روزى سايىت

   

   روزى سايىت


  


روزى سايىت
(1944.9-2001.9.8)روزى سايىت (1944.9-2001.9.8)


       يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىكى بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكنى ئۇنىڭ خىلمۇ خىللىقىدا دەپ ئېيتىش مۇمكىن . يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يىگىرمە نەچچە يىللىق مۇساپىسىدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى ، ئەدەبى ئىجادىيەت ئىشلىرى مىسلىي كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە گۈللىنىپ ، كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى . ئەدەبىي ژانىرلار تولۇقلىنىپ ، مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن كۆپ خىللاشتى ، تېما دائىرىسى كېڭەيدى ، مەزمۇنى چۇڭقۇرلاشتى ، بەدىئي سەۋىيىسى ئۆستى . شۇ سەۋەپتىن بۇ دەۋر ئەدەبىياتى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى دەۋر ئەدەبىياتىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ چىقىپ ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى گۈللەنگەن ئەدەبىيات دەۋرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى . يازغۇچى ، شائىرلار ناھيىتى تېز سۈرئەتتە زورىيىپ ، تارىختىكى زور قوشۇنغا ئايلاندى . ئەسەرلەر نىڭ سانىمۇ زور دەرىجىدە كۆپەيدى . ئەسەرلەر ئىچىدە مۇھىم ، ياخشى ئەسەرلەرنىڭ سالمىقى ئاشتى . نۇرغۇنلىغان يازغۇچى ، شائىرلار تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەر خىل تېمىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر لەرنى يازدى . ھەتتا بەزىلىرى تېما جەھەتتە خاسلىققا يۈزلىنىپ ، تېما خاسلىقى ئارقىلىق شۇ تېمىنى چۇڭقۇلۇققا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىپ، ئۆز ئىجادىيىتىدە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى .                   

     جۈملىدىن «دېھقان شائىرى» دەپ ئاتالغان مەرھۇم شائىر روزى سايىتنىڭ (1944 – 2001) يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى دەل بۇنىڭ بىر مىسالى . روزى سايىت 1944- يىلى 9- ئايدا گۇما ناھىيەسىنىڭ شەيدۇللا دېگەن يېرىدە تۇغۇلىدۇ . 1958- يىلىغىچە باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تاماملىغاندىن كېيىن يېزىغا چۈشۈپ دېھقان بولىدۇ . روزى سايىت 1973-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ . روزى سايىت مۇنداق دەيدۇ : «يېشىم 30 دىن ئاشقان ، ئالىقانلىرىم جىگدىدەك قېتىپ ، تال-تال يېرىلىپ قەلەم تۇتۇشقىمۇ قولاشمىغۇدەك بىر ھالغا كەلگەندە 1973- يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردىم . ئوقۇش مەزگىللىرىدە زور تىرىشچانلىق بىلەن شۇ مەزگىللەردە بار بولغان ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات ئەسەرلىرىنىڭ نەمۇنىلىرى ، كلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆگەندىم . ئەپسۇس سىستېمىلىق نەزەريىۋىي بىلىم ئېلىش ، تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدىم . شۇ يىللاردا بۇنداق ئىمكانىيەت يوق ئىدى . شۇ تۈپەيلىدىن قوشاقچى دېھقان روزى قوشاق بولۇپ قېلىۋەردىم». روزى سايىت 1973-يىلى «قەشقەر گېزىتى» دە «دېھقانمۇ بولدى داشۆسىڭ» ناملىق تۇنجى شېئىرىنى ئېلان قىلدۇرىدۇ . بۇ مەزگىلنى روزى سايىت شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ باشلىنىش باسقۇچى دېيىشكە بولىدۇ (ئۇ ئوقۇشقا كىرىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغانلىقى مەلۇم. لېكىن بۇ مەزگىلدە يازغان شېئىرلىرى خاتىرلىنىپ ساقلانمىغان ) . 
