ئوكيان قامۇسى > تەۋە تۈر > تارىخ  

روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

   1- دۇنيا ئۇرۇشى روسىيە خەلقىنى ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار قىلدى . 1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە ، 1917- يىلى 3- ئايدا، روسىيدە « فېۋرال ئىنقىلابى » پارتلاپ ، چار پادشىاھنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى . فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن ، روسىيدە بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى ، ئۇ فېۋرال ئىنقىلابى جەريانىدا قۇرۇلغان ئىشچى - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋىتى بىلەن تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇردى . ۋاقتلىق ھۆكۈمەت ئاساسلىق ھوقۇقنى ئىگىلىدى .

1917- يىلى 4- ئايدا بولشۋېكلار پارتىيسىنىڭ چەت ئەلدە ئۇزاق ۋاقىت سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن رەھبىرى لېنىن روسىيە پايتەختى پېروگرادقا قايتىپ كەلدى . ئۇ ۋوگزالدا مېڭلىغان - ئون مىڭلىغان ئىشچى ، ئەسكەرنىڭ قىزغىن قارشسى ئېلىشىغا ئېرىشتى .

ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەكسىيەتچىل تاشقى سىياسەتنى داۋاملىق يۈرگۈزدى ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى ئىنقىلاب يالقۇنىنى بېسقىتۇرۇشقا ئۇرۇندى.

ۋاقتىلىق ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ئۆلۈش - تىرىلىشىگە قارىماي ، 1- دۇنيا ئۇرۇشىغا داۋاملىق قاتىنىشىپ ، خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشلىقىنى قوزغىدى . 7- ئايدا ، ئالدىنقى سەپتە گىرمانىيە ئارمىيسىگە ھۇجۇم قوزغىغان روسىيە ئارمىيسى قاتتىق مەغلۇپ بولدى . بۇ خەۋەر پېتىروگرادقا يېتىپ كەلگەندە ، پايتەختىتىكى 500 مىڭ ئىشچى ، ئەسكەر نامايىش قىلدى . ۋاقتىلىق ھۆكۈمەت ئارمىينى ئىشقا سېلىپ ، تىنىچ نامايىش قىلىۋاتقان ئاممىنى باستۇرۇپ ، 700 نەچچە ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى ۋە يارىلاندۇردى . ئارقىدىنلا ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بولشېۋىكلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلدى ۋە ئۆلتۈردى . بولشېۋىكلار پارتىيسى مەخپى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولدى .

ۋەزىيەت ئۆزگەرگەچكە ، بولشېۋىكلار پارتىيسى 8- ئايدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش فاڭجىنىنى بېكىتتى. 11- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتە، لېنىن پېتروگرادتىكى قوزغىلاڭ باش قوماندانلىق شىتابى - سىمولنىي سارىيىغا مەخپى كېلىپ ، قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلدى . 11- ئاينىڭ 7- كۈنى ، پېتروگرادتىكى قوراللىق قوزغىلاڭ غەلبە قىلدى .

11- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچتىن 7- كۈنى شەھەرگىچە 200 مىڭ قوزغىلاڭچى ئىشچى ۋە ئىنقىلابى ئەسكەر پېتروگىرادتىكى مۇھىم كۆۋرۈكلەر ، ۋوگزال ، پوچتا - تېلېگىراف ئىدرىسى ۋە دۆلەت بانكىسى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى تېز ئىگىلىدى ، بۇ چاغدا ئىشغال قىلىنمىغان ئورۇندىن ۋاقتىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي - قىشلىق سارايلا قالغانىدى . 7- كۈنى كەچتە ، « ئاۋرورا » ناملىق ئوكيان چارلاش پاراخوتىدىكى زەمبىرەك ساداسى بىلەن تەڭ ئىشچى ، ئەسكەرلەر قىلشىق سارايغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قوزغىدى . ئەتىسى سەھەردە ، قوزغىلاڭچىلار قىشلىق ساراينى ئىشغال قىلدى ، ۋاقتىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ قىسم ئەزالىرى قولغا چۈشتى .

پېتروگراد قوراللىق قوزغىلىڭى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، روسىيدە دۇنيادىكى تۇنجى ئىشچى - ئەسكەرلەر سوۋېت ھۆكۈمىتى - خەلق كومېتېتى قۇرۇلدى . لېنىن رەئسىلىككە سايلاندى . ئارقىدىنلا سوۋېت ھاكىمىيتى پۈتۈن مەمىلىكەت دائىرىسىدە قۇرۇلۇشقا باشلىدى .

سوۋېت ھاكىمىيتى دەرھال بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى ؛ يېڭى تېىپتىكى پرولېتارىيات ھاكىمىيتىنى قۇردى ؛ بانكا، تۆمۈر يول ۋە چوڭ سانائەت كارخانلىرىنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۋالدى ؛ « يەر پەرمانى » جاكارلاپ ، پومشېكچىلار ۋە چېركاۋلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ ، دېھقانلارنىڭ تېرشىغا تەقسىملەپ بەردى ؛ گىرمانىيە ، ئاۋستىرىيە ، ۋېنگىرىيە ئىمپىرىيسى بىلەن سۈلھى سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ ، 1- دۇنيا ئۇرۇشىدىن چكىنىپ چىقتى . 1918- يىلى 3- ئايدا ، سوۋېت روسىيسى پايتەختى پېرروگرادتىن موسكىۋاغا يۆتكەلدى .

ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تارىخي ئەھمىيتى : روسيە ئۆكتەبىر سوتسيالسىتك ئىنقىلابى - ئىنسانىيەت تارىخدىكى غەلبىگە ئېرشىكەن تۇنجى سوتسيالىستىك ئىنقىلاب . ئۇ دۇنيادىكى تۇنجى سوتسيالسىتىك دۆلەتنى بارلىققا كەلتۈردى . ئۆكتەبىر ئىنقىلابى جاھانگىرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ ، خەلقئارا سوتسيالىزىم ھەركىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، مۇستەمىلىكە ، يېرىم مۇستەمىلىكە خەلقنىڭ ئازادلىق كۈرىشىگە ئىلھام بەردى .

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 396 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01