جالالىدىن بەھرام

جالالىدىن بەھرام

جالالىدىن بەھرامجالالىدىن بەھرام
     جالالىدىن بەھرام 1942- يىل 8- ئاينىڭ 16- كۈنى تىككۈچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى بەھرام ئەپەندى ئۇستا ھۈنەرۋەن بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلى ناخشىلىرىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىدىغان يازغۇچى ھەم رەسسام خەلق ناخشىچىسى ئىدى. ئۇ مەرىپەتپەرۋەر ئادەم بولۇپ، خۇش-پېئىللىق ۋە چاقچاقچىلىق بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇ زېرەك ھەم تېتىك چوڭ بولۇۋاتقان ئوغلىغا خەلق-چۆچەكلىرى ۋە داستانلىرىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەرخىل رەسىملەرنى كۆرسىتىپ، رەسساملىقنىڭ سېھرى-كۈچىنى تەرىپلەيتتى. شۇڭا، جالالىدىن بەھرام: «مېنىڭ يۇمران قەلبىمگە ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ، رەسساملىق ۋە ئەدەبىيات بىخلىرىنى يېتىشتۈرگەن ئاتامنى ھەر دائىم مەمنۇنىيەت بىلەن ئەسلەيمەن» دەيدۇ.
 جالالىدىن بەھرام 1950- يىلدىن 1954- يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى «روشەن» باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1954-يىلدىن 1957- يىلغىچە ئىلى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ.«رەسىم كۇرژۇكى»، «ئەدەبىيات كۇرژۇكى» قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، مەكتەپنىڭ تەشۋىقات تاختىلىرىدا تۇنجى قېتىم بالىلىق ھېسسىياتى بىلەن يازغان شېئېرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. جالالىدىن بەھرام 1957-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كېلىپ، 1958-يىلغىچە شىنجاڭ مىللەتلەر ئىنىستىتۇنىڭ رەسىم سىنىپىدا ئوقۇدى. 1958-يىلى سەنئەت ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ، 1958-يىلىدىن 1961-يىلغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ رەسىم كەسپى سىنىپىدا ئوقۇدى.

   جالالىدىن بەھرام خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، 1961-يىلدىن 1976-يىلغىچە خوتەن ناھىيىسىنىڭ سەيشەنبە بازار ئوتتۇرا مەكـتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى. 1976 -يىلدىن 1981 -يىلغىچە خوتەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا خىزمەت قىلدى. 1981-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت بۆلۈمىدە مۇدىر مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئۆتەۋاتىدۇ.

   جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەت پائالىيىتى 1963-يىلدىن باشلانغان. ئۇ دەسلەپتە كىچىك تىپتىكى سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغان. لېكىن، 1966-يىلى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىش بىلەنلا، ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلەرى ۋە بىرنەچچە يىل ئەجىر سىڭدۈرۇپ يازغان «ئۇنتۇلغان قەلب»، «كۈتمىگەن تەقدىر»، «ئۆمۈر خاتىرىلىرى» قاتارلىق پوۋېستلىرى ھەمدە ساقلاپ كەلگەن ئەتىۋارلىق كىتابلىرى بۇلاپ كېتىلگەن ۋە ناھىيىنىڭ گۈلباغ رەستىسىدە كۆيدۈرۈلگەن. «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋبى» دەپ ئاتالغان ئاپەتلىك يىللارنىڭ بورانلىرىدا، ئۈششۈك تەگكەن بۇ ياش مايسىنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئۆمۈرى تەقىپ ئاستىدا ۋە يەرلىك قاراڭغۇ تۈرمىلەردە ئۆتتى. خىزمەتتىن توختىتىلىپ، بۇ ناھىيىدىكى «ئەلنامە»، «يېڭى ئېرىق سۇ ئامبىرى» ۋە «قوشكۆل» لەردە ئىشلەشكە سۈرگۈن قىلىندى.
   دەرت-ئەلەم، ئازاپ-ئوقۇبەتكە تولغان ئۈچ قېتىملىق سۈرگۈننى باشتىن كەچۈرگەن جالالىدىن بەھرام «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، 1978-يىلى «نەشتەر» تەخەللۇسى بىلەن، خوتەن گېزىتىدە «كوچىدا»، «ئانىنىڭ ئامراقلىقى» ناملىق ساتېرىك ھېكايە، ئوچىرىكلارنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىكەندىن باشقا، گېزىت يۈزىدە ئوبزور-ماقالىلىرىمۇ ئېلان قىلىندى.

   جالالىدىن بەھرام 1979-يىلى «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «بۇلبۇل بوستانىنى تاپتى» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كەڭ ئاممىغا تونۇلدى. ئۇ شۇندىن ئېتىبارەن «ھارۋىكەش»، «يېتىمە»، «بەش يۈز يۈەنلىك چاقچاق»، «ئايگۈزەل»، «تويدا»، «مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇم»، «ئانا مېھرى»، «ئېقىندىكى ياپراق»، «ئاخىرقى تىنىقتا» قاتارلىق نۇرغۇن ھېكايە، «قاباھەتلىك چۈش»، «ئادەم پارچىسى»، «قامغاق»، «تەنھا يۈرەكلەر»، «قۇدرەتلىك ئىلاھ»، «دانۇر تاغا» قاتارلىق پوۋېستلىرى ۋە «مېھرىگىياھ»، «ناتىۋانلار»، «كۆمۈر ساتقۇچى بالا» ناملىق رومانلارنى ئېلان قىلغان.
   جالالىدىن بەھرام ئەدەبىيات ئىجادىيىتى ھەم گۈزەل-سەنئەتتىن ئىبارەت ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قوش تۈرىدە مول-ھوسۇل بېرىۋاتقان ئىقتىدارلىق يازغۇچى، تالانتلىق رەسسامدۇر. ئۇ ھازىر كاندىدات ئالى مۇھەررىر بولۇپ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمى جەمىئىيىتىنڭ ئەزاسى.


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 23

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1597 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 2قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-04-11