يۇھان روكفىللېر (John Davison Rockefeller)

 

  يۇھان روكفىللېر

   

روكفىللېر John Davison Rockefeller
1839-1937روكفىللېر John Davison Rockefeller 1839-1937


    يۇھان روكفىللېر(John Davison Rockefeller)،ئامېرىكىلىق يەھۇدى ئەۋلادىدىن بولغان مونوپول كاپىتالىست. 1839-يىلى  نيۇ-يورك شتاتىدا تۇغۇلغان.

روكفىللېرنىڭ 18 ياشلىق ۋاقتىروكفىللېرنىڭ 18 ياشلىق ۋاقتى


    1853-يىلى كىلىۋلاند ئەتراپىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىغا كۆچۈپ بارغان. 12يېشىدا ئۆزى تۇتۇۋالغان ياۋا كۈركە توخۇلارنى سېتىپ 50دوللار پۇل يىغقان ۋە بۇ پۇلنى دېھقان خوشنىلىرىغا بېرىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئۈسۈم ئېلىپ سودا ھاياتىنى باشلىغان. 1855-يىلى 16 يېشىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغانغا ئىككى ئاي قالغاندا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ، ئايلىقى بەش دوللار مۇئاش ئالىدىغان ھېسابات خاتىرىلىگۈچى بولغان. 1858-يىلى ئۆزى يىغقان 800دوللار ۋە ئاتىسىدىن ئۆسۈمگە ئالغان 1000دوللارنى قوشۇپ دوستى كىراك بىلەن بىرلىشىپ كىراك روكفېللىر دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتنى قۇرغان. جەنۇپ-شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇرۇشىۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپكە يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ بېرىپ ھەسسىلەپ پايدا ئېلىپ 1862-يىلىغا كەلگەندە بايلىقى 17مىڭ دوللارغا يەتكەن. 1863-يىلى ھەممە بايلىقىنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇپ باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ نېفىت سودىسىغا كىرىشىپ 1870-يىلى  موبىل نېفىت مونوپول شىركىتىنى تەشكىللىگەن ھەمدە داۋاملىق مەبلەغ سېلىپ 1910-يىلىغا كەلگەندە بىر مىليارد دوللارلىق مۈلكى بىلەن دۇنيادىكى تۇنجى مىليادىر بولۇپ قالغان. ئامېرىكا فىدىراتسىيە سوتى روكفىللېرنىڭ بايلىقىنىڭ دۆلەت مالىيەسىدە ئىگەللىگەن سالمىقىدىن ئەنسىرەپ روكفىللېرنى شىركىتىنى پارچىلاسقا ۋە تارقىتىۋېتىشكە بۇيرۇغان. ئەمما نېفىت ۋە باشقا ساھەلەردە ئېھتىياج ئاشقانلىقتىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن روكفىللېرنىڭ بايلىقى يەنىمۇ ئېشىپ باشقا نۇرغۇن شىركەتلەرگە مەبلەغ سالغان، ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى سېتىۋالغان ۋە روكفىللېر جەمەتى ئىگىدارچىلىقىدىكى گۇرۇھلار ئامېرىكا بويىچە ئەڭ چوڭ مالىيە مونوپول گۇرۇھىغا ئايلانغان. روكفىللېر جەمەتى پۇل تاپقاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ سىياسى تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن، ئامېرىكىنى ئىقتىسادقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەت قىلىپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن  روكفىللېر گۇرۇھىدىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنلا ئۈچ مۇئاۋىن پىرىزدېنت ۋە تۆت دۆلەت كاتىۋى چىققان.



