قاغىلىق نامى توغرىسىدا

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

قاغىلىق نامى توغرىسىدا مۇنداق قاراشلار بار:
1) بۇ يەر نامى «تۇرۇپ قالسا بولىدىغان يەر» دېگەن مەنەدىكى «قالغۇلۇق» دېگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن.
2) «پادىشاھلىق يەر» ياكى «خانلىققا تەۋە جاي» دېگەن مەنىدىكى «قاغانلىق» دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن.
3) «قارلۇق» قەبىلىسىنىڭ ئىسىمىدىن كەلگەن.
4) «قارخ» ۋە «قىلىخ» دىن ئىبارەت ئىككى سۆزدىن بىرىككەن بولۇپ مەنىسى «ئالۋان يەر» (ياساق بىرىدىغان يەر) ياكى «بەگ ئەمىرلەرگە بۆلۇپ بىرىلگەن ۋە شۇلارغا ئالۋاڭ تۆلەيدىغان يېزا» دېگەنلىك بولىدۇ.
5) «قاغا كۆپ جاي» دېگەنلىك بولىدۇ.
يۇقارقىدىن باشقا يەنە «قالغۇ» ۋە ياكى «قالغانلىق» دېگەن سۆزدىن ئۆزگۇرۇپ كەلگەن دېگۇچىلەرمۇ بار.
تارىخي مەلۇماتلاردا قاغىلىق مىلادى 7- ئەسىرلەردە «چەكۈك بالىق» دەپ ئاتالغان (شىنجاڭ تەزكىرىسى، 1996-يىلى 1- سان—يىلان)، بۇنىڭدىن بىلىشكە بولۇدىكى «قاغىلىق» كىيىنكى چاغلاردا قوللىنىلغان نام بولىشى كىرەك.
يۇقارقى قاراشلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى 4 قاراشنىڭ پاكىتلىرى ئىنىق ئەمەس، كىيىنكى قاراشنى قۇۋەتلەيدىغانلارمۇ پەقەت: «قارغالىغ — قارغالىق — قارغىلىق — قاغىلىق» دەك سۆز ئۆزگۇرۇشىدىن ھازىرقى ئىسىم مەيدانغا كەلگەن دەپ چۇشەندۇردۇ ۋە بۇنىڭغا «تارىخي رەشىدى» ۋە تۇركىي تىللار دىۋانىدا «قارغالىخ» دەپ يىزىلغانلىقىنى پاكىت كۆرسىتىدۇ، لىكىن شىخەنزىدىكى ۋە گۇچۇڭدىكى «قاغىلىق» دېگەن يەر ئاتالغۇلىرىنى بۇ ئىسىم بىلەن چۇشەندۇرگىلى بولمايدۇ،
بىزنىڭ قاغىلىق (مەن قاغىلىقتا تۇغۇلغان) شىۋىسىدە ئەدەبىي تىلدىن پەرىقلىق ھالدا، خۇددى خوتەن شىۋىسىگە ئوخشاپ كىتىدىغان خاھىش ۋە زۆزۇرىيەتنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل پېئىل شەكلى مەۋجۇت، بۇ خىل پېئىل شەكلى «غۇ، قۇ، گۇ، كۇ» دىن ئىبارەت پېئىل ياسايدىغان قوشۇمچىلار ئارقىلىق ياسالغان ھەركەت ناملىرىنىڭ ئاخىرىغا «لىك، لىق، لۇق، لۈك» قوشۇمچىلىرى، ئۇنىڭدىن كىيىن «يا» ئۇلانمىسى ئۇلۇنۇپ ياسىلىدۇ.
مەسىلەن: بارايلى — باغۇلۇق (يا)، كۆرەيلى— كۆگۈلۈك (يا)، كېتەيلى — كەتكۈلۈك (يا)، قارايلى — قاراغۇلۇق (يا) …… دىگەندەك. ئاخىرقىسىغا دېققەت قىلىڭلار ۋە تىز تەلەپپۇز قىلىڭلار، بۇ دەل قاغىلىق سۆزىنىڭ ئىتمولۇگىيىسىدۇر.
قاغىلىق تارىختىن بىرى يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئورۇن بولۇپ،شىنجاڭنىڭ خەلىقئارالىق قاتناش تۇگۇنىگە جايلاشقان، شىزاڭ (تىبەت)، كەشمىر، ئافخانىستان، پاكىستان، ھىندىستان ئارقىلىق چەتئەللەرگە بارىدىغان مۇھىم ئۆتەڭ بولغان، سىياسى، ھەربىي ئىستىراتىگىيە جەھەتتە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، ھازىرقى چوڭ خەرىتىلەردىمۇ ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەر چۇشۇرۇلمىسىمۇ قاغىلىقنى خەرىتىدىن ھامان تاپقىلى بولىدۇ،شۇڭا قاغىلىقنى تارىختا ئۆتكەن ھۆكۇمدارلار «قارايلى» ياكى «قاراغۇلۇق» دەپ قاراپ شۇنداق ئاتىغان بولسا، بۇ سۆز كىيىنچە: قاراغۇلۇق — قاراغىلىق — قارغىلىق — قاغىلىق دەك ئۆزگۇرۇش ياساپ دەۋرىمىزگە يىتىپ كەلگەن بولىشى تامامەن مۇمكىن !!!.
