كۇمراجىۋا

   

                        كۇماراجىۋا



     
 

ئەپسانە رىۋايەتلەردىكى كۇماراجىۋانىڭ ئىزناسىئەپسانە رىۋايەتلەردىكى كۇماراجىۋانىڭ ئىزناسى


     كۇماراجىۋا مىلادى 344 – يىلى غەربىي يۇرتتىكى كۈسەن خانلىقىدا دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى كۇماراتان ھىندىستانلىق بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ھىندىستاننىڭ مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرىدىن بىرى ئىدى، ئانىسى جىۋا بولسا كۈسەن خانى ئاقارى پاكنىڭ سىڭلىسى ئىدى. مۇشۇنداق ئەۋزەل ئائىلىۋى مۇھىت ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان يىپەك يولىدىىكى مۇھىم تۈگۈن بولغان كۈسەننىڭ قويۇق مەدەنىي مۇھىتى ئۇنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئەتراپلىق تەربىيىلىنىش ئاساسىغا ئىگە قىلغان.


     كۇماراجىۋا توققۇز يېشىدا يەنى مىلادى 353 – يىلى ئانىسى جىۋا بىلەن شىمالىي ئەنەتكەك (شىمالىي ھىندىستان) كە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا بارغان. بۇ يەردە ئاتاقلىق بۇددا ئۆلىماسى پانتۇدادۇدىن ھىنايانا بۇددىزمى بويىچە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق سىستېمىلىق تەلىم ئالغان. ئۇ يەنە ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، تىبابەتچىلىك بىلىملىرىنىمۇ ئۆگەنگەن. 13 يېىشدا كۈسەنگە قايتقان ھەم 39 يېشىغىچە كۈسەندە ئىلمىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان. كۇماراجىۋا مىلادىيە 401 – يىلىدىن 413 – يىلىغىچە بولغان 12 يىلدا كېيىنكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ياۋ شىڭنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە ئاساسەن، چاڭئەندە دۆلەت ئۇستازى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇددا نوم – ئەھكاملىرىنى تەرجىمە – تەپسىر قىلىش ۋە شاگىرت تەربىيىلەش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان.  كۇماراجىۋانىڭ زادى قانچە جىلىدلىق بۇددا نوم – سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بار. زېڭ يۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، 32 پارچە، 300 جىلىد، فېڭ چاڭفانىڭ كۆرسىتىشىچە 98 پارچە، 425 جىلىد بۇددا نوم – سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلغان. 800 دىن كۆپرەك شاگىرت تەربىيىلىگەن. «ھەقىقىي ئالەم»، «كۇماراجىۋا تەلىم بايانلىرى»، «ھەقىقىي ھېكمەتكە بېرىلىش ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب»، «راھىب خۇي يۈەننىڭ 18 جەھەتلىك سوئالىغا جاۋاب» قاتارلىق ئىجادىي ئەسەرنىمۇ يازغان.  كۇماراجىۋانىڭ ئەڭ زور تۆھپىسى يەنىلا تەرجىمە ساھەسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئۇ «ۋىمالا كىرتى سۇتراسى»، «ساددا ھاراما پوندانىكا سۇتراسى» قاتارلىق تالاي مەشھۇت بۇددا ئەھكاملىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەنلا قالماي، يەنە غەربىي يۇرتنىڭ كۆپلىگەن نادىر تىبابەتچىلىك رىسالىلىرىنىمۇ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان، بۇنىڭدىن كۇماراجىۋانىڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ساھەسىدىنمۇ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ساھەگە ئىخلاس قىلىدىغانلىقىنىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

