تاش ئاخۇنۇم

تاش ئاخۇنۇم(ئەسلى ئسمى ئابدۇرىشىت )ئەزىزى،ئاتۇش سۇنتاغ يىزا،ۋاق_ ۋاق كەنتىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق دىنى زات ئەزىز ئاخۇنۇم ئائىلىسىدە،1855_يىلى دۇنياغا كەلگەن.ئۇ ئائىلە تەربىيسىدىن كىيىن ئىپتىدائى بىلىمنى ئائىلىسىدىن ئالغان .كىيىن ئاتۇش مەشھەتتىكى كونا مەكتەپتە ئوقۇغان.
تاش ئاخۇنۇم كىچىگىدىن زىرەك ،كۆرگەنلا نەرسىگە قىزىقىپ سىرىنى بىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان ۋە ئۆگىنىدىغان ،تەدبىرچانلىغى كۈچلۈك بولۇپ يىتىلىدۇ .ئۇ ئوقۇش جەريانىدا ئويغۇر ،ئەرەپ ،پارىس تىلى يېزىقىنى پۇختا ئۆگەنگەندىن سىرىت ،ئەرەب تىلى _قۇرئان تەپسىرىنى پۇختا ئىگەللەيدۇ .
تاش ئاخۇنۇم ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ھەرقايسى سورۇنلاردا دىنى مۇئامىلە ۋە تەپسىر (قۇرئان تەپسىرى)دە بىلىمىنىڭ كۆپلۈكى ،ناتىقلىقى بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغانىدى . 
تەپسىر بىلەن شۆھرەت قازىنىپ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ ،جۈملىدىن تاش ئاخۇنۇمغا دىنى قائىدە بويىچە«ئاخۇنۇم» ئۇنۋانى بىرىلىپ ، تاش ئاخۇن« تاش ئاخۇنۇم»دەپ ئاتىلىدۇ .شۇنىڭدىن كىيىن تاش ئاخۇنۇم بىر تەرەپتىن جامائەت سورۇنلىرىدا بولسىا ،يەنە بىر تەرەپتىن سودا بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .كىيىنكى ۋاقىتتا سودىسى تەرەققى قىلىپ ،دەسلەپ شىمالى شىنجاڭ ،ئىلى چۆچەككە ، كىيىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىدۇ .
تاش ئاخۇنۇم ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدە سودا بىلەن شۇغۇللانغاندا خەلقارا بازار ئەھۋالى ، ياۋرۇپا سانائەت كاپىتالىزىمىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى كۈزەتتى .كىيىن ئۇ تولۇپ_تاشقان ئىشەنچى بىلەن ئالدىنىقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ شىنجاڭنى سانائەتلەشتۈرۈش شىنجاڭدا كارخانا قۇرۇشنى پىلانلاپ 1894_يىلى ئۇ ،چارروسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا توقۇمچىلىق فابرىكىسى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ ئەمما چارروسىيە ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ، ئۇنىڭ فابرىكا قۇرۇشىغا يول قويماي«شەرىت_شارائىت يىتىلمىدى...» دىگەننى باھانە قىلىپ ئۇنى قۇرۇق قول قايتۇردى .
بۇ يىللاردا تاش ئاخۇنۇم شىنجاڭغا قايتىپ كىلىپ ،ئەينى يىللاردا چوڭ دادىسى ئابدۇرىشىت (مىراب) ئاخۇنۇم قۇرغان ئاتۇش كىچىڭزى دىگەن يەردىكى سەگەر،چوتا،ھەمزەك،شاتىۋا قاتارلىق يەرلىك گۈللۈك رەخىت ئىشلەش كارخانىسىنى كىڭەيتىپ قۇرىدۇ ۋە داۋاملىق ئوتتۇرا ئاسىيا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .20_ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ، تاش ئاخۇنۇم موسكىۋادىن رىگا،لاتۋىيە،ئىتونىيە، خىلنىسكى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ، ئۇيەردىن فىنلاندىيەگە بېرىپ زاۋۇت فابرىكىلارنى زىيارەت قىلىدۇ .كىيىن بالتىق دېڭىزى ئارقىلىق ۋارشاۋاغا بېرىپ ۋارشاۋادىن بىلروسىيەگەكىلىپ ،موسكىۋا، پىتىربورىگ ئارقىلىق ۋەتەنگە قايتىدۇ .
