ھەسەن بەسىرى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 



ھەسەن بەسرى

ھەسەن بەسەرى تولۇق ئىسمى ھەسەن بىن ئەبى ھەسەن بەسەرى(642-728) مەشھۇر سۈننى مۇھەددىسى، ئالىم بولۇپ 642-يىلى  قۇل ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئانىسى مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمەنىڭ خىزمەتكارى بولۇپ، ئۇ تۇغۇلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيىھسالامنىڭ ئائىلىسىمۇ ئورتاق خوشاللىققا چۆمىگەن،   ھەسەن پەيغەمبەر ئەلەيھسالامنىڭ بەدىرى غازتىدىكى 70 ئەزىمەت قاتارلىقلار بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. ھەسەن ئۆسۈپ يېتىلگەندىن كېيىن ئۆز ئىجتىھادى، تەۋھىد ۋە ھەدىسكە پىششىقلىقى بىلەن  يىراق-يىراقلارغا مەشھۇر بولۇپ، ئەل ئىچىگە نامى تارالغان.

    ھەسەن  بەسرى (642-728) ئېيىنىڭ 10-كۈنى جۈمە كۈنى 89 يىشىدا ئالەمدىن ئۆتكەندە، بەسىرەدىكى ھەممە ئادەم ئۇنىڭ نامىزىغا قاتناشقان. ئاشۇ كۈنى بەسىرە جامئەسى تارىخىدا ھەممە ئادەم جىنازىغا ئەگشىپ كەتكەن بولغاچقا ئەسىر نامىزى ئوقۇلماي قالغان.

   ھەسەن بەسرى ۋاپاتىدىن كېيىن ناھايىتى تىزلىكتە كىشلەرنىڭ ئۆلگىسىگە ئايلانغان،   ئۇنىڭ ئىجتىھاتى ۋە مىجەز-خۇلقى ئۆزىدىن كېيىنكىلەر ئۈچۈن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

ھەسەننىڭ ئاتىسى ئىراقنىڭ مايساندىكى بىر  قۇل بولۇپ، كېيىن مەدىنىگە ئېلىپ كىلىنگەن ھەمدە  مەدىنىدە ھەسەننىڭ ئانىسى خەيىرە بىلەن تۇنۇشقان.  ھەسەن 642-يىلى تۇغۇلغان ۋە سىففىن غازىتىدىن كېيىن ئەتراپدىكلەر بىلەن بىرگە بەسىرەگە كۆچۈپ بارغان. ھەسەن ئىراننىڭ شەرقىدىكى ھەرىكەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغان.

ھەسەن ئۆزى ياشىغان رايوننىڭ مەشھۇر ئالىملىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئەتراپىدىكى كىشلەرگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. ھەسەن دائىم نۇتقى بىلەن باشقىلارنى ئۇلارنىڭ گۇناھى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىدىن-ئۆزى ھىساب ئېلىپ، ئۆزىنى تەڭشەپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلاتتى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان قىسمەنلىرى ئەرەب نەسىر ئىجادىيىتىنىڭ ئۈلگىسى ھىسابلىنىدۇ، بىر قىسىم ئالىملار ھازىرمۇ ھەسەننىڭ جانلىق نۇتۇقلىرىغا مۇراجىئەت قلىدۇ، ئانترپولوگلار ھەسەننىڭ بۇ خىل نۇتۇق قابلىيىتىنى ئەينى ۋاقىتتىكى تەرەققىي قىلغان ئەرەپ تىلى لۇغەت بايلىقىنىڭ كۈچىدىن دەپ قارايدۇ.

ھەسەننىڭ ياشلىق دەۋرى ھەققىدە تارىخي خاتىرلەر يوق، ئەمما ھەسەننىڭ ياشلىق  دەۋرىگە ئائىت مىساللارنىڭ بىرى شۇكى، ھەسەن زىبۇ-زىننەت دۇكىنىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، زەرگەر ھەسەن دەپ ئاتىلاتتى، ئەتتارىنىڭ ئىگەللىشچە، ئۇ ۋىزانتىيە، رۇم قاتارلىقلار سودا قىلغان ئىكەن.

