تېلىسكوپ

تېلېسكوپ  (دۇربۇن) يىراقتىكى جىسىم ياكى ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىشتە ئىشلىتىلىدىغان ئوپتىك ئەسۋاب. ئەڭ بالدۇرقى تېلېسكوپ1608  - يىلى گوللاندىيىلىك كۆزەينەك ئۇستىسى لىپۇش تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان. ئىتالىيىلىك ئالىم گالىلېي لىپۇشنىڭ بىر خىل غەلىتە تۇرۇبىنى كەشىپ قىلغانلىقى، بۇنىڭ كۆزەتكەن نەرسىلەرنى چوڭايتالايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ خىل چوڭايتقۇچى تۇرۇبىنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلاپ، ئاسماندىكى يۇلتۇز ۋە ئاينى كۆزىتىپ، ئالەمنىڭ سىرى ھەققىدە ئىزدىنىشكە بولامدۇ - يوق؟، دەپ ئويلاپ جاپالىق تەتقىقاتقا كىرىشىپ كەتكەن.

جاپالىق تەتقىق قىلىپ ياساش ئارقىلىق، ئاخىر گالىلېي ئۇزۇنلۇقى 1.2m، دىئامېتىرى 4.4cmكېلىدىغان،33  ھەسسە چوڭايتالايدىغان گالىلېي تېلېسكوپىنى ياساپ چىققان. بۇ تېلېسكوپ ئارقىلىق، ئايدىكى ئويمان - دۆڭ ھالقىسىمان تاغلار كۆزىتىلگەن؛ نەتىجىدە قۇياشنىڭ ئۇدا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغانلىقى؛ يۇپىتېرنىڭ ئەتراپىدا تۆت ھەمراھنىڭ ئايلىنىۋاتقانلىقى؛ ساتۇرىننى چىرايلىق نۇر ھالقىلىرى ئورىۋالغانلىقى؛ ۋېنېرانىڭمۇ ئايغا ئوخشاشلا، يېڭى ئاي ۋە تولۇن ئايدەك تولۇق - كەمتۈك ئۆزگىرىشلەردە بولىدىغانلىقى؛ سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سانسىزلىغان يۇلتۇزلاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى بايقىغان.

 بۇ بىر قاتار بايقاشلار كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئالەمگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. تېلېسكوپنىڭ مۇشۇنداق كارامەتكە ئىگە بولۇشى ئاساسلىقى ئۇنىڭ ئىككى پارچە لىنزىسىنىڭ ياردىمى بولغانلىقىدا. تېلېسكوپنىڭ ئالدى تەرىپىدە دىئامېتىرى چوڭ، فوكۇس ئارىلىقى ئۇزۇن بولغان بىر كۆپۈنگۈ لىنزا بار بولۇپ، ئۇ ئوبيېكتىپ (جىسىم ئەينىكى) دەپ ئاتىلىدۇ؛ كەينى تەرىپىدە دىئامېتىرى كىچىك، فوكۇس ئارىلىقى قىسقا بىر لىنزا بار بولۇپ، بۇ ئوكۇليار (قاراش ئەينىكى) دەپ ئاتىلىدۇ. ئوبيېكتىپ يىراقتىكى جىسىمدىن كەلگەن نۇرنى ئۆزىنىڭ كەينى تەرىپىگە يىغىپ، دۈم كۆمتۈرۈلگەن كىچىكلىتىلگەن ھەقىقىي تەسۋىرنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ يىراقتىكى جىسىمنى ئۆزىنىڭ يېنىغا يۆتكەپ كەلگەنگە تەڭداش بولىدۇ، بۇ جىسىمنىڭ دۈم كۆمتۈرۈلگەن تەسۋىرى دەل ئوكۇليارنىڭ ئالدى فوكۇس نۇقتىسىغا چۈشىدۇ، شۇنداق قىلىپ، ئوكۇليارغا توغرىلاپ قارىساق، نۇرغۇن ھەسسە چوڭايتىلغان بىر مەۋھۇم تەسۋىرنى كۆرگىلى بولىدۇ.