    روكفىللېر دۇنيادىكى تۇنجى مىليادىر، شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە دۇنيا تارىخىدىكى بايلىقى ئەڭ تېز كۆپەيگەن، ھازىرغا قەدەر ھىچكىم يېتەلمىگەن پەللىگە چىققان، مۆجىزە خاراكتىرلىك  ئىقتىسادقا ئىگە بولغان باي. روكفىللېر ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى مال-مۈلۈكنىڭ ئۇمۇمى قىممىتى 10مىليارد ئۇنسىيە ئالتۇندىن ھالقىغان بولۇپ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ 7%نى ئىگەللەپ تارىختىن بۇيان ۋە ھازىرغا قەدەر ھىچكىم ئېرشىشىپ باقمىغان بايلىق پادىشاھىغا ئايلانغان. (شۇ چاغدا بىر ئامېرىكا دوللىرى بىر گىرام ئالتۇن بىلەن باراۋەر ئالماشتۇرۇلىدىغان خەلقارا پۇل بىرلىكى بولغاچقا، روكفىللېرنىڭ مال-مۈلكى بىر گىرام ئالتۇن بىر دوللارغا سۇندۇرۇلۇپ 305مىليارد دوللار ھىساپلانغان) ، بۇ شۇ چاغدىكى پۈتۈن جوڭگۇنىڭ بىر يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە باراۋەر كېلەتتى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ 2008-يىلى 1-ئايدىكى بىر ئۇنسىيە ئالتۇن 900دوللارلىق باھاسى بىلەن ھىساپلىغاندا روكفىللېر مالىيە گۇرۇھىنىڭ شۇ چاغدىكى بايلىقى ھازىرقى 9تىرلىيۇن دوللارغا تەڭ كېلىدۇ.

روكفىللېرنىڭ 1901-يىلىدىكى Puck ژورنىلىغا بېسىلغان ھەجۋىي رەسىمىروكفىللېرنىڭ 1901-يىلىدىكى Puck ژورنىلىغا بېسىلغان ھەجۋىي رەسىمى


   



   روك فېللىر دۇنياغا داڭلىق ئالابايراق بانكىسى، مانخاتتان بانكىسى، ئامېرىكا سۇغۇرتا شىركىتى ۋە ئېكسون موبىل نېفىت شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بانكا، ئىستراخۋانىيە ، تۆمۈر يول، كان، دېھقانچىلىق مەيدانلىرى،ياساش ۋە مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن شىركەتلەرنى قۇرغان ۋە گۈللەندۈرگەن. بۈگۈنگە قەدەر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەينىكى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پايچېكى بازىرى ھىساپلانغان نىيۇيورك پايچېكى بازىرى(ھازىرقى ناسداكنىڭ دەسلەپكى گەۋدىسى NASDAQ)مۇ روكفىللېرنىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئۇ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەدەنىيەت – مائارىپ ۋە پەن - تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن بايلىقىنىڭ 90%تىدىن ئارتۇقىنى ئىئانە قىلىپ، «روكفېللېر فوندى» ۋە روكفىللېر ئۇنىۋېرستىنى تەسىس قىلغان. ئۇنىڭ جەمەتى ھېلىھەم ئامېرىكا بويىچە ئەڭ باي ۋە تەسىر كۈچى زور جەمەتنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. روكفىللېرنىڭ ئاتىسى يەھۇدى بولسىمۇ ئاپىسى ئىخلاسمەن خىرىستان مۇرتى ئىدى، گەرچە روك فىللېرنىڭ ئاتىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ناچار بولغان، ئاتىسىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە شەخسىيەتچىلىكى تۈپەيلىدىن بەش بالىنى ئاساسەن دىگۈدەك ئاپىسى بېقىپ چوڭ قىلغان بولسىمۇ روكفىللېر يەنىلا يەھۇدى مالىيە گۇرۇھىنىڭ تەشكىللىنىشىگە  تۆھپە قوشقان ۋە ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسىتىپ ئامېرىكىدىكى ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان يەھۇدى دىپلوماتىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان.

روكفىللېرنىڭ ئوغلى جون دى روكفىللېر
1917-يىلىروكفىللېرنىڭ ئوغلى جون دى روكفىللېر 1917-يىلى


مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 540 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-03-01