ھەسەن بىن ئەلى بىن ئەبۇ تالىب(625-669(

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

 

ھەسەن بىن ئەلى بىن ئەبۇ تالىب(625-669) 

 ھەسەن بىن ئەلى بىن ئەبۇ تالىپ مىلادىيە 625-يىلى 3-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى يەنى رامىزان ئېيىنىڭ 15-كۈنى دۇنياغا كەلگەن.669-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 27-، ياكى 28-كۈنى 47 يىشىدا ۋاپات بولغان.يولباشچىمىز پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەلەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامنىڭ قىزى فاتىمە بىلەن تۆتىنچى ئىسلام خەلپىسى ئەلى بىن ئەبۇ تالپنىڭ  ئوغلى. ھەققانىيەتچىل خەلپە ھەزرىتى ئەلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن،مەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن  مۇئاۋىيە جەمەتىدىكى مۇئاۋىيە ئىبىن ئەبۇ سۇقىيان بىلەن كىمنىڭ خەلىپە بولۇش مەسىلىسدە تالاش-تارتىشقا چۈشتى.شىئە ۋە سۈنئى مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار بىردەك ھەزرىتى ئەلىنى سايلىدى.

سۈنئى ۋە شىئە مەزھىپىدىكلەرنىڭ ئېيتىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيىسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ نەۋرسى تۇغۇلۇپ كۆزىنى ئاچقاندا، پەرشىتە جىبرائىل ئۇنىڭغا ، ھەسەن دېگەن ئىسىمنىڭ بۇرۇن قويۇلۇپ باقمىغانلىقىنى يەتكۈزگەن، مۇھەممەد ئەلەيىسالام خۇشال بولغان ھەمدە ئۇنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ قۇلىقىدىن ئەزان توۋلاپ، سول قۇلىقىدىن تەكبىر ئىيتىپ، كالا ئۆلتۈرۈپ ئىسىم قويغان.

 

ئۇ تۇققۇز ئايال بىلەن توي قىلغان.ئۇلار، ئۇممۇ گۇلسۇم بىنتى فازىل بىن ئابباس. بىن ئابدۇلمۇتەللىپ بىن ھاشىم، خەۋلا بىنتى مانزۇر بىن زابان بىن سايىر بىن ئەمرو، ئۇم بەشىر بىنتى ئەبى مەسئۇد، جۇدا بىنتى ئەشاز بىن قايىس مەدى كەرب ئەلكىندى، ئۇم ئىشىق بىنتى تەلھە بىن ئۇبەيدۇللاھ بىن  ئوسمان تەيمى، زەينەب بىنتى سەبە بىن ئابدۇللا، باقلىيە، زامىيە، سافىيە قاتارلىقلار

دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ھاياتى

ھەسەن ئۆسمۈر ۋاقتىىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج قىلش، دەۋەت ئېلىپ بارغان مەزگىللەرنى  ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شۇنداقلا دادىسى، يەمەندىكى  بوۋىسى ۋە شۇنداقلا ئۈچ خەلپە دەۋرىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى كۆرگەن. ئىنىسى ئىمام ھۈسەيىن بىلەن بوۋىسى مۇھەممە ئەلەيھى ۋەسسالامنىڭ ئۇلارغا قانچىلىك ئامراقلىقى توغرسىدىكى ھەدىسلەرگە چوڭقۇر ئىشەنگەن. بۇ ھەدىس كىتابلاردا:‹‹ھەسەن بىلەن ھۈسەنگە جەننەتتىن خوش خەۋەر بېرىلگەن، ھەمدە ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا ئىماملىق قىلش ياكى قىلماسلىقىدىن قەتئىنەزەر‹ئىمام› دەپ ئاتىلىدۇ›› دېيىلگەن ، ھەسەن ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان بەش كىشىنىڭ بىرى.. مۇھەممەد ئەلەيھسالام پەيغەمبەر بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا باشچىلىق قىلۋاتقان مەزگىلدە مۇھەممەد ئەلەيىھسالام ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ بىللە ئېلىپ باراتتى.

مۇھەممە ئەلەيىھسالام مەدىنىدە ھەسەننى يىنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئويناشلىرىغا تېكلىپ قاراپ ھەمراھىغا: ‹‹مېنىڭ بۇ نەۋرەم تولىمۇ ئەقىللىق، ئاللاھمۇ ئۇنىڭ مۆمىنلەرگە باش بولۇپ،ئىناق ئۆتۈشىنى خالايدۇ›› دەيىتتى.

ئۈچىنچى خەلپە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەلى مۇسۇلمانلارغا باشچى قىلىپ سايلاندى، ھەسەن دادىسىغا ياردەملىشىپ كۇفەگە بېرىپ، قارشى قۇشۇن بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ، بەسىرە، سففىن، نەھرىۋان قاتارلىق جايلاردا ئۇرۇشقا باشلامچىلىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ باتۇر قورقماس جاسارىتى ۋە رەھبەرلىك قىلش تالانتىنى نامايان قىلغان.مەككىگە يۈرۈش قىلىپ ئەممار بىن ياسىر قوماندانلىق قىلغان ئايىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشقان.

شىئە مەزھىپىدىكلەر ئەلىنىڭ خەلپىلىك ھۇقۇقى  ۋە ئائىلىسى ئەبۇ بەكرى تەرپىدىن تارتىۋىلىنغان دەپ قارايدۇ، ئەمما، ئەلى، ھەسەن ۋە ھۈسەن ئۆزىنىڭ ھۇقۇقىدىن بەكرەك مۇسۇلمانلار جەمئيىتىنىڭ مۇقىملىقى يۇقىرى ئۇرۇنغا قويىدۇ.ھەتتا ئۈچىنچى خەلپە ئوسماندىن ئىلگىرى ئەلى ئۆزىنىڭ خەلىپىلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۋالغاندىمۇ، يەنىلا ئۈچىنچى خەلپە ئوسمانىنىڭ خەلپىلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان.

ئەلى كۇفەدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، يېڭى بىر خەلپە سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئەلىنىڭ ۋەسيىتىگە بىنائەت خەلىپىلىككە ھەسەن بىلەن ھۈسەندىن بىرى سايلىناتتى، كۇفادىكى مۇسۇلمانلار بىردەك ھەسەننى خەلپە دەپ ئېتىراپ قىلىپ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى، ئەمما نۇرغۇنلىغان سۈنئى مەزھىپىدىكى مۇسۇلمان تارىخشۇناسلار  مەسىلەن، سۇيۇتڭ ئىبنى ئابدۇللا، ئىبىنى كەسىسىر قاتارلىق ئەڭ ئاخىرقى خەلىپىنىڭ ھەسەن بىن ئەلى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىدۇ.

سۇيۇتى خەلىپىلەر نابلىق ئەسىرىنىڭ 12-باب 9-بەتتە بