رىشات ئابباس

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


تىلسىملار دۇنياسىدا نۇر قۇچقان ئالىم — رىشات ئابباس

                                                                                         قەيسەر مىجىت

(1) تىلسىملار دۇنياسىدا نۇر قۇچقان ئالىم

ھەجەپ گۈزەل كۈن بولدى بۈگۈن،
ساما كۆپكۆك، دېڭىزمۇ كۆپكۆك.
ئەھ، تەبىئەت-ئىلھام بۇلىقى،
مەن ئۈچۈن سەن مەڭگۈ سۆيۈملۈك!
كۆك يۈزىدە جىلۋىدار بولۇپ،
قۇياش چاچار ئىللىق نۇرىنى.
ھېسلىرىمنى ئەللەي ئېتىدۇ،
ھەيۋىتى زور دېڭىز دولقۇنى.
نازىنىننىڭ سۆيۈشلىرىدەك،
سۆيۈپ ئۆتەر يازنىڭ شامىلى،
ئەركىن ئۇچۇپ يۈرگەن تۇرنىلار،
ساھىلدىكى ساھىپجاماللار،
گۈزەللىككە ئەسرا يىگىتنىڭ،
ئوغرىلايدۇ خىياللىرىنى.

ئەي، تەبىئەت-گۈزەلسەن ئەجەپ،
كەيپ بولدۇم قۇچاقلىرىڭدا.
سەن ئۆزۈڭسەن-تىلسىم دۇنياسى،
يول ئاچىسەن تەسەۋۋۇرۇمغا!…

9-ئىيۇل، بوستون، ماسساچۇسېتتس شتاتى، شەنبە كۈنى.
ئادەملەر دېڭىزىغا ئايلانغان رەۋەرە ساھىلىدە تەنھا مېڭىپ كېتىۋېتىپ بىردىنلا كۆزۈم ياز پەسلىنىڭ راھىتىنى سۈرۈۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئارىسىدا ”ئىتالىئا“ دېگەن خەت بېسىلغان مايكىلارنى كىيىۋالغان ساھىپجاماللارغا، ئىتالىيىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ياشانغانلار ۋە ياشلارغا چۈشتى.
بۇ قېرى-ياش، ئەر-ئايال، ئۇششاق-چوڭ، پىششىقى-توڭ كىشىلەر-بوستوندا ياشاۋاتقان ئىتالىيىلىكلەر پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلاردۇر. بۈگۈن ئۇلار ئەتە ئىتالىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدا گېرمانىيىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىتالىيە كوماندىسىغا بولغان ياخشى تىلەكلىرىنى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ يىلتىزى تۇتاشقان ئىتالىيەگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى، دېڭىز ساھىلىدىكى تەبىئەت گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىش تۇيغۇسىغا سىڭدۈرۈۋېتىشكەن. ھەتتا بوستوننىڭ شەھەر باشلىقى تھوماس مېنىنو مۇ ئىتالىيەلىكلەرنىڭ پۇشتىدىن. بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن ”قايسى كوماندىنىڭ ئۇتۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىسىز؟“ دەپ سورىغىنىدا، ئۇنىڭ ”ئەلۋەتتە ئىتالىيەنىڭ“، دەپ جاۋاب بەرگىنى مېنى ئويلاندۇردى: ئىنسانىيەت جەمئىيىتى نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈپ 21-ئەسىرگە قەدەم قويغان، پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ”يەرشارىلىشىش“ ۋە ”ئورتاق ئىنسانچىلىقنى“ تەشەببۇس قىلىدىغان دۆلەتنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بىر پۇخراسى-يەنىلا ئەجدادلىرىنىڭ ئۇرۇغى چېچىلغان زېمىنغا تەلپۈنۈۋاتىدۇ، ئۆز يىلتىزىغا تارتىۋاتىدۇ. قارىغاندا، كىشىلەرنىڭ ”ئۆزلۈك شان-شەرەپ تۇيغۇسى“ مەڭگۈلۈك بولىدىغان ئوخشايدۇ.
ئۆزىنىڭ ”ئىتالىئا“ لىكلەر پۇشتىدىن ئىكەنلىكىنى مەغرۇرلۇق بىلەن نامايەندە قىلىشىپ ھاياجانلىق كەيپىياتقا چۆمۈشكەن بۇ ئادەملەر توپىنى كۆرگەن، ئەمما بۇ يەرنى ياخشى چۈشەنمەيدىغان ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ”بۇ يەر-ئىتالىيىگە تەۋە زېمىن ئوخشىمامدۇ؟“ دەپ قېلىشى ئېنىقلا تۇرغان گەپ.
مەن بۇ مەنزىرىدىن قىلچىمۇ ھاياجانلانمىدىم، چۈنكى مەن ئۈچۈن بۇ پۇتبول مۇسابىقىسىدە كىمنىڭ ئۇتۇشى بەرىبىر.
مۇبادا قايسى بىر كوماندىنىڭ ئىچىدە تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، تەڭرىتاغنىڭ ھاۋاسىدا نەپەس ئېلىپ چوڭ بولغان بىرەرى بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا مېنىڭ ئىنكاسىم باشقىچە بولاتتى، خۇددى مىليونلىغان ئالجىرىيەلىكلەر — زىدان باشچىلىقىدىكى فرانسىيە كوماندىسىنىڭ يېڭىۋېلىشىنى ئارزۇ قىلغاندەك، مەنمۇ ئاشۇ يىگىت مەنسۇپ كوماندىنىڭ يېڭىۋېلىشىنى ئارزۇ قىلار ئىدىم. ھەتتىڭەي، ھازىر بۇ بىر چۈش
ئادەم-گۆش بىلەن قاندىن، روھ بىلەن جاندىن پۈتكەن نەرسە، شۇڭا ئۇنىڭدا ھېسسىيات ۋە ھاياجانلىنىش بولىدۇ، لېكىن ئادەملەردىكى ھېسسىيات ۋە ھاياجانلىنىشنىڭ سەۋەبى ۋە دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمما بىر نەرسە ئېنىقكى، ئادەم ھاياجانلانغاندا ئۇنىڭدىكى يوشۇرۇن قابىلىيەت ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ، نەتىجىدە سەزگۈ ئەزالىرى قىلىۋاتقان ئىشىدا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدۇ. مەسىلەن، شائىر ھاياجانلانغاندا ئۇنىڭ مۈگدەپ قالغان نەرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ خىزمىتى جانلىنىپ كېتىدۇ-دە تەپەككۇر پەرىشتىسىنىڭ ئېتىكىدىن، ئاجايىپ پىكىر دۇردانىلىرى توختاۋسىز تۆكۈلىدۇ. ئالىم ھاياجانلانغاندا، بەلكى ئۇ چوڭ ئالەمشۇمۇل بايقاشنى ۋە ياكى جاھاننى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋېتىشى مۇمكىن. سەن مەلۇم خىل گۈزەللىككە مەپتۇن بولغاندا ھېسسىياتىڭ ئۇرغۇيدۇ، شائىرانە تۇيغۇلارغا چۆمىسەن، ئۆز خەلقىڭ ئىچىدىن چىققان مۇنەۋۋەر ئوغۇل-قىزلار مەلۇم ساھەدە چوڭ شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگەندە ئىختىيارسىز ھاياجانلىنىسەن ۋە پەخىرلىنىش ھېسلىرىغا كۆمۈلىسەن.
ئەلۋەتتە، ھېس-ھاياجاننىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق دىئالېكتىكىسى بار. ئادەم بەزىدە كىچىك ئەرزىمەس ئىشقا قايناش، غەزەپلىنىش تۈپەيلى، ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلالماي ئەخمەق ئىشنى قىلىپ پۇشايمانغا قېلىشى، ھەتتا جىنايەتچىگە ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
مەن بۈگۈن ئىنسانلار ئارىسىدا بولۇۋاتقان قىزىقچىلىقلاردىن ھېچقانداق ھاياجانلىنىش ھېس قىلمىدىم، ئەكسىچە خۇدانىڭ خاسىيەتلىك بۇ كۈنىدە، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىگە شەيدا بولدۇم. مەن ئۈچۈن تەبىئەت ئاڭلىسا- ئاڭلىغۇسى كېلىدىغان يېقىملىق كۈي. ئوقۇسا- ئوقۇغۇسى كېلىدىغان رومان. كۆرگەنسېرى كۆرگۈسى كېلىدىغان گۈزەل جاناننىڭ ئۆزى. مەن ئۇنىڭغا مەپتۇن بولدۇممۇ،- بولدى، خىياللىرىم قانات چىقىرىپ ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنىڭ گىرۋەكلىرىدە، ئۆزۈم ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە، بىز ۋە باشقىلار توغرىسىدا، ھازىرىمىز بىلەن كېلەچىكىمىز ھەققىدە ئايلىنىپ يۈرىدۇ.
مانا بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى.
كۆڭۈل ئېكرانىمدا ئالىي مەكتەپتە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىم خۇددى ۋكد پلاستىنكىسىدەك بىر-بىرلەپ ئۆتمەكتە.
مانا-ئۇنىۋېرسىتېت كۇلۇبىدا ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىغىنى چۈشىنىپ ناخشا ئېيتىدىغان ئاز ساندىكى ناخشىچىلىرىمىزدىن بىرى بولغان تالانتلىق ناخشىچى ئىززەت ئىلياس-ئادەمنىڭ قەلبىنى تىترىتىدىغان نازاكەت ۋە ئەقىل ھېسلىرىنى ئويغىتىدىغان ماھارەت بىلەن ناخشا ئېيتىۋاتىدۇ:
باشقىلار چىقتى ئايغا-يۇلتۇزغا،
بىزدىكى غەم بۈگۈن توي بىلەن داستىخان.
……
مانا 20- ئەسىردىكى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پەيلاسوپى ۋە يېتۈك ئالىمى-مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، نورۇز بايرىمىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىمىزنىڭ تەلىپىمىزگە بىنائەن ئۇنىۋېرسىتېت قىزلار ئاشخانىسىنىڭ ئاستىدىكى ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت زالىدا سۆزلىمەكتە
”—بوكسىيور مۇسابىقىسىدە رەقىبىنى يېڭىۋالغان چېمپىيونغا كىشىلەر گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىنى ياغدۇرۇۋېتىشتى. ۋاقتىنى ئىلىم-پەن ئۆگىنىش، تەتقىقات ۋە كىتاب يېزىش، خەلقىنى ئاقارتىش بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئالىمنىڭ كەينىدىن كىشىلەر، ”توي-تۆكۈنگە بارمايدۇ، ئادىمىگەرچىلىكنى بىلمەيدۇ“ دەپ ئاغرىنىشتى.
مانا-يەنە شۇ ئالىم، ئۇنىۋېرسىتېت خىمىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 4-قەۋىتىدىكى زالىدا ئوقۇغۇچىلارغا نۇتۇق سۆزلىمەكتە
—ھەسەتخورلۇق — شەرقچە ھەسەتخورلۇق، ۋە غەرپچە ھەسەتخورلۇق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى شۇ يەردىكى— غەربچە ھەسەتخورلۇقتا، كىشىلەر ”مەن سەندىن قالامدىم“ دەپ ئىجادىيەت ۋە تەتقىقاتتا ئۆزىگە تەلەپ قويىدۇ، تىرىشىدۇ، نەتىجىدە ئۆزى كەسپتە ئىلگىرىلەيدۇ، جەمئىيىتىنىڭ ئالغا بېسىشىغا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆھپە قوشىدۇ. شەرقچە ھەسەتخورلۇقتا، ”مەن چىقالمىغان دەرەخكە سەنمۇ چىقما“ دەيدۇ-دە، ياكى دەرەخنى كېسىشكە ئۇرۇنىدۇ، ياكى پۇتۇڭدىن تارتىشقا ئاران تۇرىدۇ. نەتىجىدە ئۆزى ھەسەت دەستىدىن ئازابلىنىپ كېسەل بولىدۇ، جەمئىيىتى كەينىدە قالىدۇ. زىيان ئۆزىگىمۇ بولىدۇ، جەمئىيەتكىمۇ بولىدۇ.
كۆز ئالدىمدا ئالىي مەكتەپتە يازغان ”كۈندىلىك خاتىرەم“.
ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىلىدىكى ئۆكتەبىرنىڭ بىر كۈنى ئۇنىڭغا مۇنداق يېزىپتىكەنمەن:
مەن ئەقلىمنى بىلگەندىن باشلاپ، ”مىللىتىمىزنى تەرەققى قىلدۇرايلى“ دېگەن گەپنى ئاڭلاپ كېلىۋاتىمەن، بۇنى ئوقۇتقۇچىلار دەۋاتىدۇ، يازغۇچىلار يېزىۋاتىدۇ، رەھبەر بولغۇچىلار سۆزلەۋاتىدۇ، ھەتتا مەنمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش تەجرىبىسىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش قىسمىدا ”تەرەققىياتقا ئىلىم-پەن ئۆگىنىش ئارقىلىق ئېرىشەلەيمىز“ دەپ سۆزلىدىم. زادى ”تەرەققىيات دېگەن نېمە؟“، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇساقلا مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولامدۇ؟ زادى قانداق سەۋەبلەر ياكى قانداق شەخسلەر بىر جەمئىيەتنى تەرەققىيات يولىغا يېتەكلىيەلەيدۇ؟
خىياللىرىم سەپىرىنى داۋام قىلماقتا
ھازىر مەن ياشاۋاتقان بوستوندا بۇندىن 300 يىل ئىلگىرى بەنجامىن فرانكلىن دېگەن مەشھۇر پەيلاسوپ، كەشپىياتچى، ھەم سىياسىئون كىشى تۇغۇلغان. مەن ئۈرۈمچىدە ئىنگلىزچە ئۆگىنىپ يۈرگەن چېغىمدا، بىر كىتابتىن ئۇنىڭ ”مەرىپەتىك مىللەت قۇللۇققا مەھكۇم بولمايدۇ“ دېگەن سۆزىنى ئوقۇپ، ”-بەرھەق!“ دېگەن ئىدىم.
مانا ئەمەلىيەت ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، ئىلىم-پەن بىلەن قوراللانغان، مائارىپنى چىڭ تۇتقان، ئىزدىنىش، ئىجاد قىلىش روھىغا باي، كۈچلۈك رىقابەت ئەڭىغا ئىگە ھەرقانداق مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ راۋاجلانمىغىنى، روناق تاپمىغىنى يوق.
سىز مۇنۇ 2000 يىلدىن ئارتۇق سەرگەردانلىق، ۋەتەنسىزلىك ۋە مىللىي ئازاب-ئوقۇبەتنى يەتكۈچە تارتىپ گىتلېر تەرىپىدىن ۋەھشىيانە تۈردە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان يەھۇدى مىللىتىگە قاراڭ. ئۇلارنىڭ كىچىك بولسىمۇ قۇدرەتلىك ۋەتىنىنىڭ بولغىنىنى ئېيتمايلا قويايلى، مۇھىمى ئۇلارنىڭ مەرىپەتكە بىر خەلق سۈپىتىدە ئەھمىيەت بېرىشى — مانا بۈگۈن ئۇلارنى دۇنيانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىشلىرىغا ھەل قىلغۇچ تەسر كۆرسىتىدىغان مىللەتكە ئايلاندۇردى.
سىز يەنە پادىشاھلىرى ۋە ياكى باش باقانلىرىنىڭ قانخورلۇقى، ئالدامچىلىقى تۈپەيلى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا زور تالاپەتلەرگە دۇچار بولغان داخې (ياپون) مىللىتى ۋە ياكى گېرمان مىللىتىگە قاراڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇرۇش خارابىلىقىدىن دەس تۇرۇپ، ئىلىم-پەنگە ۋە ئىلغار تېخنىكىغا تايىنىپ خانىۋەيران بولغان دۆلىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىپ، بۈگۈنكى دۇنيادا يەنە تۆتنىڭ بىرى بولۇپ مەغرۇرلۇق بىلەن ياشاۋاتىدۇ.
يەككە دۆلەت ۋە رايونلارنى قويۇپ تۇرۇپ، پۈتۈن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بۈگۈنىدىن، ئۆتمۈشىگە نەزەر سالساق، ئىلىم-پەن تېخنىكىسىدىكى ھەر بىر يېڭىلىق ۋە بۆسۈشنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى ئىلگىرى باستۇرىدىغان غايەت زور كۈچ ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ روشەن ھالدا كۆرۈۋالالايمىز.
ئىلاھى كىتابلاردا ئېيتىلىشىچە ”ئادەم“ بۇ دۇنيانىڭ مەركىزى ئىكەن. شۇنداقلا، ئىلاھ، ”يارىتىشنى ياراتتىم، يارالمىشىڭ ئۆزۈڭدىن“ دېگەنمىش، يەنى قانداق ياشاش ھوقۇقىنى جۈملىدىن ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللىنىش شۇغۇللانماسلىق، تەرەققى قىلىش-قىلماسلىقتىن ئىبارەت تاللاش ھوقۇقىنى ئىنسانىيەتكە بەرگەن ئىكەن. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ ئۇزاق ئەسرلىك تارىخى مۇساپىسىدە، ئەڭ دەسلەپكى بىر جۈپ ئەجدادى ئەنجۈر ياپراقلىرىنى ئۆزلىرىگە يېپىنچا قىلىشتىن ھالا بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلگۈچە، تىلسىملارغا تولغان بۇ پانىي دۇنيادا توختاۋسىز تۈردە ئىزدىنىپ، ئىجاد قىلىپ، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. گەرچە، ھەرقايسى مىللەتلەر، مەدەنىيەتلەر بۇ خىل يۈكسىلىشكە تېگىشلىك ھەسسە قوشقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر بىز كۆرۈۋاتقان زامانىۋىلىشىشنىڭ پىلتىسىغا ئوت تۇتاشتۇرغۇچىلار، 18-ئەسىردە ”ئاقارتىش ھەرىكىتىنى“ قوزغىغان ۋە 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا پار ماشىنىسىنى كەشپ قىلىپ ئىنسانىيەتنى سانائەت ئىنقىلابىغا باشلاپ كىرگەن ياۋروپالىقلار بولدى. گالىلەئو ۋە نەۋتونلارنىڭ كۆزىتىش ھەم تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان بايقاشلىرى، نەزەرىيەلىرى-تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۆزئارا ماسلاشقان، تەرتىپلىك ھالدا مەلۇم خىل فىزىكىلىق قانۇنىيەتلەر ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىغىنى كۆرسەتكەن بولسا، تھوماس پاينە، مونتەسقۇئىئەئۇ، روئۇسسەئائۇ ۋە فرانكىس باكون غا ئوخشاش مۇتەپەككۇرلەر، ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى ياخشى چۈشىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشتى ۋە شۇ خىل ئىدىيىنىڭ ئۇرۇغىنى ئۆز جەمئىيىتىگە چېچىپ، ياۋروپا پەن-مەدەنىيەت گۈللىنىشىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتتى. ئاشۇنداق ئۇلۇغ ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىدە، ئەينى چاغدىكى ياۋروپادا ھەر قايسى شاھەلەردە چوڭ چوڭ يېڭىلىقلار، ئۆزگىرىشلەر يۈزبېرىپ ۋە تەدرىجى ھالدا يەر شارىنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغا تاراپ، ئىنسانىيەتنىڭ مۇھتاجلىق ئالىمىدىن مۇمكىنلىك ئالىمىگە قەدەم قويۇشىغا ئاساس سالدى. ئالايلى، پار ماشىنىسىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى بىلەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتى سانائەت ئىنقىلابىغا ھامىلە بولدى. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىكى بۇ زور يۈكسىلىش-يەر شارىنىڭ قىياپىتىنى شىددەت بىلەن ئۆزگەرتتى. قاتناش-ترانسپورت تەرەققى قىلدى، زاۋۇت-فابرىكىلار قۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىرىش كۆلەملەشتى. تاۋار ئالماشتۇرۇش كۈچىيىپ، سودا-تىجارەت گۈللەندى. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىدا، ئىدىيىسىدە، ئىجتىمائى-ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىدە زور بۇرۇلۇش بولدى. ئىش تەقسىماتىنىڭ ئىنچىكىلىشىشى، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئېشىشى، كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادى كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئوزۇقلىنىشنىڭ ياخشى بولۇشى، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىق ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە مېدىتسىنا-دورا تەتقىقات ساھەسىدىكى بايقاشلار، كەشپىياتلار كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىك ۋە ساغلام ھالدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە ئاساس سالدى. مەسىلەن ئالېكساندەر فلېمىڭ تەرىپىدىن 1928-يىلى پەنسىلىننىڭ تاسادىپى بايقىلىشىنىڭ ئۆزىلا كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى بىر نەچچە ئون يىل ئاشۇردى. نۆۋەتتە، بىز دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىگە باھا بەرگەندە، ئۇنى بۇرۇنقىدەك، ئەنئەنىۋى ھالدىكى كىشىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى يەنى ئىقتىسادىي ئۆلچەم بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يەنە شۇ جەمئىيەتتە ياشىغان كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىك ھالدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش-كۆرمەسلىكىنى قوشۇپ تۇرۇپ باھا بېرىمىز. مۇشۇ تارازا بىلەن ئۆلچىگەندە، نۆۋەتتە ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش يېشى 50 ياش ئەتراپىدا بولغان بىر دۆلەت، ياكى جەمئىيەت —ئېنىقكى نامرات ۋە قالاق بىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى تۆۋەنكى ساھارا ئافرىقا قىتئەسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر دەل مانا مۇشۇ تىپقا كىرىدۇ. دېمەك، تار مەنىدىن ئېيتقاندا تەرەققىيات-كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى كۆزدە تۇتۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ ساغلام ھالدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىمۇ كۆزدە تۇتسا، كەڭ مەنىدىن بولسا كىشىلەرنىڭ ”ياشاش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە ئىجتىمائى تاللاش پۇرسەتلىرىنىڭ كېڭىيىشىنى كۆرسىتىدۇ. {كەڭ مەنىدىكى تەرەققىيات ئۇقۇمىنىڭ ئېنىقلىمىسى-پەيلاسوپ، ئىقتىسادشۇناش ۋە نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى لاۋرىيانتى ئامارتيا سەن ئەپەندىگە تەۋە}
خىيال يولۇچىلىرىم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ”ئىلىم يىراق چىندا بولسىمۇ ئېلىڭلار“ دەپ نەقەدەر توغرا ئېيتقانلىقىغا قايىل بولدۇم.
قۇياشنىڭ ئوتتەك ھارارىتىدە بارغانسېرى قىزىۋاتقان زېمىن، ئۇسسۇزلۇققا تەشنا بولۇۋاتقانلىقىمنى سەزدۈرگەندىن كېيىنلا خىيال دۇنياسىدىن قايتىپ كەلدىم ۋە سوغۇق ئىچىملىك ئىچكىلى ماڭدىم.

