شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى

ھاۋا ئوچۇق كېچىلىرى، ئارىلاپ - ئارىلاپ ئاسماننى كۆزەتكىنىمىزدە، ئاسماننى قاپلىغان چىمىر - چىمىر يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى شەرقتىن غەربكە قاراپ سۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بايقايمىز، لېكىن بىر يۇلتۇز قارىماققا زادىلا مىدىرلىمايدۇ، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يۇلتۇزنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، ئۇ توپ يۇلتۇزلارنىڭ ئايلىنىش مەركىزى بولۇپ قالىدۇ. مىدىرلىماي جىم تۇرىدىغان بۇ يۇلتۇز شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىدۇر.

 بۇ خىل تەبىئىي ھادىسە يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ. يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش ئوق سىزىقىنىڭ شىمالىي ئۇچى توپتوغرا شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ ئەتراپىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، شۇڭا، يەر شارىدىن قارىغاندا، شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى باشتىن - ئاخىر مىدىرلىمىغاندەك، قالغان يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى شىمالىي يۇلتۇز ئاسمىنىدىكى كىچىك ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى αيۇلتۇز.

 ئەمەلىيەتتە ئۇ جىم تۇرماي مىدىرلاپ تۇرىدۇ، پەقەت ئۇ يەر شارى شىمالىي قۇتۇپىنىڭ دەل ئۈستى تەرىپىدە بولغاچقا، شىمالىي ئاسمان قۇتۇپىغا ناھايىتى يېقىن (بىر گرادۇس ئەتراپىدا) جايلاشقان، كۆزىمىز بىلەن ئۇنىڭغا قارىغاندا، ئۇنىڭ كىچىك دائىرىدە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى سېزەلمەيمىز، شىمالىي ئاسمان قۇتۇپى دېگىنىمىز، ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمىغان نۇقتا، پەقەت پەرەز قىلىنغان بىر پايدىلانما نۇقتىدىن ئىبارەت، خالاس. ئۇ يەر شارىنىڭ ئايلىنىش ئوقىنىڭ (پەرەز قىلىنغان يەر ئوقى) چەكسىز ئۇزارتىلغاندىن كېيىنكى ئاسمان شارىغا چۈشكەن پرويېكسىيىسىدۇر. يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىنىڭ ئىلگىرىلىمە ھەرىكىتى سەۋەبىدىن، ئاسمان شارىنىڭ شىمالىي قۇتۇپى مۇقىم مىدىرلىماي تۇرماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە ئورنىنى چۆرىدەپ، ھەر25800  يىلدا بىر دەۋر قىلىپ ئايلىنىدۇ، شۇڭا، ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدە ئوخشاش بولمىغان شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى بولىدۇ.

تەخمىنەن200  يىل ئىلگىرى، شىمالىي ئاسمان قۇتۇپى بىز ھازىر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىغا يېقىنلاشقان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن يېرىم گرادۇس ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، شىمالىي ئاسمان قۇتۇپى ھازىرقى شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىدىن ئاستا - ئاستا ئايرىلىشقا باشلىغان. تەخمىنەن12  مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە (توقۇمىچى قىز) ۋېگادىن5  گرادۇس يىراق جايغا سۈرۈلىدۇ. شۇ چاغدا، گۈزەل ۋېگا شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىغا ئايلىنىدۇ. كېيىن، شىمالىي ئاسمان قۇتۇپى يەنە ۋېگانىڭ ئورنىدىن ئاستا - ئاستا ئايرىلىشقا باشلاپ، يەنە12  مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ھازىرقى ئورنىغا قايتىدىن قايتىپ كېلىدۇ. شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى بىزدىن تەخمىنەن782  يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا بولۇپ، قارىماققا ئانچە يورۇق كۆرۈنمەيدۇ، لېكىن ئۇ دەل شىمالىي ئاسمان قۇتۇپىنىڭ ئورنىغا توغرا كەلگەچكە، كىشىلەرگە يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، شۇ سەۋەبلىك، ئاسترونومىيە خادىملىرى بىلەن گېئولوگىيە خادىملىرى ھەمىشە دېگۈدەك ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزى تۇرغان كەڭلىكنى ۋە جەنۇب، شىمال يۆنىلىشنى ئۆلچەپ بىلەلەيدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 392 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-02-27