شۇڭا مەن «قاغىلىق» نامى «قارايلى» مەنىسىدىكى سۆزدىن ئۆزگۇرۇپ كەلگەن دېگەن قاراشتا،بۇ پەقەت مىنىڭ ئۆز كۆز قارىشىم، بۇنى يەنىمۇ تولۇق پاكىت بىلەن يورۇتۇشقا توغرا كىلىدۇ
ئانا يۇرتۇم قاغىلىقنى ئەسلەپ قالساملا يۇقارقى قاغىلققا ئائىت مەزمۇنلارنى كۆرسەم كۆڭلۈم ۋاللىدە ئىچىلىپ قالىدۇ ! شۇنداقلا ئانا يۇرتۇم كۆكيارغا ئائىت بۇ مەزمۇنلانى قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى!
1980-يىلى 3-ئايدا داغدۇغىلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزىپ،1990-يىلى ئالاھىدە سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كۆكيار نېفىت كان پەرزەنتلەر مەكتىپى كۇئېنلۇن باغرىدىكى يېڭى نېفىتلىكتە مەشئەل كەبى نۇر چېچىپ، ئۆزىنىڭ ئون يىللىق ئەجىر-مېھنېتىنى مەرىپەت تارىخىغا ئۆچمەس تامغا قىلىپ قالدۇردى.
1977-يىلى 17-مايدا ياڭرىغان كۆكيار 1-قۇدۇقىنىڭ فونتان ساداسى نەچچە مىڭلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى بۇ يېڭى نېفىتلىككە جەلپ قىلغانىدى.تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدىن كېلىپ بۇ يەرگە جەم بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى بويتاق بولسا، بەزىلىرى بالا-چاقىلىق ئىدى. ئۇلار ئاددىي چېدىرلاردا،گەمىلەردە ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلاتتى.ئەنە شۇ چېدىر،گەمىلەردە ئوقۇش يېشىغا يېتىپ قالغان، جۈملىدىن قاراماي،ئۆچكىلىك نېفىتلىكلىرىدە مۇنتىزىم مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان،ئەمدىلىكتە بولسا ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان نەچچە يۈزلىگەن ئۆسمۈر بالىلارمۇ بار ئىدى.بۈگۈنكى كۆكيار نېفىت كان راۇنى)مەشغۇلات رايۇنى(نىڭ ئاساسى بولغان سابىق نېفىت ئېلىش،نېفىت ئايرىش چوڭ ئەترىرى رەھبەرلىكى نېفىتچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ،پەرزەنتلەرنى ئاپتوموبېل بىلەن قاغىلىق ناھيىسىنىڭ ئوششارباش بازىرى 20-كەند باشلانغۇچ مەكتىپىگە ۋە بىڭتۇەن 2-چارۋىچىلىق فېرمىسى مەكتىپىگە ئاپىرىپ ئوقۇتقان بولسىمۇ،كۈنسايىن كۆپۈيىۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى ۋە يول مۇشەققىتى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتى.مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، كۆكيار نېاىتلىكىدىكى پەسىللىك ئېقىن بويىدىكى سايغا تۆت كورپۇس سىنىپ سېلىندى ۋە 1980-يىلى 3-ئايدا نېفىت ئېلىش،نېفىت سىناش،نېفىت ئايرىش،بۇرغىلاش كەسپىدىكى بىر تۈركۈم بىلىملىك ئىشچىلارنى تاللاپ، تۇنجى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقتى.
ئەينى ۋاقىتتا،كۆكيار نېفىتلىكىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تېخى قۇرۇلمىغان بولغاچقا،نېفىتلىك ئېچىش بىرلەشمىگە جېڭىگە جۆر بولىۋاتقاندەك،ئاچچىق توپىلىق بوران ھۇشقۇيتىپ تۇراتتى.ئوقۇتقۇچىلار چېدىرلاردا يېتىپ قوپۇپ،چېدىېلارنى ئىشخانا قىلغان،ئوقۇتۇش ماتىريالى كەم بولۇپلا قالماستىن،ئوقۇتۇش ئۈسكىنىلىرىمۇ بولمىغان. مەكتەپ مەسئۇللىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار قول سېلىپ تەنھەركەت مەيدانى ياسىغان،ئېرىق چېپىپ،كۆچەت تىككەن.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 492 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-02-27