www.biliwal.com دىن ئەلىندى.
ئەسلى ئۇلۇنىشى

تىلسىملار دۇنياسىدا نۇر قۇچقان ئالىم (2)

بوستون، ماسساچۇسەتتس، ياز ئايلىرى:
بۇ يەردە —-ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان، سىرلىق ۋە سېھرلىك ئانا ماكان-قەشقەردىكى ”گۈزەر رەستە“سىدە ئولتۇرغاندەك ئولتۇرۇپ چاينى قېنىق دەملەپ، 10-20 زىخ كاۋاپ بۇيرۇتۇپ قويۇپ چۆپقەتلىرىڭ بىلەن مۇڭدىشىدىغان مۇھىت يوق. ”دۇنكىن دونۇت“نىڭ كوفىسىنى سەھەردە بىر قاپلا ئىچىش كۇپايە. نەۋ يوركقا ھەپتە ئاخىرى بارىمەن. شۇڭا تەتىل كۈنلىرىدىكى ھەپتە ئارىلىقىدا ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆيگە قايتىشقا ئالدىراپ كەتمەيمەن. بۇنداق چاغدا كىتابخانىلارنى ئارىلايمەن. بۈگۈن ”قانداق يېڭى كىتابلار چىقتىكىن“ دەپ كىتابخانىنى ئايلىنىۋېتىپ ”2006-يىلىدىكى ئامېرىكىدىكى مەشئۇر شەخسلەر“ ناملىق تېخى يېقىندىلا نەشر قىلىنغان كىتابقا كۆزۈم چۈستى. بۇ كىتابنىڭ 1899-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى نەشر قىلىنىدىغىنىنى، روزۋەلىتتەك مەشھۇر سىياسىئونلار، ئەئىنستەئىندەك داڭلىق ئالىملار، كەننەتھ ئارروۋدەك نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىقتىسادشۇناسلار ۋە بىلل گاتەستەك دۇنياۋى كارھانىچىلارنىڭ، قىسقىسى بۇ كىتابقا ھەر يىلى ھەر قايسى ساھەلەردە ئامېرىكا جەمئىيىتىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان شەخسلەرنىڭ تاللىنىپ كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئىختىيارسىز مۇنۇ كۆپ مەنبەلىك، كۆپ مىللەتلىك ۋە كۆپ قىرلىق مەدەنىيەتكە ئىگە بۇ دۆلەتتە زادى كىملەرنىڭ بۇ جەمئىيەتكە چانچىلىك تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنىڭ قانچىلىك ئېتىراپ قىلىنغىنىنى بىلىپ باققۇم كەلدى.
ئادەمنىڭ كۆزى ئادەتتە ئۆزىگە تونۇش نەرسىنى ئاسان بايقايدۇ.
كىتابنى ۋاراقلاۋېتىپ، بىردىنلا تونۇش بىر ئىسىمنى كۆرگەندەك بولدۇم ئەمما، ”بىزدىن تېخى بۇ كىتابقا كىرگۈزگىدەك شەخس چىققىنى يوق، چىققان بولسا ئاڭلار ئىدىم“ دېگەن خىيال بىلەن، ئىتتىك ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدۇم-يۇ، ئىختىيارسىز، بۇ ئادەمنىڭ تەرجىمھالىغا نەزەرىمنى ئاغدۇردۇم.
”رىشات ئابباس بورھان-كىلىنىكىلىق دورىلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ساھەسىدىكى باش تەتقىقاتچى. ئۇيغۇر. 1960-يىلى ئاۋغۇستتا تۇغۇلغان. ئابباس بورھان ۋە مارىيە ئابلىزنىڭ ئوغلى
كەسپى جۇرناللاردا ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا 80 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان ۋە ئوقۇغان. قولغا كەلتۈرگەن تەتقىقات نەتىجىلىرى —ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1996-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، ۋە ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان ھەمدە 1999-يىلى 3-ئايدا ”زەھەرشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى“ تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ماقالە بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
… 2001-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ”دىئابېت كېسىلى (قەنت سىيىش كېسىلى)نى داۋالاش تېخنىكىسىنى ئالماشتۇرۇش ئىلمىي يىغىنى“ دا بىر ماقالىسى ئەڭ ياخشى ماقالە مۇكاپاتى’ غا ئېرىشكەن. يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش جەھەتتە قوشقان تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان. ئىنسۇلىننى ئېغىز ئارقىلىق ئىستېمال قىلىش تېخنىكىسى بويىچە پاتېنتقا ئېرىشكەن. پھارماكوكىنەتىكا ۋە پھارمادينامىكا تەتقىقاتى جەھەتتە شۇنداقلا يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش جەھەتتىكى تەتقىقات لايىھەسىنى تۈزۈش، تەجرىبە قىلىش ۋە كىلىنىكىلىق سىناق قىلىش جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئۇسلۇب ئىجات قىلىپ، ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان. ھازىر، ۋيەتھ تەتقىقات مەركىزىدە دۇنياۋى دورا تەتقىق قىلىش ۋە ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ راك كېسەللىرىنى داۋالايدىغان دورىلارنى تەتقىق قىلىش ۋە بارلىققا كەلتۈرۈش تارمىقىنىڭ درېكتورى.
رىشات دورا تەتقىقاتى ساھەسىدە پەۋقۇلاددە نەتىجە يارىتىپ، ھازىرقى زامان ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن نامى مەزكۇر كىتابقا كىرگۈزۈلدى“.
—“ئۆزى، نەق ئۆزى شۇ“.
خۇددى چۆلدىن بۇلاق تېپىۋالغاندەك خۇش بولۇپ كەتتىم. ”پاھ، بىزدىنمۇ بۇ كىتابلارغا مەشھۇرلار قاتارىدا تىزىلىدىغانلار بولىدىكەن-ھە؟
ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ”ئايروپىلاننى-ئاكا-ئۇكا ۋرىغتس، تېلېپھوننى ئېدىسون، پەنسىلىننى فلېمىڭ ئىجاد قىپتۇ ياكى بايقاپتۇ، ئەجەپ بىز ئۇيغۇرلاردىن ھېچكىم خەلقئارالىق تەسرگە ئىگە بىرەر نەرسە ئىجات قىلماپتۇ، ‘قۇتادغۇ-بىلىك’ ئىمىز بار، قەدرىگە يەتمىدۇق، ’12 مۇقامىمىز’ بار، ئۆزىمىزلا چۈشىنىپ ھوزۇرلىنىمىز، ..“ دەپ ئويلاپ كېتەتتىم.
بۈگۈن باشقىچە روھلاندىم. مەن ئۆزئارا ئادەتتىكىچىلا سالام-سائەت قىلىشىدىغان، دورا تەتقىقات ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتى بولۇپمۇ ئامېرىكا پەن-تېخنىكا ساھەسى ئېتىراپ قىلغۇدەك بۇنچىلىك دەرىجىدە چوڭ نەتىجە قازانغانلىقىنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقماپتىكەنمەن.
ئادەم بىر نەرسىنىڭ تېگىگە يەتمىگۈچە بولدى قىلمىسا، ئۇنى بۇدۇشقاق دەيمىز، مېنىڭ بۇدۇشقاقلىقىم تۇتۇپ كەتتى.
تور تېخنىكىسىغا بارىكاللا! سەن ھەر ۋاقىت ئۆزۈڭگە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ھەر خىل ئىزدەش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇچۇر دېڭىزىدىن خۇددى بېلىقچى دېڭىزدىن بېلىق سۈزگەندەك سۈزۈۋالىسەن. مەن رىشات (رىچات دەپمۇ يېزىلىدۇ) ئابباس دېگەن ئىسىمنى تورغا كىرگۈزۈپ كۆردۈم. كۆز ئالدىمدا رىشات ئابباس توغرىسىدا كۆپ ئۇچۇرلار پەيدا بولدى. ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلار بولۇپ، ھەتتا بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىنگلىزچىدىن باشقا چەت ئەل تىللىرىغا يەنى خەنزۇچە ۋە گېرمانچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. ھەم ھەيران قالدىم، ھەم خۇش بولدۇم. ھەيرانلىقىم شۇكى، ئانا تىلى ئىنگلىز تىلى بولمىغان بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ دۇنياۋى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلمىي جۇرناللاردا شۇنچە كۆپ ماقالىلەرنى ئېلان قىلالاشى ئىدى. ئەگەر مەن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇمايۋاتقان بولسام، بەلكى بۇ قەدەر ھەيران قالماسلىقىم مۇمكىن ئىدى، ھەيران قالماسلىقىمنىڭ سەۋەبى ”ئىلمىي ماقالىنى“ چوڭ بىلمەسلىكىمدىن ئەمەس بەلكى، ئۇنىڭ قانداق پۈتۈپ چىقىشىنى چۈشەنمەسلىكىمدىن بولۇشى ئېنىق ئىدى.

تىلسىملار دۇنياسىدا نۇر قۇچقان ئالىم (3)

ئادەتتە ئىلمىي ماقالىنىڭ پۈتۈپ چىقىش جەريانى-تەجرىبىچىلىك ئۇسۇلى قوللىنىلىدىغان تەتقىقاتتا مۇنداق بولى
ئالدى بىلەن تەتقىقاتچى ياكى ئالىم ھادىسىلەرنى كۆزىتىش جەريانىدا ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇم خىل پەننىي بىلىم ۋە ئىلمى نەزەرىيەگە ئاساسلىنىپ ئۆزىنىڭ پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاندىن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق يەنى تەجرىبىچىلىك ئۇسۇلى ئاساسىدا سىناق قىلىپ، ئانالىز قىلماقچى بولغان ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار توغرىسىدا ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇمات توپلايدۇ. ئاخىرىدا زۆرۈر بولغان ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ، ئىلگىرى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان پەرەزنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى ئانالىز قىلىپ، بىر خۇلاسىگە كېلىدۇ. بۇ يەردە ئىلمىي تەتقىقاتتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك ھالقىلىق ئىككى شەرت بار. بىرى، كۆز قاراشنىڭ ئىلمىيلىكى-بۇنى ئادەتتە ئىجادكارلىق ياكى تەپەككۇرنىڭ چوڭقۇرلۇقى دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ. يەنە بىرى، ئۆزگەرگۈچى مىقدارلار ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەشتە زۆرۈر بولغان تەجرىبە شارائىتى، ياكى ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ماددى شارائىت. مەن بۇ ئىككى شەرتنىڭ ئىچىدە تەتقىقاتچىنىڭ كۆز قارىشىنى مۇھىم دەپ قارايمەن. چۈنكى كىشىنى قايىل قىلارلىق ئىلمىي پەرەز بولمىسا، دۇنياۋى سەۋىيەدىكى ئىلغار ماددىي شارائىت بولغاندىمۇ تەتقىقاتتا ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ، ئەمما يېڭى پىكىر ۋە ئىلمىي قىياسلا بولىدىكەن، پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچىنى تونۇپ يەتكەن رىقابەتلىك بۇ دۇنيادا، ئىزدەنگۈچى ماددىي شارائىتنى ھامان قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. مۇشۇ مەنتىقىدىن ئېيتقاندا، خەلقئارا سەۋىيەدىكى جۇرناللاردا كۆپ ماقالە ئېلان قىلغان بىر كىشىنى ئىجادىيلىقى يۇقىرى، قىسقىسى، ھەقىقى مەنىدىكى ”ئالىم“ دەپ ئېيتىشقا ھەقلىقمىز.
بۇ يەردە ”ئالىم“لىق ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشنىڭ زىيىنى بولمىسا كېرەك.
كىشىلەر ئادەتتە ئۆزلىرى ئىشلىتىۋاتقان ئۇقۇملارنى ئاسانلا ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ، خۇددى ”يېشىل رەڭ“ دەپ تۇرۇپ ”كۆك رەڭ“ نى، ”قوغۇن“ دەپ ”سويمىنى“ كۆرسەتكەندەك. ئىلىم ساھەسىدە ”ئالىم“ دېگەن سۆز — ماددىي دۇنيانى چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان مەلۇم ساھەدە (ئاساسلىقى تەبىئىي پەن) سىستېمىلىق بىلىمگە ئىگە بولغان ھەمدە كۆزىتىش، تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئارقىلىق جامائەت ئېتىراپ قىلغان ئىلمىي نەزەرىيە ۋە ياكى ماددىي شەكىلگە ئىگە مەھسۇلاتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن شەخسنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن شۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىمكى، بىر ئادەم-مەلۇم خىل ئىلمىي ئۇنۋاننى ئالغانلىقى ئۈچۈنلا ”ئالىم“ بولۇپ، ئالمىغانلىقى ئۈچۈن ”ئالىم“ بولالماي قالىدىغان ئىش يوق. مەسىلەن بىر ئادەم پەننىڭ مەلۇم بىر تۈرىدە ”دوكتور“ لۇق ئۇنۋانى ئالسۇن دەيلى، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇ كىشىنى ”ئالىم“ دەپ ئاتاش-ئىستېمال قىلىنىۋاتقان بۇ سۆزنى ياخشى چۈشەنمەي، ئالدىراپ چىقارغان خۇلاسە بولۇشى مۇمكىن. دوكتورلۇق ئۇنۋانى-ئالىملىق تونىنى كىيىشنىڭ بىر يېتەرلىك شەرتى، ئەمما زۆرۈر شەرتى ئەمەس. كونىلار: ”تۆردە ئولتۇرغان ھېساب ئەمەس، زەللە ئالغان ھېساپ“ دېيىشكەن ئىكەن. گەپ سېنىڭ ئۇنۋانىڭدا ئەمەس، ياراتقان نەتىجەڭدە. شۇڭا ئەينەكنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تۇرۇپ شۇنداقمۇ ئېيتالايمىزكى، يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋان ئالماي تۇرۇپمۇ، ئۆزلۈكىدىن تىرىشىش ئارقىلىق مەلۇم ساھەدە يېتىلگەن، پەن-تەتقىقات نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان كىشىلەرمۇ ”ئالىم“لىق شەرىپىگە مۇييەسسەر بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
بىز تۇرمۇشىمىزدا 5 ياشلىق كىچىك بالىنىڭ ئايىغىنىمۇ ئاياغ، 30 ياشلىق ئادەمنىڭ ئايىغىنىمۇ ئاياغ دەپ ئاتايمىزۇ، ئەمما بىرسىنىڭ ئايىغىنى يەنە بىرسىگە كەيدۈرگىلى بولمايدۇ. سەۋەب بۇ يەردە ئۆلچەمنىڭ ئوخشىماسلىقىدا. شۇنىڭغا ئوخشاش ”ئالىم“لىقنىڭمۇ دەرىجىسى بولىدۇ. بىز بۇ يەردە دەۋاتقان ئالىم —بىر جەمئىيەتكىلا مەنسۇپ، بىر مىللەت ئۆزىگىلا چۈشىنىشلىك ئالىممۇ ياكى خەلقئارا سەۋىيەدىكى ئالىممۇ؟
مۇنداق ئوخشىتىشقا بولىدۇ: بىر مىللەتنىڭ خەلقئارا سەۋىيىدىكى ئالىملىرى شۇ مىللەتنىڭ ماركىسى. بۇ ماركا دۇنياغا قانچە يۈزلەندى دېگەنلىك-مىللىتىڭ دۇنياغا تونۇلدى دېگەن گەپتۇر. دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى بىلەن تونۇلغان مىللەت-جەلپكار مىللەت، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، شۇنداقلا كەلگۈسى پارلاق بىر مىللەت. مەلۇم مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن توپ شەكلىدە يەنى خەلق سۈپىتىدە تەرەققىياتقا ئىنتىلىشى ۋە تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشى كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارغا بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە خەلقنىڭ نېمىگە يۈزلىنىشى يەنى قانداق يۆنىلىشنى تاللىشى ۋە شۇ خەلق تەشكىل قىلغان جەمئىيەتنىڭ روھىي كەيپىياتى ناھايىتى مۇھىم. بۇ-ئەۋلادلارنىڭ قايسى خىل قىممەت قاراش بىلەن چوڭ بولۇشىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر جەمئىيەتتە ئەيش-ئىشرەتچىلىك ئېغىرلىشىپ، ئالىمنى ئەمەس ناخشىچىنى، ئىلىمنى ئەمەس، ئۇسسۇلچىنىڭ تولغاپ ئوينىغان بېلىنى چوڭ بىلىدىغان، ئاللىقانداق ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمەي ناخشا توۋلايدىغانلارنى ۋە ياكى ھېچقانداق ئەخلاقىي ئۆلچەم ھەم ۋىجدان تارازىسىنىڭ چەكلىمىسى بىلەن ھېسابلاشماي، غەيرى يوللار بىلەن ”باي“ بولغانلارنى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى ۋە ئىنتىلىش ئوبيېكتى قىلىدىغان خاھىش يامراپ كەتسە، مۇقەررەركى بۇنداق مىللەتنىڭ كېلەچىكى گۇڭگا بولىدۇ، خالاس.
ئۇلۇغ بوۋىمىز، مەھمۇد قەشقەرى بۇندىن 10 ئەسىر ئىلگىرى شۇنداق دېگەن ئىكەن:
(مەن بۇ سۆزنى پىشقەدەم بىرسىدىن ئاڭلىدىم، ئەمما ”تۈركى تىللار دىۋانى“ دېگەن كىتابنى تەكشۈرۈپ بۇ سۆزنى دەللىللەش پۇرسىتى بولمىدى).
”ناخشا-ئۇسسۇلغا بېرىلگەن خەلق — زاۋاللىققا يۈز تۇتقان خەلق“.
بۇ سۆزنىڭ ئۆزىلا كۇپايە. 1000 يىلدىن بۇيان ئۇنى چۈشەنمىگەن بولساقمۇ، ئەمدى ئۇنىڭ تېگىگە يەتمىسەك بولمايدۇ.
”ئەقىلغە ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز“ دەپ توغرا ئېيتقان ئىكەن دانالىرىمىز.
بىز چوقۇم ئۆزىمىزگە تەلەپ قويۇشىمىز، ياشلىرىمىزنى ئىلىم-پەن ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈشىمىز، خەلقىمىزنى مەرىپەت ئارقىلىق مەۋجۇتلىغىمىز ۋە كېلەچىكىمىز ئۈچۈن تىرىشىشقا چاقىرىق قىلىشىمىز ھەمدە كىشىلىرىمىز ئىچىدە، ئىلىم-پەننى قەدىرلەيدىغان، ئىلىم ئىگىلىرىنى ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق ئىچىمىزدىن تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا سەۋىيىدىكى ئالىملارنىڭ چىقىشىغا ئىلھام ۋە كۈچ بېرىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە مەدەنىيەتنى بەرپا قىلىشىمىز زۆرۈر.
”ئىلىم-پەن ئارقىلىق تەرەققىياتقا ئېرىشىش“ تىن ئىبارەت كۆزقاراشنىڭ كۆڭلۈمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقىنىدىن بولسا كېرەك،-ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان خەلقئارا سەۋىيەگە ئىگە بىر ئالىمنى- يەنى بىز تېخى بايقاپ يەتمىگەن بىر گۆھەرنى بايقىغىنىم ئۈچۈن قەۋەتلا خوش بولدۇم ھەمدە كۆڭلۈمدە ئۇنىنغا ”ئالىم“لىق تونىنى كەيگۈزدۈم. چۈنكى رىشات ئابباسنىڭ قىسقىغىنە 10 يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي نەتىجىلىرى، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن بېرىلگەن باھالار، مۇكاپاتلار ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئالىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.
بۇ 10 يىل ئىچىدە دوكتور رىشات ئەپەندى-ئۆزى باش بولۇپ ، ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ نۇرغۇنلىغان ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، 81 پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ چىقتى، يازغان ماقالىرىنىڭ ئېلان قىلىنىش نىسبىتى 100% بولدى ھەمدە ھەممىسى زەھەرشۇناسلىق ۋە دورىگەرلىك ئىلمى ساھەسىدە خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ”زەھەرشۇناس“، ”خەلقئارا زەھەرشۇناس“ ۋە ”دورىگەرلىك ئىلمى“ قاتارلىق ئىلمىي جۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. بۇ جەرياندا ئۇ-ياۋروپا، ياپونىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق مەملىكەتتە ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى مۇھىم شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنغا قاتنىشىپ 31 قېتىم ماقالە ئوقۇدى، 10 قېتىم تەكلىپكە بىنائەن لېكسىيە سۆزلىدى. ”ئەگەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ياراتقان ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى خەلقئارا سەۋىيەدىكى ئالىملارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشمىسە، مۇشۇ قىلنى قىرىق يېرىپ، ئىنچىكە ئىش قىلىدىغان كىشىلەر ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا قىزىقىپ، لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلارمىدى؟“ مۇشۇلارنى خىيالىمدىن كەچۈرۈۋېتىپ، ئۇيغۇرلاردىن چىققان بۇ ياش ئالىمدىن پەخرلەندىم.
مەن كىچىكىمدىنلا ئىككى تۈرلۈك ئادەملەرنى ھۆرمەت قىلاتتىم. بىرى، ياشقا مەندىن چوڭلارنى، ھەتتا قارشى تەرەپ مەندىن 2-3 ياش چوڭ بولسىمۇ، ئەگەر پەزىلەتلىك بولسىلا. يەنە بىرى بىلىملىك، تىرىشچان ۋە ئىشچان ئادەملەرنى، ئەگەر مەسئۇلىيەتچان بولسىلا. ئاشۇ خۇسۇسىيىتىمدىن بولسا كېرەك ئالىي مەكتەپكە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، كۆزۈمگە چېلىقىپ تۇرىدىغان:

”ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم، جاھان مېنىڭ،
قانداق ياشىسام ياشايمەن، ئەركىم مېنىڭ،
قوقان بايۋەچچىسىمۇ يەتمەس ماڭا،
ئىشىمغا ئارىلاشما، نېمە كارىڭ سېنىڭ؟

دېگەن مەنتىقە بىلەن ھە دېسە ”مودا قوغلىشىپ“، ئۆزىدە يوق بولسا خەقنىڭ ياخشى كىيىملىرىنى ”ھەپتە ئاخىرىدىكى ئولتۇرۇشلار“ ئۈچۈن تىلەپ كىيىپ، كوچىدا گەپنى چوڭ ئېتىپ، ياتاقتا ”كەسمە چۆپ“ نى كاپ ئېتىپ، ”ئاستىمدا ئىشتان يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى“ دەپ ”چەللىدە ئات چاپقاندەك، پايپاققا نالە قاققاندەك“ ئىش قىلىپ يۈرۈيدىغان، ھە دېسە ماجاڭ ئويناپ، ئاتا-ئانىسى ئەۋەتكەن پۇلنى قىماردا ئۇتتۇرۇپ، ئۇتۇۋالسا دۆڭكۆۋرۈكنىڭ تار كوچىلىرىنى بويلاپ نەلەرگىدۇ كېتىپ قالىدىغان، بىلىپ-بىلمەي پاتقاقلارغا پېتىپ قالىدىغان بەزى ياشلىرىمىزغا ئەپسۇسلىناتتىم، ئاز ساندىكى بەزىلەرنىڭ ئۆزىگە ۋە جەمئىيەتكە تۇتقان مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن، چاكىنىلىقىدىن سەسكىنەتتىم. ئەمما، كۆڭلىگە ئارزۇلارنى پۈكۈپ ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن، جۈملىدىن، خەلقىنىڭ ساپاسى ۋە ئابرويى ئۈچۈن تىرىشىدىغان، ئارىيەت قىلىدىغان بالىلارنى كۆرسەم، ئاكتىپلىق بىلەن كۆرۈشۈپ، تونۇشاتتىم، ئۇلارغا مەدەت بېرەتتىم، شۇنداقلا ئۆزۈممۇ ئۇلاردىن ئىلھام ئالاتتىم. 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان غايىلىك ياشلار خېلى بار ئىدى، ئەمما ئاشۇلارنىڭ ئارىسىدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلىمگە بېرىلگەن ئىككى ياش (نىجات ئىمىن-بىئولوگىيە پەنلىرى بويىچە دوكتور، ھازىر ئاۋىسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتتا كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەيدۇ ۋە دوكتور ئاسپىرانتلارنى يېتەكلەيدۇ. دىلشات ھېۋىزۇللا-كومپيۇتېر پەنلىرى بويىچە دوكتور، ھازىر ئەنگىلىيىدە خىزمەتتە، خەلقئارادا مەشھۇر جۇرناللاردا ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى) دىققىتىمنى تارتتى. ئۇلار بىلەن تونۇشتۇم ھەم ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، ئىش-ئىزلىرى ۋە غايىسى ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇلارنى ”ئىلىم-پەنگە ئۆزىنى ئاتىغان، خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدلىك ئوغلانلىرى ئىكەن“ دەپ تونۇپ، ”ئىش-ئىزلىرىنى خەلقىمگە تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ياشلىرىمىزنى ئىلىم-پەن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلىش بۇرچۇم“ بار قارىدىم. نەتىجىدە، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ”مەڭگۈلۈك ياشلىق“ نامىدا ئىككى پارچە ئەدەبىي ئاخبارات يېزىپ چىقتىم. ئەسەرلەر- ”تارىم“ جۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتە ياخشى تەسىر پەيدا قىلغان چېغى، ئەينى چاغدا بۇ ئەسەرلەرگە ئىنكاس قىزغىن بولدى.
بۇنىڭدىن مەن شۇنداق خۇلاسىگە كەلگەن ئىدىم، شۇ چاغدا:
خەلقىمىز- ئۆزىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىدىن سۆيۈنىدۇ، ئۇلارنى بىلىشنى خالايدۇ ۋە ئۇلاردىن ئۈمىد كۈتىدۇ. يېتىلىۋاتقان ياشلىرىمىز بولسا ئاشۇ مۇنەۋۋەر ياشلىرىمىزنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن رىغبەت ئالىدۇ، نەتىجىدە جەمئىيىتىمىز تەدرىجى ھالدا پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تېپىش، تەرەققى قىلىشتىن ئىبارەت توغرا ئېقىمنى تاللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن رىقابەتلىك بۇ دۇنيادا كېلەچىكىمىز كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.
دۇنيادا ئۆز خەلقىڭنىڭ ساھىبخانى بولۇشتىنمۇ ئارتۇق شەرەپ ۋە مۇقەددەس بۇرچ بولمىسا كېرەك. شۇڭا مەن ئەينى چاغدىلا ئۆز-ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەن ئىدىم:

مەيلى سەن بۈركۈت بول پەرۋاز ئەيلىگەن،
ئىلىم-پەن كۆكىدە قانىتىڭ كېرىپ.
مەن سەندىن سۆيۈنۈپ پەخىرلىنىمەن،
نامىڭنى ئالەمگە داستان قىلىمەن.

مەيلى سەن گۈل بولغىن خۇش پۇراق چاچقان،
پەزىلەت بېغىدا رەيھانە بولۇپ،
مەن سېنىڭ ھىدىڭنى تاراتقۇزىمەن،
تۆھپەڭنى خەلقىمگە ئاڭلاتقۇزى.

تىلسىملار دۇنياسىدا نۇر قۇچقان ئالىم (4)

ئىلىم-پەننىڭ ۋەزىپىسى دۇنيانى، شەيئىلەرنى ۋە ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈش، ھەمدە ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن خۇلاسىنى ئىنسانىيەتنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن تەتبىقلاش.
مەسىلەن، ئۆپكە راكى نېمىشقا پەيدا بولىدۇ؟ ئۇنى تاماكا چېكىش كەلتۈرۈپ چىقاردىمۇ؟ تاماكا چېكىش بىلەن ئۆپكە راكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت زادى قانداق؟
مانا بۇ-بىر مېدىتسىنا تەتقىقاتچىسى قىلىدىغان ئىش.
نېمە ئۈچۈن بەزى ئادەملەر راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ؟ ئۇنىڭ سەۋەبى خىمىيەلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدىنمۇ ۋە ياكى گېننىڭ (گەنەتىك) تەسىردىنمۇ؟
مانا بۇ-بىر دورا تەتقىقاتچىسى تەتقىق قىلىدىغان مەسىلە.
باشقا شارائىت ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، بىر گالون گازنىڭ باھاسى $1 ئاشۇرۇلسا، ئۇنىڭغا بولغان تەلەپ قانچىلىك تۆۋەنلەيدۇ؟
مانا بۇ-بىر ئىقتىسادشۇناس تەتقىق قىلىدىغان مەسىلە.
جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسر قوزغىغان، مەلۇم ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ۋە ياكى شەخسلەرنىڭ تارىخىنى، ئىش-ئىزلىرىنى بەدىئىي يوسۇندا بايان قىلىش ئارقىلىق جەمئىيەتتە ساغلام بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە ئاكتىپ كەيپىياتنىڭ يارىتىلىشىغا ئاز-تولا ھەسسە قوشۇش مەقسىدىدە ئىزدىنىش-ئۇ بىر ئەدەبىي ئاخباراتچىنىڭ ۋەزىپىسى.
مەن دورا تەتقىقات ئىلمى بويىچە ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان خەلقئارالىق سەۋىيەگە ئىگە بۇ ئالىمنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش تارىخىنى بىلمەك ھەمدە زادى قانداق ئامىللارنىڭ ئۇنىڭغا تەسىر قىلغانلىقىنى چۈشەنمەك مەقسىتىدە ئىزدىنىش لەشكەرلىرىمگە بۇيرۇق بەردىم.
سەپەرنى نەدىن باشلاش كېرەك؟ مەلۇم ساھەدە نەتىجە قازانغان شەخسلەرنىڭ مۇۋەپپىيەت تارىخى ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇنداق 3 ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ:- ئائىلىۋى مۇھىت، جەمئىيەت مۇھىتى ۋە مائارىپ تەربىيىسى.
ئادەم ئاساسلىقى مانا مۇشۇلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۆزىنىڭ كىشىلىك پەزىلىتىنى، خاراكتېرىنى ۋە سۇنداقلا شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرىدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن تەبىئىي ھالدا مەن دوكتور رىشاتنىڭ ئائىلىۋى مۇھىتىغا، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىغا قاراپ چىقتىم.
رىشات ئابباس-1960 يىلى ئاۋغۇستتا ئاتۇشتا تۇغۇلغان. رىشاتنىڭ ئانىسى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ بوشانغاندىن كېيىن، ئابباس بۇرھان ۋە مارىيە ئابلىز، ئەر-ئايال ئىككىسى بوۋاق رىشاتنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە يەنى ئۆزلىرى خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان شەھەرگە يېنىپ كەلگەن. رىشات شۇندىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدە بىر زىيالى ئائىلىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەشھۇر ئالىي مائارىپ گۈلشەنى بولغان شىنجىئاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇنىڭ دادىسى— ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق تەبىئى پەنلەر ئالىمى، پەننى ئومۇملاشتۇرغۇچى يازغۇچى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرى بويىچە بىر ئۆمۈر ئۆز خەلقىغە ھارماي-تالماي خىزمەت قىلىپ كەلگەن ۋە ھېلىھەم ئىلمىي خىزمەتلىرنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە جۇڭگو پەن-تېخنىكا دائىرىسىدىمۇ چوڭ تەسىرى بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر جامائەت ئەربابى ھۆرمەتلىك ئۇستاز-ئابباس بۇرھان ئەپەندىدۇر.
مەن ئابباس بۇرھان ئەپەندىنىڭ نامىنى-ئۇلۇغچاتتا تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 1-يىللىغىدا ئوقۇۋاتقىنىمدا، ئىسمائىلجان رېھىم ئىسىملىك بوتانىكا ئوقۇتقۇچىمىزدىن ئاڭلىغان ۋە كېيىنچە بۇ ئالىم يازغان ”قۇشلار-ئىنسانلارنىڭ دوستى“، ”ئىرسىيەت ۋە ئىرسىيەت قۇرۇلۇشى“ … قاتارلىق كىتابلىرىنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۆسمۈر چاغلىرىمدىن باشلاپلا بۇ زاتقا چوڭقۇر ھۆرمەت تۇيغۇسىدا بولغان ئىدىم. ”كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ“ دېگەندەك، مەن ئابباس بۇرھان ئەپەندىنى 1997-يىلى ياز مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. تەبىئىتىدىكى كىچىك پېئىللىق، مۇلايىملىق ۋە مېھرىبانلىق ھەم ھەقىقى مەنىدىكى بىر ئالىمدا بولۇشقا تېگىشلىك ئادىمىيلىك خىسلەتلىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى ئۈچۈن مەزكۇر ئاخباراتتا بۇ زات ھەققىدە ئىككى ئېغىز توختىلىپ ئۆتۈشنى توغرا كۆردۈم.
ئابباس بۇرھان ئەپەندى-1932 يىلى ئۆكتەبىردە جاھالەت ۋە نادانلىق دەستىدىن قاراڭغۇلۇقتا قالغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە، مەدەنىيەت ۋە ئاقارتىش مەشئىلىنى ياققان، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپى ئاپىرىدە بولغان، ئۇيغۇرلارغا مەشھۇر ئانا ماكان-ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسى ئىكساق كەنتىدە بىر مەرىپەتۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئائىلىسى ۋە ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك، ئۇ كىچىكىدىنلا ئىلىمگە ھېرىسمەن بولۇپ يېتىشكەن. بالىلىق ۋە ياشلىق مەزگىللىرىدىن تارتىپلا ئەجدادلىرىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پەن-تېخنىكا ئۇرۇغىنى ئۆز خەلقىنىڭ قەلبىگە چېچىش، پەن-مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلقىنى ئاقارتىش، ئۇلارنى روناق تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ئىستەكنى كۆڭلىگە پۈككەن.
ئابباس بۇرھان ئەپەندى 1956-يىلى بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيە كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىدە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇزۇن مەزگىل ئاقارتىش ئىشى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ مەيلى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، فاكۇلتېت مۇدىرى بولغان ۋە ياكى ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى بولغان مەزگىللىرىدە بولسۇن ۋە ياكى ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان ۋاقتلىرىدا بولسۇن، ھەر ۋاقىت ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئۆز خەلقىنى روناق تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىدىيە بىلەن بىر تەرەپتىن ئىلمىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان دادىل رەھبەر بولدى.
ئابباس بۇرھان ئەپەندى-ئۆزىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئىلمىي ئىزدىنىش ۋە پەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ھەر خىل گېزىت جۇرناللاردا 400 پارچىدىن ئارتۇق پەننى ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى ھەمدە 20 گە يېقىن ئىلىم-پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئائىت كىتابنى يېزىپ چىقتى. ئۇ يەنە پەن-تېخنىكا سەپىدىكى رەھبەرلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نىسبەتەن سىستېمىلىق ۋە مۇنتىزىم بولغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تۈزۈلمىسىنى قۇرۇپ چىقىشتا لايىھىلىگۈچى، تەشەببۇسچى، باشچى ۋە يېتەكچى ھەمدە كۈچلۈك قوللىغۇچى بولدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىۋاتقان ”بىلىم-كۈچ“، ”پەن ۋە تۇرمۇش“ قاتارلىق پەننىي جۇرناللار مانا بۇ ھۆرمەتلىك ئۇستازنىڭ بىۋاسىتە ئەجرىنىڭ مېغىزلىرىدۇر. ئۇندىن باشقا ئۇ يەنە ھەر خىل ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى ”پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاستۇرۇش نەشرىياتىنى ئۆز قولى بىلەن قۇرۇپ چىقتى. “ ئابباس بۇرھان ئەپەندىنىڭ تۆھپىسىگە لايىق، جەمئىيەت ئۇنىڭغا نۇرغۇن شان-شەرەپلەرنى ئاتا قىلدى. نۇرغۇنلىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشكىنىنى بۇ يەردە سۆزلىمەيلا قوياي، 1986-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بەرگەن ”پەن-تېخنىكا ئۇرۇغىنى چاچقۇچى“ دېگەن نام ئۇنىڭ ئۆز خەلقىغە قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق باھادۇر. مەرىپەتپەرۋەر خەلقىمىز ھەم بۇ زاتقا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرۈشىدۇر. مەسىلەن، ئابباس بۇرھان ئەپەندى ئۆيىدىن چىقىپ، سىرتقا ماڭغاندا مەھەللىسىدىكى تىجارەتچىلەر، ئاشخانا ئىگىلىرى، ئۆزى كىچىك پېئىل، خەلق بىلەن بىر سەپتىكى بۇ زاتنى ھۆرمەت بىلەن مۇنداق تەكلىپ قىلىشىدىغانلىقىنى ئابباس ئاكا بىلەن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقان ۋاقتىمدا بىر نەچچە يەردىن ئاڭلاپ ھەيران ۋە قايىل بولغان ئىدىم:
—ئەپەندىم، قاسقانغا سالغان مانتىلار پىشىپ قالدى، مانتىغا ئېگىز تېگىپ ماڭسىلا.
— ئەپەندىم، تازا قارا قوينىڭ گۆشىدە مەززىلىك قىلىپ 5 زىخ كاۋاپ قويۇپ بېرەي، يەۋالسىلا.
دوكتور رىشات ئابباسنىڭ ئاپىسى-مەرھۇمە مارىيە ئابلىز خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈكى ۋە بەختى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قەيسەر جەڭچىسى ۋە قابىل تەشكىللىگۈچى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى مەرھۇم ئابلىز نىياز ئەپەندىنىڭ قىزى بولۇپ، مەن بۇ يەردە ئالدى بىلەن مەرھۇمەنىڭ ياتقان جايىغا جەننەت تىلەش بىلەن بىرلىكتە، مارىيە خانىم ھەققىدە يەنى مۇشۇنداق بىر پەخرلىك ئوغلاننى تۇغۇپ ۋە يېتىلدۈرۈپ چىققان ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە ئىككى ئېغىز ئەسلەپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ دۇنيادا ياخشى ئىش، ياخشى ئىنسانلار، ھۆرمەت ۋە سېغىنىش ئىچىدە ئەسلىنىپ تۇرسا، ھايات ياشاۋاتقانلارنىڭ ياخشىلىق بىلەن ياشاپ ئۆتۈشىگە ئۈلگە ۋە تۈرتكە بولىدۇ. ئەسكى ئىش ۋە رەزىللىكلەر نەپرەت ئىچىدە سۆزلىنىپ تۇرسا، ھايات ياشاۋاتقانلارغا نىسبەتەن ئاگاھلاندۇرۇش بولىدۇ.
مەرھۇمە مارىيە ئابلىز خانىم-1938 يىلى 18-مارتتا ئاتۇشنىڭ كاتتايلاق يېزىسىدا بىر مەرىپەتۋەر ۋە ئىنقىلابچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1950-يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېدىتسىنا مەكتىپىدە كىلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىدە ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئالىي مائارىپىنىڭ كۆزى بولغان ئۇنىۋېرسىتېتتا دوختۇر ۋە باش دوختۇر بولۇپ 40 يىلدىن ئارتۇق جانپىدالىق بىلەن خىزمەت ئىشلىدى. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان ۋە ئىشچانلىقنىڭ، تىرىشچانلىقنىڭ ئىنسانغا سائادەت ئېلىپ كېلىدىغىنىغا ئىشىنىدىغان ئەقىل-پاراسەتلىك بۇ سۆيۈملۈك ئانا- ئۇيغۇر تاتلىق يېمەكلىكلىرىنى توۋارلاشتۇرۇپ بازارغا سېلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ۋە شۇ ئارقىلىق ئىش كۈتۈپ تۇرغان بەزى خانىم-قىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى ئۆز ئەمگىكى بىلەن يېنىكلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تورت-يېمەكلىرى كارخانىسىنى قۇردى ۋە نۇرغۇن خانىم-قىزلارنى بۇ ساھەدە يېتىلدۈرۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ كۆپ ئورۇنلىرىدا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇپ سېتىش دۇكانلىرىنى قۇرۇشقا ياردەمدە بولدى. كېيىنچە ئۇ ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا شەھەرلىرىگىمۇ كېڭەيتتى، ئۇنىڭ تەجرىبىسىدىن ئىلھام ئالغان نۇرغۇنلىغان خانىملار ئاشۇ خىل ئىگىلىك تىكلەش يولىدىن مېڭىپ ھەم ئۆزىنىڭ ياشاش شارائىتىنى ياخشىلىدى ھەم باشقىلارغا سايىسىنى چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. 5 يىل ئىچىدە مارىيە ئابلىز خانىمنىڭ ئەجرى بىلەن يارىتىلغان ۋە تەرەققى قىلغان بۇ كارخانىچىلىق كەسپى ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇملىشىپ، 30-40 ئەتراپىدىكى شەھەر، ناھىيە، كەنت، بازارلاردا بولۇپ، 1000 غا يېقىن پىشۇرۇپ سېتىش دۇكانلىرى قۇرۇلۇپ، نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئىشسىزلىق ۋە ئائىلە ئىقتىسادى مەسىلىلىرى ھەل بولدى. مەرھۇمە مارىيە خانىم-ئاقكۆڭۈل، سېخى ھەم ياخشى نىيەتلىك ئىنسان بولۇپ، ھايات چېغىدا ياردەم قولىنى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئازاب تارتىۋاتقان ئاغرىق-سىلاقلارغا ۋە كەمبەغەل، يېتىم-يىسىرلارغا سۇنغانلىقى ئۈچۈن، 2004-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، مارىيە خانىم ۋاپات بولغان كۈنى، كىشىلەر ”ئۈرۈمچى ئاسمىنىدىن بىر خەيرى-ساخاۋەت يۇلتۇزى ئۆچتى“ دەپ ھەسرەت چېكىشتى.
رىشات ئابباس-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر جۈپ مۇنەۋۋەر ئوغۇل-قىزىنىڭ پەرزەنتى.
دوكتور رىشات ئابباسنىڭ يېتىلىپ چىقىشىنى دىئالېكتىك نۇقتىئىنەزەر بىلەن كۆزەتكەندە، بۇ يەردە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك ئىككە سەۋەب بار. بىرى تاشقى سەۋەب، يەنە بىرى ئىچكى سەۋەب.
رىشات ئابباس-ئۆزىنىڭ ئىلىم-پەنگە ھېرىسمەنلىكىنى، ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشىنى، خاراكتېرىدىكى ئېغىر-بەسىقلىقنى ئالىم دادىسىدىن ئۆرنەك ئالغان بولسا، ئۆزىنىڭ باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە دورا تەتقىقات ئىلمىگە بولغان قىزىقىشىنى-ئاپىسىنىڭ دوختۇر ئىكەنلىكىدەك سەۋەبنىڭ ئۆزىنىڭ ئىدرىكىنى ئويغىتىشىدىن دەپ قارايدۇ.
—ئەقلىمگە كەلسەم، دەپ گەپ باشلىدى ئۇ — تېخى يېقىندا بوستونغا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا كەلگەن پەيتتە، دادامنىڭ دائىم كىتاب ۋە قەغەز-قەلەم بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگىنىنى كۆرەتتىم، بىزنى ئويناتقىلى سىرتقا ئېلىپ چىقسىمۇ، يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ،سەھەردىمۇ-كەچتىمۇ، قاچانلا بولسا، ئازراق بوش ۋاقتى بولسىلا كىتاب كۆرەتتى، ھەدەپ بىر نېمىلەنى يازاتتى. مەن كىچىك بولغاچقا، ”كىتاب دىگەن زادى قانداق قىزىق نەرسىدۇ؟ دادام بۇنچە ئىچىگە كىرىپ كەتكۇدەك“ دەپ ئويلايتتىم، ھەتتا نەچچە رەت دادامدىن:
«دادا، سېنىڭ بىزگە ئوخشاش سىرتتا ئوينىغىڭ كەلمەمدۇ؟» دەپ سورىغىنىم ئېسىمدە. دادامنىڭ چاينى قىنىق دەملىۋېلىپ، يېزىقچىلىق ئۈستىلىدە بىر نېمىلەرنى يازىدىغان قىياپىتى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا. ئوغۇل بالا دادىسىنى دورايدۇ دەپ مەنمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدىن باشلاپ دادامنىڭ يېنىدا جىم ئولتۇرۇپ گەپ-سۆز قىلماي كىتاب كۆرۈپ، ئۆگىنىش قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈردۈم.

