ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

بۆرتالا جامائەسى ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىللىرى تو

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

  ئەيساباي 1875- يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان بولۇپ ، بالىلىق دەۋرىدە پەننى ۋە دىننى مەكتەپنى ئوقۇغان. ئەرەب ، ئوردۇ تىللىرىنى بىلىدىغان ئۇقۇمۇشلۇق كىشلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ سودا بىلەن شوغۇللىنىپ ئىگىلىك تىكلەپ شۇ دەۋرلەردە ئاتۇشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. 1928- يىلى ھەج قىلىش مەقستىدە مەككىگە بارغان بولۇپ، مەككىدىن قايتىش سەپىرىدە ئەرەب ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە سودا قىلىپ خېلى كۆپ مال دۇنيانى ئېلىپ ئانا يۇرتى ئاتۇشقا قايتىپ كەلگەن .

   ئەيساباينىڭ مىمخان، سادىق باي ( 1901- يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان )، مەتنىياز قارى ھاجى( 1954- يىلى شىنجاڭ ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسى كېڭىەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 1992- يىلى كېسەل بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان )، مەمتىمىن باي، مەمتىلىم باي، دەناخان قاتارلىق تۆت ئوغۇل ، ئىككى قىز پەرزەنتى بولۇپ ئەيسا باينىڭ تۆت ئوغلى ئاتا كەسپىگە ۋارسلىق قىلىپ، سودا بىلەن شوغۇللانغان، مەتنىياز قارى ھاجى 1926- يىلى چۆچەك ۋىلايتىدە ئولتۇراقلىشىپ سودا بىلەن شوغۇللانغان. كېيىنچە ئىنىسى مەمتىلىم باينى چۆچەككە ئېلىپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. سادىق باي بىلەن مەمتىم باي 1927- يىلى بورتالاغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ سودا سېتىق بىلەن شوغۇللىنىشقا باشلىغان. مەتنىياز قارى ھاجى چۆچەك ۋىلايتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۆتىشىدىغان چېگىرا رايونى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا سودىگەرلىرىنىڭ چاي، رەخت قاتارلىق ماللىرىنى سېتىۋېلىپ سادىق باي بىلەن مەمتىم بايغا يەتكۈزۈپ بەرگەن. ھەم ئۇلار بورتالادىن ئېلىپ كەلگەن تېرە، يۇڭ، تىۋىت قاتارلىقلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە ساتقان. بالىلىرىنىڭ شىمالى شىنجاڭدىكى سودا - سېتىقىنىڭ راۋاج تاپقانلىقىنى كۆرگەن ئەيسا باي 30- يىللارنىڭ بېشىدا ئاتۇشتىن بۆرتالاغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئوغۇللىرىنىڭ سودا ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن . بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ سودىسى راۋاج تېپىپ چۆچەك ۋە بورتالادا تۆت ئوغلى بىردىن شۇ دەۋرىلەردە ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان قورۇ جاي سالدۇرغان ۋە ئاتۇشتىكى بارلىق تۇققانلىرىنى بۆرتالاغا كۆچۈرۈپ كەلگەن . 30- يىلارنىڭ ئاخىرىدا سادىق بىلەن مەمتىم باينىڭ مۈلكى كۆپيىپ 20 مىڭدىن ئارتۇق قوي 5000 دىن ئارتۇق ئات - كالا ۋە بىر قىسىم يەر زىمىنغا ئىگە بولۇپ، بورتالادىكى ھەممىگە تونۇشلۇق چوڭ بايلارغا ئايلانغان .

   ئۇلار ئىگە - چاقسىز، يېتىم - يېسىرلارنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ ، جەنۇبى شىنجاڭدىن بورتالاغا كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئۇلارنى بورتالادا ئولتۇراقلاشتۇرغان. 40- يىللارنىڭ بېشىدا ئەيسا باي خەنزۇ مىللىتىدىن بولغان بىر يىتىم بالىنى بېقىۋالغان( بۇ بالىنى گومىنداڭ بۆرتالادىن چېكىنگەندە ئېلىپ كەتكەن). سادىق باي بۆرتالا دەرياسىغا كۆۋرۈك سالدۇرۇپ، بۇ كۆۋرۈكنى سىڭلىسىنىڭ نامىدا «دەناخان كۆۋرۈكى» دەپ ئاتىغان.