     روزى سايىت ئىجادىيەتكە كىرىشىش جەريانى ھەققىدە توختالغاندا: «مەن يىراق، تولىمۇ چەت بىر تاغدا، ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسى ھەربى فورما كىيىپ، مىلتىق بىلەن ھەپىلىشىپ كۈن ئۆتكۈزگەن كونا ئەسكەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مېنىڭ باشقا تەلەيلىك قەلەمداشلىرىمدەك ناھايىتى كۆپ قوشاق يادلىغان، نۇرغۇن چۆچەك، لەتىپىلەرنى بىلىدىغان چوڭ ئاپام، كۆزەينىكىنى تاقىۋېلىپ رۇستەم، ھاتەم ھەققىدىكى قىسسە، جەڭنامىلەرنى ئوقۇپ بېرىدىغان بوۋاممۇ يوق ئىدى. ئون ئۈچ-ئون تۆت يېشىمدىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئايرىلىپ يېزىغا باردىم. ئۇدا يەتتە يىل دېھقانچىلىق بىلەن ھەپىلىشىپ دېھقانچىلىقتىن كېلىدىغان ئازغىنا دارامەت ھېسابىغا تىرىكچىلىكىمنى قامداپ تۇرمۇش ئۆتكۈزدۈم. 17 يىل كەتمەن بىلەن ئاشنا بولۇپ يەر تېرىدىم، ئۆستەڭ قازدىم، سۇ ئامبارلىرىنى ياسىدىم، بوز يەر ئاچتىم » دەيدۇ. كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك روزى سايىتنىڭ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش مەزگىلىدە خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى، ئۇنىڭغا كىچىكىدىن باشلاپ يىراق چەت جايلاردا ئاددىي دېھقانلار ئارىسىدا، ئېتىز-قىرلاردا دېھقانلارنىڭ كۈلكىسى بىلەن كۈلۈپ، قايغۇسى بىلەن يىغلاشنى ھېس قىلدۇرغان. كەڭ دالىلاردىكى مەيىن شاماللار نامراتلىق قاپلىغان يىراق يېزا تۇرمۇشى بىلەن سىڭىشىپ سەبىي قەلبىدە ساناقسىز سوئاللارنى پەيدا قىلغان. ئۇ تۇرمۇش ئېغىرلىقىنىڭ تەمىنى ئوبدانلا ھېس قىلىدۇ. ۋۇجۇدىدا توختاۋسىز دولقۇنلىغان ھېس-تۇيغۇلىرى، دېھقانلار تىلىدىن ئوقۇلغان جاراڭلىق ئاۋازدىكى ناخشا-قوشاقلار ئۇنىڭ قەلب تارىسىغا سىڭىپ كېتىدۇ. ئاشۇ ئاپەتلىك يىللار، جاپا- مۇشەققەتلىك دېھقانلار تۇرمۇشى، ئەمگەك قاينىغان ئېتىز-قىرلار ئۆسمۈر روزى سايىتنىڭ قەلبىدە چەكسىز ئارمانلارنى بىخلىتىدۇ. دېھقانلارنىڭ تىلىدىن ئېيتىلغان شۇ قەدەر ساپ، شۇقەدەر چوڭقۇر خەلق قوشاقلىرى روزى سايىتنى ئەدەبىياتنىڭ رەڭگارەڭ بەدىئىي دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ. شۇنداقلا روزى سايىتنى ھەر ۋاقىت ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتىپ تۇرۇپ ئۆزى بىلەن ئايرىلماس بىر تەن بىر جانغا ئايلاندۇرىدۇ. 
     ئەدەبىياتقا زور ئىشتىياق باغلىغان روزى سايىت ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەر تولىمۇ چەكلىك بولغان ئاشۇ يىللاردا ئۆزىمىزنىڭ كلاسسىك نەمۇنىلىرىدىن باشقا، شۇ دەۋردە يېڭى يېزىلغان ئەدەبى ئەسەرلەرنى زور ئىشتىياق بىلەن قىزىقىپ ئوقۇغان. بۇ ھەقتە شائىرنىڭ قەلەمداش ھەم سىرداش دوستى نۇرمەھەممەت توختى: بىز كۆرۈشكەن چاغلىرىمىزدا كۆپرەك ئەدەبىيات-سەنئەت ھەققىدە، قەيەرلەردىدۇر ساقلىنىپ قالغان كىتابلار ۋە خاتىرىدىن خاتىرىگە كۆچۈرۈلۈپ مەخپى تارقىلىۋاتقان، «پۇل» ،«گۈزەل نايادا جۇش ئۇرۇپ ئاقماقتا»، «مۇقەددەس» ،«سۆيگۈ دىسسېرتاتسىيىسى »، «تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر»، «ئاخىرقى سىناق»، «قىز قەلبى» دېگەن ئەسەرلەر قولدىن-قولغا ئۆتۈپ تۇراتتى. بىز ئۇلارنى بىرگە ئوقۇيتتۇق، بىللە مۇلاھىزە قىلاتتۇق، ھەتتا گېزىتلەرنىڭ قەرەلسىز ئەدەبىيات بەتلىرىدە چىققان ئوخشاش مەزمۇنلۇق مەدھىيىلەرنى قالدۇرماي ئوقۇپ چىقاتتۇق دەيدۇ. 

     1972-1973 يىللاردا ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قەلبىگە يوشۇرۇنغان ئارزۇنىڭ غۇۋا سىيماسى كۆرۈنگەندە، ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتى ئەتىراپتىكى قاراڭغۇلۇقنى يورۇتقاندەك بولىدۇ. روھىغا سىڭىپ كەتكەن تۈرلۈك ئاچچىق-چۈچۈك كەچمىشلەر ۋە ئېگىز-پەسلىكلەرگە تولغان بۇ دۇنيا ئۇنىڭ قەلبىدە ھاياتقا نىسبەتەن يېڭى بىر مەنزىرە پەيدا قىلغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى ئېرىشمەكچە بولغان بىلىم تەشنالىقىنى ئالىي مەكتەپ قوينىدا قاندۇرۇشنىڭ يولىنى ئىزدەيدۇ. لېكىم بۇ ۋاقىتتا كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسىز قالغان ئېگە چاقىسىز روزى سايىت ئاللىقاچان 31 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ئىدى. ئوقۇش، ئالىي مەكتەپ، ئەدەبىيات ۋە شېئىر، ئائىلە، ئەمدىلا ئايىغى چىقىۋاتقان قىزى ئۇنىڭ تەپەككۇر ئاسمىنىدا توختاۋسىز ئۆركەشلىگەن دېڭىز دولقۇنىدەك تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا روزى سايىت ئۈچۈن ئائىلە ياكى ئالىي مەكتەپتىن بىرىنىلا تاللاش پۇرسىتى بار ئىدى. چۈنكى بۇ مەزگىللەردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلارنىڭ توي قىلىشىغا يول قويۇلمايتتى. بۇ خىل رېئاللىق روزى سايىتنىڭ ئالدىغا ئۆزى ۋە دۇنيا ھەققىدىكى، ھايات ھەققىدىكى، نۇرغۇن جاۋابسىز سوئاللارنى تاشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن تۇرمۇش رېئاللىقىدىن ئۆزىگە ۋە ئەتراپتىكى مەۋجۇتلۇق ھالەتلەرگە جاۋاپ ئىزدەشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ تەپەككۇر ئاسمىنىدا توختاۋسىز ئەكس ئېتىۋاتقان ئوقۇش قىزغىنلىقى، شېئىر ، ئالىي مەكتەپ ئۇنىڭ رېئال تۇرمۇشى ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ. 
      ئون نەچچە يىللىق دېھقانچىلىق ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن روزى سايىتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى بىر قەدەر كېچىكىپ باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ 1973-يىلدىن ئىلگىرى بىر پارچىمۇ ئەسەر ئېلان قىلمىغان. لېكىن بۇ ھەرگىز ئۇنىڭ ئىجادىيەتكە تاسادىپىيلا كىرىپ قالغانلىقىدىن ئەمەس ئىدى، شائىرنىڭ ئىجادىيىتى رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇزاق مۇددەتلىك ئېنېرگىيە جۇغلاش ۋە تەپەككۇرىنى تاۋلاش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرگەن، شائىر ئۆزى تەۋە بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە شەخسەن ئۆزى كىچىكىدىن باشلاپ مۇئەييەن تەسىرگە ئۇچراپ كەلگەن ئەنئەنىۋىي كۆز قاراشلار نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، شائىرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش، ئۆگىنىش ۋە تەپەككۇرىنىڭ تاۋلىنىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقى ئېنىق. نەتىجىدە روزى سايىتتا ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ جەھەتتىن تېگىشلىك ھازىرلىقلار جۇغلانغان، ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىكى ئىجادىيەتكە بولغان ئۇزاق مەزگىللىك جۇغلانما ۋە يوشۇرۇن ئىجادىيەت كۈچى ئاخىرى پارتلاپ چىقىشقا قارار تاپتى. ئۇلار زورلاپ يېزىلغان بىردەملىك قىزغىن ھېسسىيات ئەمەس ئىدى، ئۇلارنى يېڭى مەنزىلگە ئېيتىلغان مەدھىيە كۈيى دېگەندىن كۆرە، شائىرنىڭ جۇغلانما ۋە يوشۇرۇن ئىجادىيەت كۈچىنىڭ بىر مەزگىللىك تېڭىرقاش، ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىشلەردىن كېيىن قايناپ، تېشىپ چىقىشى دېگىنىمىز تۈزۈك ئەلۋەتتە. 