تىلسىملار دۇنياسىدا نۇر قۇچقان ئالىم (5)

رىشات ئابباسنىڭ دورا تەتقىقات ئىلمىگە قىزىقىشىغا مۇنۇ ئىش سەۋەب بولىدۇ. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاتۇشتىن بىر ھاممىسى ئۇلارنى يوقلىغاچ ئۈرۈمچىگە كېسەل كۆرسەتكىلى كېلىدۇ. مارىيە خانىم تۇغقىنىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا رېتسىپ يازىدۇ ۋە ئۇنى ئوكۇل ھەم دورا بىلەن ئۆزى بىر قوللۇق داۋالايدۇ.
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، يېڭى كەلگەندە ”ئۇ يېرىم ئاغرىدى، بۇ يېرىم ئاغرىدى“ دەپ ۋايساپ، يېرىم تەخسە لەغمەننى ئاران يەيدىغان بۇ موماي بىردىنلا ۋايساشنى توختىتىدۇ، ئىشتىھاسى ئېچىلىدۇ، روھىمۇ كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ ئاپىسىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. بۇ ئەھۋال-شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئاپىسىنىڭ دوختۇر ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئۇنىنغا ئانچە ئېرەن قىلمىغان ئۆسمۈر رىشاتنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىغا بىر ئوي كىرىۋالىدۇ. ”ئاپام قانداقسىگە، بىر ئاغرىق تۇغقىنىنى ساقايتىۋېتىدۇ؟ دورا بېرىپ، ئوكۇل ئۇرغانلىقى ئۈچۈن ساقايتىۋەتتى دېسەم توغرا بولارمۇ؟ دورا-ئوكۇل دېگەن نەرسە زادى قانداق قىلىپ كېسەللەرنى ساقايتىدۇ؟ بۇنىڭدىكى سىر زادى نەدە؟
ئىشنىڭ تەكتىگە يەتمىگۈچە بولدى قىلمايدىغان رىشات بىر كۈنى ئويلىغانلىرىنى ئاپىسىدىن سورىدى. بالىسىنىڭ سورىغان سوئالىدىن ئۇنىڭ بىر نەرسىگە قىزىقىۋاتقانلىقىنى بايقىغان سەزگۈر ئانا، بۇنىڭدىن خۇش بولدى، ھەم ئۆيدىكى ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيەلىك تۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىدىغان مودىلنى ئۇنىڭغا كورسۇتۇپ چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، مۇنداق دېدى:
—ئېسىڭدە تۇت بالام، ئادەم داۋالاشتا مۇنداق ئىككى نەرسە مۇھىم: مەلۇم كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى سەۋەبسىز بولمايدۇ، شۇڭا كېسەلنىڭ نېمىلىكىگە توغرا دىئاگنوز قويۇش، يەنى ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېنىقلاش- بۇ مۇھىم ئۆتكەل. سەۋەبنى ئېنىقلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىنغا قارىتا مۇۋاپىق داۋالاش تەدبىرىنى بەلگىلەش بۇمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. چۈنكى كېسەلگە بېرىلگەن دىئاگنوز چانچىلىك توغرا بولمىسۇن، ئەگەر ئۇنىنغا قارىتا توغرا داۋالاش تەدبىرى، مۇھىمى كېسەلنى تىزگىنلەيدىغان دورا ئوكۇللار بولمىسا، يەنىلا كېسەلنى ئازابتىن قۇتقۇزغىلى، بىمارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ.
ئەمدىلەتىن ئەتراپىدىكى ئىشلارغا سوئال نەزىرى بىلەن قاراشقا باشلاۋاتقان بۇ ياش بوغۇنغا، ئاپىسى مارىيە خانىمنىڭ سۆزى ناھايىتى كۈچلۈك تەسر قىلدى. شۇ كۈنى ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئاجايىپ ئوي خىياللار، سۇئاللار ۋە تاتلىق چۈشلەر تۈنەك ئەتتى.
”كېسەلگە توغرا بېرىلگەن دورا كېسەلنى ساقايتىدىكەن. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ دۇنيادا ھەممە كېسەلنى ساقايتىۋېتىدىغان دورا بارمىدۇر؟ بولمىسا ئۇنى ياسىسا بولمامدىغاندۇ؟ زادى ئۇنى كىشىلەر قانداق ياسايدۇ؟ ئەگەر بىر كۈنلەردە مەن ئاشۇنداق بىر دورىنى ياسىۋەتسەم-ھە! مۇنۇ ئاغرىق دەستىدىن قىينىلىۋاتقان ئادەملەر ساقىيىپ ساق ئادەملەردەك ئېچىلىپ-يېيىلىپ ھاياتنىڭ خوۋلىقىنى كۆرسە؟ شىپالىق دورىنىڭ بولمىغانلىقى تۈپەيلى، ئاتا-ئانىلار بۇرۇن ئۆلۈپ كەتمىسە، بالىلىرىنى باقسا، بالىلار يېتىم قالمىسا، ئانىلىرىنىڭ قۇچاقلىرىدا، دادىلىرىنىڭ مۈرىلىرىدە مېھر-مۇھەببەتكە قېنىپ چوڭ
بولسا، ھەي مۇنۇ سەمەت ئاكا ئاشقازان كېسىلى بىلەن ياشلا تۈگەپ كەتتى، ئەگەر ئۇنى ساقايتقىلى بولىدىغان دورا بولغان بولسا، رۇستەممۇ بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق مەيۈس يۈرمەيتتى…
ئۇ شۇ كۈنى كىچىسى ئۆزىنى جەنۇبىي تاغقا ھەممە كېسەلگە شىپا بولىدىغان خاسىيەتلىك دورا ئۆسۈملۈكىنى ئىزدەپ سەپەر قىلىپ چۈش كۆردى ۋە چۈسىدە مۇنداق ئىش كۆردى.
مانا ئۇ تاغ قاپتاللىرىدىن ئېشىپ، قارىغايزارلىق ئارىسىدا كېتىۋاتىدۇ، نەلەردىندۇر ھەر خىل قۇشلارنىڭ سايراشلىرى، كالا-قويلارنىڭ مۆرەشلىرى-مەرەشلىرى، ئىگىز قوراي تاشلار ئارىسىدىن شارقىراتمىنىڭ ساداسى كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالى ئاشۇ ھەممىگە قادىر-خاسىيەتلىك ئۆسۈملۈكنى تېپىشتا. ماڭە-ماڭە، ئۇ ئاخىر چەكسىزلىككە تۇتاشقان ياپ-يېشىللىققا چىقىپ قالدى. ئۇ بارماقچى بولغان تاغ ئابايا ناھايىتى يېقىندىلا تۇرغاندەك كۆرۈنگەن ئىدى، ئەمدى ئۇ پايانسىز يېشىللىققا چىقىپ قارىسا، ھېلىقى تاغ بارغانچە يىراقلاپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. ”ھەجەپ ئۇزۇن ۋە جاپالىق يول ئىكەنا-بۇ؟“.
”ئۇھ“، ھاردۇق يەتتىمىكىن، ئۇ بىر ئاز كۆزىنى ئىلىۋالماق بولۇپ ئۆزىنى چۆپلۈككە تاشلىدى-يۇ، ئەمما خىزىر سۈپەت بىر بوۋاينىڭ تۇيۇقسىز ئالدىدا پەيدا بولۇپ ئۆزىگە مېھرىۋانلىق بىلەن قاراپ كۈلۈپ تۇرغىنىنى كۆردى ۋە ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ بوۋايغا سالام بەردى:
-سالام بوۋا.
—ئوغلۇم، بىر چىرايلىق يۈرۈپسەنغۇ؟
-تاغدىن خاسىيەتلىك دورا ئۆسۈملۈكنى ئىزدەپ ماڭغان، ماڭسام-ماڭسام بۇ يول تۈگەر ئەمەس، ھاردۇق يېتىپ، بۇ يەردە ئازراق ئارام ئالاي دېگەن ئىدىم.
—ئۇ ئۆسۈملۈكنى نېمە قىلماقچى ئىدىڭ؟ بوۋاي سورىدى ئۇنىڭدىن.
— دورا ياساپ، كېسەل ئادەملەرنى داۋالاپ، ئۇلارنىڭ ئازايىبىنى يېنىكلىتەي دەپ ئويلىغان.
—بارىكاللا ئوغلۇم،- دېدى بوۋاي ساقىلىنى سىلاپ تۇرۇپ ۋە:
—ماڭ بالام، ماڭ. سەپىرىڭدىن يانما. نىيىتىڭ ئۇلۇغ، كۆڭلۈڭ ئاق بالا ئىكەنسەن. دۇنيادا باشقىلارنىڭ غېمىنى يېيىش، باشقىلارنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشتىنمۇ ئارتۇق ئۇلۇغ نىيەت بولمايدۇ. تەڭرىم، ھەر كىشىنىڭ نىيىتىگە يارىشا ئۇنىڭ رىسقىنى بېرىدۇ. كۆڭلۈڭ ئاق، نىيىتىڭ پاك بولغىنى ئۈچۈن ساڭا دۇئا قىلاي:
— توپا ئالساڭ ئالتۇن بولسۇن، كۈل ئالساڭ كۈمۈش بولسۇن. سەپىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولسۇن، سېنى مۇنۇ دۇلدۇل تاغ باغرىغا يەتكۈزۈپ قويسۇن، مەقسىدىڭگە يەتكەيسەن، ئامىن!
بوۋاي ئىككى قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى ۋە ئۇنى چاپچىپ تۇرغان ئاق بوز ئاتقا مىندۈرۈپ، ”چۇھ“ دېدى. ئاتنىڭ تاغ باغرىغا قاراپ ئوقتەك ئېتىلىشى بىلەن ”ۋاي“ دەپ ۋارقىراپ سالغان رىشاتنى ئاكىسى نىجات ئويغاتتى.
—ئۇكام، ئۇكام، نېمە بولدۇڭ؟ چىلىق-چىلىق تەر بوپ كېتىسپسەنغۇ؟
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى ئاپىسىدىن پات-پات ئاڭلاپ تۇرىدىغان ئۆسمۈر رىشاتنىڭ چۈشىگە ئاپىسىنىڭ ”بالام ساڭا چۈشۈڭدە ئەۋلىيا يولۇقۇپتۇ، كەلگۈسىدە كاتتا بىر ئادەم بولغىدەكسەن“ دەپ تەبىر بېرىشى بىلەن ئۇنىنغا بىر خىل غايىۋانە كۈچ كىرگەندەك بولدى.
كۈنلەر كۈلدۈرۈپ، ئايلار ئايلىنىپ، يىللار يورغىلاپ كېتىۋەردى، ئەمما ھېلىقى چۈش تا ھازىرغىچە ئۇنىڭغا تېخى بۈگۈن تاڭ سابادا كۆرگەندەك يېڭى ۋە مۇقەددەس تۇيۇلىدۇ.
ئەنە ئاشۇ مۇقەددەس چۈش-رىشاتنىڭ كېيىنكى كەسپىي ھاياتى ۋە كىشىلىك تۇرمۇشىغا تەسر كۆرسىتىدىغان قارارلارنى چىقىرىشىدا زور رول ئوينىدى.
رىشات ئابباس ئۆسۈپ يېتىلىپ 1978-يىلىغا كەلگەندە يەنى ئۇ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئاشۇ يىلى، ھېچ ئىككىلەنمەيلا شىنجىئاڭ تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ دورىگەرلىك كەسپىنى تاللىدى، چۈنكى بالا چاغلىرىدا ئۆزىگە ئۆزى قويغان سوئالغا جاۋاب تېپىش، چۈسىدە كۆرگەنلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئارزۇسى ئۇنىڭ قەلبىدە ئوتتەك يالقۇنجايتتى ۋە ئۇنى شۇ يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشقا ئىلھاملاندۇراتتى.
ئۇ- 80 يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئەلا نەتىجە بىلەن دورىگەرلىك كەسپىنى تاماملاپ، تېببىي ئىنستىتۇتتا دورا تەتقىتات خىزمىتىنى تاللىۋالدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ دورىگەرلىك ئىلمىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئەمدىلا قەدەم ئېلىپ كىرگىنىنى، بۇ ساھەدە ئۆزى بىلىشكە ، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى.
ئادەتتە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققان كىشىلەرنىڭ كۆپى ئۆزلىرىنى ”ئىلىم ئۆگىنىش جەھەتتە ئاخىرقى بېكەتكە يەتتۇق“ دەپ قاراپ، جاھاندارچىلىقنىڭ كويىغا چۈشۈپ كېتىشىدۇ. رىشات ئۇنىڭ ئەكسىچە ”مېنىڭ ئۆگىنىدىغان مەزگىلىم ئەمدى باشلاندى“ دەپ قارىدى ۋە ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئىشلەش پۇرسىتىدىن پايدىنىلىپ، ”ستاتىستىكا“، ”ئانالىز خىمىيە“، ”دورىگەرلىك ئىلمى“ ۋە ”دورىگەرلىك ئىلمى ئۈچۈن كەسپىي ئىنگلىزچە“ قاتارلىق دەرسلەرنى تاللاپ ئوقۇپ ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان كېلەچەكتىكى سەپەر ئۈچۈن ”ئوزۇق“ تەييارلىدى.
1983-يىلى فاكۇلتېت رەھبەرلىكى، ئۆزى زېرەك ھەم تىرىشچان بۇ ئىجتىھاتلىق ياشنى نەنجىڭ شەھرىگە جايلاشقان جۇڭگو دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆز ئارزۇسىغا بولغان ئېتىقادى تېخىمۇ كۈچەيدى. خۇددى ھازىرمۇ تونۇلغاندەك بۇ ئۇنىۋېرسىتېت جۇڭگونىڭ دورىگەرلىك ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەكتەپ بولۇپ، يېتىشكەن ئالىملار، چەت ئەلدە ئوقۇپ كەلگەن دوكتورلار توپلاشقان مەرىپەت بوشۈكى ئىدى. رىشاتنىڭ بۇ مەكتەپكە كىلىنىكىلىق دورىلارنى تەتقىق قىلىش ئىلمى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلىشى- ئۇنىڭ كەسپىي بىلىملەرنى پۇختىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇنىڭ كېيىنكى قەدەمنى قەيەرگە ۋە قانداق ئېلىشىغا ئىدىيە ۋە ئۇسۇل جەھەتتىن زېمىن ھازىرلاپ بەردى. بولۇپمۇ چەت ئەللەردە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن پروفېسسورلارنىڭ مول بىلىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىكى ئىلمىي جۇرناللاردا نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلىشى رىشاتنىڭ دورا تەتقىقات ئىلمىنىڭ خەلقئارادىكى تەرەققىياتىغا قىزىقىشىغا تۈرتكە بولدى. پروفېسسورلار بىلەن بولغان بىر قېتىملىق سۆھبەتتە، جاسارىتى تەپچىپ تۇرغان، زېھنى ئۆتكۈر بۇ ئۇيغۇر يىگىتكە بىر مۇئەللىم مۇنداق دېگەن ئىدى:
— دورا تەتقىقات ئىلمىدا يېڭى نەزىرىيە بەك مۇھىم بولۇپلا قالماي، يەنە تەجرىبە مۇھىتى-ماددى شارائىت ۋە كەسپىي جەھەتتە ئۇچۇر ئالماشترۇشمۇ ناھايىتى مۇھىم. ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان ۋە پەن-تەخنىكىدا ئىلغار ئەللەردە بۇ ئىككىلا شارائىت يېتەرلىك. ئەگەر مۇشۇ ساھەدە داۋاملىق بىلىم ئالاي دېسىڭىز غەربتىكى ئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش كېرەك.
رىشات نەنجىڭدىن ”مەن چوقۇم غەربتىكى دورا تەتقىقات ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەتكە چىقىپ ئوقۇيمەن“ دېگەن نىيەت ۋە ئىرادە بىلەن يېنىپ كەلدى.

