خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق
چوققىلاش 4 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش1948- يىلى ئۇ شىنجاڭ «دېموكراتىيە ئىتتىپاقى» غا قاتنىشىپ، تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ باشلىقى بولغان. «ئالغا» گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى بولغان. كىيىن شىنجاڭ «دېموكراتىيە ئىتتىپاقى» نىڭ رەئىسى بولغان. 1949- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ ئالاھىدە رايونىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ بېيجىڭغا بېرىپ، 1- نۆۋەتلىك جوڭگو خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومومىي يىغىنىغا قاتناشقان. 1- نۆۋەتلىك مەملىكەتلەك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مەركىزى خەلىق ھۆكۈمەتىنىڭ ئەزاسى، قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا سايلانغان.
1949- يىلى 10- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىسىگە ئەزا بولغان.1949- يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ھەربى رايۇنىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. 1951- يىلى ج ك پ مەركىزىي كومتېت شىنجاڭ شۆبە بىيوروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمى كومتېت ئەزاسى، مىللىي ئىشلار بۆلۈمنىڭ باشلىقى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك كادىرلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو -سوۋېت دوستلۇق جەميىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو – پاكىستان دوستلۇق جەمئىيتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1952- يىلى 7 ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت شىنجاڭ شۆبە بيوروسىنىڭ 4- شۇجسى بولغان. 1953- يىلى 1- ئايدا غەربىي شىمالى مەمۇرىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1953- يىلى 8- ئايدا شىنجاڭ ھەربى رايونى پارتىكومنىڭ 3- شۇجىسى ، شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان. 1954- يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ ھەربى رايونى پارتىكومنىڭ 2- شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان.
1955- يىلى 10- ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى قۇرۇلغاندا، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت غەربىي شىمال بيوروسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1958- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ 2- شۇجىسى بولغان. 1972- يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ موۋەققەت 1-شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومتېتنىڭ مۇدىرى بولغان. 1973- يىلى 6 – ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1- شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ 1- سىياسىي كومىسسارى، 1- شۇجىسى بولغان . 1- 2-، 3-، 4-، 5-، 6-، 7-، نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتېيى دائىمى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ۋېييۈەنجاڭى بولغان. ج ك پ 8 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 9- 10 – 11،- 12 -، 13 ،- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 10- نوۋەتلىك، 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسى بيوروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغان.
يازغۇچى، شائىر دراماتورگ سەيپىدىن ئەزىزى ئىلگىرى – ئاخىرىي بولۇپ تارىخىي رومان «سۇتۇق بۇغراخان»، تارىخىي ئوچرىك «تەڭرىتاغ ئوغلى» ، بئوگرافىك ئەسەر «ئۆمۈر داستانى» (1-، 2- قىسىم )، تارىخىي ئوپىرا «ئاماننىساخان»، ھېكايە، نەسىرلىرى توپلىمى «ئەۋلىيا ئاتا»، «ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدا»، «شانلىق يىللار» قاتارلىق ئون نەچچە پارچە كىتاپ نەشىر قىلدۇرغان. 500 دىن ئارتۇق روبائىي، 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلغان.
ئاتاقلىق يازغۇچى سەيپىدىن ئەزىزى «سۇتۇق بۇغراخان» دا ھەقىقىي پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، قۇدرەتلىك قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ نادىر نامايەندىسى سۇتۇق بۇغراخاننى ۋە ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائى، ئىقتىسادىي، مەدىنىيەت جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بەدئى كارتىسىنى ئاممىباپ تىل بىلەن شۇنچە گۈزەل، شۇنچە رەڭدار قىلىپ سىزىپ چىققان.
ئۇنىڭ «ئاماننىساخان» ناملىق سەھنە ئەسىرى درامالاشتۇرۇلغان. بۇ ئەسەر «خانىش ئاماننىساخان» دېگەن ماۋزۇدا كىنولاشتۇرۇلدى، ھەم بەش قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىنىپ كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ئىنتايىن زور تەسىر پەيدا قىلدى.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 4
>