1615 - يىلى كېپلېر گالىلېي تېلېسكوپىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كېپلېر تېلېسكوپىنى ياسىدى. بۇنىڭدا لىنزىنىڭ نۇرنى سۇندۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ جىسىم كۆزىتىلگەن، شۇڭا بۇ خىل تېلېسكوپ رېفراكتور (سۇندۇرۇش تىپىدىكى تېلېسكوپ) دەپ ئاتالغان. لىنزىنىڭ ئۆزى قىسمەن نۇرنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، ئۇنىڭ ماتېرىيالى ئوخشاش بولمىغان يەككە (ساپ) رەڭلىك نۇرلارغا قارىتا سۇندۇرۇش كۆرسەتكۈچىمۇ ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق تېلېسكوپ ئادەتتە ھەربىي ئىشلاردا ۋە دالا كۆزىتىشلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ ئارقىلىق يىراقتىكى ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزەتكەندە، ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. بۇ يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاش ئۈچۈن، ئالىملار رېفلېكتور (قايتۇرۇش تېلېسكوپى)نى لايىھىلەپ ياساپ چىقتى. بۇنىڭدا ئەسلىدىكى ئوبيېكتىپنىڭ ئورنىغا پارابولا يۈزلۈك قايتۇرۇش ئەينىكى ئىشلىتىلىپ تەسۋىر چوڭايتىلىدۇ، قايتۇرۇش ئەينىكىنىڭ سىرتقى يۈزى نۇرنى ناھايىتى ئاز سۈمۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر خىل يەككە رەڭلىك نۇرنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا قايتۇرۇلىدۇ - دە، رېفراكتورنىڭ ئاساسلىق كەمچىلىكى تولۇقلىنىدۇ. ئەڭ بالدۇرقى رېفراكتور (قايتۇرۇش تىپىدىكى تېلېسكوپ)نى نيۇتون1672  - يىلى كەشىپ قىلغان. ھازىر دۇنيادا ئىشلىتىلىۋاتقان چوڭ تىپتىكى تېلېسكوپنىڭ ھەممىسى رېفلېكتوردىن ئىبارەت.

1970  - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى كاۋكاز سېيمىلوتىلىك تېغىغا قۇراشتۇرۇلغان بىر رېفلېكتورنىڭ دىئامېتىرى 6m ، پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى 79m ، ئېغىرلىقى840  توننا بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق240  مىڭ كىلومېتىر يىراقتىكى شام يورۇقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.1989  - يىلى مەملىكىتىمىز ئۆزى لايىھىلەپ ياساپ چىقىپ، بېيجىڭ رەسەتخانىسى شىڭلۇڭ كۆزىتىش پونكىتىغا قۇراشتۇرغان رېفلېكتور مەملىكىتىمىز، يەنى شەرقىي ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ رېفلېكتور بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ دىئامېتىرى 2.16m، ئېغىرلىقى92  توننا بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق20  مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر تال سەرەڭگە يورۇقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئامېرىكا گاۋايدىكى چانىكيا يانار تاغ چوققىسىغا «كايكى» ناملىق بىر رېفلېكتورنى ئورناتماقتا، ئۇنىڭ دىئامېتىرى 10.16m بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ رېفلېكتور ھېسابلىنىدۇ. ئالەمنىڭ سىرى ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىش، ئاتموسفېرانىڭ كۆزىتىشكە بولغان تەسىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،1990  - يىل4  - ئايدا، ئامېرىكا ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق ئاسترونوم ھۇببلېنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان دۇنيا بويىچە تۇنجى ئالەم تېلېسكوپى - ھۇببلې تېلېسكوپىنى يەر شارىدىن380  مىل ئېگىزلىكتىكى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا چىقاردى. ھۇببلې تېلېسكوپى قايتۇرۇپ يوللىغان يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ سۈرەتلىرى سانسىزلىغان پاختا شارچىلىرىدەك ئېنىق بولۇپ، ئالىملارغا زور خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 300 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-02-27