بەش يۈز مىڭ يوققا چىققاندىن كېيىن...

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

بەش يۈز مىڭ يوققا چىققاندىن كېيىن...
سىلەرگە بىر نەچچە ئەتراپىمدا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن سۆزلەپ بېرەي:
بىر خىزمەتدىشىمىزنىڭ بانكىدا قويغان ئامانىتىنىڭ ۋاقتى توشۇپ، ئېلىۋالاي دەپ بانكىغا بېرىپتۇ. بانكىنىڭ مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇنىڭغا فوند ئېلىش تەكلىپى بېرىپتۇ. شۇنداق بولغاندا مەبلەغنى ياخشى ئىشقا سالغان بولۇپلا قالماستىن، پايدىسىنىڭمۇ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى دەپتۇ. خىزمەتدىشىم بۇنى ئاڭلاپ ھېلىلا چىقىرىۋالغان بەش يۈز مىڭ يۈەننىڭ ھەممىسىگە فوند سېتىۋاپتۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا فوندنى تارقاتقان شىركەت ۋەيران بولۇپ تاقىلىپ كەتتى. 
-بۇ كېلىشمەسلىكنىڭ مېنىڭ بېشىمغا كەلگىنىنى دېمەمسىز؟-دېدى خىزمەتدىشىم ماڭا،- بەش يۈزمىڭنىڭ ھەممىسى يوق بولدى!
-نېمە؟ نەچچە پۇل؟-دېدىم ھەيران بولۇپ.
-بەش يۈز مىڭ! ھېلىمۇ ياخشى بەش مىليون ئەمەسكەن دەڭە!
-نېمە؟ سىزنىڭ بانكىدا بەش مىليون پۇلىڭىزمۇ بارمىتى؟
-ياقەي! دەيمەنغۇ؟ ھېلىمۇ ياخشى بەش مىليون پۇلۇم يوقكەنتۇق دەڭە! بولمىسا بەش مىليوننىڭ ھەممىسىگە ئېلىۋېتەتتىمكەنتۇق! شۈكرى جۇمۇ!
توۋا! بەش يۈزمىڭغا دېگەن بىر يۈرۈش ئۆي كېلىدىغان تۇرسا، ئاز پۇلمۇ ئۇ، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. 
يېقىننىڭ ياقى خوتەننىڭ قاشتېشى ئالامەت قارشى ئېلىنىشقا ئېرىشىپ كەتتى، باھاسىمۇ ئون بارماقنى قوشۇپ ساناپ ئالىدىغان پۇلغا چىقتى. بىر ساۋاقدىشىمىزنىڭ دادىسى نەچچە يۈز مىڭ كويغا بىر دانە قاشتېشى بىلەيزۈكنى سوۋغا قىپتۇ. ئۇ ساۋاقدىشىمىزمۇ بىزگە بىلەيزۈكىنى كۆز-كۆز قىلىپ:
-دادام بۇنى ئادەم بەدىنىگە بەك پايدىلىق، بالا قازادىنمۇ ساقلايدۇ، دېدى،- دەپ يۈردى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ پەلەمپەيدىن چۈشۈۋېتىپ پۇتى مېتكوت كېتىپ، يىقىلىپ چۈشۈپتۇ، باشقا ھېچنەرى بىر قانداق بولماي، قولىدىكى بىلەيزۈك ئۈچ پارچە  بولۇپ كېتىپتۇ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھېلىقى پۇلغا شۇنچىلىك ئىچىم ئاغرىپ تۇرغاندا، ئۇ ساۋاقدىشىمنىڭ سۆزى مېنى ھەيران قالدۇردى:
-ئاداش، بىر ساقلىدى بۇ قېتىم. شۇنداق خەتەرلىك يىقىلغانىدىم، دۈملا چۈشۈپ كېتىپمۇ ھېچنىممۇ بولمىدىم. دادامنىڭ دېگىنىدەك ھېلىقى بىلەيزۈك ساقلاپ قالدى، جۇمۇ!
ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇرساق يېنىمىزدىكى ئۈستەلدىكىلەر بىر ئىستاكان كاۋاس بۇيرۇتتى. ئىستاكاندىكى كاۋاسنى كۆتۈرۈپ كەلگەن مۇلازىمەتچى بالا ئېھتىياسىزلىقتىن ئىستاكاننى ئالغىچە تۆكۈۋېتىپ قالدى، ئوڭايسىزلىنىپ بىر ياقتىن كەچۈرۈم سورىغاچ، بىر ياقتىن ھېلىقى مېھماننىڭ ئۈستى بېشىنى سۈرتۈپ كەتتى. ھېلىقى مېھمان بولسا كۈلۈپ قويۇپ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك يېرىمىدىن كۆپى تۆكۈلۈپ كەتكەن كاۋاسنى ئاۋايلاپ بىر ئوتلاپ قويدى. مۇلازىمەتچى بالا يەنە بىر ئىستاكان ئەكىلىپ بېرەي دەپ مېڭىشىغا، ئۇ مېھمان:
-بولدى، بولدى ئۇكام، ھېلىمۇ ياخشى. يەنە ئازراق باركەن. مۇشۇ يېتىدۇ، ئالدىرىماي ئاياپ ئىچىمەن،-دەپ كۈلۈپ قويدى. 
شۇنداق قىلىپ ھېلىقى مېھمان ئىستاكاننىڭ يېرىمىدىن ئاز قىسمىدا قېلىپ قالغان كاۋاسنى تاماق يەپ بولغۇچە ئالدىرىماي تېتىپ ئىچتى، كېتىدىغان ۋاقتىدا تېخى بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويۇپ:
-ئەمدى بىراقلا ئىچىۋېتەي، ئازراق قاپتۇ،-دەپ ئىستاكاننىڭ ئاستىدا قېلىپ قالغان ئىككى يۇتۇم كاۋاسنى ئىچىۋېتىپ چىقىپ كەتتى. 
ئەتراپىمدا يۈز بەرگەن يۇقىرىدىكى نەچچە ۋەقەلەردە، ئوخشاشلا ــــ «ھېلىمۇ ياخشى!» دېگەن سۆزلەربار: «ھېلىمۇ ياخشى مەش يۈز مىڭ يۈەنكەن، ھېلىمۇ ياخشى بەش مىليون ئەمەسكەن!»، «بىلەيزۈك سۇندى، ھېلىمۇ ياخشى مەن ساق.»، «ھېلىمۇ ياخشى ھەممىسى تۆكۈلۈپ كەتمەپتۇ، يەنە ئازراق بار ئىكەن.»
بىر ئىشنىڭ ھامان ئىككى تەرىپى بولىدۇ، پاسسىپ تەرەپتىن ئويلىغاندا، ئازابتىن يۈرىكى يېرىلىدىغان ئىشلار، پەقەت سىز ئورنىڭىزنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇپلا ئويلىسىڭىز، ھېس قىلغىنىڭىزغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان پۈتۈنلەي باشقا بىر تەرەپنى ھېس قىلىسىز. 
ئۈزۈكنىڭ بېرلىيارت كۆزى چۈشۈپ قالغاندا، پاسسىپ تەرەپتىن پىكىر قىلغۇچىلار ئازابتىن ھەتتا ئۈزۈكنىڭ ئۆزىنىمۇ تاشلىۋېتىدۇ. ئاكتىپ تەرەپتىن، مەسىلىنى ئۇدۇل تەرەپتىن ئويلىغۇچىلار بولسا: ھېلىمۇ ياخشى ئۈزۈكنىڭ ئۆزى چۈشۈپ قالماپتۇ، كۆزدىن بىرنى قويغۇزساملا يېپيېڭى بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. 
خۇددى ئافرىقىغا بېرىپ ئاياق بازىرىنى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئىچىدىكى پاسسىپ مۇئامىلىدىكىلىرى بولسا، قايتىپ كېلىپ باشلىرىنى چايقىغىنىچە: ئاياق بازىرىنىڭ ئىستىقبالى يوق، ئۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ھېچقايسىسى ئاياق كىيمەيدىكەن دېگىنىدەك؛ ئاكتىپ مۇئامىلىدە تۇرۇپ پىكىر قىلغۇچىلار بولسا: بەك ياخشى بولدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاياققا مۇھتاج ئىكەن، دېگىنىدەك. 
ئىدارىدىكىلەر سىرتتا پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا، ھاۋا تۇيۇقسىزلا ئۆزگۈرۈپ سوغ چۈشۈپ كەتتى، بەزى كىشىلەر ھاۋانىڭ ئۆزگۈرۈشىدىن ئاغرىنىپ دېيىشتى: باشقا كۈنى شۇنداق ياخشى ھاۋا، قېيىشقاندەك بىز پائالىيەت قىلىپ چىققاندا سوغ بولۇپ كەتكىنىنى! ئەمما يەنە بەزىلىرى بولسا: نېمىدىگەن ياخشى! ھاۋا ئىسسىپ كەتسە پاشىلاردىن قانداق قۇتۇلارمىز دەپ ئويلىغانىدۇق، ئەمدى ئۇ پاشىلارمۇ كىرىدىغان تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كەتتى-دە! دېيىشتى. 