     روزى سايىتنىڭ 1976-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇشى ئۇنى بىر قېتىملىق چېنىقتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان بولسا، 1980- يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسىغا يۆتكىلىپ، «يېڭى قاشتېش» ژۇرنىلىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۇنى ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەم باغلايدۇ. 
     1980- يىللىرىدىن باشلاپ ئېلان قىلىنغان بىر يۈرۈش شېئىر توپلاملىرى، روزى سايىتنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدىكى يېڭىچە بىر قەدەم بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ئىجادىي ئەمگەكلىرىدىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزگىلنى روزى سايىت شېئىرىي ئىجادىيىتىنىڭ كېڭەيگەن باسقۇچى دېيىشكە بولىدۇ. روزى سايىت 1981- يىلى ۋەكىللىك ئەسىرىدىن بىرى بولغان «قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى» (شېئىرىي چۆچەكلەر) نى ئېلان قىلدۇرىدۇ. شائىر بۇ شېئىرىي چۆچەكتە خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان، رىۋايەت تۈسىنى ئالغان خەلق چۆچىكىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئۇنى شېئىري شەكىلدە، يېڭىچە بەدىئىي تۈس بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدۇ. خەلق چۆچەكلىرىنى شېئىرىي چۆچەكلەرگە ئايلاندۇرۇش روزى سايىتنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتىدىكى تۇنجى سىناق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بېسىلغان يېڭى قەدەم. بۇنىڭدا ئۇ خەلقىمىز ئىچىگە كەڭ تارقالغان، ئۇزاق ئۆتمۈشتىن بۇيان ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان گۈزەل ئەپسانە-رىۋايەت ۋە قىسسە-چۆچەكلەرنىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە دېتاللىرىنى بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزغا ئېلىپ كىرىشنى مەقسەت قىلغان. روزى سايىت «ئاي قوشىقى» (1981) «بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن» (1978-1982) «بەختى دېھقان بەختلىك دېھقان» (1982) «دوستلۇق ناخشىسى» (1983) «مەرھابا» ، «خىيالدىن تۆرەلگەن خىياللار» (1988) «مۇھەببەتتىن پۈتۈلگەن ناخشىلار» (1982-1988) «رۇبائىي ۋە تۇيۇقلار» (1990-1996) ... قاتارلىق شېئىر-داستانلىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن شېئىرىيەت ئاسمىنىدا ھەقىقىي چاقناشقا باشلىدى. ئۇنىڭ توپلاملىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن نەشر قىلىنىپ كەڭ كىتابخانلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولىشى ۋە ياخشى باھاغا ئېرىشىشى بىلەن روزى سايىت ئۇيغۇر شېئىرىيەت سەھنىسىدە يېڭىچە بىر تۈس بىلەن نامايان بولدى. 
     ئوتتۇز نەچچە ياشتىن ھالقىغان بىر دېھقان قانداق قىلىپ ئازغىنە ئوقۇش پۇرسىتى ئارقىلىق قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە، شېئىرىي ئىجادىيىتىدە بۇنداق مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەڭ خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلىدى ؟ 
      روزى سايىت بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« شۇمەزگىللەردە مەمتېلى زۇنۇن، قۇربان ئىمىن، مۇھەممەت سىدىق تۆمۈرىلەر بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى توغرىسىدا نۇرغۇن قېتىم ئۆگىنىش ھەم سۆھبەت مۇلاھىزىلەردە بولدۇم. بۇ مېنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىنى چۈشىنىشىمدە مۇھىم رول ئوينىدى. شۇنداق قىلىپ مەن كىتاب ئوقۇشتىن، شېئىر ئوقۇشتىن بىردەممۇ ئايرىلىپ باقمىدىم». ئۇ يەنە مۇنداق دەيد :«ئۆز زامانىسىنىڭ شېئىرىيىتىنى ئەڭ ئاداققى پەللىگە ئېلىپ چىققان» دانتې ئەسەرلىرىدىن، «قاراڭغۇلۇق ئىچىدە خۇددى سۈنئىي ھەمراھتەك نۇر تاراتقان شائىر» ھورمان ماندىك شېئىرلىرىدىن،«تالانتى قورقۇنچلۇق» ھىيوگو ۋە ياكى «ئوت-چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن شېئىرىيەت چىملىقىغا قوپاللىق بىلەن بۆسۈپ كىرىپ، شېئىرىيەتنى ماشىنا ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇرۇرۋەتكەن شائىر» ماياكوۋىسكىلاردىن خەۋەرسىز قالدىم. ئەمما مەن بەختىمگە يارىشا، كىتابخۇمار كىشىلەر ئاپەتتىن ساقلاپ قالغان ناھايىتى ئاز تاش باسما ۋاراقلار ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ئەلىشىر ناۋائىيسىدىن، شاھ مەشرىپىدىن، ئەخمەتشاھ قارىقاشىدىن شېئىرىيەتنىڭ تۇنجى ساۋىقىنى ئېلىشقا ئۈلگۈردۈم. يەنە مەن ئۆزۈمنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، نىمشېھىد ئارمىيىسى بارلىقىنىمۇ بىلىۋالدىم. 
    كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك روزى سايىت مەيلى قانداق شارائىتتا بولسۇن بىر كۈنمۇ ئەدەبىياتتىن، شېئىرىيەتتىن ئايرىلمىغان. دېھقانچىلىق جەريانىدا تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرى ۋە ھايات ھادىسىلىرىگە نىسبەتەن ئەتراپلىق مول چۈشەنچىگە، مول تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان بولسا، كىتابقا بولغان مۇھەببەت، ئۈزلۈكسىز كىتاب ئوقۇش ئۇنى تۇرمۇش ۋە ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تېخىمۇ چۇڭقۇر چۈشىنىش، ئەتراپلىق كۆزىتىش، ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ھېسسىي كۆز بىلەن قاراشتىن ئەقلىي تەپەككۇر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇش رېئاللىقى روزى سايىتنىڭ ئالدىغا ئۆزى ۋە دۇنيا ھەققىدىكى، ھايات ھەققىدىكى نۇرغۇن جاۋابسىز سوئاللارنى تاشلىغان. مېنىڭچە  ئۇ ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن تۇرمۇش رېئاللىقىدىن ئۆزىگە ۋە ئەتراپتىكى مەۋجۇتلۇق ھالەتلىرىگە جاۋاب ئىزدىگەن شائىر. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى روزى سايىتتىكى ئەدەبىياتقا بولغان كۈچلۈك ھېسسىيات ئۇنى ئەدەبىيات بىلەن چەمبەرچاس باغلىدى. بۇ خىل ھېسسىيات شۇقەدەر ساپ، شۇ قەدەر چوڭقۇر بولۇپ، قىلچە شەخسىي غەرەز ۋە ساختىلىق ئارىلاشمىغان. شۇڭا شېئىرىيەتتىكى بەدىئىي دۇنيا روزى سايىتنى ھەر ۋاقىت ئۆزىگە تارتىپ كەلگەن. بۇ مەزگىل روزى سايىتنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان تونۇشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزگىللەر ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرىيەتنى چۈشىنىشىگە كلاسسىك ئەدەبىيات ۋە شۇ مەزگىللەردىكى شائىر ئۇستازلارنىڭ شېئىرىيەت قارىشى زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كلاسسىك ئەدەبىياتنى روزى سايىت ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ يىلتىز تۇتۇپ بىخلىنىشىدىكى ئانا تۇپراق، مەۋۇپ بولۇپ شەكىللىنىشىنىڭ بىردىنبىر ھاياتلىق مەنبەسى دەپ خۇلاسىلاشقا بولىدۇ. 