تىلسىملار دۇنياسىدا نۇر قۇچقان ئالىم (6)

رەسىمدە در. رىشات ئابباس پروفېسسور ھايتون بىلەن بىللە.
80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى—جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى شېنجېن ۋە جۇخەينى مەركەز قىلغان دېڭىز بويى رايونلىرىدا ئەمدىلەتىن مېۋە بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، سىياسەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىك ، ۋە ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرىۋاتقان چەت ئەلنىڭ ئىلغار پەن- تېخھنىكىسى، مەبلىغى ۋە يېڭى باشقۇرۇش ئۇسۇلى بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا، ئىنتىلىشىدە، ئوي-پىكرىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىۋاتقان چاغلار ئىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېخى سولچىل ئىدىيەنىڭ تەسىرى تۈگىمىگەن چاغلار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا ئىلغار دۆلەتلەرگە چىقىپ ئوقۇش ئىدىيىسى ئېھتىياتچانلىق ئىچىدە ئاستا-ئاستا ئويغىنىۋاتقان ھەمدە ياپونىيە ۋە غەربتىكى ئەللەرگە يىلىغا بىر نەچچىدىن ئوقۇغۇچى ئىلىم ئىزدەپ ماڭغىلى باشلىغان چاغلار ئىدى.
ئارزۇلارغا باي، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغان ياش رىشات-نەنجىڭدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ۋە دادىسى بىلەن قىلىشقان سۆھبەتلىرىگە ئاساسەن ئاخىر مۇنداق خۇلاسىگە كەلدى:
بىز ياشۋاتقان جەمئىيەت تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن، ھەر ساھە پەن تېخنىكا خادىملىرىغا ، ئىختىساس ئىگىلىرىگە مۇھتاج، ئات بەيگىسىگە كەڭرى مەيدان كېرەك بولغاندەك، مەن كەسپىمدە نەتىجە قازىنىمەن دەيدىكەنمەن، ماڭىمۇ زۆرۈر بولغان شارائىت كېرەك. مەن چوقۇم بوشاشماي تىرىشىپ بۇ شارائىتنى يارىتىشىم كېرەك.
قايسى بىر مەشھۇر كىشى شۇنداق دېگەن ئىكەن. ”بىر ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ نېمە قىلالىشى ئەمەس، نېمىلەرنى قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىشى-ئۇنىڭ ئىشلاردا مۇۋەپپىيەت قازىنىشىنىڭ ئاچقۇچى“.
رىشات دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئوزىنىڭ نىمىنى ناھايىتى ياخشى قىلالايدىغانلىغىنى بىلەتتى ۋە كونىلارنىڭ ئەيتقان ”قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كوڭۇل قويغان ئادەمگە“ دىگەن سوزىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىگىنى ياخشى بىلەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئوزىنىڭ زىھنى-قۇدرىتى، ھەم ئىگىلمەس ئىرادىسىگە تايىنىپ ئوسمۇر چاغلىرىدىن باشلاپ خىيال قىلغان تىلسىملار ئوكيانىغا غەۋۋاس كەبى شۇڭغۇشقا تەييار بولۇپ بولغان ئىدى. ئۇنىڭ تەپپەككۇرى ئوچۇق، نىشانى ئايدىڭ ئىدى، كوزلىگەن مەقسىدىگە يىتىش، يەنى ھەقىقى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئالىم بولۇش ئۇچۇن، ئۇ-كۇندۇلۇك تۇرمۇشنىڭ تۇگىمەس سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىش بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۇرمىدى، بەلكى كوپىنچە ۋاقتىنى ۋە زەھنىنى نىشانىغا يىتىش ئۇچۇن زورۇر بولغان ۋاستىلەرنى ئىگەللەشكە سەرپ قىلدى. ئۇنىڭ 1984-يىلى ئۇنىۋەرستتىنىڭ چوڭلار مۇئارىپ ئىنستىتۇتە ئەنگلىز تىلى فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كىرىشى بىلەن كۇندۇلۇك تۇرمۇشىنى ناھايىتى جىددىچىلىك بىسىۋالدى.
بىر ئادەمگە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەر خىل ئىشلار ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش ئېتىبار بىلەن قاراپ كەتكىلى بولمايدۇ. ھەم ئۇنداق قىلىشنىڭمۇ زۆرۈرىيىت يوق، شۇنداقلا تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ھەممە ئادەمدە ئۆزىگە خاس مۇئەييەن پرىنسىپنى، توغرىسىنى ئېيتقاندا ياشاش پەلسەپىسىنى يېتىلدۈرىدۇ. جۈملىدىن رىشاتنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ھايات مەنتىقىسى ۋە ياشاش پەلسەپىسى بار بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ياشاشتا ئەمەل قىلىدىغان پرىنسىپلىرىنى خەلى بۇرۇنلا يەكۈنلەپ چىقتى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى ۋە شۇ مىزان بويىچە ئىش كۆردى:
ئىلىم-پەن ئادەمنى ئاقىل قىلىدۇ، قەتئىي ئىرادە ئادەمنى ئالغا باستۇرىدۇ، قىيىنچىلىق ۋە جاپ- مۇشەققەت ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلايدۇ، تەر تۆكۈش ۋە تىرىشچانلىق ئادەمگە بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇندىن باشقا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھاياتلىقتىن ئىبارەت چەمبىرەكنىڭ سىرتىدىكى مۇھىم بولمىغان نەرسىلەر.
كىشىلىك ھاياتتا ھەر خىل ئىشلار، مەسىلىلەر ۋە زىددىيەتلەر بولىدۇ، ئەمما ھەممىسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ. يەنى ئۇلارنىڭ ئاساسى بولغان ۋە ئاساسى بولمىغان تەرەپلىرى بولىدۇ. مەن زىددىيەتنىڭ ئاساسى تەرەپلىرىگە چوقۇم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىمەن ئەمما ئاساسى بولمىغان تەرەپلىرىگە پەرۋامۇ قىلمايمەن.
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە، ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يەنى دورا تەتقىقات ئىلمى بويىچە خەلقئارالىق سەۋىيەگە ئىگە ئالىم بولۇپ چىقىش ئىدى.
مەنزىلىڭ ئېنىق، ئېتىڭ تەييار بولغان ئىكەن، ئەمدى مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن ئېتىڭغا قامچا سېلىشىڭ كېرەك.
رىشات 1987-يىلى ئىنگلىز تىلى كەسپى بويىچە چوڭلار مائارىپىنى پۈتتۈرىشى بىلەنلا تۇنجى بالىسى زەرىنە ئىيۇلدا دۇنياغا كۆز ئاچتى. يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۇنىڭغا چەكسىز خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. ئۇ كىچىككىنە ئوماق قىزىنى ئاتىلىق مېھرى بىلەن سۆيگەندە—پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بولسىمۇ تىرىشىش لازىملىقىنى ھېس قىلىپ روھلىنىپ كېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن رىشات چەت ئەلدىكى مەكتەپلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا باشلىدى ھەم شۇ يىلى 8-ئايدا تەكلىماكان قوينىدىن چىقىپ،يېڭى زېلاندىيەگە بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ماڭدى. شۇ جەرياندا ئىنگلىز تىلى ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا ئوقۇشتىكى تىل ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈپ، تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىم ئېلىشقا ھازىرلاندى. ئۇ 1989-يىلى ۋاشىنگتون شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى دورا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ دورىگەرلىك/زەھەرشۇناسلىق فاكۇلتېتىغا ماگىستېر ئاسپرانتلىققا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقۇشقا كىردى ۋە ئوقۇشقا كىرىپ بىر يىل ئۆتمەيلا، بۇ فاكۇلتېتنىڭ نوپۇزلۇق ھەمدە دورا تەتقىقات ساھەسىدە مول نەتىجىسى بار پروفېسسور ھايتوننىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. پروفېسسور ھايتون رىشاتتىكى تالانتنى، دورا تەتقىقات ئىلمىگە بولغان ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى بايقاپ بىر كۈنى ئۇنى چاقىرتىپ مۇنداق دىدى:
-مېنى ئوھىئو شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېت دورا تەتقىقات فاكۇلتېتىقا مۇدىرلىققا تەكلىپ قىلدى. مەن سىزدە دورا تەتقىقات ساھەسىدە ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىل تالانتنىڭ بىخىنى كۆردۈم. مۇبادا دوكتورلۇقتا ئوقۇسىڭىز، ئىشىنىمەنكى كەلگۈسىدە ئۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم بولالايسىز، ئەگەر خالىسىڭىز مەن بىلەن ئاشۇ ئۇنىۋېرسىتېتكە بېرىپ دوكتورلۇقنى مېنىڭ يېتەكچىلىكىمدە ئاشۇ يەردە ئوقۇسىڭىز
رىشات بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.
1990-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى، تەبىئەت تاۋۇسلاردەك ياسانغان بىر پەيتتە، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان زېمىنلىرى بىپايان كەتكەن ئوھىئو شىتاتى- قويۇق قاشلىق، كۆزلىرىدىن زېرەكلىكى، قەتئىلىكى ۋە تۇرقىدىن تەمكىنلىكى چىقىپ تۇرغان بىر ئۇيغۇر ياش ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسنى ئۆز قوينىغا ئالدى.
بۇ گۈزەل شىتاتنىڭ مەركىزى كولۇمبۇس شەھىرى- مەملىكەت بويىچە 15-چوڭ شەھەر بولۇپ، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنى ئۆز قوينىغا ئالغان ئىدى. رىشات ئوقۇماقچى بولغان مەكتەپ- ئامېرىكىدىكى مەشھۇر ئالىي مائارىپ بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان ئوھىئو ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېت دەل مۇشۇ شەھەردىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېت-مۇشۇ شىتات بويىچە بىرىنچى، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى مەشھۇر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئىدى.
مانا مۇشۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا رىشات ئابباس-دورا تەتقىقات ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇشنى باشلىۋەتتى.
دورا تەتقىقات ئىلمى-مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى دورىلارنىڭ بەدەندىكى ھەرىكىتىنى يەنى دورىلارنىڭ شىپالىق ياكى زەھەرلىك تەسىرىنى ئېنىقلاش ھەمدە يېڭى دورىلارنى بايقاش-شۇنداقلا ئاللىقاچان داۋالاشتا ئىشلىتىلىۋاتقان دورىلارنىڭ باشقا كېسەللىكەرگە ئىشلىتىلىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار-يوقلۇغىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم، يەنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ چۈشەندۈرگەندە، ئۇ كېسەللەرنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ جانلىقلاردا يەنى ھاياتلىق ئورگانزمىدا قانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىنى ئەڭ دەسلەپتە ”ئىسلام دىنىنىنىگ ئالتۇن دەۋرى“ دەپ ئاتالغان 7-ئەسىردە بۈگۈنكى باغدادتا ياشىغان ئەرەب تىۋىپلىرى سالغان دەپ قارىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ رەسمىي پەن بولۇپ شەكىللىنىشى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا دورىلارنىڭ تەسىرىنى ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدە سىناق قىلىش بىلەن باشلانغان.
بۈگۈنكى كۈندە دورا تەتقىقات ئالىملىرى دورىلارنىڭ ھەرىكەت مېخانزىمىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ ئۇلار مەلۇم دورا ھەققىدە مۇئەييەن خۇلاسىگە كېلىشتە، دورىشۇناسلىق، فىزىئولوگىيە ، كېسەلشۇناسلىق، بىئوخىمىيە، فىزىكىلىق-خىمىيە، ۋە باكتېرىيە ئىلمىدىكى پرىنسىپلارغا ئاساسلىنىپ، ستاتىستىكىلىق ۋە ماتېماتىكىلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ يەكۈن چىقىرىدۇ. دېمەك، بۇ پەندە ۋايىغا يېتىش ئۈچۈن ، ئۆگەنگۈچى كۆپ تەرەپلىمىلىك چوڭقۇر بىلىملەرگە ئىگە بولۇپلا قالماي، مۇھىمى ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ ۋە ئۇنى كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ، بىمارلارنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئەمەلىي ھەسسە قوشىدىغان بولۇشى كېرەك.
بالا چاغلىرىدا ”دورا قانداق ئادەم ساقايتالايدۇ؟“ دەپ ئۆزىگە سوئال قويۇپ شۇ سوئاللارنىڭ كەينىدىن ئىككى قەرنە ئىز قوغلاپ كەلگەن رىشات-بۇ پايانسىز تىلسىملار دۇنياسىدا دورىلار بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان تارماق پەن-دورىگەرلىك ئىلمىگە ئالاھىدە قىزىقتى.
ئىنسان بىر نەرسىنى بىلگەنسېرى، ئۇنى تېخىمۇ ياخھسى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىنغا ئالاقىدار نەرسىلەرنى، بىلىم ۋە تېخنىكىلارنى چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرىدە چۈشىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ياكى شۇنداق قىلىش-ئىنسان بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئۆتكەل بوپ قالىدۇ.
دورا تەتقىقات ئىلمىنى ياخشى ئىگىلەش ئۈچۈن رىشات ئابباس، پھارماكىنەتىكىنى يەنى بەدەننىڭ دورىغا نىسبەتەن ئىنكاسى يەنى ئاساسلىقى بەدەنگە ئىستېمال قىلىنغان دورىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ، تارقىلىشى، ھەزىم قىلىنىشى ۋە سىقىپ چىقىرىلىشىنىڭ ۋاقت جەھەتتىكى جەريانىنى كۆزىتىدىغان ۋە تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم بىلەن پھارمودينامىكىنى يەنى دورىنىڭ بەدەنگە قانداق تەسر قىلىدىغىنىنى تەتقىق قىلىدىغان پەننى پۇختا ئىگىلەشنىڭ زۆرۈرلىگىنى تونۇپ يەتتى. چۈنكى بۇ ئىككىسى-دورا تەتقىقات ئىلمىنىڭ ئاساسى گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. مىسال ئۈچۈن، ”شىپا“ ناملىق يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان دورا بار دەيلى، بۇ يېڭى دورا تېرىدىن بەدەنگە كىرگۈزۈلەمدۇ ياكى ئېغىزدىنمۇ، ئۇ بەدەندىكى ئورگانىزملارغا قانداق يەتكۈزۈلۈدۇ، بۇ دورا بەدەن ئىچىدە خىمىيىلىك ھالدا ئۆزگىرەمدۇ ياكى ئۆزگەرسە قانداق ماددىغا ئۆزگىرىدۇ؟ بۇ يېڭى ماددىلار بەدەندە ئاكتىپمۇ؟ ئۇلارنىڭ زەھەرلىك تەسىرى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ ماددىلار- ئاخىرقى ھېسابتا قانداق ئۇسۇل بىلەن بەدەندىن ئايرىلىپ، بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ؟ نەپەس ئارقىلىقمۇ، چوڭ ياكى كىچىك تەرەت ئارقىلىقمۇ دېگەندەك مەسىلىلەر دورا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇلانغۇچى چوقۇم جاۋاب بېرىشى كېرەك بولغان مەسىلىدۇر.
مەسىلىلەرگە ياخھسى جاۋاب بېرىش، ياكى ھادىسىلەرنى قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، كىشى تايىنىدىغان بىر ئىلمىي ئۇسۇل بولۇشى كېرەك. دورا تەتقىقات ئىلمىدە يۇقىرىقى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشتە ئادەتتە تەجرىبىچىلىك ئۇسۇلى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۆزى مەلۇم خەۋپ-خەتەر بىلەن باغلانغان. چۈنكى ياخشى مەقسەت بىلەن قىلىنغان تەجرىبە بولۇپمۇ ئادەمدە ئىشلىنىدىغان تەجرىبە بەزىدە كۈتمىگەن خەتەرلىك ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇ تەتقىقاتچىلاردىن سەزگۈرلۈكنى، ئېھتىياتچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، سەۋەب شۇكى، بەدەنگە سىناق تەرىقىسىدە كىرگۈزۈلگەن دورا كۆپىنچە ھالدا ئىككى خىل نەتىجىنى پەيدا قىلىدۇ. بىرى كېسەلنى تىزگىنلەيدۇ، ساقايتىدۇ، ياكى زاغرا تىل بويىچە ئېيتقاندا كېسەلگە پايدا قىلىدۇ. يەنە بىرى ئۇنىڭ زەھەرلىك تەسىرى يەنى زىيانلىق بولۇپ خۇددى ”چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ“ قويغاندەك ئويلىمىغان سەلبى نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن.
دۇنيادا ئىنساننىڭ ھايات-ماماتلىقىغا بىۋاسىتە بېرىپ تاقىشىدىغان تەتقىقاتتىنمۇ ئارتۇق ئىنچىكە، سەزگۈر ۋە مۇرەككەپ تەتقىقات بولمىسا كېرەك. يېڭى دورىلارنى سىناق قىلىپ ئېچىشتا تەتقىقاتچى باشقا ئىلمىي تەتقىقاتچىلاردەك مەغلۇبىيەتتىن ئۆگىنىدىغان (ترىئال ئاند ئەررور) تاكى قانائەتلەڭۇدەك جاۋابقا ئېرىشكىچە سىناق قىلىپ، خاتالىقتىن ئۆگىنىدىغان پۇرسەت يوق. سەن بۇ ساھەدە چوقۇم بىرىنچى پاي ئوقنى نىشانغا تەگكۈزىدىغان ئۇستا مەرگەن بولۇشۇڭ كېرەك. شۇڭا ئادەمگە قىلىنىدىغان سىناقننىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاۋال ئۇنى جانلىقلار بەدىنىدە سىناق قىلىش بۇ دورا تەتقىقاتىدا چوقۇم بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يولدۇر.
ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يەتكەن رىشات-دوكتورلۇق پروگراممىسىدىكى تەلەپ قىلىنغان دەرسلەرنى ئوقۇپ ۋە دوكتورلۇق لاياقەتلىك ئىمتىھانلىرىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، تەتقىقات تېمىسىنى بېلىقلارنىڭ تېنىدە سىناق قىلىش بىلەن باشلىدى.
كىشىلەرگە ئايانكى، يېزا ئىگىلىكىدە زىيانداش ھاشارەت ۋە جانلىقلارنى يوقىتىشتا خىمىيەلىك دورا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىمىيەلىك دورىنى ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان پاراتھىئون ئۆزى زەھەرلىك ماددا بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان ھەرقانداق جانلىق مەيلى ھايۋان بولسۇن ياكى ئادەم بولسۇن زەھەرلىنىپ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سەۋەبى پاراتھىئون ئاكەتيلچولىنسەتەراسە نى چەكلەيدۇ. ئاكەتيلچولىنەستەراسە بىر خىل ئەنزيمە (ئەنزيمە-ئۆزىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتمەستىن باشقا ماددىلاردا مەلۇم خىل خىمىيەلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدىغان مۇرەككەپ بولغان بىر خىل ئاقسىلدۇر) بولۇپ، ئۇ ئۇچۇرلارنىڭ جانلىقلارنىڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئىچىدە توشۇلۇشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشىغا زۆرۈر بولغان مىڭىدىكى ئاكەتريلچلىنە دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل خىمىيەلىك ماددىنى پارچىلايدۇ.
بېلىق سۇدا ياشايدۇ. مۇبادا بېلىق ياشايدىغان سۇنىڭ مۇھىتى بۇلغانغان بولسا، ئۇنىڭ بېلىقلارغا تەسىرى بولىدۇ. بەزى بېلىقلار زەھەرلەنگەن ھامان ئۆلىدۇ، ئۇنى ئادەملەر يېمەيدۇ، بىراق، بەزى بېلىقلار زەھەرلىك ماددىغا نىسبەتەن تېنىدە قارشىلىق كۈچ پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، زەھەرلەنگەن تەقدىردىمۇ ئۆلمەيدۇ، بەلكى ساغلام بېلىقلاردەك سۇدا پىلتىڭلاپ ياشاۋېرىدۇ. بۇنداق بېلىقلارنىڭ تېنىدە زەھەرلىك ماددىنىڭ بارلىقىنى بىلمىگەندىن كېيىن كىشىلەر ئۇلارنى تۇتۇپ يەۋېرىدۇ، نەتىجىدە يېنىك بولغاندا مەجرۇھ بولۇش، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا بېلىقلاردىكى زەھەر ماددىسىغا ئاساسەن سۇ ۋە تەبىئى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشنىڭ خەتىرىنى مۆلچەرلەش ئەمەلىي ئىجىمائى ۋە ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە.
رىشات ئابباس مانا مۇشۇ سەۋەب(پاراتھىئون)-نەتىجىلىك (زەھەرلىنىش) مۇناسىۋەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن سوئال قويۇپ تۇرۇپ ئوقۇدى، مۇتائىلە قىلدى. بېلىقلارنىڭ تېنىنىڭ پاراتھىئون غا بولغان ئىنكاسى ۋە ئۇنىڭ ئالماشتۇرۇش شەكلى بولغان پاراخون نىڭ ئاكەتيلچولىنسەتەراس نى تىزگىنلەش مېخانىزمىنى سىستېمىلىق ھالدا تەتقىق قىلىش ئۇنچە ئاسانغا چۈشمىدى. چۈنكى، رىشات بۇ ھەقتە ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىي پەرەزنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن بىردەك ياكى ئەمەسلىكىنى دەللىللەشتە نەزەرىيىۋى ئاساسى مۇكەممەل بولغان مودەل تۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈگىنى ھىس قىلىپلا قالماي، بەلكى بۇ مودەلنىڭ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىي پەرەزنى توغرا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغانلىقىنى دەللىللەيدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەكلىكىنىمۇ تونۇپ يەتتى.
ئۇنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىدىكى ئېسىل سۈپەتلەرنىڭ بىرى-ئۆزى كۆزى يەتكەن ھەمدە قىلىشى زۆرۈر بولغان ئىشقا دادىللىق بىلەن ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا بېغىشلاش روھى ئىدى.
ئۇ مەنزىلگە قاراپ ئاتلاندى.
ئىلمىي تەتقىقات-جاپالىق ئىش. ئۇ كىنو كۆرۈشكە ۋە ياكى رومان ئوقۇشقا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە كىشىلەرگە نىسبەتەن ئالدىنقىسى زەرىكىشلىك، كېيىنكىسى قىزىقارلىق تۇيۇلىدۇ. ئەمما قەتئىي ئىرادىگە كەلگەن ئالىم ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى يوق.
ئوھىئوغا كۈز كەلدى، ياپراقلار سارغايدى، ئەمما رىشات-تىلسىملار دۇنياسىدا ئىزدىنىۋاتقان ھەر بىر كۈنىنى يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۆزىنى ئۇنتۇش روھى ۋە تولۇپ تاشقان ئۈمىدۋارلىق بىلەن باھار تۇيغۇسى ئىچىدە ئۆتكۈزەتتى.
ئوھىئوغا قىش كەلدى، جۇدۇن بولدى، بىراق ئۇنىڭ قەلبى مۇقەددەس ئارزۇ ۋە كۈچلۈك ئېتىقادنىڭ ھارارىتىدە ھامان ئالدىغا، پارلاق كېلەچەككە قاراپ تەلپۈنەتتى.
”مەن-دەپ ئويلايتتى ئۇ ھەر قېتىم تەجرىبىخانىدىن ئۆيگە قايتىۋېتىپ،-ئوكيان ئاتلاپ، قىتئە ئاتلاپ ئىلىم ئۆگىنىمەن دەپ بۇ يەرگە كەلدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە تۇنجى بولۇپ بۇ ساھەدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتىمەن. ئەگەر بۇ ئىشتا ئەلا نەتىجە ياراتسام خەلقىمگە شان-شەرەپ ئېلىپ كېلەلەيمەن.
قىلىۋاتقان تەتقىقاتى بىئوخىمىيە ۋە فىزىئولوگىيە قاتارلىق پەنلەرگە چېتىشلىق بولغانلىقى ھەمدە، ئالىي ماتېماتىكا، بولۇپمۇ دىففېرېنسىئال تەڭلىمىلەرنى تۈزۈش زۆرۈر بولغىنى ئۈچۈن، ئۇ مەكتەپ كىتابخانىسىدىن بۇ ھەقتە نۇرغۇن كىتابلارنى، ئىلمىي جۇرناللارنى ئارىيەت ئالدى، بەزى كىتابلار گەرچە قىممەت بولسىمۇ، دوكتورلۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن ئىقتىساد قىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالدى. كومپيۇتېر پروگراممىسى تۈزۈشكە ئېھتىياجى چۈشىدىغىنىنى بىلىپ، پىلان تۈزۈپ، كۈندە بىر سائەت ئىزچىل ھالدا فورتران تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئىشخانىسى ۋە تەجرىبىخانىسى كىتابلار بىلەن توشۇپ كەتتى. كىتاپ ئۈستەللىرى ئۇ يازغان دىففېرېنسىئال تەڭلىمىلەر، سىزغان فىزىئولوگىيەلىك مودېللار ۋە خىمىيەلىك تەڭلىمىلەر ۋە فورمۇلالار بىلەن تولدى. ھەتتا ئۇنىڭ ئاشخانا ئۆيىدىكى تاماق ئۈستىلى، توڭلاتقۇنىڭ سىرتقى يۈزلىرىمۇ بوش قالمىدى.
ئۇ ھەقىقەتەن بۇ تەتقىقاتقا ئاشىق سىياقى بېرىلگەن ئىدى.
ئۇ ئالدى بىلەن بېلىقلارنىڭ فىزىئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى ئاساسىدا بېلىقلار تېنىنىڭ پاراخون غا بولغان تەسىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان پھارماكوكىنەتىكىلىق مودېلنى نەزەرىيىۋى جەھەتتىن تۈزۈپ چىقتى، ئاندىن ئىككىنچى قەدەمدە پارائوخوننىڭ ئاكەتيلچولىنستەراسە نى تىزگىنلەش مېخانىزمىنى چۈشەندۈرىدىغان پھارمادينامىكىلىق مودېلنى نەزەرىيىۋى جەھەتتىن تۈزۈپ چىقتى. ئاخىرىدا يۇقىرىدكى ئىككى مودېلنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق مودېللار پەرەز قىلغان شەرتلەر ئاستىدا بېلىقلار تېنى بىلەن پاراتھىئوننىڭ قانداق مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئومۇمىيلىققا ئىگە فىزىئولوگىيەلىك قۇرۇلما ئاساسىدىكى پھارماكوكىنەتىكىلىق ۋە پھارماكوديانمىكىلىق مودېلنى (قىسقارتىلىپ پبپك-پد مودەل دەپ ئاتىلىدۇ) بەرپا قىلدى. ئەمدى ئۇ ئوخشاتما تەجرىبىسى ئارقىلىق بۇ مودېلنىڭ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ياكى ئەمەسلىكىنى دەلىللىشى كېرەك ئىدى.
مانا بۇ قول تۇتىدىغان ئىش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەمەلىي تەجرىبىگە كۆپ ۋاقت سەرپ قىلدى.
ئۇ چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن ئۆيگە قايتمايتتى، ئەتىگەن سەھەردىن تا كەچكىچە تەجرىبىخانىدا، بېلىق كۆلچىكىنىڭ يېنىدا، كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. ئۆگىنەتتى، يازاتتى، بېلىقلارنىڭ پاراتھىئون بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئەھۋالىدا ئۆزگىرىشىنى كۆزىتەتتى، تەجرىبە نەتىجىسىنى خاتىرىلەيتتى، ئۆلچەيتتى، ھېسابلايتتى. ئۇنىڭ بالىسى ”دادام قاچان كېلىدۇ“ دەپ ئاپىسىدىن تولا سوراپ ئۇخلاپ قالىدىغان بولدى. ئايالى ئۆزى تا مۇشۇ كەمگىچە ئۇنىڭدا كۆرۈپ باقمىغان بۇ خىل يۈكسەك دەرىجىدىكى تەتقىقاتقا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىدىن ھەم تەسىرلەندى ھەم ساقىلىنى قىرىشنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمايدىغان رىشاتنىڭ يېقىندىن بۇيان پات-پات ساقىلىنى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قېلىشلىرىغا قاراپ ئۇنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپ ساراسىمىگە چۈشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزىنى ئېلىپ رىشاتنىڭ تامىقىنى توشۇغاچ ئۇنى يوقلاپ كېلىدىغان بولدى.
—رىشات،- دېدى ئۇ بىر كۈنى مەيۇس ھالدا ، ئۇنىڭ تاماقنى تېز-تېز يېيىشىگە ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك زىچلىقى زور بولغان ئەقلىي ئەمگەك تۈپەيلىدىنى ئورۇقلاپ پولتىيىپ چىقىپ قالغان جاۋغايلىرىغا قاراپ ئەنسىرەش ئىچىدە.- بۇنچە ئۆزىڭىزنى ئۇرۇپ كېتىشنىڭ نېمە ھاجىتى، بەرىبىر ئالىدىغان ئۇنۋاننى ئالسىڭىزلا بولىدۇغۇ؟ بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز، ئاغرىپ يېتىپ قالسىڭىز قانداق قىلىمىز، خەقنىڭ يۇرتى تۇرسا بۇ.
-ئاغرىپ قالمايمەن، ئەنسىرىمە. بۈگۈن ئىشنى ياخشى قىلسام، ئەتە نەتىجىسىدىن كۆڭۈللۈك ھوزۇرلىنىمەن. ئىلىمگە ساختىلىق ياراشمايدۇ. بىر نەرسىنى قىلغان ئىكەنمەن ئۇنى راۋۇرۇس ياخشى قىلىشىم كېرەك. ئازراق تەخر قىل. خۇدايىم بۇيرىسا ئاز قالدى نەتىجە چىققىلى،-دېدى ئۇ ئىشەنچ بىلەن.
قىش كېتىپ، توڭلار ئېرىپ، تەبىئەت يېشىل تون كىيىشكە باشلىغان مەزگىلنىڭ يەنى ئۇ دوكتورلۇق ئوقۇشنىڭ-ئاخىرقى يىلى باھار پەسلىنىڭ بىر كۈنىگە كەلگەندە دەرۋەقە ئۇنىڭ ئىشىدىن نەتىجە كۆرۈلدى. يەنى ئۇ ئېرىشكەن ئىلمىي تەجرىبە ”مەھسۇلاتى“ يەنى سانلىق مەلۇماتلار ئۇ تۈزگەن نەزەرىيىۋى مودېلنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
ئۇنىڭ شۇ قەدەر چوڭقۇر دەرىجىدە دورا تەتقىقات ساھەسىگە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە تىرىشچان، ئەستايىلدىللىقىدىن تەسىرلەنگەن پروفېسسور ھايتون ئۇنىڭ تەرىپىنى فاكۇلتېتتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارگا بىر نەچچە قېتىم قىلىپ بەردى. ئۇنى دەسلەپتە ئىسمىگە قاراپ ”ئەرەب ياكى پارس“ دەپ ئويلاپ قالغان كىشىلەر ئەمدى ئۇنىڭ ئەينى زامانىسىدا بىپايان تارىم ۋادىسىدىن تارتىپ موڭغۇل دالالىرىغىچە بولغان دائىرىدە ئىمپېرىيە قۇرغان، ئۆزىنىڭ گۈللەنگەن زامانىسىدا دۇنياغا مەشھۇر قەدىمىي خەلقئارالىق سودا يولى-يىپەك يولىنى كونترول قىلغان، ئەمما ھازىر كىشىلەر ئاساسەن بىلمەيدىغان ”ئۇيغۇر“ ناملىق قەدىمىي مىللەتنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن رىشات ئارقىلىق بەزىلەر ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئېرىشتى. ئۇلار ئىچىدە ”ئۇيغۇرلار“ ھەققىدە ئەڭ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولغىنى يەنىلا پروفېسسور ھايتون بولدى. ئۇ ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتۇش ھاياتىدا رىشاتتەك ھەم تالانتى ھەم ئىرادىسى بار ئوقۇغۇچىنى كۆپ ئۇچرىتىپ باقمىغان ئىدى. شۇنداق بولغاچقىمىكىن ئۇ رىشاتقا قايىللىق نەزەرى بىلەن ئالاھىدە قارايتتى ۋە ھۆرمەت قىلاتتى ھەمدە ئۇنى ئائىلىسى بىلەن ئۆيىگە چاقىرىپ تۇراتتى. ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۇئاللارنى سوراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ مېھمانخانا ئۆيىگە ئېسىلغان ئۇيغۇرچە چىمەن دوپپىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشىدىن ئېسىپ قويدى دېگەندىن كۆرە رىشات كېلىپ چىققان بىر مىللەتنىڭ ئىجادىيەت قۇدرىتىگە نىسبەتەن ھۆرمەت ۋە ھېسسىياتتىن ئاستى دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز.
رىشات دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى غەلىبىلىك ياقلاپ، ئوقۇشنى تاماملىغاندا پروفېسسور ھايتون ئۇنىڭ دىسسېرتاتسىيەسىگە مۇنداق دەپ يۇقىرى باھا بەردى:
رىشاتنىڭ ئۆزىگە خاس ھالدا ئىجادىي تەپەككۇر قىلىپ، تۈزۈپ چىققان ئومۇمىيۈزلۈك ۋە مېخانىكىلىق خاراكتېرگە ئىگە پبپك-پد مودېلى-خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ جانلىقلار بەدىنىگە ھەزىم قىلىنىشى، تەقسىملىنىشى، ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە سىقىپ چىقىرىلىشىدەك خىمىيەلىك ھەرىكەت مېخانىزمىنى چۈشىنىشتە تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلگەن مودېل بولۇپ، ئۇنىڭ جانلىقلارنىڭ فىزىئولوگويەلىك قۇرۇلمىسى ئاساسىدا تۈزۈلۈشى بىزنى بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭى تەپەككۇر ۋە بايقاش بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىلمىي تەتقىقات جەريانىدىكى تەجرىبە مۇھىتىنى لاھىيەلەش، تەجرىبە قىلىش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش، ھەم ئانالىز قىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ھەم ئۆزگىچىلىكىنى ئالاھىدە ماختاشقا ئەرزىيدۇ.
شۇنى ئالاھىدە ۋە خۇشاللىق بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتۈش لازىمكى، رىشات بىر نەچچە يىللىق ئۆگىنىش، ئىجتىھات ۋە تەپەككۇر قىلىش جەريانىدا تۈزۈپ چىققانغا ئوخشاش مودېللار ۋە شۇنداق مودېل ئارقىلىق ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلار يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكا دۆلەتلىك دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۆلچەملىك مودېللار سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىپ، شۇندىن باشلاپ دورا تەتقىقات قىلىش ۋە ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ساھەسىدە ھەر كىم چوقۇم قوللىنىشقا تېگىشلىك مودېللاش تېخنىكىسى بولۇپ بەلگىلەندى.
پروفېسسور ھايتون-شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ”خوش ئەمىسە، ئۇتۇق تىلەيمەن“ دەپ خوشلاشتى-يۇ ئەمما رىشات بىلەن خوشلاشمىدى بەلكى ئۇنى ئۆزى ئىزدەپ كەلدى.
- رىشات-دېدى ئۇ ، مەن سىزنى تېخىمۇ مۈشكۈل بولغان بىر تەتقىقاتنى ئىشلەشكە دەۋەت قىلىمەن. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى مېنىڭدىن مۇشۇ تەتقىقاتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بىر ئادەمنى ئۆزىگە كۆرسىتىپ بېرىشىمنى سورىدى. مەن سىزنى بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ دەپ ئىشىنىمەن، سىز ئۇ يەرگە بارسىڭىز بىر تەرەپتىن شۇ تەتقىقاتقا پوستدوكتور سۈپىتى بىلەن ئىشلەيسىز، تەتقىقاتنى ئوڭۇشلۇق ۋە نەتىجىلىك تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئىستىقبالىڭىز تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىزكىن؟
شۇ كۈنلەردە ئۇ يېنى غەربىي قىرغاق، بۇ يېنى شەرقىي قىرغاقتىكى شىتاتلارغا جايلاشقان دورا تەتقىقات مەركەزلىرىدىن 5-6 ئىسى ئۇنى خىزمەتكە ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇ قايسىسىنى تاللاشتا بىر قارارغا كېلەلمەي تۇرغان مەزگىل ئىدى. پروفېسسور ھايتوننىڭ بىرىنچى مەسلىھەتىنى قوبۇل كۆرۈپ، ئۆز ئارزۇسىدەك نەتىجىگە ئېرىشكەن رىشات ، بۇ قېتىممۇ ئۇنىڭ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.