دادام دوختۇرخانىغا كىرىپ كېسەل كۆرسەتتى، دوختۇر بىرمۇنچە دورىلارنى يېزىپ بەردى. ئەمما دورىنى يېيىشكە ئۆلگۈرمەي تۇرۇپلا دادامنىڭ كېسىلى ياخشى بولۇپ كەتتى. ئاپام غودۇڭشىدى: بالدۇرراق بىلگەن بولساق، دوختۇرخانىغا بېرىپ، بىر مۇنچە پۇلغا بۇ دورىلارنىمۇ ئېلىپ يۈرمەيدىكەنمىز، پۇلنى بىكارغا خەجلەپ! ئەمما دادام دېدى: بۇنداق ئۈنۈمى يۇقىرى دورىلار ئادەمنىڭ جىگىرىگە زىيان قىلاتتى، كۆپ يەۋەتسە تېخى ئادەتتىكى دورىلار تەسىر قىلماس بولۇپ قالاتتى، ھېلىمۇ ياخشى بۇ دورىلارنى يېمەيلا ساقىتىپ كەتتىم، دېدى. 
سىڭلىم بىلەن يولدا كېتىۋاتساق كەينىمىزدىن بىرى ۋېلسىپىت بىلەن كېلىپ، سۈركۈلۈپ ئۆتۈپ كەتتى، مايكامنى ئىلىۋېلىپ يىرتىۋەتتى، ئىشتىنىممۇ مەينەت بولۇپ كەتتى، ئاچچىقىمدا: نەس باستىغۇ ئادەمنى، شۇنچە ئادەمنىڭ ئارىسىدىن ماڭا سوقۇلۇپ يۈرۈيدا ماۋۇ! دېدىم. سىڭلىم بولسا كۈلۈپ تۇرۇپ: ھېلىمۇ ياخشى ئۇ ئادەم بىر ۋېلسىپىت ھەيدىگەن ئادەمكەن دېگىنە، ئەگەر ماشىنا ھەيدەپ قالغان بولسا قانداق قىلاتتۇق، خۇداغا شۈكرى، دېدى. 
ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدىمۇ نۇرغۇن ئىشلار ئاكتىپ روھىي ھالەتكە ياتىدۇ:
مەسىلەن، بىرەر نەرسىمىز يۈتۈپ كەتسە، «مېلى بارنىڭ مېلىغا، مېلى يوقنىڭ جېنىغا» دەيدۇ كونىلىرىمىز. 
بىرەرى بىر ئىشتا زىيان تارتىپ قالغان بولسا: «بوپتۇ، مۇشۇ ئىشنىڭ بالدۇر بولغىنى ياخشى بولدى، كېيىن بولغان بولسا كۆتۈرەلمەيتىڭ» دەيمىز. 
بىرەرىنىڭ مۇھىم نەرسىلىرى بۇزۇلۇپ، يوقاپ، سۇنۇپ كەتسە، «نەسلىك شۇنىڭ بىلەن يوقاپ كېتىدۇ» دەيمىز. 
بىرەرى بىر ئىشنى خاتا قىلغان بولسا، «مۇشۇ ئىش ئارقىلىق بىر ئەقىلگە كىرىپ قالىسەن» دەيمىز.
بىرىنىڭ ئىشلىرى ھەمىشە ئوڭغا تارتماي قالسا،«بۇ بىر سىناق، ئەمدى ياخشى ئىشلارمۇ شۇنداق ئۇلىشىپ كېلىدۇ» دەپ تەسەللى بېرىمىز.
مۈشكۈلچىلىككە يولۇققاندا كىشى چوقۇم ئاكتىپ روھىي ھالەتتە تۇرۇپ پىكىر قىلىشى كېرەك، مۆرىمىزگە بىر پاي ئوق تەگكەن بولسىمۇ، «ھېلىمۇ ياخشى سەل پەسكىرەك، يۈرۈگۈمگە تەگمەپتۇ،» دەپ ئويلىشىمىز، نەدە يىقىلغان بولساق، دەل شۇ يەردە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كېتىشىمىز كېرەك. 
يۇسران
 
 
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 340 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01