      روزى سايىت 1990- يىللاردىن كېيىن ئىجادىيەت نۇقتىسى كېڭەيگەن، تېما دائىرىسى رەڭدارلاشقان ۋە تېما خاسلىقىغا يۈزلىنىپ ئۆز ئىجادىيىتىدە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن يېڭى بىر ئىجادىيەت دەۋرىنى كۈتۈۋالدى. بولۇپمۇ دېھقانلار تېمىسىدا يېزىلغان «پاھ ، دېھقاننىڭ ھەيكىلى» (1992-يىلى) «دېھقاننى ئالدىغا سېلىۋالدى ئىش» (1993- يىلى) «دېھقان دەيدۇ» (1994-يىلى) «دېھقان بولماق تەس» (1995-يىلى) «دېھقان كۈلكىسى» (1998-يىلى) قاتارلىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىشى روزى سايىتنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىنى يېڭى بىر مۇۋەپپەقىيەت پەللىسىگە ئېلىپ چىقتى. «دېھقان بولماق تەس»، «خوتەندە راۋان يوللار»، «ئاھ ، ئۇزاققا سوزۇلغان چۈش»، قاتارلىق دېكلاماتسىيە قىلىنغان مۇزىكىلىق شېئىرلاردىن تەركىب تاپقان ئۈچ دانە قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشر قىلىنىپ شەھەر ۋە يېزا-قىشلاقلارغىچە تارقىلىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. «پاھ، دېھقان ھەيكىلى» قاتارلىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرىدا دېھقانلارنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىگە مەدھىيە ئوقۇلدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «دېھقاننى ئالدىغا سېلىۋالدى ئىش» ناملىق شېئىرىدا ئىجتىمائىي رېئاللىق دادىل ھەم يۈرەكلىك ھالدا سەمىمىي ئەكس ئەتتۈرۈلدى. دېھقانلارغا كۆيۈنۈش، ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى، ئەمگەك مېۋىسىنى ھۆرمەتلەش، قوغداش، شۇ ئارقىلىق دېھقاننىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئىپادىلەشكە چاقىرىق قىلىندى. يېزا تۇرمۇشىدىكى رېئال مەسىلىلەر ئارقىلىق دېھقانلار ئاممىسىنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى ئارزۇ- ئارمانلىرىنى بەدىئىي يول بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈلدى. 
     پرافېسسور ئازاد سۇلتان ئېيتقاندەك:«دېھقانلار تېمىسى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا، ئۇلارنىڭ خۇشاللىق قايغۇسىنى ئىپادىلەشكە بېغىشلانغان. دېھقانلار ھەققىدە يېزىش ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىجادىيەتتە دېھقانلارنى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى، ئۇلارنىڭ ئىدىيە-ھېسسىياتىنى، بولۇپمۇ ياشاش شارائىتىنى، خۇشاللىقىنى، دەرد-ھالىنى، ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇنىڭ شېئىرى ئەمەلىيەتتە دېھقانلارنىڭ قەلب ئىزھارى، دېھقانلارنىڭ قەلب سۆزلىرىنى قوشاققا قاتقان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «دېھقان شائىرى»، «روزى قوشاق» دەپ ئاتىشىدۇ. «ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىر چورۇقۇڭنى قۇرۇتما» دېگەندەك ئۇ ئۆتكەن كۈنىنى ئۇنتۇمىغان شائىر. تۇرگېنېۋنىڭ : «ئۆزى پىششىق بىلمەيدىغان تۇرمۇشنى زورمۇ زور يازغان يازغۇچىدىن ئونى بولسا ، توققۇزى مەغلۇپ بولماي قالمايدۇ» دەپ ئېيتقىنىدەك روزى سايىتنىڭ 17 يىللىق دېھقانچىلىق ھاياتى ئۇنى رېئال ماتېرىيال مەنبەسىگە ئىگە قىلغاندىن باشقا ، دېھقانلار تېمىسىدىكى شېئىرلىرىنىڭ چىنلىق تۇيغۇسى ۋە خاسلىق تۇيغۇسىنىڭ چۇڭقۇرلۇق كۈچىنى ئاشۇرغان . 
      شائىر ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ 
چوڭقۇر ئوي-پىكرىنى قۇرۇق سۆز- ئىبارىلەر بىلەن ئەمەس ، بەلكى ئېنىق كۆز قاراش ، يارقىن ھېسسىيات، ساغلام ۋە تېرەن پىكىرلەر ئاساسىدا پەرۋاز قىلدۇرىدۇ . مەسىلەن ، ئۇ جۇمھۇريىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 43 يىللىق مەرىكىسىگە بېغىشلاپ يازغان «ساناقلا تىلغا كىرگەندە...» ناملىق نەسىرىدە ئېلىمىز ئازادلىقتىن كېيىنكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئىستىقباللىق قەدەملىرىنى ئەنئەنىۋىلىشىپ كەتكەن ئادەت بويىچە قۇرۇقتىن قۇرۇق ئابستراكت مەدھىيىلەر بىلەن بولدى قىلىشتىن چەتنەپ ، ئۇنى ئۇزاق تارىخىي جەريان تەسۋىرى ئىچىگە قويۇپ جانلىق ۋە ئىنچىكە سۈرەتلەش ئارقىلىق ۋەتەننىڭ تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىشلىرىدىن چەكسىز سۆيۈنىشىنى ئىپادىلىسە ، «دىلىم ياش-سۆيگۈ ياش...» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە «يار» ، «جانان» غا كۈچلۈك تەلپۈنۈش ۋاستىسى بىلەن يېڭى دەۋر كىشىلىرىنىڭ غايە كۆز قارىشىنى سۈرەتلىدى . «بالىلار پۇلغا زار ، چىرىكلەر بەتخەج...» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە جەمئىيىتىمىزدىكى چىرىكلەشكەن بىر ئۇچۇم كىشىلەرنىڭ يامان ئىللەتلىرىنى رەھىمسىز تۈردە قامچىلىغان . 

