كوسمولوگىيە 

    كوسمولوگىيە


   كوسمولوگىيە Cosmology «ئالەم نەزىرىيەسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاستىرونومىيەنىڭ بىر تارمىقىدۇر. ئاستىرونومىيەلىك كۆزىتىش-ئۆلچەش ماتېرىياللىرى ۋە تەبىئىي پەنلەر نەزىرىيەسىگە ئاساسەن، ماددىنىڭ ئالەمدىكى تەقسىملىنىشىنى ۋە ھەرىكىتىنى، ئالەمنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە پەيدا بولۇشى ۋە ئۆزگىرىشىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئومۇمىي تۈزۈلۈشى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

   ھازىر دۇنيادا ئەڭ كەڭ تارقالغىنى چوڭ پارتىلاش كوسمولۇگىيىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇقىم ھالەت كوسمولوگىيەسى ۋە نىسپىيلىك كوسمولوگىيەسى قاتارلىقلار بار. چوڭ پارتىلاش كوسمولوگىيەسى يەنە ئولتۇرا زىچلىق كوسمولوگىيەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ نەزىرىيە شۇنداق قارايدۇكى، مۇندىن X 109 50 ~5 يىللار ئىلگىرى ئالەمدىكى بارلىق ماددىلار ئولتىرا زىچلىقتىكى بىر پارچە كىچىك جىسىمغا توپلاشقان، بىر قېتىملىق غايەت زور پارتىلاشتىن كېيىن ماددىلار ناھايىتى يۇقىرى تېزلىكتە ئەتراپقا ئېتىلغان. بۇ جىسىم پارچىلىرىنىڭ تېززلىكى تەدرىجىي ئاستىلىغاندىن كېيىن يۇلتۇز ۋە يۇلتۇز سىستېمىلىرى شەكىللەنگەن. بۇ يۇلتۇز ۋە يۇلتۇز سىستېمىلىرىنىڭ ئارىلىقى ھازىرمۇ بىر-بىرىدىن يىراقلاپ بارماقتا.

   بۇ نەزىرىيەنى قۇۋۋەتلەيدىغان مۇنداق كۆزىتىش-ئۆلچەش پاكىتلىرى بار: (1) سامانيولى سىرتىدىكى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ سىزىقلىق سىپىكتىرىدا قىزىلغا سىلجىش بولىدۇ ھەمدە قىزىلغا سىلجىش ئارىلىققا ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. ئەگەر بۇ دوپلېر ئېففىكتى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلسە، مۇنداق قىزىلغا سىلجىش ئالەمنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. قىزىلغا سىلجىشنىڭ ئارىلىققا ئوڭ تاناسىپ بولۇشى دەسلەپكى دەۋردىكى ئالەمنىڭ چېكىنىش تېزلىكىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. (2) بۇ نەزىرىيەگە ئاساسلانغاندا، بارلىق يۇلتۇزلار ئالەمنىڭ تىمپىراتورىسى تۆۋەنلەپ بىر نەچچە مىڭ گىرادوسقا چۈشكەندىن كېيىن شەكىللەنگەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ تارىخى 20 مىليارد يىلدىن كىچىك بولۇشى لازىم. بۇ ھۆكۈم شارسىمان يۇلتۇزلارنى ئىزوتوپلۇق ئۆلچىگەندىكى چىققان نەتىجىگە ئۇيغۇن. (3) كۆپلىگەن ئاسمان جىسىملىرىدىكى گېلىينىڭ موللۇقىنى (تەخمىنەن %30) يۇلتۇزلارنىڭ ئىچكە قىسىمىدىكى يادرو رىئاكسىيەسى ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ ئالەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋردىكى تىمپىراتورىسىنىڭ يۇقىرىلىقىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. (4) ئالەمنىڭ كېڭىيىش تېزلىكى ۋە گېلىينىڭ موللىقى بويىچە ھېسابلاپ چىقىرىلغان ھازىرقى ئالەمنىڭ تىمپىراتورىسى تەخمىنەن بىر نەچچە  بولۇپ، 1965-يىلى مىكرو دولقۇن دائىرىسىدە ئۆلچەنگەن ئارقا كۆرۈنۈش رادىئاتسىيەسىگە ماس كېلىدىغان تىمپىراتورا (K 3) غا ئۇيغۇن. لېكىن چوڭ پارتىلاش نەزىرىيەسى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ پەيدا بولۇشى، ئىزوتىروپىكلىقنىڭ تەقسىملىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قىيىنچىققا دۇچ كەلدى.

   مۇقىم ھالەت كوسمولوگىيەسىنى 1948-يىلى ئەنگىلىيەلىك ئاستىرونوم بوندى قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭدا شۇنداق قارىلىدۇكى، ئالەم چوڭ دائىرە ئىچىدە ئۆزگەرمەي مۇقىم تۇرىدۇ. ماددىلارنىڭ بوشلۇقتا تەقسىملىنىش تەكشى، ئىزوتىروپىكلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئالەمنىڭ ۋاقىت جەھەتتىكى ھالىتىمۇ ئۆزگەرمەي مۇقىم تۇرىدۇ. ئالەم زىچلىقىنىڭ كېڭىيىشتىن بولىدىغان كېمىيىشىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، بۇ نەزىرىيە تەرەپدارلىرى: بوشلۇق  1043kg/(m3.s)تېزلىك بويىچە ماددا ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك دەپ قارايدۇ( ھەر 500 مىليارد يىلدا ھەربىر لتېر بوشلۇقتىن بىر ھېدروگىن ئاتومى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ). لېكىن بۇ نەزىرىيەدە ئالدىن ھۆكۈم قىلىنغان يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە رادىئو مەنبەلىرىنىڭ سانى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇ نەزىرىيە ئارقىلىق مىكرو دولقۇننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشتىكى رادىئاتسىيەسىنىمۇ چۈشەندۈرۈش تەس.

   بۇنىڭدىن باشقا 1917-يىلى ئېينىشتين ئوتتۇرىغا قويغان تېنچ ھالەت ئالەم مودىلى (كوسمولوگىيەدىكى تۇنجى ئالەم مودىلى)مۇ بار. بۇنىڭدا ئالەم چەكلىك، ئەمما چىگرىسى يوق، ئالەم بوشلۇقىنىڭ ھەجمى 2π2R3، ئومۇمىي ماسسىسى 2π2R3ρ (  ρبولسا ئوتتۇرىچە زىچلىق) بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بۇ مودىلدىكى كۆپلىگەن قاراشلار ھازىرمۇ يەنىلا ھاياتىي كۈچكە ئىگە.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 702 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-03