تىلسىملار دۇنياسىدا نۇر قۇچقان ئالىم (7)

1994-يىلى سېنتەبىردە، ئۇ ئائىلىسى بىلەن كولۇمبۇس شەھىرىدىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسى جايلاشقان ئورۇن-دايتون شەھىرىگە كۆچۈپ كەلدى.
رىشات ئابباس بۇ ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ تەتقىقات ئورنى بولغان ئارمستروڭ تەجرىبىخانىسىنىڭ زەھەرلىك ماددىلار بۆلۈمىدە پوستدوكتور سالاھىيىتى بىلەن تەتقىقاتقا كىرىشتى ھەمدە 8 كىشىلىك ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تېخنىك خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ تەيىنلەندى.
بۇ قېتىم ئۇنىڭ لايىھىلىشى ۋە يېتەكچىلىكىدە ئىشلەنمەكچى بولغان تەتقىقات تېمىسى مۇنداق سۇئالغا جاۋاب تېپىش ئىدى:
ترىچلوروئەتھيلەنە (تكە) بىر خىل سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئۇ ھاۋا ئارمىيىسىدە ئايروپىلانلارنى يۇيۇشتا كۆپ ئىشلىتىلەتتى. ئەمما بۇنداق قىلىشقا نىسبەتەن ھاۋا ئارمىيە ساقلىقنى ساقلاش ۋە مۇھىتنى ئاسراش تارمىقىدىكىلەر نارازى ئىدى. چۈنكى ئۇلار ”تكە نى كۆپ ئىشلەتكەندە، بۇ سۇيۇقلۇق ئايروپىلان يۇيىدىغان خادىملارنى زەھەرلەپلا قالماستىن بەلكى يەنە تۇپراققا سىڭىپ، يەر ئاستى ئارقىلىق ئىچىدىغان سۇنى بۇلغاپ شۇ رايوندىكى ھەممە ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، ئەگەر تەدبىر قوللىنىلمىسا بۇنىڭ ئېغىر ھالدا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئاقىۋىتى ۋە قانۇنى جاۋابكارلىقى بولىدۇ“ دەپ قاراپ ئەندىشە قىلىشىۋاتقان ئىدى.
دېمەك، بۇ خىل قاراشنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكىنى جىددى ھالدا ئىسپاتلاپ چىقىش زۆرۈر بولۇپ، مۇبادا تكە نىڭ زىيانلىق تەسىرى ھەقىقەتەن زور بولسا، بۇ ھەقتە مۇداپىئە خاراكتېرلىك تەدبىر قوللىنىش لازىم بولۇپلا قالماي، بەلكى ھەممىدىن باش قاتۇرىدىغىنى شۇ رايوننىڭ تەبىئى مۇھىتىغا نىسبەتەن تازىلاش ئېلىپ بېرىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھاۋا ئارمىيەسى نەچچە يۈز مىليون دوللار پۇل ھەجلىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر تكە نى ئىشلىتىشنىڭ ھېچقانداق خەتىرى بولمىسا ياكى بولغان تەقدىردىمۇ نەزەرگە ئىلمىغۇدەك بولسا تكە نى ئىشلىتىشكە قارشى چىققانلارنى ئىلمىي پاكىت بىلەن قايىل قىلغىلى بولاتتى.
ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىدىن زەھەرشۇناسلىق بۆلۈمىگە بۇيرۇق كەلدى:
تەتقىقات نەتىجىسىنى چوقۇم 30 ئاي ئىچىدە يوللاپ بولۇش شەرت!.
رىشات ئۆزىنىڭ زېممىسىگە چۈشكەن يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى، زەھەرلىك ماددىلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى-گېنېرال لېيتنانت فىشەرنىڭ تەتقىقاتنى باشلاش ئالدىدىكى جىددىچىلىك چىقىپ تۇرغان چىرايىدىن بىلدى. ئۇ تەبىئى ھالدا رىشاتقا يۈزلەندى:
-سىز باش بولۇپ ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان بۇ تەتقىقات تېمىسى مەيلى مۇھىت، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسۇن بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بىز سىزنىڭ ۋاقىت چېكى بولغان بۇ ئىشنى غەلىبىلىك ھالدا دېگەن مۆھلەتتە تاماملىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
-بارلىق تىرىشچانلىقىمنى كۆرسىتىمەن — دېدى ئۇ گېنېرالغا جاۋابەن.
ئۇ يەنە جاپالىق تەتقىقاتنى باشلىدى.
رىشات دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسا، بۇ قېتىممۇ شۇنداق غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. لېكىن بۇ قېتىمقى تەجرىبە ھايۋانلاردىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئادەملەردىمۇ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، سەزگۈرلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلەتتى. بۇ ئۇنىڭغا روھىي بېسىم ئېلىپ كەلدى. چۈنكى بۇ تېمىنىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن تەجىربە پائالىيەتلىرى ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە بولاتتى، شۇنداقلا، مۇبادا تەتقىقاتتا مەسىلە كۆرۈلسە، يەنى تەجرىبىگە ئىختىيارىي قاتناشقان ئوبيېكتنىڭ بىرەرىدە سالامەتلىك جەھەتتە چاتاق چىقىپ قالسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلىدىغان مەس’ ئۇلىيەتمۇ يۇقىرى بولاتتى.
گەرچە بېسىم ھىس قىلسىمۇ، رىشات بۇ ھەقتە غەم يەپ دەككە-دۈككىدە بولۇپ كەتمىدى، چۈنكى بۇنداق قىلىش-ئۇنىڭ خاراكتېرىگە يات ئىدى. ئۇ بۇ ئىشنىڭ ئىنچىكە ۋە ئەستايىدىللىقنى تەلەپ قىلىدىغىنىنى، تالاش-تارتىش ئۈستىدىكى مەسىلىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىمى ئىلمىي پەرەز ۋە بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك تەتقىقات مېتودى كېرەك ئىكەنلىكىنى ناھايىتى تېزلا تونۇپ يەتتى.
ئۇ ۋەزىپە تاپشۇرۇلغان كۈندىن ئېتىبارەن، جاپا-مۇشەققەتلىك ئىزدىنىشلەر باسقۇچىدا يەنە نۇرغۇن كۈنلەر، ھەپتىلەر، ئايلارنى ئۆتكۈزدى. باشقىلار ئائىلىلىرى بىلەن ساياھەتلەرگە چىقسا، ئۇ تەجرىبىخانىدا تەجرىبە ئىشلەيتتى. باشقىلار ھەپتە ئاخىرلىرى دوست-ئاغىنىلىرى بىلەن ئولتۇرۇش كېچىلىكلىرىدە ھوزۇرلانسا، رىشات كىتاب كۆرەتتى، ئىزدىنەتتى، ئويلىناتتى. باشقىلار كىنو كۆرگەن، بازار ئايلان’ غان ۋاقتلاردا رىشات كىتابخانا-كۇتۇپخانىلاردا ماتېرىيال كۆرەتتى. تېخى 6 ئايغىمۇ توشمىغان ئوغلى تەلمان’ غا قارايدىغان، ئوينىتىدىغان، ياكى ئوغلىنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىدىن لەززەتلىنىدىغان’
غىمۇ ۋاقتى يوق ئىدى. ”مېھنەتسىز ھوزۇر بولماس، تۆككەن تەر بىكارغا كەتمەس“ دېگەندەك، ئەنە شۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە ئاخىرى بۇ تەتقىقاتنى قانداق ئىشلەپ نەتىجە يارىتىشنىڭ ئاساسىنى ئىزدەپ تاپتى..
دەرھەقىقەت، پروفېسسور ھايتون رىشاتنى بۇ يەرگە بىلىپ كۆرسەتكەن ئىكەن. دەسلەپكى ئىزدىنىشلەردىن كېيىن رىشات شۇنى كۆرۈپ يەتتىكى، بۇ تەتقىقاتنى ئىشلەشتە ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسى ئاساسىدا پھارماكوكىنېتىكىلىق مودېلنى تۈزۈپ چىققاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ تكە قارىتا ئىنكاسىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگىلى ۋە مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى يەشكىلى بولىدىكەن.
8 ئادەمنىڭ جىددى ھەم جاپالىق ئىشلىشى نەتىجىسىدە ئەسلى 30 ئاي ئىچىدە پۈتتۈرۈلۈپ بولۇش مۆھلىتى بېرىلگەن بۇ تېما 20 ئاي ئىچىدىلا تامام بولدى. تەتقىقات نەتىجىسى كۆرسەتتىكى، ھاۋا ئارمىيىسىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇقلۇق تكە نىڭ ئادەم بەدىنىگە ۋە مۇھىتقا بولغان زىيانلىق رولى ئەرزىمەس ئىكەن.
ئۇ بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى 3 پارچە ماقالە قىلىپ يېزىپ چىقىپ، ”زەھەرشۇناسلىق ۋە ئەمەلىي ئىشلىتىلىدغان دورىگەرلىك“، ”زەھەرشۇناسلىق“ قاتارلىق جۇرناللاردا ئېلان قىلىپ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى.
گويا ئۇنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چەككەن رىيازەتلىرىنى، تۆككەن تەرىنى ساماۋى ئەختەرلەر كۆرۈپ ”ئەجرىڭگە لايىق ئىلتىپات كۆرۈشۇڭ لازىم“ دېگەندەك، بۇ تەتقىقاتنىڭ زور نەتىجىسى ئۇنىڭغا ئارقا-ئارقىدىن شان-شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلدى. 1996-يىلى مايدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ھاۋا ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابى تەرىپىدىن ”پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا“ ۋە 1996-يىلى نويابىردا ”ئىلمىي مۇۋەپپىقىيەتلەر مۇكاپاتى“غا ئېرىشتى. رىشات ئابباسنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسى توغرىسىدا يازغان ئىلمىي ماقالىسى 1999 يىلى ”زەھەرشۇناسلىق ئىلمى جەم’ ئىيىتى “ تەرىپىدىن، ”خېيمخەتەرنى مۆلچەرلەش ساھەسىدىكى ئەڭ ياخشى ئەسەر بولۇپ باھالاندى.