      روزى سايىت شېئىرى ئىجادىيەت نۇقتىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى – ئىجتىمائىي ئەخلاق تېمىسى بولدى . شائىرنىڭ بۇ تېما ئۈستىدە ھەر تەرەپلىمە قەلەم تەۋرەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس . مەسىلەن: «ئارزۇنىڭ ئاقىۋىتى»، «ھەسەتنامە»، «باشلىقىمغا تېلېفون» قاتارلىق ساتېرىك ئەسەرلىرىدە ئىجتىمائىي ئەخلاققا زىت بولغان شەخسىيەتچىلىك ، نەپسانىيەتچىلىك ، ھەسەتخورلۇق ، خۇشامەتچىلىك ، مەزھەپچىلىك ... قاتارلىق يامان ئىللەتلەرگە قامچا ئۇرسا ، «نەسىھەت دۇردانىلىرى» ، «غۇم ساقلىماڭ» ، «غېلىم» ، «مۇت يىمەڭ» ، «بارمۇ شۇنداق بىر ئەيىب»... قاتارلىق غەزەل ۋە مۇخەممەسلىرىدە ساپ ئەخلاقنى قەدىرلەش ، يامان ئىللەتلەرنى ، بولمىغۇر قىلمىش قاتارلىق ئەخلاق مەسىلىلىرىنى ھېكمەت ۋە ئىبارىلىك شېئىرىي تىل ۋاستىلىرى بىلەن قايىل قىلارلىق ئېچىپ بەرگەن . 
      ئىلىمنى ئۇلۇغلاش ، ئىلىم ئەھلىنى قەدىرلەش ، ئىلىملىك بولۇشنى تەكىتلەش شائىر ئىجادىيەت نۇقتىسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى- شائىر بىر قىسىم ئەسەرلىرىدە ئىلىم بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك مۇناسىۋېتىنى مەنتىقىلىق ھالدا بايان قىلىپ ، ئىلىم- مەرىپەتكە سەل قارالسا ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يۈكسىلىشى ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىلمىي ھەقىقەتنى يورۇتۇشقا تىرىشقان . مەسىلەن ، «دېمىدىم بۇ سۆزنى قارىسىغا» ، «ئۇلۇغ كەسىپ» ، «ناداننىڭ راھىتى داناغا كۈلپەت» ، «بىلمەسلىك باشقا ، نادانلىق باشقا»... قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بۇنىڭ مىسالىدىن دېيىشكە بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ مىللەتنىڭ ساپاسىغا داغ تەگكۈزىۋاتقان نېگىزلىك ئىللەتلەرنى ئېچىپ بېرىپ ، ئۆز مىللىتىنى ماختاشقا ئەھمىيەت بېرىپ ئىللىتىنى پاش قىلىشقا سەل قاراش ياكى جۈرئەت قىلالماسلىقتەك بىر تەرەپلىمىلىكلەرگە نىسبەتەن بىر خىل ئۆزگىچە پىكىر ۋە يېڭىچە روھ بىلەن نەزەر دائىرىسىنى ئېچىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدۇ . مەسىلەن ، «ئاھ ، مېنىڭ مىللىتىم...» قاتارلىق شېئىرلىرى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە . ئومۇمەن شائىر ئۆزىنىڭ توغرا ئەدەبىيات كۆز قارىشى ، ساغلام ئىجاديەت ئىدىيىسى ، كۆزىتىش، تەسەۋۋۇر قىلىش ، ئىپادىلەش ، ئەكس ئەتتۈرۈش ماھارىتىنى پۈتكۈل ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى ھەر تەرەپلىمە يورۇتۇپ بېرىش ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن شېرىن مېۋىلەرنى تەقدىم قىلدى .  

