭغۇل تىلىنى يېزىشقا بۇيرۇغان . 
مانا شۇنىڭدىن باشلاپ موڭغۇللار «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى» نى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت يېزىقى قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان . تاتاتوڭا دۇنيا يېزىق تارىخىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدى . ئۇنىڭ نامى ۋە تۆھپىسى كىتاب-نامىلەردە تەكرار-تەكرار تىلغا ئېلىنغان .

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 355 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-02-27