ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ تەرجىمھالى

ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ تەرجىمھالى


ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق قەشقەر شەھىرى بەشكېرەم يېزىسىدا تۇغۇلۇپ ،باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشنى يۇرتىدا تاماملىغان. 1990-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئۇيغۇر –تىل ئەدەبىياتى كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. مۇنەۋەر ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە ئوقۇشنى تاماملاپ ،دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا قاراشلىق مەركىزىي مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان .

1997-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە تۈركىيىنىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇغان ، ئىككىلا ئوقۇشنى مۇۋەپپەقىيەت بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ۋە 2004-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىنىڭ مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئېنىستىتۇتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. خىزمەتكە چۈشكەندىن بېرى ،خەنزۇ ،ئۇيغۇر،تۈرك تىللىرىدا ھەرخىل دەرسلەرنى سۆزلەپ ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ۋە خىزمەتداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە، ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ خىزمەتكە چىققان قىسقىغىنە بىر قانچە يىل ئىچىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يېزىپ ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يېڭىدىن تونىلىۋاتقان «مىللەتشۇناسلىق»، «جەمئىيەتشۇناسلىق» تەرەققىياتى ئۈچۈن قىزغىنلىق بىلەن ئۆزىنى ئېتىپ ئىشلىمەكتە.

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 3

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 350 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-02-27