ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

20-ئەسىردىكى زور ۋەقەلەر يىلنامىسى

   (20- ئەسرىنىڭ بېشىدىن 20- ئەسرىنىڭ 90 يىللىرىنىڭ ئاخرىغىچە بولغان ۋەقەلەر يىلنامىسى )

   1. 1917- يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى (روسىيە كالېندارى بويىچە 10- ئاينىڭ 25- كۈنى )  روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتىلدى .

   2. 1918- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى 1- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخرلاشتى .

   3. 1919- يىل 1- ئايدىن 6- ئايغىچە   پارىژ سۈلھى كېڭىشى ئۆتكۈزۈلدى .

   4. 1921- يىلى 11- ئايدىن 1922- يىلى 2- ئايغىچە ۋاشىنگىتون يىغىنى ئېچىلدى .

   5. 1922- يىل 10- ئاي موسسۇلىن ئىتالىيدە « تەخىت » كە چىقتى .

   6. 1922- يىلى 12- ئاي  سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلدى .

   7. 1929- يىلدىن 1933- يىلغىچە  كاپتالىزىم دۇنياسىدا ئىقتسادىي كىرزىس يۈز بەردى .

   8. 1931- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى  ياپۇن جاھانگىرلىكى جوڭگۇغا تاجاۋۇز قىلغان « 18- سىنتەبىر » ۋەقەسى يۈز بەردى .

   9. 1933- يىل 1- ئاي گىتلېر گېرمانىيدە « تەخىت » كە چىقىپ ، فاشستىك دىكتاتۇرىنى تىكلەشكە باشلىدى.

   10. 1933- يىلى 3- ئاي رۇزۋېلىت ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ ، يېڭى سىياسەتنى يولغا قويدى .

   11. 1937- يىلى 7- ئاينىڭ 7- كۈنى جوڭگۇ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى .

   12. 1938- 9- ئاي مىيۇنخېن يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى .

   13. 1939- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك پارتىلىدى .

   14. 1941- يىل 6- ئاينىڭ 22 كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى - گېرمانىيە ئۇرۇشى پارتىلدى .

   15. 1941- يىل 12- ئاي  تىنىچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتىلدى .

   16. 1942- يىل 6- ئاي مىدۋېي ئارىلى جېڭى بولدى .

   17. 1942- يىل 7- ئايدىن 1943- يىل 2- ئايغىچە ستالىنگىراد جېڭى بولدى .

   18. 1944- يىل 6- ئاينىڭ 6- كۈنى ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە ئارمىيلىرى نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ ، ياۋرۇپا 2- ئۇرۇش مەيدانىنى ئاچتى

   19. 1945- يىل 5- ئاينىڭ 8- كۈنى    گېرمانىيە تەسلىمنامىسىگە شەرتسىز ئىمزا قويدى .

   20. 1945- يىل 9- ئاينىڭ 2- كۈنى    ياپۇنىيە تەسلىمنامىگە شەرتسىز ئىمزا قويدى .

   21. 20- ئەسىرنىڭ 40~50 يىللىرى  3- قېتىملىق پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى باشلاندى .

   22. 1945- يىل 10- ئاي    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلدى .

   23. 1947- يىل 8- ئاي    ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئايرىپ ئىدارە قىلىنىپ ، ھىندىستان ۋە پاكىستان مۇستەقىل بولدى .

   24. 1948- يىلى  ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلۇپ ، 1- قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتىلدى .

   25. 1947- يىل 3- ئاي  ئامېرىكا « ترۇمېنىزىم » نى ئوتتۇرىغا قويدى .

   26. 1948- يىلى  ئامېرىكا « مارشال پىلانى » نى يولغا قويۇشقا باشلدى .

   27. 1949- يىلى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلدى .

   28. 1949- يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنى جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريتى قۇرۇلدى .

   29. 20- ئەسرىنىڭ 50- يىللىرىنىڭ بېشىدىن 70- يىللىرىنىڭ بېشىغا قەدەر  كاپتالىستىك ئىقتسادىي تەرەققىيات تارىخدىكى « ئالتۇن دەۋر » بولدى .

   30. 1955- يىلى   ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتى قۇرۇلدى .

   31. 1956- يىلى   ۋېنگىرىيە ۋەقەسى يۈز بەردى .

32. 1959- يىلى    كۇبا ئىنقىلابى غەلبە قىلدى .

33. 1960- يىلى    ئافىرىقىدا 17 دۆلەت مۇستەقىل بولدى ، بۇ يىل « ئافىرىقا مۇستەقىللىق يىلى » دەپ ئاتالدى .

34. 20- ئەسرىنىڭ 60- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا  ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى شەكىللەندى .

35. 20- ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىنىڭ بېشىدىن 1973- يىلغىچە   ئامېرىكىنىڭ ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى بولدى .

36. 1967- يىلى     ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلدى .

37. 1968- يىلى     سوۋېت ئىتتپاقى قوشۇن چىقىرىپ چېخوسلوۋاكىينى ئىشغال قىلدى .

38.  1973- يىلى 4- قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتىلدى .

39. 20- ئەسرىنىڭ 80 - يىلىرىنىڭ ئاخىرىدا   شەرقىي ياۋروپادا جىددىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى .

40. 1991- يىلنىڭ ئاخىرىدا    سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلاندى .

41. 1993- يىلى   ياۋروپا ئىتتىپاقى قۇرۇلدى .

42. 1999- يىلى كوسوۋۇ ئۇرۇشى پارتىلدى.

 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 958 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01