سادىق باي بىلەن مەمتىم باي دادىسى ئەيسا باينىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن بۆرتالادا( ھازىرقى مەركىزىي باغچىدا ) بۆرتالا جامائەسى ( مەسچىتى ) سېلىشقا تەييارلىق قىلىپ، 1941- يىلى ئۆزلىرىنىڭ 1000 دانە قويىنى سېتىپ مەشەتلىك مەمىناخۇن ، ئىمىن پەرەڭ ، ھاجى ئاخۇن قاتارلىق ئۇستىلارنى تەكلىپ قىلىپ قۇرلۇش باشلىغان. بۇ جەرياندا سادىق باي بىلەن مەمتىم باي بۆرتالا جامائەسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن ئىقتسادى چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 7000 دىن ئارتۇق قويىنى سېىتىپ ئىشلەتكەن. بۆرتالا جامائەسى قۇرۇلۇشى 1949- يىلنىڭ بېشىدا پۈتۈنلەي تاماملىنىپ بورتالانىڭ ھۆسىنىگە ھۆسىن قوشقان. ئۇلار بۆرتالا جامائەسى قۇرۇلۇشىدا ئېشىپ قالغان مەبلەغ بىلەن ھازىرقى 5- دىۋىزىيە مەسچىتىنىڭ غەربىگە بىر مەسچىت سالدۇرغان. بورتالا جامائەسنىڭ ئالدى دەرۋازىسى شەرققە قارايدىغان بولۇپ، دەرۋازا ئالدىدا كەڭرى مەيدان ، دەرۋازا يېنىغا پىششىق خىشتا مۇنار سېلىنغان . مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى (29 مېتىر ) بولۇپ ، مۇنار ئىچىدىن ياغاچ پەلەمپەي ئارقىلىق مۇنار ئۈستىگە چىققىلى بولدىغان بولۇپ ، شۇ دەۋرىلەردىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېگىز كۆركەم مۇنارلارنىڭ بىر ئىدى . دەرۋازا ئىچىدىكى مەسچىتنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى جەنۇپ - شىمال يۆلنىشى 32 مېتىر ، شەرق - غەرب يۆلىنىشى 22 مېتىر بولۇپ، ئومۇمي قۇرلۇش كۆلىمى 700 كىۋادىرات مېتىردىن ئارتۇق ئىدى. ھېيىت بايرام كۈنلىرى كىشلەر جامائە ئالدىغا يىغىلىپ، ساما ئۇسۇلى ئويناپ قايناق قىزغىن مەنزىرىنى شەكىللەندۈرەتتى. ئەيسا باي بىلەن مەمتىم باي ھازىرقى مەركىزىي باغچىنىڭ ئالدىدا بېيجىڭ يولىنى كېڭەيتىپ ياسىغان ئىدى . گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلەرنىڭ زۇلىمىغا قارشى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ پارتىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان سادىق باي ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى چىن قەلبىدىن قوللاپ ، ئىنقىلابقا ئىقتسادى جەھەتتىن ياردەم بېرىشىكە باشلىغان. بۆرتالا ئازاد بولۇش ھارپىسىدا سادىق باي ، مەمتىم باي ۋە كۈيئوغلى ھەسەن چوڭنىڭ ئارشاڭ ناھىيسى ئارقىلىق كەڭ سايدىكى مىللى ئارمىيگە ئات- كالا ئەۋەتىپ بەرگەن . سادىق باينىڭ مىللى ئارمىيىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالغان گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى 1945- يىلى 2- ئاينىڭ 26- كۈنى كېچىدە سادىق باينىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ سادىق باينى ئېتىپ تاشلاپ، مال مۈلكىنى بۇلاپ، ئەتىسى بۆرتالانى تاشلاپ جىڭ ناھىيسىگە چېكىنگەن .