تاش ئاخۇنۇم چەتئەلنىڭ قايسى بىر يىرىگە بارمىسۇن چەت ئەلنىڭ زامانىۋىيلىشىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ تەجرىبە ئالىدۇ .ئۇيەرلەردىن شىنجاڭدا فابرىكا قۇرۇش ئۈچۈن ياردەم قىلىپ فابرىكا ئۈسكىنىلىرىنى سېتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ .بىراق ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىنڭ سودا ۋە سانائەت مەنپەئەتىنى كۆزلەپ «قوشنا ئەللەرگە سانائەت ئەسلىھەلىرىنى سېتىپ بەرمەسلىك نىزامى» بويىچە، ئۇنىڭ سەمىمى تەلىپىنى رەت قىلىدۇ .
مۇشۇنداق تۇسالغۇلار بىلەن بارغانلا جايدىن تەجرىبە ئالىدۇ ،لىكىن قۇرۇق قول قايتىپ كىلىدۇ .يەنە بىر مۇھىم ئش تاش ئاخۇنۇم بارغانلا جايدا شىنجاڭنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي،ئجتىمائى،مەدەنىي ۋە باششقا جەھەتتىكى ئومۇمى ئەھۋالى ۋە ئاساسىي مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيتى، قول_ھۈنەرۋەنچىلىكىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۇنتۇمايدۇ .بۇنوقتىدىن ئۇيغۇر خەلقىنى ئالدىنقى ئەسىردە چەتكە تەشۋىق قىلغان ۋە تونۇتقان تۇنجى ئادەم تاش ئاخۇنۇم دىيىشكە بولىدۇ . 
تاش ئاخۇنۇم بۇقېتىم فىنلاندىيەگىچە بولغان سودا ۋە ساياھەتنى ۋە سانائەت قۇرۇش ئۈچۈن بولغان ئىزدىنىشنى تاماملاپ قايىتقاندىن كىيىن ،شىنجاڭدا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى توقۇمچىلىق ،بوياقچىلىق، ئاق رەخىتكە گۈل بېسىش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئىسلاھ قىلىدۇ ۋە بۇكەسىپلەرنى ئومۇملاشتۇرىدۇ .
1910-يىللار تاش ئاخۇنۇم ھەممە ئىشى گۈللەپ ياشنىغان ،سودىدا روناق تېېپىپ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا –ئاسىيادا نام شۆھرەتكە ئىگە بولۇپ،ئاتاقلىقلار ئىچىدىكى ساناقلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە تاش ئاخۇنۇمنىڭ بالىلىرى يىتىلىپ ياراملىق بولۇپ تەربىيەلىنىدۇ .
1910-يىلى ئۇ تەكلىپكە بىنائەن،روسىيەنىڭ نىژنى گورىت دىگەن يىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نىژنى خەلقارا سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ .بىراق ،ياۋروپالىق كاپىتالىستلار ۋاقتىدا يىتىپ كەلمىگەنلىكتىن ، يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۇپ ،قوشۇمچە تىجارەت قىلىش بىلەن بىرگە ئىلىم _ پەن ئۆگىنىدۇ .ئىگىرى ئۈگەنگەن ئىلمى نۇجۇم(ئاستىرنومىيە) نى زامانىۋى پەن ئىلمى ئارقىلىق تولۇقلايدۇ ۋە ئىلگىرى ئۆگەنگەن تاش ساناپ ھېسابلاش ئۇسۇلىنى چوت بىلەن ھىسابلاش ،سودىدا مانافاكتورلۇق(ھازىرقى زامان ھېسابات قائىدىسىنى ئىشلىتىش)ھېسابات ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى ئۆگىنىدۇ.