تىلسىملار دۇنياسىدا نۇر قۇچقان ئالىم (8)

ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ دېيىشكەن ئىكەن كونىلار.
رىشات ئابباسنىڭ جاپالىق تەتقىقات ئارقىسىدا قولغان كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرى ئۇنىڭغا قۇت ياغدۇردى. ئادەتتە، كىشىلەر كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈشىدۇ. يەنى مەلۇم ئورۇندا ئۆزىنىڭ كەسپىگە ماس كېلىدىغان شارائىت بارمۇ يوق، بار بولسا ئۇ خىزمەتنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك، نېمە شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك دېگەندەك. لېكىن رىشاتقا ئۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىدى. چوڭ دورا تەتقىقات ئورگانلىرى، زور ئىقتىسادىي ئاساسقا ئىگە يەرشارى خاراكتېرلىك تەسىرگە ئىگە داڭلىق شىركەتلەر ئۇنى قىزغىنلىق بىلەن خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشتى. ئۇلارنىڭ رىشاتقا بەرمەكچى بولغان مائاش ۋە باشقا تەمىناتلىرى بىر-بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە ياخشى ئىدى.
ئىقتىسادشۇناسلىق يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا ئادەملەرنىڭ ھەرىكەت-قىلمىشلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى بىر ئىلمىي پەرەز —ئىدراكلىق ئادەمگە كۆپ خىل تاللاش پۇرسىتى بېرىلگەندە، ئۇ ئەلۋەتتە ئۆزىنى ئەڭ خوش قىلىدىغان، ئۈنۈمى چوڭ بولىدىغان ئىشنى تاللايدۇ.
رىشاتمۇ ھەر خىل ئامىللارنى ئويلىشىپ ئاخىر 1996- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى تەجرىبىخانىدىن يۆتكىلىپ خۇسۇسىلار ئىگىلىكىدىكى بىر دورا تەتقىق قىلىش ئىدارىسىنىڭ ”يېڭى دورىلارنىڭ بەدەندە ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە بىخەتەرلىكىنى باھالاش ھەمدە تەتقىق قىلىش بۆلۈمى“ دە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشقا چۈشتى.
مەزكۇر ئىدارىدە ئىشلىگەن 4 يىل جەريانىدا، ئۇ ئاساسلىقى يۈرەك تىقىلما كېسەللىكلىرى ۋە روھىي كېسەللەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىش ھەم ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش بىلەن شۇغۇللاندى ۋە ئامېرىكا دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ خەلقئارا بازارغا سېلىنغان نەرۋا كېسەللىرىگە داۋا دورا ئابىلىفي ® ئاند قان تومۇرلاردا قاننىڭ ئۇيۇشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا پلەتال® دورىلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.
بازار ئىگىلىكىدىكى رىقابەت مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىختىساسلىقلار رىقابىتى.
ئامېرىكىنىڭ ئەمگەك بازىرىدا ئىختىساسلىقلارنى تالىشىش، ئۆزلىرىگە تارتىش دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئىش. چۈنكى، ھالقىلىق پەن-تېخنىكىغا قابىلىيىتىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار كارخانىنىڭ ھايات-ماماتىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
رىشات ئابباس-1999 يىلى كۈزدە ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا دورا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي يىغىنىدا لېكسىيە سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يېنىغا بىرەيلەن كېلىپ قىزغىنلىق بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق دىدى:
—سىزنىڭ تەتقىقات تېخنىكىلىرىڭىز ۋە شۇنىڭ بىلەن قازانغان بۇ نەتىجىلىرىڭىز ناھايىتى ياخشى ئىكەن، بىزنىڭ تەتقىقات مەركىزىمىز سىزنىڭكىدەك ئوزگىچە تەتقىقات ئۇسلۇبلىرىغا قىزىقىمىز. . سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز، ۋە نەتىجىلىرىڭىز مېنىڭ بەكمۇ دىققىتىمنى تارتتى. ئەگەر خالىسىڭىز، مەن سىزنىڭ بىر پۇرسەت چىقىرىپ بىزنىڭ تەتقىقات مەركىزىمىزگە كېلىپ لېكسىيە بېرىشىڭىزگە، بىزنىڭ ئىدارىدىكى باشقا تەتقىقاتچى دوكتورلار بىلەن كۆرۈشۈپ، تەجرىبىخانىلارنى كۆزىتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىمەن. بىزنىڭ تەتقىقات مەركىزىمىزدىكى تەتقىقاتچىلار ئىشلەۋاتقان تېمالىرىنىڭ بىرى، قەن سىيىش كېسەلىنى داۋالايدىغان ئىنسۇلىن تابلېتكىسىنى تەتقىق قىلىش. ھەر ئىككىلا تەرەپكە ئۇيغۇن كېلىپ قالسا، سىز مېنىنغچە بىزنىڭ مەركىزىمىزدە چوقۇم بىر بۆسۈش ھاسىل قىلالايسىز.
ئەسلىدە ئۇ كىشى شۇ ئىدارىنىڭ تەتقىقاتقا مەسئۇل مۇئاۋىن پرېسىدېنتى بولۇپ ئىسمى روبېرت ئىكەن.
- تەكلىپىڭىزگە رەھمەت. ھازىرقى ئىدارەمدە قولدىن چىقارمىسام بولمايدىغان بىر تېما بار، بۇ ھەقتە ئىدارىگە مەسئۇلىيەتچان بولمىسام بولمايدۇ، شۇ تەتقىقاتىم تۈگىگەندىن كېيىن تەكلىپىڭىزنى ئويلىنىپ باقاي.
روبېرت ئىسىملىك بۇ كىشى رىشاتنىڭ جاۋابىنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، خوشاللىق بىلەن ئۇنىڭ ئىسىم كارتىسىنى سورىدى.
يىل ئۆرۈلۈپ 2000-يىلى باھارنىڭ بىر كۈنى، يەنى رىشاتنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىدىن نەتىجە چىقىپ، بۇ ھەقتە خەۋەر دورا تەتقىقات ساھەسىدە نەشر قىلىنىدىغان ئىچكى كەسپىي گېزىتكە چىقىپ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەن ئىدى.
— جىرىڭ، جىرىڭ.
- ياخشىمۇسىز، مەن رىشات ئابباس، — دېدى رىشات تېلېفونغا جاۋاب بەرىپ.
- خەيرلىك سەھەر، دوكتور ئابباس ئەپەندىم — دېدى، قارشى تەرەپ.
رىشاتقا بۇ ئاۋاز تونۇشتەك بىلىندى-يۇ، ئەمما قارشى تەرەپنىڭ كىملىكىنى ئاڭقىرالمىدى.
-مەن روبېرت بولىمەن، بىز ئىتالىيەدە كۆرۈشكەن — دېدى قارشى تەرەپ قىزغىنلىق بىلەن.
- قانداق، ياخشىمۇسىز؟
—ھېلىقى تەكلىپىمنى ئويلىنىپ كۆردىڭىزمۇ؟
ئەسلىدە بۇ ئادەم رىشاتنىڭ تەتقىقاتى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىدارىسىگە كېلىپ لېكسىيە بېرىشكە تەكلىپ قىلغان ئىكەن.
رىشات ئابباس، روبېرتنىڭ تەتقىقات مەركىزىگە بېرىپ، لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن رىشات بۇ تەتقىقات مەركىزىگە بېرىپ، ئۆز تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، باشقا تەتقىقاتچىلارغا قايىل قىلارلىق ئىلمىي ئاساس ۋە يەكۈنلەر بىلەن تولغان مالۇماتلارنى بەردى. بۇ مەركەزنىڭ تەتقىقات شارائىتى ۋە باشقا ئەھۋاللىرى بىلەن تەپسىلى تونۇشتى.
رىشات ئابباسنىڭ تالانتلىق، ئىجتىھاتلىق ۋە مەسئۇلىيەتچان خاراكتېرىدىن رازى بولغان تەتقىقات مەركىزىنىڭ پرېسىدېنتى ۋە مۇئاۋىن پرېسىدېنتلىرى رىشات لېكسىيە بېرىپ قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئالاقىلىشىپ، رىشاتنى ئۆز تەتقىقات مەركىزىگە كېلىپ خىزمەت ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى.
ياشاۋاتقان يېرىدە تارتىشىدىغان ئەل-يۇرت بولمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئىدارىسىدە ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ قىلىدىغان ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلىغاندىن كېيىن، بۇ يەردىن ئايرىلسىمۇ يۈزى يورۇق ئايرىلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن رىشات بۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى.
خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش خېتى ئەتىسىلا ئۇنىنغا فەدەخ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى.
شۇنىڭ بىلەن 2000- يىلى يازدا ئۇ روبېرتنىڭ شىركىتىگە بىئولوگىئويىلىك دورىلار بۆلۈمىنىڭ درېكتورى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلدى.
كىشىلەرنىڭ ساغلام ھالدا سۈپەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىككى نەرسە ناھايىتى مۇھىم. بۇنىڭ بىرىنچىسى، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىر بولۇپ، بۇنىڭدا ھەر خىل كېسەل پەيدا قىلغۇچى خەتەرلىك ئامىللار، مەسىلەن، باكتېرىيىلەرنى يوق قىلىش، تەرتىپلىك ۋە مۇۋاپىق بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، سۇ ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەلىكلەردىن مۇداپىئە ئۈچۈن ۋاكسىنا ئۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر بولۇپ، بۇ ئەڭ ئەلا تەدبىردۇر. ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، ئاللىقاچان كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنى داۋالاش ئارقىلىق ساقايتىش، ئازابىنى يەڭگىللىتىش ۋە ئۇلارنىڭ سۈپەتلىك ھالدا ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش. بۇ ئىككىلەمچى تەدبىر، ئەمما ھايات-ماماتقا بېرىپ تاقىشىدىغان تەدبىردۇر.
قەن سىيىش كېسىلى-ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرى يەككە شەخس نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا بىمارنىڭ ئۆمرىنىڭ سۈپىتىنى تۆۋەنلەتسە، جەمئىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە ئەكس تەسر كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدا قەن سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش- بولماسلىقىنى بىئولوگىيىلىك ۋە ئىجتىمائى ئامىللار بەلگىلەيدۇ.
ئەسلەتمە-1:
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (ۋھو) نىڭ يېقىنقى ستاتىسكىسىغا قارىغاندا، 2000-يىلى دۇنيادا 171 مىللىئون قەن سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمار بار بولۇپ، ئۇلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ 2.8% ئىنى تەشكىل قىلغان. ۋھو نىڭ مۆلچەرلىشىچە قەن سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغان بىمارلارنىڭ سانى 2030-يىلىغا بارغاندا تەدرىجى ئېشىپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 6.5% ئىنى ئىگىلەپ 366 مىليونغا يېتىدىكەن. كەلگۈسىدىكى بۇ ئېشىشنىڭ كۆپ قىسمى ئاساسلىقى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلاردا بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى 45 ياش بىلەن 64 ياش ئارىلىقىدىكى كىشىلەر، يەنى ئەمگەك ئىقتىدارى بار ئادەملەر بولىدىكەن.
كىشىلەرنىڭ ساغلام ياشىشىغا تەھدىت سالىدىغان ھەرقانداق كېسەلنى يوقىتىش ياكى خەتەرلىك ئامىلنى تىزگىنلەش-تېببىي ساھەسىدىكىلەر، جۈملىدىن دورا تەتقىقات ئالىملىرى ئويلىشىدىغان مەسىلە.
كىچىگىدىن ”دورىلارنىڭ مۆجىزىلىك رولىغا“ ھەيران بولۇپ چوڭ بولغان ۋە بىمارلارنىڭ ئازابىنى چۈشىنىدىغان رىشاتنىڭ قەن سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىدغان بىرەر دورا ئىجات قىلىشنى ئويلاپ بۇ ھەقتە ئىزدىنىشكە كىرىشكىنىگە 1-2 يىلچە ۋاقت بولغان ئىدى. ئۇ بارغان بۇ ئىدارە مەخسۇس قەن سىيىش كىسەللىرىگە قارشى دورا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىدارە بولۇپ، رىشات بېرىپلا مۇشۇ جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تەتقىقاتقا كىرىشىپ كەتتى.
يەنە شۇ ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، يەنى شۇ ئەقىل-پاراسەتنىڭ جۇلاسى.
ئۇ بۇ يەردىمۇ ناھايىتى تېزلا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، قەن سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ”ئېغىزدىن ئىستېمال قىلىش“ئى ئۈچۈن ئۈنۈمى ياخشى ھەم قىلچە ئازابى يوق بىر خىل تابلېتكىنى تەتقىق قىلىپ ھەمدە دۇنيا دورا تەتقىقات ساھەسىدە تۇنجى بولۇپ ئېغىزدىن ئىستېمال قىلىدىغان ئىنسۇلىن تابلېتكىسىنىڭ تەجرىبىلىرىنى لايىھىلەپ ۋە ئادەمدە سىناق قىلغان تۇنجى ئالىم، يەنى ئۇيغۇر پۇشتىدىن بولغان ئالىم بولۇپ قالدى، ئارقىدىنلا ھەم بۇ تەتقىقات بويىچە پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ بۇ ھەقتە ياراتقان نەتىجىسى ئامېرىكىنىڭ كەسپىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تەشۋىق قىلىندى. ئۇ بۇ ھەقتە رادىئو ۋە گېزىت زىيارەتلىرنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى مۇناسىۋەتلىك گېزىت-جۇرناللاردا ھەمدە ئىلمىي ماقالىلەردە نەقىل كەلتۈرۈلدى. بۇ تەتقىقات توغرىسىدىكى يېزىپ چىققان ماقالىسى 2001- يىلى سان-فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ”قەنت سىيىش كېسىلىنى داۋالاش تېخنىكىسىنى ئالماشتۇرۇش ئىلمىي يىغىنى“ دا ”ئەڭ ياخشى ماقالە“ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. رىشات ئابباس يەنە بۇ تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى بويىچە، 2002 ئامېرىكا دىئابىتلار (قەن سىيىش كېسەللىكى) تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، سان فرانسىسكودا ئېچىلغان دۇنياۋى يىللىق يىغىنىدا نەچچە يۈزلىگەن ئالىم-مۇتەخەسىسلەرگە لېكسىيە سۆزلىدى.

تىلسىملار دۇنياسىدا نۇر قۇچقان ئالىم (9)

