دۇنيا سودا تەشكىلاتى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   دۇنيا سودا تەشكىلاتى

 

 

   دۇنيا سودا تەشكىلاتى ( World Trade Organization، قىسقارتىلىپ يېزىلىشى WTO) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بېقىنمايدىغان مەڭگۈلۈك خەلقئارالىق سودا تەشكىلاتى .
    2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي ، ئامېرىكىنىڭ تۈرتكىسىدە تاموژنا بېجى ۋە سودا كېلىشىمى ئىمزالاندى. 1995- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنى ، تاموژنا بېجى ۋە سودا باش كېلىشىمى ئاساسىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ ، باش شىتابى شىۋېتسارىينىڭ جەنۋەگە تەسىس قىلندى . دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى بازارلارنى ئېچۋېتىش ، كەمستىشتىن خالىي ئادىل سودا قىلىش پىرىنسىپلىرى ئارقىلق ، دۇنيا سودىسنىڭ ئەركىنىلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ ، دۇنيا سودىسنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت . دۇنيا سودا تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر ئارسىدىكى تاموژنا بېجى ئومۇميۈزلۈك تۆەنلىتىلىپ ، سودا توسالغۇلىرى يەنىمۇ ئازايتىلىپ ، خەلقئارا سودىنىڭ تەرەققىياتى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلدى . دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى دۇنيا ئىقتسادىنىڭ دۇنياۋىلىشىشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش خەلقئارالىق ئىقتسادى پائالىيەتلەرگە يەنىمۇ كۆپ قاتنىشىپ ، ئېكسپورتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەبلەغ ۋە تېخنىكا كىرگۈزۈشكە پايدىلىق بولۇپ ، دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىقتسادى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش جەھەتلىرىدە پائال رول ئوينايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنى خەلقئارا رىقابەتكە تېخىمۇ كۆپ ، تېخىمۇ بىۋاستە قاتناشتۇرۇپ ، ئىقتسادى خىيىمخەتەرنى كۆپەيتىۋېتىدۇ . دۇنيا سودا تەشكىلاتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ، ئۇنىڭغا 134 دۆلەت ئەزا بولغانىدى . يەنە بەزى دۆلەتلەر ئۇنىڭغا كىرىش ئۈچۈن پائال تىرشچانلىق كۆرسەتتى.
    1986- يىلدىن بېرى ، جوڭگۇ تاموژنا بېجى ۋە سودا باش كېلىشىمگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن پائال تىرىشتى . جوڭگۇ ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ تۈپ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن 10 نەچچە يىلدىن بېرى جاپالىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى . 2001- يىلى 11- ئايدا ، جوڭگۇ ئاخىر دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا رەسمى ئەزا بولدى .

[admin تەستىقلىدى . 2010-3-31 13:07:07]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 498 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01