ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر



ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


      

   

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

     كۈچلىك رېئالىزملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان ئىزنى 1985- يىلى ئېلان قىلغاندىن كىيىن، كىتابخانلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، يىڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلغان چولپان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى-ئاخىر «قەشقەر كېچىسى»، «ئىز»، «ئۆمۈر مەنزىللىرى»، «ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىندى. ئۇنىڭ يەنە «شېئىر ۋە شائىر»، «تۇرپان تەسىراتلىرى»، «قەشقەر كېچىسى»، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، «شېئىرىيەت»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «غەربىي دىيار ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. 1982- يىلى 1- ئايدا خەلق گېزىتىدە ۋە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا دائىر ئوبزورلار مەجمۇئەسى» نىڭ 2- سانىدا «قەشقەر كېچىسى» ھەققىدە مەخسۇس ئوبزورلار ئېلان قىلىنىپ، بۇ نادىر ئەسەر ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلزارىدىكى ئاجايىپ ئېسىل گۈل دەپ مەدھىيەلەندى. بۇ داستاننىڭ ياپون تىلىدىكى قىسقارتىلغان تەرجىمىسى 1985- يىلى ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان «جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى» نىڭ 2- توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. خەنزۇچە تەرجىمىسى 1988- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئايرىم كىتاب بولۇپ بېسىلىپ چىقتى.


     ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئۆزى بولسا، 1983- يىلى «جۇڭگو ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن كىتابتا تونۇشتۇرۇلدى. ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلدى. مۇشۇنداق مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىستېداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923- يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا- ئانىسىدىن كىچىكىدىلا ئايرىلىپ، يېتىم قالغان. دادىسى تىلەش بېگىم ئاتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتەر چېغىدا، ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى قۇمۇل مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بېرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق، تەرەققىيپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولغاچقا، ئابدۇرېھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن. ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت-ساۋات چىقارغاندىن كېيىن، دىنىي مەكتەپكە بەرگەن. دىنىي مەكتەپتە دەرسلىك قىلىنغان كلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە «سوپى ئاللا يار» دېگەن كىتاب تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك، ئاممىباب، گۈزەل، تەسىرلىك بولۇشى ۋە ۋەزنىنىڭ جاراڭلىقلىقى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىككى مىڭ مىسرادىن ئارتۇق شېئىردىن تۈزۈلگەن بۇ كىتابنىڭ كۆپ قىسمىنى يادىلاپ بولغان. 1934- يىلى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر باشلانغۇچ مەكتەپتە پەننىي بىلىم ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان ۋە 1936- يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۈرۈمچى بىرىنچى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939- يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. 1942- يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ تۇرمۇشى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۈچۈن يېڭى ھايات دەۋرى بولغان. ئۇ ئوقۇش جەريانىدا لىن جىلۇ، لى زىلياڭ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنىڭ، شۇنىڭدەك دۇجۇڭيۈئەن ئەپەندى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئايۇپ مەنسۇرى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىرىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە ئىگە بولغان. ئۇ بۇ مەزگىلدە گاڭ قانات لاچىن، «دولقۇنلۇق ھايات»، «يېڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا»، «تامچە قاندىن مىليون چېچەكلەر»، «چىن مودەن» (ل.مۇتەللىپ بىلەن بىرلىشىپ يازغان) قاتارلىق شېئىر، داستان، ۋە درامىلارنى «شىنجاڭ گېزىتى»، «يىڭى نۇر» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىگە ئۈمىدلىك ياش كۈچ بولۇپ قوشۇلغان.


     1943- يىلى باھاردا، مىللىتارسىت شىڭ شىسەي تەرەققىيپەرۋەرلىك نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزىنى گومىنداڭ قوينىغا ئاتتى. چىن تىيەنچۇ، ماۋزىمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنى ۋە نۇرغۇن ئىلغار زاتلارنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارغا دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ياش شائىرمۇ بۇ بوراندىن ئامان قالماي 1944- يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى. ئۇ 1945- يىلىنىڭ باشلىرىدا تۈرمىدىن چىقىپ، نەشرىيات ئورۇنلىرىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. 1946- يىلى ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «يۈرەك مۇڭلىرى» تاش مەتبەئەدە بېسىلىپ چىقتى. ئازاتلىقتىن كېيىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خېلى بىر مەزگىل، ئاساسەن تەرجىمانلىق، كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن، جۈملىدىن چەتئەل تىللىرى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى توختىتىپ قويمىغان ئىدى. لېكىن شۇ چاغلاردا ئۇ سول لۇشيەنىنىڭ كاساپىتى بىلەن مەتبۇئات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان. پەقەت پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمى يىغىنىدىن كېيىنلا، قايتىدىن ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەن. ئۇ قىسقىغىنا بىر نەچچە يىل ئىچىدە «ياخشى»، «كېرەك بولسا»، «ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس»، «بوغدا ئانام»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس»، «قەشقەر كېچىسى»، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «گۈل ۋە ئازغان» قاتارلىق شېئىر، داستان ۋە باللادىلارنى، «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» رومانلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى تولۇق نامايان قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى بۇ ھارماس قەلەمكەش، ئىستېداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم تىلەشوۋ ئۆتكۈر 1995- يىلى 10- ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خەيرىلەشتى.





مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 17

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 882 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-29