ۋېليامىس ستېفىن خاۋكىڭ

 بۈگۈنكى زامان نەزەرىيىۋى فىزىكا ئالىمى ۋىليام ستىفېن خاۋكىڭ( Stephen William Hawking) ئەنگلىيىنىڭ ئوكسفورد شەھىرىدە، 1942- يىلى 8- يانۋاردا(گالىلېينىڭ ئۆلۈمىدىن 300 يىل كېيىن)  تۇغۇلغان. خاۋكىڭنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيى ئەسلىدە شىمالى لوندوندا بولۇپ 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوكسفورد بالىلار ئۈچۈن بىخەتەر جاي دەپ قارىلىپ ئۇ 8 ياشقا كىرگەندە شۇ جايغا كۆچۈپ كەلگەن. 11 ياشتا ئالبان مەكتىپىگە ئۇقۇشقا كىرگەن. ئاندىن كېيىن دادىسى بۇرۇن ئۇقۇغان مەكتىپى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتىغا ئۇقۇشقا كىرگەن .گەرچە خاۋكىڭنىڭ دادىسى ئۇنى دوختۇر بولۇشقا زورلىسىمۇ  خاۋكىڭ ماتېماتىكا ئۆگەنمەكچى بولىدۇ، بىراق ئۇ مەكتەپتە ماتېماتىكا كەسپى بولمىغاچقا ئىلاج يوق فىزىكا تاللايدۇ  . 3 يىلدىن كېيىن ھېچقانچە كۈچىمەيلا تەبئىي پەن ساھەسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك پەخرى ئۇنۋانغا تىرىشىدۇ. 
   خاۋكىڭ كامبرىج ئۇنىۋېرسىتىتغا بېرىپ ئالەم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ چاغدا ئوكسفورد شەھىرىدە بۇ ساھەدە بىرەر كىشى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان ئىدى. ئۇ پروفېسسور ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن جىنۋىل ۋە كائويىس ئىنىستىتۇتلىرىدا كەسپىي تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەيدۇ.  خاۋكىڭ روگېر پەنروس بىلەن بىللە ئاساسلىق ئالەمنىڭ ئاساسلىق قانۇنىيىتى ۋە ئېينىشتىيىنننىڭ نىسپىيلىك نەزىرىيىسىدىكى بوشلۇق، ۋاقىت ۋە چوڭ پارتلاشنىڭ باشلىنىشى ۋە شۇنداقلا قارا ئۆڭكۈر توغرىسىدىكى نەزىرىيىۋى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 
بۇ نەزىرىيىۋى تەتقىقاتنىڭ نەتىجىلىرى نىسبىلىك نەزىرىيىسى بىلەن كۇۋانت نەزەرىيىسىنىڭ بىرلىشىشىگە چوڭ رول ئوينايدۇ. بۇ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى بۈيۈك پەن تەتقىقات تەرەققىياتى بولۇپ سانىلىدۇ. 
     ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى بار بولۇپ ئۇلار: ئەللىس بىلەن بىرلىشىپ يازغان بوشلۇق ۋاقىت قۇرۇلمىسى ، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى، ئىسرايىل بىلەن بىرلىشىپ يازغان تارتىش كۈچىنىڭ 300 يىللىقى قاتارلىقلار. ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن: ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى، قارا ئۆڭكۈر ، بوۋاق ئالەم، ۋە باشقا بەزى كىچىك ئىلمىي ئەسەرلىرى بار بولۇپ، ئالەم ۋە فىزىكىنى چۈشىنىشكە، تەپەككۈرنى ئېچىشقا ياردەم بېرىدىغان بۇ كىتاپلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىندى.
    نەتىجىسىدىن كۆرە ئىرادىسى ئارقىلىق دۇنيانى قايىل قىلغان ئالىم خاۋكىڭ 10يېشىدىن باشلاپ مۇسكۇل نېرۋىسى پالەچلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ھازىر پەقەت سول بويۇن مۇسكۇلىدىن تارتىپ پۈتكۈل تۆۋەن بەدەن ئۈزۈل كېسىل پالەچلەنگەن بولسىمۇ ، سول قولىنىڭ ساق قالغان ئۈچ بارمىقى ۋە كۆزىگە تايىنىپ يېقىندا ئەڭ داڭلىق «ئالەمنىڭ شاكىلى» دېگەن ئەسىرىنى نەشر قىلدۇردى.  
   خاۋكىڭ 12 پەخرىي ئۇنۋانغا، پادىشاھ جەمەت تەتقىقات ئورنىدىن ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تەتقىقات ئۇرۇنلىرىدىن نۇرغۇن مېدال مۇكاپات ۋە باشقا ئۇنۋانلارغا ئېرىشكەن. بولۇپ ھازىر ئىلگىرى نىيۇتۇن ئۆتىگەن كامبىرىج ئۇنۋېرستىنىڭ ماتىماتىكا پرافېسسورى ۋەزىپىسىنى ئىشلەۋاتىدۇ.
    خاۋكىڭ ھازىر يەنە ئائىلە (ئۇنىڭ 3 بالىسى ۋە 1 نەۋرىسى بار) تۇرمۇشى بىلەن تەتقىقاتىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ نەزەرىيىۋى تەتقىقات لېكسىيە ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرگە قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 247 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-02-27