رىشات ئابباسنىڭ كەسپى ساھەدىكى يۈكسىلىشى ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتتا ياراتقان نەتىجىلىرىگە يارىشا پاراللېل ھالدا تەڭ سۈرئەتتە ياندىشىپ ماڭدى.
ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە ئۇ- بىر دورا تەتقىقاتچىسىدىن مەسئۇل تەتقىقاتچىلىققا ۋە ئاخىر باش تەتقىقاتچىلىققا كۆتۈرۈلدى، يەنى خەلقئارا سەۋىيەگە ئىگە ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىقتى، مۇشۇ مەزگىلنىڭ ئۆزىدە يەنە ئىدارىلەردە تېگىشلىك باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئادەتتىكى باشقۇرغۇچىدىن باش باشقۇرغىچىغا، ياردەمچى درېكتورلۇقتىن، دۇنيادىكى 5 چوڭ دورا تەتقىق قىلىش-ياشاش مەركىزىنىڭ بىرى بولغان ۋيەتھ تەتقىقات مەركىزىدە مەخسۇس راك كېسەللىكلىرىگە ئالاقىدار دورىلارنى تەتقىق قىلىش-ياساش تارمىقىنىڭ مەسئۇل باش درېكتورى بولۇپ ئۆستۈرۈلدى.
ئالتۇن ئاۋغۇستنىڭ بىر ھەپتە ئاخىرىدا مەن ئۇنىڭ بىلەن نەۋ يوركتا كۆرۈشتۈم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھۇدسون دەريا بويىدا چاي ئىچكەچ سۆھبەتلەشتىم:
-بىلمەي يۈرۈپتۇق، شۇنچە كۆپ نەتىجىلەرنى يارتىپسىز، تەبرىكلەيمەن!. — دېدىم مەن ئۇنى كۆرۈپلا.
—يوغسۇ ئۇكا. تېخى تەلەپتىن كۆپ يىراق- دېدى ئۇ جاۋابەن.
مەن ئۇنىڭغا كەينى-كەينىدىن سۇئال قويدۇم، سەۋەبى ئۇنىڭ ھازىرقى تەتقىقات ئەھۋالى ۋە كەلگۈسىدە قىلماقچى بولغان ئىشلىرى توغرىسىدا ئوقۇرمەنلەرنى خەۋەردار قىلماقچى بولغان ئىدىم.
- مۇشۇ كەمگىچە بولغان ھاياتىڭىزدا سىزنى ئەڭ خۇش قىلغان نەرسە نېمە، سىزنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان نەرسىچۇ؟
-مېنىڭ ئەڭ خوش بولىدىغىنىم- بالا چېغىمدا كۆرگەن چۈشۈمنىڭ كۈندىن كۈنگە رېئاللىققا ئايلىنىشى. مانا كۆرۈپ تۇرۇپسەن، ئۇزۇن يىللىق ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات ئارقىلىق، مەن ئاخىر دورىنىڭ قانداق ياسىلىدىغانلىقى ۋە بىمارلارغا قانداق شىپا بولىدىغانلىقىنىڭ پرىنسىپلىرىنى چۈشىنىپ يەتتىم. ھەر قېتىم بىر يېڭى دورىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا تەتقىق قىلىپ ۋە سىناق قىلىپ مۇۋەپپىقىيەت قازانغىنىمدا كېسەللىك دەستىدىن ئازابلىنىۋاتقان ھەممە ئىرقتىن، ھەر خىل ئېتىقاد ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشىگە ئىگە بىمارلارنىڭ ئازابى يېنىكلەيدىغان بولدى، دەپ ئويلايدىغىنىم. دېمىسىمۇ مەن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان دورىلار ئامېرىكا دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئالەمنىڭ ھەممە چېتىگە يېتىپ بارىدۇ.
-بۇ سىز ئارقىلىق بىز ئۇيگۇرلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشۇۋاتقان تۆھپىسى دەڭا، دېمەك بۇنىڭدىن بىزمۇ خوش،-دېدىم مەن ئۇنىڭ گېپىنى تەستىقلاپ.
- ئۇنداقتا، سىزنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان نەرسە بارمۇ؟
— ئەلۋەتتە. ئاپامنىڭ بىزدىن ۋاق-تسىز ئايرىلىشى بەك يۈرىكىمنى تاتىلاپ بىئارام قىلىدۇ. بەزىدە كېچلىرى ئويلاپ كېتىمەن، ”ھەجەپ، ئوقۇدۇم، تەتقىق قىلدىم دەپ ئۇزۇن يىل ھەپىلىشىپتىمەن، ئاپامنىڭ كېسىلىگە شىپا بولىدىغان دورىنى تەتقىق قىلىپ چىقىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم،دەپ.
شۇنداق دەۋېتىپ، ئۇ بېشىنى تۆۋەن سالدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش تامچىلىرىنىڭ لىغىرلاۋاترقانلىقىنى كۆرۈپ، ”ئاپلا، سورىمىسام بوپتىكەن“ دەپ پۇشايمان يەپ ئۈلگۈردۈم ۋە ئۇنىنغا تەسەللى بەردىم:
-ئۇنى ئەمدى بەندە بولغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئىرادىسى دەيمىز.
—ئىنسان بىلمەيدىغان نەرسە بەك كۆپ ئىكەن ئۇكام،- دېدى ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، بۇ ئالەمدە تىلسىم دېگەن ناھايىتى كۆپ ئىكەن. بىر ئادەم ئۆمرىدە شۇنچە كۈچىسىمۇ پەقەت ئازراق نەرسىنىلا چۈشىنەلەيدىكەن، كىچىككىنىلە سىرنى يېشەلەيدىكەن .
- بۇ سىزنىڭ كەمتەرلىكىڭىز-دېدىم مەن ئۇنىنغا. مانا مەنمۇ ئەقلىمگە كەلگەندىن بۇيان ئوقۇۋاتىمەن، ئازراق نەرسىنى چۈشەڭىنىم بىلەن سىزگە ئوخشاش تىلسىم دۇنياسىدا ئات چېپىپ باققىنىم يوق.
- سەن تېخى ياش تۇرساڭ، — ئۇ ماڭا مەدەت بەرمەك بولدى.
بۇندىن كېيىنكى تەتقىقاتىڭىزدا نېمە قىلاي دەيسىز؟ پىلانىڭىزدىن خەلقىمىزنى خەۋەرلەندۈرسەم بولامدۇ؟
—خەلقىمىز ئۈچۈن شان-شەرەپ كەلتۈرۈش — بۇ مېنىڭ ئىنتىلىشىم ۋە تىرىشىشىمدىكى يەنە بىر مەقسەت، شۇنداقلا غەيرەت-شىجائىتىمنىڭ مەنبەسى. شۇڭا قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان ئىشىمدىن ئۇلارنى خەۋەرلەندۈرگىنىڭ ياخشى ئىش. چۈنكى ئۇ مەن ئۈچۈن ھەم مەدەت ھەم تۈرتكە بولىدۇ. نۆۋەتتە، ئىنسانىيەت راك كېسەللىكىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە، بۇ نىجىس كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ھاياتىدىن بۇرۇنلا ئايرىلىپ، ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى ھەسرەتتە قويۇپ كەتمەكتە. مەن بۇ يۈزلىنىشكە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. راك كېسەللىرىنىڭ تۈرى كۆپ، ئەمما ھەممىسى دېگۈدەك ئەجەللىك. قانداق قىلغاندا بۇ كېسەلنى تىزگىنلىگىلى، ئەڭ ئىدىيال شارائىتتا
قانداق قىلىپ بۇ كېسەلنى يوق قىلغىلى بولىدۇ — مانا بۇ مېدىتسىنا ساھەسى يېقىندىن بۇيان جىددى تۈردە تەتقىق قىلىۋاتقان بىر مۇرەككەپ تېما، ئوچۇقىنى قىلىپ ئېيتقاندا، يەنە بىر تىلسىم.
-بۇ تىلسىمنىڭ تېگىگە يېتەي دەپسىز-دە؟
— ئەمەلىيەتتە، مەن بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتمنى ئاللىقاچان باشلىدىم.لېكىن راك كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى پۈتۈن تەتقىقاتلارنىڭ ئىچىدە قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بىر تەتقىقات، شۇڭا كۆپرەك تەر تۆكۈشۇمگە توغرا كېلىدۇ.
— بۇ ھەقتە ئىشلەۋاتقان تەتقىقاتلىرىڭىزنىڭ يۈزلىنىشى قانداق؟
— ساڭىمۇ مەلۇم بولغاندەك، راك كېسەللىكىنىڭ تۈرى كوپ، مەسىلەن، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى، كۆكرەك راكى، جىگەر راكى، ئۆپكە راكى ۋاھاكازا. ئۇزۇن يىللىق مېدىتسىنا ۋە دورا تەتقىقاتى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ھەم ئۇنىۋېرسال بىلىمىمىزنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، بىز راك كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ئامىللار ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئېرىشتۇق. ئەمما،ئوخشاش تۈردىكى راك كېسىلى بولغان ئىككى بىمارغا بىر خىل دورىنى بەرسەك، كۆرسىتىدىغان ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىرقى بىزنىڭ تەتقىقاتىمىز مەخسۇس نىشانلىق ھالدا راك كېسەللىگىگە تاقابىل تۇرىدىغان دورىنى تەتقىق قىلىپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش. يەنى يەككە بىمارنىڭ گېن جەھەتتىكى تۈزىلىشىگە ئاساسەن داۋالايدىغان ئۈنۈملۈك دورىنى تەتقىق قىلىپ چىقىش.
— بۇ جەھەتتە بىرەر نەتىجە بارمۇ؟
— ئۆتكەن نەچچە يىللاردىن بېرى مەن مۇھىم تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە قاتنىشىپ، تەتقىق قىلىپ، ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ”تاركەۋاتم (ئەرلوتىنىب)“ دېگەن دورا ئامېرىكا دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى. يېقىندا بازارغا سېلىندى ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارىلىۋاتىدۇ، ئۇ دورا ئاساسلىقى ”ئۆپكە راكى“ ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى“ راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارغا شىپا بولىدۇ. لېكىن، ئۆزۈڭگە مەلۇم، تەتقىقاتنىڭ چېكى يوق، ھامان بىلىدىغىنىمىزدىن بىلمەيدىغىنىمىز كۆپ. شۇڭا ئەتە تېخىمۇ ياخشى نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرىمەن دەپ توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
-مەن ۋەتەندىكى تەرەققىۋەرۋەر كىشىلەرنىڭ ماقالە يېزىپ بېرىش ھەققىدىكى تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ”ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە نوبېل مۇكاپاتى ھەققىدە“ تېيىز بولسىمۇ قىسقىچە توختالدىم. ماقالەمدە مەن ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىدىن ئۈمىت بار دەپ بىشارەت بەردىم. بىراق، مەن ئۇنىڭ ۋاقتىغا چەك قويمىدىم، چۈنكى قويالمىدىم. بەلكى ئۇ ئالىملىرىمىزنىڭ سۈرى’تىگە باغلىق دەپ ئېيتتىم. سىز بىلەن بولغان سۆھبەت تۇيۇقسىز ماڭا نوبېل مۇكاپاتى ھەققىدە ئەسلىتىپ قويدى. چۈنكى، سىز ۋە سىزگە ئوخشاش يېتىشىپ چىقىۋاتقان ئالىملىرىمىز مۇشۇنداقلا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىدىن زور ئۈمىت بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېدىتسىنا ئىلمى بويىچە نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلىدۇ. ئۆزىڭىزنى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپمۇ خىيال قىلامسىز؟
— نوبېل مۇكاپاتى ئۆزۈڭگە مەلۇم بولغاندەك، ئىلىم-پەندە ئەڭ بۈيۈك چوققىغا چىققان كىشىلەرگە بېرىلىدىغان تارتۇق. مەن بىر چاغلاردا بۇ ھەقتە خېلى ئويلانغان، ئارزۇ قىلغان. كېيىن ئىلمىي تەتقىقات بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇ خىيالنى ئۇنتۇپ قالدىم. بىراق، يېقىندىن بۇيان شۇغۇللىنىۋاتقان تەتقىقاتىم-ماڭا قايتىدىن ئۇ ئوتنى تۇتاشتۇردى.
بىز-بەندە. بىز سەۋەب قىلغۇچى، قۇدرىتى ئۇلۇغ ئىگەمدىن تىلىگۈچى. مەن ھاياتىمدا ھېچقاچان ”مۇمكىنچىلىك“نى رەت قىلىپ باققان ئەمەس. مۇبادا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشسەم-ئۇ بىر كاتتا ئىش بولغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئەمەس، خەلقىمنىڭ ئېرىھسكىنى بولىدۇ. مۇبادا ئېرىشەلمىسەممۇ، ھېچ بولمىدى دېگەندە ئۇ خىل ئوتنىڭ ياش ئالىملىرىمىزغا تۇتىشىشىغا پايدىسى بولىدۇ.
ئەسلەتمە-2: ئوقۇۋاتقان كەسپىمنىڭ سەھىيە ئىقتىسادشۇناسلىقى بولۇشى تۈپەيلى، ئىنسانلارنىڭ سۈپەتلىك ھالدا ساغلام ياشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان خەتەرلىك ئامىللار ۋە ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان يۇقۇملۇق ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلىكلەر ھەققىدە بىر قەدەر ياخشى چۈشەنچىگە ئىگەمەن. راك كېسەللىكى ھەققىدە مۇنداق بىر ستاتىستىكىلىق پاكىت بار. ھازىر دۇنيا بويىچە ھەر خىل راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدىغانلارنىڭ سانى يىلىغا 10 مىليون بولۇپ، بۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلىدىغانلار 7 مىليون. تەتقىقاتچىلار راك كېسەللىكلىرى بىلەن گىرىپتار بولىدىغانلار سانىنىڭ كېيىنكى 20 يىل ئىچىدە تەخمىنەن 50% ئاشىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈشمەكتە. راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا راك كېسەللكىنى ئۈنۈملۈك ھالدا داۋالىيالايدىغان بىرەر دورىنى كەشىپ قىلغان ئالىم-نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشكە ھەقلىق ئەلۋەتتە. مەن ماقالىنىڭ بېشىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئالەخاندەر فلېمىڭ (1881-1955) دەل پەنسىللىننى بايقىغانلىقى ئۈچۈن 1945-يىلى ”فىزىلوگىيە ۋە مەدىتسىنا ئىلمى“ بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
رىشات ئابباسنىڭ سۆزلىرىدىن ئۈمىدلەندىم ۋە ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىغىنى كۆرۈپ:
— مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىڭىزغا تىلەكداشمەن! — دېدىم.

تىلسىملار دۇنياسىدا نۇر قۇچقان ئالىم (10)

كىشىلىرىمىز ئالىملىق بىلەن ئادىمىيلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشىپ كەلگىلى خېلى بىر زامانلار بولدى. بەزىلەر ”ئالىم بولۇشتىن ئاۋال ئادەم بولۇش زۆرۈر دېيىشسە“، يەنە بەزىلەر ”ئالىم بولغانلىق ئادەم بولغانلىق“ دېيىشتى. مەن ئالىملىق ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشۈمنى مەزكۇر ئاخباراتنىڭ باش قىسمىدا بايان قىلىپ ئۆتتۈم. مەن ئەمدى ”ئادىمىيلىك“ ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتۈمەن.
تىلىمىزدىكى ”ئادىمىيلىك“ ئۇقۇمى-ئىجابى سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ئىپادىلەيدىغىنى بىر ئىنساندىكى قىممەت يەنى ”ئەخلاق-پەزىلەت، مەردلىك، ئاقكۆڭۈللۈك ، مېھماندوستلۇق ۋە ئۆز خەلقىغە بولغان ئەقىدە، مۇھەببەتنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇشى، رەزىللىك ھەم پەسكەشلىكتىن، نامەردلىك ۋە
خەسىسلىكتىن يىرگىنىشتەك“ سۈپەتلەرنى كۆرسەتسە كېرەك. شۇنداق بولغانلىقتىن خەلقىمىز ”ئادىمىلىكنى“ ئۇلۇغلايدۇ. ئەلۋەتتە، بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىغا ”ئالىملىق بىلەن ئادىمىيلىكنىڭ“ مۇجەسسەم بولۇشى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئىش. مەشھۇرلىرىمىزدىن مەرھۇم ”مەمەتئېلى ئەپەندى“، ”ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر“لەر مانا مۇشۇنداق كىشىلەردىن بولغان ئىكەن.
دەۋر بىلەن دەۋر مەزمۇن ۋە خاراكتېر جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ. ئەمما جەمئىيەتتە، كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ۋە شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىنسانىي ئەخلاق-پەزىلەت، پرىنسىپلار، قائىدە-يوسۇنلار، ئۆرپ-ئادەتلەر ۋە مۇنەۋۋەر چوڭلىرىمىزدىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان خىسلەتلەر داۋاملىشىشى كېرەك. مۇشۇ مەنادىن ئېيتقاندا، ھەر بىر دەۋردە مۇنەۋۋەر پىشقەدەملىرىمىز ياندۇرغان ”ئادىمىيلىك“ مەشئىلىنى ئۆزىگە خاس ھالدا كۆتۈرۈپ ياشاۋاتقان كىشىلىرىمىز بار. جۈملىدىن رىشات ئابباس دەل ئەنە شۇنداق ئۆز دەۋرداشلىرىغا نىسبەتەن ”ئالىملىق بىلەن ئادىمىيلىكنى“ ئۆزىگە مۇجەسسەم ئەتكەن ئېسىل ئوغلانلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر.
مەن بۇ ئاخباراتتا ئاساسلىقى ئۇنىڭ ئالىم بولۇپ يېتىلىپ چىقىش جەريانىنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. ئەمما ئۇنىڭ ئادىمىيلىك خىسلەتلىرى ھەققىدە توختالمىدىم. بۇ ھەقتە توختالمىسام، ئۆزىنى ”ئەركەكمەن“ دەپ مەغرۇر يۈرگەن ئەرنىڭ ”كۇسا“ بولۇپ قالغىنىدەك ئىش بولمىسۇن.
خەلقنى پەن-مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ھەقىقى مەنىسى بىلەن چۈشىنىدىغان رىشات، ئۆزىدىن ئوقۇش ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلغان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىگە ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە ئەمەلىي ياردەم قىلدى. ياخشىلارغا سادىق ۋە سەمىمى بولدى. ئامېرىكىغا يېڭى ئوقۇشقا يېتىپ كەلگەنلەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ ياردىمىنى ئايىمىدى. چوڭغا-چوڭ، كىچىككە كىچىك بولدى. قەلبىدە خەلقىغە بولغان مۇھەببەت ۋە ھېسسىياتى چەكسىز بولدى.
ئۇنىڭ بۇ خىل پەزىلىتىنى كۆرۈپ يەتكەن ۋە ئۇنى چۈشەنگەن كىشىلەر ئۇنىڭغا تېگىشلىك ھۆرمەت بىلدۈرۈشىدۇ، ئەلۋەتتە.
شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش مۇۋاپىقكى، بىزدە بەزىلەر ”ئالىملىق شەرتىگە توشاي“ دېگىنى بىلەن ئۆزىنىڭ ياراتقان نەتىجىسىنىڭ يوق بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئىجادىيىتى ۋە ھالال مېھنىتى ئارقىلىق يۈكسەلگەن ۋە شان-شەرەپ قۇچقان باشقا قېرىنداشلىرىغا ھەسەت قىلىش ۋە كىچىك كۆزلۈك بىلەن پىتنە قىلىش تۈپەيلى ”ئادىمىيلىك“ نىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمەيدۇ.
ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزگىرىپ بارىدۇ. بەزى جەھەتتە بۇ ئۆزگىرىشنى تەرەققىيات دەپ ئاتىساقمۇ بەزى جەھەتتە ئۇنى شەخسەن مەن تەرەققىيات دەپ ئاتىمايمەن. مەسىلەن بىز ياشاۋاتقان جەمئىيەت ئېغىر ئەخلاق كرىزىسىگە دۇچ كەلمەكتە. ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئەمەل قىلىدىغان پرىنسىپنىڭ يوقىلىشى، مەنپەئەتپەرەسلىك ۋە راھەتپەرەسلىك (ھەدونىسم)نىڭ كۈچىيىشى، پىتنە-پاسات ھەم ھەسەتخورلۇقنىڭ يامرىشى، ۋاپاغا جاپا قىلىش، ئاشنى ئىچىپ بولۇپ چىنىنى چېقىۋېتىشتەك ئاللاكىملەردىندۇر يۇققان ۋابا-قېرىنداشلار ئارا ئىشەنچنى سۇسلاشتۇرۇپلا قالماي، ئۆزئارا ئاداۋەتنى پەيدا قىلىپ، ياخشى ۋە سەمىمى كۆڭلى بولغان ئادەملەرنىڭ قەلبىنى ئازابلىماقتا.
كىم بولۇشۇڭدىن قەتئىنەزەر، ئەگەر سەن ياخشىلارنى كۆرەلمەيدىغان، باشقىلارنىڭ نەتىجىسىگە ھەسەت قىلىدىغان ۋە ياكى تۇل خوتۇندەك يىپچى، ياكى بولمىسا يىپچى خوتۇندەك پىتنىچى بىرسى بولساڭ، يەنى بىرەر ئۇيغۇر پەرزەنتى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە شان-شەرەپ قۇچۇپ ھەتتا ياتلارمۇ ئۇنىڭ تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋاقىتتا، ”ئۇ قانچىلىك ئىشتى، بۇ قانچىلىك نېمە ئىدى“ دەپ ياخشىلارنى ۋە ئىشلىرىدا ئۇتۇق قازانغانلارنى كەم سۇندۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان بىرسى بولساڭ، —ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان، ئاقكۆڭۈل، تەرەققىپەرۋەر خەلقىڭنىڭ ساڭا ئېيتىدىغان بىرلا سۆز بار:
ياكى سەنمۇ تىرىشىپ شۇنداق بول، نەتىجە يارات، ياكى بولمىسا ”ئاغزىڭغا تاش، ئېشىڭغا ماش“ سېلىپ ئولتۇر.
چۈنكى، باشقا تائىپىدىن بولغان كىشىلەر مۇنەۋۋەر ئوغلانلىرىمىزغا ھەسەت قىلسا-بۇ بىر غەزەپلىنىدغان ئىش، ئەمما ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىن بىرسى شۇنداق دېسە بۇ بىر ئېچىنارلىق ئىش!
ئاخىرىدا كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇنداق بىر ئاددى پرىنسىپنى يەكۈنلەش ئارقىلىق بۇ ئاخباراتنى مۇشۇ يەردە تامام ئىتىمەن:
شان-شەرەپ-ھالال ئەمگەك، ئەجىر-مېھنەت ۋە جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىدىن كېلىدۇ. پاتەمنىڭ قۇچقان شۆھرىتى تۇپەيلىدىن، زۆرەم ئېرىشمەكچى بولغان شەۋكەت ئازىيىپ كەتمەيدۇ. تۆھپىنى چوڭ قوشقانسېرى، شان-شەرەپ شۇنچە يۈكسەك بولىدۇ. ھەسەننىڭ قىلغان ھەسىتى تۈپەيلىدىن، ھۈسەننىڭ ھوسۇلى ئازىيىپ قالمايدۇ-يۇ ، ئەمما ھەر ئىككىسىنىڭ كۆڭلى خوش بولمايدۇ.

خاتىمە:
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن،
رىشات ئابباسنىڭ قۇچقان زەپەرلىرىدىن تەسىرلەنگىنىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇش بۇرچۇم بار دەپ بىلىپ، ۋاقىت جەھەتتە قىسىنچىلىغىم بولسىمۇ بۇنى يېزىپ چىقتىم. چۈنكى، ئۇنىڭ ياراتقان ھەر بىر ئىشىنىڭ ئېلىپ كەلگەن مارگىنال ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى ئانالىز قىلىش، تېخىمۇ بەدىئى ۋە ئىلمى تىل بىلەن ئىپادىلەش، مۇھىمى ئۇنى ياشلىرىمىزغا ئۈلگە سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى زور.
لېكىن، «پىچاقنى بىلەپ تۇرمىسا گاللىشىپ قالىدۇ، قەلەمنى ئىشلىتىپ تۇرمىسا داتلىشىپ قالىدۇ» دېگەندەك ئەدەبىي ئاخباراتچىلىقنى توختىتىپ قويغىلى 10 يىل بولۇش سەۋەبى بىلەن قەلىمىمنىڭ گاللىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئاشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئەسەرنىڭ قەھرىمانى-ئالىم رىشات ئابباس ھەققىدە ئالدىراپ يېزىلغان بۇ يازمامنى ئويلىغىنىمدەك ياخشى يېزىپ چىقالمىدىم. ئەمما رىشات ئابباسنىڭ يېقىن كېلەچەكتە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغىنىغا تىلەكداش بولغىنىم ھەم ئىشىنىدىغىنىم ئۈچۈن، ئۇ ھەققىدە تەپسىلى ۋە سۈپەتلىك بىر يېزىلمىنىڭ قابىل ھەم تالانتلىق يازغۇچىلىرىمىز تەرىپىدىن روياپقا چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى، ئۈمىدۋار كىشىلەر ئۈچۈن ”ئەتە ھامان بۈگۈندىن گۈزەل ۋە پارلاقتۇر!“

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 414 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-02-27