     1973- يىلدىن ئىتىبارەن شائىر روزى سايىت ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىغىچە بولغان ئىجادىيەت مۇساپىسىدە كۆپلىگەن بەدىئىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى . قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان خېلىلا زور ھەجىملىك كلاسسىك داستاننى مەزمۇن ئەينەنلىكى ۋە بەدىئىي يۈكسەكلىكىگە تولۇق سادىق بولۇش ئاساسىدا ئۆز بەھرى بويىچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا شېئىرىي يول بىلەن تەرجىمە قىلدى . تېلېۋىزىيە بەدىئىي سەنئەت فىلىمى ئۈستىدە قەلەم تەۋرەتتى . ئومۇمەن تىل ۋە بەدىئىي ئەدەبىيات تەتقىقاتى ھەمدە بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ھەر قايسى تۈر ژانىلىرىدا ئىزدەندى . شائىرنىڭ شېئىر ئىجادىيەت يولى ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ ئارزۇ ۋەزنى ھەم بارماق ۋەزنىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارماقنىڭ ھەر ئىككىسى بىلەن خاراكتېرلەندى . مەسىلەن ، غەزەل ، مۇخەممەس ، مۇۋەششەھ ، مۇستەھزاد ، مۇسەممەن ، مەسنەۋىي ، روبائىي قاتارلىق شەكىللەر ئۈستىدىمۇ قەلەم تەۋرىتىپ ، ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى يېتىشتۈرۈش بىلەنلا قالماي ، ئەڭ قەدىمقى شەكىللەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىمۇ روزى سايىت ئىجادىيىتىدىكى گەۋدىلىك بىر تەرەپ دەپ قاراشقا بولىدۇ . ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە بۇلار باشقا ژانىرلارغا ئوخشاش خېلى زور سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ رۇبائىيلىرى مەنتىقىلىق ھەم ئوبرازلىق تەپەككۇر ، ئىخچام شېرىن تىل ، باي تەسەۋۋۇر ۋە پەلسەپىۋىي پىكىرلەرنىڭ ياردىمىدە تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىي ھايات ھادىسىلەرنى كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى روشەن ھەم تەسىرلىك ئىپادىلەپ بېرەلىگەنلىكى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر . 
روزى سايىتنىڭ ھازىرغىچە «قاشتېشىنىڭ رېۋايىتى» قاتارلىق 11 پارچە شېئىر-داستانلار توپلىمى ، 9 پارچە ھېكايىسى ، 10 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ، قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ، چاغاتاي تىلى ۋە ئۆزبېك تىلىدىن نەشرگە تەييارلىغان 6 پارچە كىتابى ، مۇزىكىلىق شېئىرلاردىن تەركىپ تاپقان 3 دانە قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن . ئۇيەنە 8 پارچە بەدىئىي سەنئەت فىلىمىنىڭ سېنارىيىسىنى يېزىپ چىققان . خوتەن رايونىغا مۇناسىۋەتلىك 8 ئەدەبىي كىتابنى تۈزۈش ۋە تەھرىرلەشكە قاتناشقان . 200 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تېكىستلىرىگە ئاھاڭ ئىشلەنگەن . 100 پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل تېما ، ھەر خىل ژانىردىكى سەنئەت نومۇرلىرىنى يازغان . 1983-يىلى «بارات يازغان ھېكايە» ناملىق ھېكايىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى باھالاشتا مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن تارتىپ ھازىرغىچە 53 پارچە ئەسىرى مەملىكەتلىك ، ئاپتونوم رايونلۇق ۋە ۋىلايەتنىڭ ھەر خىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . 2001- يىلى 9-ئايدا «روزى سايىت شېئىرلىرىدىن» ناملىق ئىككى پارچە شېئىرلار توپلىمى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان . روزى سايىت قىسقىغىنا 28 يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدا 25 پارچە داستان (13 مىڭ مىسرا) ، 1000 پارچىدىن ئارتۇق غەزەل (22 مىڭ مىسرا) ، 80 پارچىدىن ئارتۇق مۇخەممەس ، مۇسەممەن ، مۇسەددەس ، (700 مىسرا) 1200 كۇپلىتقا يېقىن رۇبائىي ، تۇيۇق ، (4500 مىسرادىن ئارتۇق) ، 500 پارچىدىن ئارتۇق ناخشا تېكىستى (4500 مىسرا) يازدى . روزى سايىت ئەسەرلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ئۇنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىدە ئەمەس ، بەلكى كىشىلەر قەلبىگە يارىغانلىقىدا ، يەنە كېلىپ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي ھاياتىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىپ ، مۇئەييەن ھەسسە قوشقانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 874 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 4قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-07