   بۆرتالا خەلقى مۇسىبەتكە چۆكۈپ ھاياتىدا ئەل - خەلق ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغان سادىق باينى چوڭقۇر قايغۇ بىلەن ئەسلەپ مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان. ياراملىق ئوغلىنىڭ ۋاقىتسز ۋاپاتىغا قايغۇرۇپ كېسەلچان بولۇپ قالغان ئەيساباي 1945- يىلى 12- ئايدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. ئامېرىكا جاھانگىرلىرىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشىيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى پارتىلغاندىن كىيىن مەمتىم باي 300 سەر ئالتۇن، 1500تۇياق قوي ۋە 500 قويغا تېگىشكەن نەسىللىك ئېتىنى ئىئانە قىلىپ جوڭگۇ - چاۋشىيەن خەلقلىرىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ھەققانىي ئۇرۇشىنى قوللىغان. 1952- يىلى 3- ئايدا مەمتىم باي « باي پومشىك » دېگەن بەتنام بىلەن قولغا ئېلىنىپ 1953- يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 1954- يىلى مەمتىم باي « دىمكوراتىك ۋەتەنپەرۋەر زات » بولۇپ سايلىنىپ، پايتەخت بېيجىڭغا بېرىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىش شەرپىگە مۇيەسسەر بولغان . 1957- يىلى بۆرتالا ئوبلاستى سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلانغان ۋە قولىدىكى پۈتكۈل چارۋا مالنى ئوبلاستلىق پىرىمچىلىك شركىتىگە پاي قىلىپ قوشقان. 1966- يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى پارتىلاپ تۆت كىشلىك گورۇھنىڭ خاتا سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە بۆرتالا جامائەسىنىڭ مۇنارى چېقىپ تاشلانغان. 1970- يىلى بورتالا جامائەسى پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلانغان. تۆت كىشلىك گورۇھنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى سەزگەن مەمتىم باي ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمگەك ، قان تەر بەدىلىگە كەلگەن 7 كىلوگىرام ئالتۇننى قوشىنىسى مەمەت گوشچىغا ساقلاپ ئەۋلادلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئېيتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي 1969- يىلى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى « چەت ئەلگە باغلانغان ئەكسى ئىنقىلابى ئونسۇر » دېگەن بەتنام بىلەن قولغا ئېلىنغان. سادىق باينىڭ پەرزەنتلىرىدىن مەخمۇت، سەيپىدىن قاتارلىقلار «باي پومشىكنىڭ ئەۋلادلىرى» دېگەن قالپاقلار كىيگۈزۈلۈپ، تارتىپ چىقىرىلىپ كۆرەشكە تارتلىغان. 1963- يىلى شىنجاڭ تىببى ئۇنۋىرستېتىنى پۈتتۈرۈپ دوختۇرلۇق خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان سادىق باينىڭ ئوغلى مەخمۇت تۈرلۈك قىين - قىستاقلارغا ئېلىنىپ جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ 1969- يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىشقا مەجبۇر بولغان .

    مەمتىن باينىڭ ئىنىسى مەمتىلىم باي سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، چەت ئەلدىكى سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىغان. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قازاقسىتاندا ئولتۇراقلىشىپ سودا بىلەن شوغۇللىنىپ ئاتا چىرىغىنى ئۆچۈرمەي داۋاملاشتۇرۇپ، قازاقستاندىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ( ئۇ قازاقستاندا ۋاپات بولغان ، پەرزەنتىلىرى قازاقستاندا ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلماقتا . )

1970  - يىلى 3- ئاينىڭ 21- كۈنى مەمتىم باي ، شىخا ھاجى ، ئابلىكىم خۇدا بەردى قاتارلىق ئەل سۆيەر ئوغلانلار تۆت كىشلىك گورۇھنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. مەمتىم باي ۋاپات بولغاندىن كېيىن مەمەت گۆشچى مەمتىم باي ساقلاپ بېرىشكە ھاۋالە قىلغان 7 كىلوگرام ئالتۇننى مەمتىم باينىڭ ئايالىغا قايتۇرۇپ بەرگەن . 1980- يىلى مەمتىم باي ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، مەمتىم بايغا « دىمكۇراتىك ۋەتەنپەرۋەر زات » دېگەن نام بېرىلگەن. ئەۋلادلىرىمۇ تۆت كىشلىك گورۇھ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇپ ئاتا كەسپىگە ۋارسلىق قىلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغان .

ئەسەر ئاپتورى : سەيپىدىن ( سادىق باينىڭ ئوغلى ) ۋە جۈرئەت نىزام

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 491 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01