جۇڭگوچە بۇددىزىمجۇڭگوچە بۇددىزىم

     كۇماراجىۋانىڭ ئانىسى جىۋا خانىم يالغۇز بۇددا ئىلىم ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى شۇ دەۋرنىڭ تىبابەتچىلىك ساھەسىدىمۇ مەشھۇر بولغان تىۋىب ئىدى، تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، جىۋا خانىم «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرنى يازغانلىقى مەلۇم. بۇ ئەسەر ئىچكى بەش ئەزانىڭ نورمال خىزمىتى ۋە ئۇلارنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ داۋاسى، ھەر خىل دورىلارنىڭ نامى قاتارلىقلار تەپسىلىي يېزىلغان. بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تارىخىدىكى يېزىلغان ۋاقتى بىرقەدەر بۇرۇن، مەزمۇنى خېلى مۇكەممەل بولغان تىبابەتچىلىك رىسالىسى دېيىشكە بولىدۇ.  مىلادىيە 1902 - ۋە 1903 – يىللىرى گېرمانىيە ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىدىن ۋون. لىكوك ۋە ئالبىرىت. گرونېېدىللار تۇرپاندا ئېلىپ بارغان قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» نى قېزىۋالغان. بۇ ئىككى كىتابتىن تۈپلەنگەن قېلىن بىر دەپتەردىن ئىبارەت بولۇپ، دەپتەرنىڭ ئوڭ تەرىپى «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» دېگەن ئەسەر، تەتۈر تەرىپى «تىببىي رېتسىپلار جەۋھىرى» دېگەن ئەسەردىن تەشكىل تاپقان. «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىر توغرىىسىدا» دېگەن كىتاب كەڭلىكى 13.5 سانتىمېتىر ، ئۇزۇنلۇقى20 سانتىمېتىر چوڭلۇقىدىكى كىتاب بولۇپ، كەمتۈكلىشىپ كەتكەچكە، قانچە بەت كېلىدىغانلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمىغان. ھازىر ئۇ گېرمانيىدە ساقلانماقتا.


     كۇماراجىۋا ئانىسى جىۋا يازغان «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق خاس ئەسەرنى مىلادىيە 383 – يىلى ئەتراپىدا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا كۇماراجىۋا يەنە «جىۋا كاپوستا»، 33 جىلدلىق «غەربىي دىيار تىۋىبلىرى ئېيتىپ بەرگەن مۇھىم رېتسىپلار»، ئۈچ جىلىدلىق «غەربىي دىيار ئەۋلىيالىرىنىڭ مۇھىم رېتسىپلىرى»، تۆت جىلىدلىق «غەربىي دىياردىكى مەشھۇر تېۋىبلار توپلىغان مۇھىم رېتسىپلار»، تۆت جىلىدلىق «بۇتساتىۋا ناگار جۇنانىڭ دورا رېتسىپلىرى»، ئىككى جىلدلىق «بۇتساتۋا ناگار جۇنانىڭ ئىسىرىقلاش ئۇسۇللىرى» ۋە 2600 جىلدلىق «ھەريەرلەردىن توپلانغان رېتسىپلار» قاتارلىق تىبابەت رىسالىلىرىنى تەرجىمە قىلغان.  بۇلاردىن «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ۋە «جىۋا كاپوستا» دېگەن ئەسەرلەر دۇنخۇاڭدىكى مەخپىي نوم – پۈتۈكلەر ساقلانغان غاردايېقىنقى دەۋرلەرگىچە ساقلانغان. 19 – ئەسەرنىڭ باشلىرىدا چەت ئەل ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرى تەرىپىدىن گېرمانىيىگە ئېلىپ كېتىلگەن. ھازىر گېرمانىيىنىڭ بۇرس ماگىستىرلار ئىنستىتۇتى بىلەن لوندوندىكى ھىندىستانغا ئائىت ماتېرىياللار كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.  يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۇماراجىۋا غەربىي يۇرتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نادىر تېبابەتچىلىك رىسالىلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئوتتۇرا ئىقلىم رايونلىرىغا تونۇشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئىقلىم رايونلىرىنىڭ تىبابەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇش بىلەن بىللە يەنە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى دەۋرلەردىكى گۈللەنگەن تېبابەتچىلىك تارىخىنى مۇھىم تارىخي پاكىتلار بىلەن تەمىن ئەتتى.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 375 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-06