    ئەتتارى ھەسەن بەسرىنىڭ كىشىلەرگە ھەقنى يەتكۈزۈشتىكى ئاكتىپلىقىنى : بىر نەچچەيلەن بىر مەسىلە ھەققىدە تالىشىپ بىرلىككە كېلەلمەي، ئاخىرى ئۇلار ھەسەننى ئۇلارنى كېلىشتۈرۈپ قۇيۇشقا چاقىرىغانلىقىنى، ھەسەن بەسرىنىڭ ناھايىتى يىراقلىقتىكى بىر قۇملۇقتىن ئېتىنى چاپتۇرۇپ يىتىپ كېلىپ، ئۇلارنى كېلىشتۈرۈپ قويۇپ يەنە قايتىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ تەسۋىرلەيدۇ .

 

ئەتتارىنىڭ قەيىت قىلشچە، ھەسەن بەسرى ۋە ئۇنىڭ قوشنىسى سىمون ناھايىتى تەقۋا كىشلەر بولۇپ، قوشنىسى ئاغرىپ يىتىپ قالغاندا، ئۇنى يوقلاپ باراتتى ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھدىن قورقۇش، تۆۋبە ھەققىدە نەسھەت قىلاتتى ۋە ھاياتى ئاخىرلاشقاندا ئاللاھنىڭ كەچۈردىغانلىقىنى ئېيتقان، قوشنىسى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ يەتمىش ياشتىن ئاشقانلىقىنى ئېيىتقاندىمۇ، ئۇ يەنىلا چىڭ تۇرغان ۋە ئۇنىڭغا ھاياتىي ئاخىرلاشقۇچە  ئاللاھقا ئىبادەت قىلشنى تەۋسىيە قىلغان، قوشنىسى ھەسەنگە يىغلاپ تۇرۇپ: «مەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن دەپنە قىلساڭ ھەم يەرلىكتە قويساڭ» دېدى ، بىر كۈنى ھەسەن چۈش كۆردى، چۈشىدە:«قوشنىسى سىمون چۈشىدە بېشىدا تاج تاقاپ، ناھايىتى چىرايلىق ۋە نۇرلۇق باغچىدا كۈلۈپ مېڭىپ كېلۋاتاتتى» ھەسەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدى ۋە ھېيىقتى، سىمون ھەسەننىڭ ئۆزىنى دىنغا   دەۋەت قىلپ، ياخشى ئىشلارنى تەۋسىيە قىلغانلىقىغا ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۇلار دىن ئۈچۈن دوسىت بولۇشقانىدى، ھەسەن ئويغانغاندا، ئۇنىڭ قولىدا تىرە قەغەز بار ئىدى، مىھرىبان ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار ئېيىتتى، گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلدى.

 ھەسەن ئىبن زۇبەير بىلەن بىر مەيداندا تۇرمىدى، 700-يىلى ئاشقاندا ۋاقىتلىق ھەربىي لاگىرغا بېرىپ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان. خەلپىلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئەمما ئۇ ئەبۇ بەكرىنىڭ خەلپە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيىتتى، ئۆمەر بىن ئابدۇل ئەزىزنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان. غازاتتا ئۇ بەسىرەدە مەكتەپ ئېچىپ دىننى دەۋەت ئېلىپ بارغان. ئامر بىن ئۇبەيد، ۋاسىل بىن ئاتا قاتارلىقلار ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ۋە بۇرۇنقى جاھىليەت دەۋرىدىكى بارلىق ئىشلىرىدىن قول ئۈزگەن، ھەسەن فېقىشۇناسلىق ئىلمىيدا ئايۇب شاختىيانى، ھۇمايد قاتارلىقلارغا ئۇستاز بولغان، سائنىت فەرقاد ساباھى ئەسلىدە شەرقى رۇملۇق خرستىيان بولۇپ، ھەسەننىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمان بولغان.

ئابدۇل مالىك  خەلپلىككە سايلىنىپ  ئىراق، ھەجاج رايونلىرىنى فەتىھ قىلىپ، بۇ رايونلاردا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا، ئۇمەۋىيلەۋىيلەرنىڭ خەلپە ۋارسى تىكلىشىگە قارشى تۇرغان، ھەسەن ئىنسان ئىرادە ئەركىنلىكىنى  قوللىغان، ئەمما ئۇ  ئىسلام دىنىنىڭ مىزان، شەرىئەت ئەھكاملىرىغىمۇ قارشى تۇرمىغان. سوفىلارنىڭ  تەركىدۇنياچلىقىنى قوللىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرشىپ پىشۋا دەپ تەرپىلەنگەن. ھەمدە ئۆزىنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىگە چەك قويۇپ، قىلپلاشتۇرۇپ تۇرغان. نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ شۇ قەدەر ساپ ۋە سالىھلىقىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدا، دەپ قاراشماقتا.

 

 

 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 416 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01