خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق
چوققىلاش 3 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەشبايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت، چىدىر، كىروران قاتارلىق 11 دۆلەت يېرى بولغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە چىدىر (بۈگۈنكى بۈگۈر)دە غەربىي يۇرۇن قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىن تۇتۇق مەھكىمىسى ۋە يېڭىسار (بۈگۈنكى خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ جۇلتۇس ئويمانلىقى) تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرىدا قاراشەھەر خان ئامبىلى قويۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى (1882 - يىلى) قاراشەھەر بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈ 24 - يىلى (1898 - يىلى) دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ مەھكىمە قىلىپ، نامىنى كىنگىت دەپ ئۆزگەرتىپ ئاقسۇ دوتەيلىكىگە قارايدىغان قىلىنغان. مىنگو 9 - يىلى ( 1920 - يىلى) كىنگىت دوتەيلىكى تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 8 - مەمۇرىي رايون ۋە كىنگىت ۋالىي مەھكىمىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1954 - يىلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە كورلا ۋالىي مەھكىمىسى قىلىپ تەسىس قىلىنغان. 1960 - يىلى كورلا ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قوشۇۋېتىلگەن.
يەر تۈزۈلۈشى: شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ تىيانشان تېغى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە كوئىنلۇن تېغى، ئالتۇن تاغدىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا ئايرىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېري 48.9% نى، تۈزلەڭلىك 51.1% نى، تەشكىل قىلىدۇ. ئوبلاست تەۋەسىدە تارىم دەرياسى، قاراشەھەر دەرياسى، كۆنچى دەرياسى قاتارلىق چوڭ - كىچىك دەريادىن 50 نەچچىسى، چوڭ - كىچىك كۆلدى 69 سى بار. بۇنىڭ ئىچىدە تارىم دەرياسى ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى، باغراش كۆلى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى ھېسابلىنىدۇ. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 10 مىليارد 120 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 2 مىليون 980 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن ئاساسلىقى ياۋا قوتاز، زاڭزۇا ياۋا ئېشىكى، زاڭزۇ بۆجىنى، يىلپىز، ئارقار، ئاققۇ قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن ئاساسلىقى توغراق، يۇلغۇن، شامشاد، يىڭنە يوپۇرماقلىق قارىغاي، قارلەيلىسى، سوغىگۈل قاتارلىقلار بار. ئاساسلىقى نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۆمۈر، مانگان، سىنك، ئالتۇن قاتارلىق 56 خىل قېزىلما بايلىق بايقالدى. بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كىلىماتىدا پەرق ناھايىتى چوڭ. چوڭ - كىچىك يۇلتۇز ئويمانلىقى (بايىنبۇلاق) ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ ئىقلىمى 2 - دەرىجىلىك سوغۇق بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى - 4.5℃ ، تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولغاندا 28.0℃قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا - 46.6℃ قا چۈشىدۇ. قىروسىز مەزگىلى 18 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 250 - 500 مىللىمېتىر. قاراشەھەر ئويمانلىقى ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 6.2℃ - 7.8℃ بولىدۇ. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 39.2℃. ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 35.2℃ بولىدۇ. قىروسىز مەزگىلى 170 - 190 كۈن بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 50 - 80 مىللىمېتىر بولىدۇ. تارىم ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكلەرنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.5℃ ~ 10.1℃، تېمپېراتۇران ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 43.6℃ قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا - 30.9℃ قا چۈشىدۇ. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4000℃ دىن يۇقىرى بولىدۇ. قىروسىز مەزگىلى 210 ~ 240 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 25 ~ 50 مىللىمېتىر. بۇ ئوبلاستتا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. 109 مىڭ 700 گېكتار ( 1 مىليون 645 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 10 مىليون 666 مىڭ 300 گېكتار (160 مىليون مو) ئوتلاق بار. يەنە 2 مىليون 906 مىڭ گېكتار (43 مىليون 590 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، پاختا، قىزىلچا، ياغلىقدان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىدا قوي بىلەن كالىنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتىدىن ئاساسلىقى نېفىت، ماشىنسازلىق، ئېلېكترون، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق، قەغەزچىلىك، يېمەكلىك كەسىپلىرى بار. باينغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى بىرقەدەر ياخشى. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، كورلا شەھىرى جەنۇبىي شىنجاڭغا بارىدىغان يولوچىلار، توشۇلىدىغان يۈكلەر توپلىشىدىغان، تارقىلىدىغان مەركەزگە ئايلاندى. تاشيوللار تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان بولۇپ، دۆلەت تاشيولىدىن 5 ى ئوبلاست تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. كورلا، چەرچەن ئايرودورمىدا ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان ھاۋا لىنىيىسى ئېچىلدى. ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى كورلىنىڭ تېلېفون تورىغا كىرگۈزلۈلدى ھەمدە سىمسىز چاقىرىش ۋە كۆچمە تېلېفون يولغا قويۇلۇپ، پروگراممىلىق ئالماشتۇرۇش ۋە مىكرو دولقۇنلۇق، ئوپتىكىلىق يەتكۈزۈش ئاساس قىلىنغان كۆپ ۋاستىلىك زامانىۋى خەۋەرلىشىش تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. بۇ ئوبلاستنىڭ ئاساسلىق مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن كىروران خارابىسى، بالونتاي بۆتخانىسى، شىكشىن مىڭ ئۆيى، بۇغداچىن قەدىمكى شەھىرى، چاپغا جىلغىسى قەدىمىي قەبرىستانلىقى، تۈرغۈت تور خارابىسى، باش ئەگىم قاتارلىقلار بار. ئاساسلىقى تەبىئىي مەنزىرىلىك جايلاردىن بايىنبۇلاق يايلىقى، <كىچىك بۇغدا كۆلى> ئاققۇ كۆلى، تىيانشان تاش ئويمانلىقى، خوتۇنسالا شارقىراتمىسى، كۈنەس دەرياسى جىلغىسى، باغراش كۆلى، تەكلىماكان قۇملۇقى ۋە مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تەبىئىي قوغداش رايونى ئالتۇن تاغ تەبىئىي قوغداش رايونى قاتارلىقلار بار.
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3
>