دۆلىتىمىزدە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى تۆت يىل ئىچىدە ئىككى ھەسسە كۆپە

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


  

دۆلىتىمىزدە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى تۆت يىل ئىچىدە ئىككى ھەسسە كۆپەيدى

26-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك يېڭى ئازادلىق مائارىپ سۆھبەت يىغىنىدا، سۆھبەتكە قاتناشقان شاڭخەينىڭ داڭلىق مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يەرلىكلەردىكى مەكتەپلەرنىڭ يەرشارىلىشىش چوڭ ۋەزىيىتىدە، ھەرخىل يوللار ئارقىلىق «چەتئەلگە چىقماي تۇرۇپمۇ، چەتكە چىقىپ ئوقۇش مۇھىتى»نى ھازىرلاۋاتقانىكەن.

«مائارىپنىڭ يەرشارىلىشىشى مائارىپ مەنبەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە يۆتكىلىپ كېتىشى ۋە رىقابەتكە ئىگە بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدا ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار ھەمدە دەرسلىك مەنبەسى قاتارلىقلار بار.» فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇفاڭ مىسال ئېلىپ كۆرسىتىشىچە 2008-يىلدىن 2011-يىلغىچە، دۆلىتىمىزدە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارنىڭ سانى 180مىڭدىن ھازىرقى 350مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئىككى ھەسسىلەنگەن. يىللىق ئېشىش نىسبىتى %23 بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى 2010-يىلىدا جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇيدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن. يېقىنقى تۆت يىل ئىچىدە جۇڭگودىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئېشىش نىسبىتى، جۇڭگودىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. لۇفاڭ پىروفېسېسسورنىڭ قارىشىچە، مەيلى ئۇنۋېرسىتېت ياكى ئۇنۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بولسۇن، ھەممىسىلا مائارىپنىڭ يەرشارىلىشىش چوڭ سىنىقىغا دۇچ كەلمەكتە.

ئۆزىمىزنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش سەۋىيىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مائارىپ مەنبەيىلىرىنى ئېلىپ كىرىپ، يەرلەردىكى مائارىپ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش بۇ ئۇزۇن مۇساپىلىق جەريان. شاڭخەي نيۇيورك ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى يۈلىجۇڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقىدىكى بۇ ئالىي ئوقۇل گەرچە رەسمىي تۈردە ئوقۇتقۇچى قۇبۇل قىلىشنى باشلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 100دىن ئارتۇق كىشى ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئىلتىماس سۇنغان. ئۆتكەن يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن توماس سېرگېنتتىن باشقا يەنە، شۇ ساھەدە بىردەك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن ۋە بۇ يىلقى نوبىل مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن بىرىنىڭمۇ بۇ مەكتەپكە كىرىش ئويى، بەلكىم بۇ مەكتەپنىڭ ئامېرىكا نيۇيورك ئۇنۋېرسىتېتى بىلەن بولغان قوش تەرەپلىمە قۇبۇل قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىپ قېلىشىغا سەۋەبچى  بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. تونۇشتۇرۇشلارغا قارىغاندا، شاڭخەي نيۇيورك ئۇنۋېرسىتېتى كېلەر يىلى تۇنجى بولۇپ 300 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە %51 دۆلەت ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلار، %49ى بولسا چەتئەلدىن قۇبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. 2017-يىلىغا بارغاندا مەكتەپنىڭ كۆلىمى 1600 ئوقۇغۇچىغا يېتىدىغان بولۇپ، ئاخىرىدىكى نىشانى 4000 ئوقۇغۇچى ئىكەن. دېمەك، دۆلىتىمىز ئوقۇغۇچىلىرى شاڭخەيدە تۇرۇپلا ئۆزلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىش ئويىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارالىق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان ئامېرىكا نيۇيورك ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ كەسىپلىرىنى تاللاپ ئوقۇيالايدىغانلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى خەلقئارادىكى ئەڭ ئالىي ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان پىروففېسېسسورلارنىڭ دەرىسىنى ئاڭلىيالايدىكەن. «پۈتۈن مەكتەپتە ئېنگىلىز تىلى ئارقىلىق دەرس سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ئاخىرىدا تارقىتىلىدىغان گۇۋاھنامىلەر جۇڭگو ۋە ئامېرىكىدا ئوخشاش ئېتىراپ قىلىنىدىغان گۇۋاھنامىلەر ئىكەن.»

گۈليارە تەرجىمىسى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1002 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01