بۇ مەزگىلدە ئۇ يەنى روسىيەدە ئېقىپ يۈرگەن سەرەڭگە خوجايىنى ياكوۋ دىگەن بىر ئەرمەن بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن توختام تۈزۇپ سەرەڭگە زاۋۇتىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كىلىپ ،يەكەندە سەرەڭگە زاۋۇتى قۇرىدۇ .بۇ كۇنلەردە تاش ئاخۇنۇمغا ھەقىقەتەن ئامەت كەلگەن بولۇپ ،«توپا ئالسا ئالتۇن كۈل ئالسا كۆمۈش بولىدۇ »، يەنى ھەممە ئىشىدا پايدا كۆرىلىدۇ.
بۇ جوڭىۇا مىنگۇو قۇرۇلۇپ ياڭ زىڭشىن تەخىتكە چىققان ،يەنى مىنگۇونىڭ 3-يىلى ئىدى .بۇچاغدا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى قالايمىقان بولۇپ ،ئىگىلىكى ۋەيران بولغان چاغ ئىدى .
ياڭ زىڭشىن چىقارغان ئۈرۈمچى پۇلىنى پەقەت ئۈرۈمچىدىلا ، قەشقەر پۇلىنى قەشقەردىلا خەجلەشكىلا بولاتتى .
ئىگىلىك خارابلىشىپ ،يۇرىت خانۇ-ۋەيران بولغان مۇشۇنداق مۇھىتتا قەشقەرنىڭ دوتىيى جۇ (ئامبال) تاش ئاخۇنۇمنىڭ قەشقەر پۇل مۇئامىلىسىنى تەرتىپكە سېلىشقا ياردەم بېرىشكەتەكلىپ قىلىدۇ. نۆۋەتتە تاش ئاخۇنۇم ئىقتىسات ئاجرىتىپ تەڭگە(كۆمۈش) پۇل قۇيۇش ئارقىلىق قەشقەردىكى پۇل پاخاللىقىنى ياخشىلاش مەخسىتىدە ، %20ئامبال دەسمايىسى %80تاش ئاخۇنۇم دەسمايىسى بىلەن تەڭگە زاۋۇتى قۇرۇ پ پايدىنىڭ %25ئامبالنىڭ ،%75تاش ئاخۇنۇمنىڭ قىلىپ ئالىدىغان بولىدۇ ۋە ھۆكۈمەت نازارىتى ئۈچۈ ن تەڭگە دوتەي يامۇلىدا قۇيۇلىدۇ .بۇنىڭدىكى مەقسەت تاش ئاخۇنۇم تەڭگە زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن كىيىن ،ئاتۇش دىيارىغا بىر زامانىۋى دىھقانچىلىق ،ئورمانچىلىق،باغۋەنچىلىك مەيدانى قۇرۇشنى پىلانلىغان ۋە قەشقەر دوتىيىنىڭ رۇقسىتى بىلەن كاتايلاق دىگەن يەرنى دىھقانچىلىق ،باغۋەنچىلىك مەيدانى قۇرۇپ چىقماقچى بولىدۇ .
كىيىن تاش ئاخۇنۇم سەرەڭگە، تەڭگە زاۋۇتىلىرىدا زىيان تارتىپ ۋەيران بولىدۇ .بۇ يىللاردا تاشئاخۇنۇمنىڭ نەجمىدىن ،ھىلالىدىن دىگەن ئوغۇللىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىن غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن بولۇپ ،ئۇ يەردە پىلە بېقىپ ،مەشۇت چىقىرىدۇ ۋە باغ بىنا قىلىدۇ .
تاش ئاخۇنۇم ئەڭ ئاخىرىدا غۇلجىغا ئوغۇللىرىنىڭ يېنىغا چىقىپ ،ئۇلارنىڭ ئىشىغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ 1928-يىلى 73يېشىدا غۇلجىدا ۋاپات بولىدۇ .

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 452 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-02-27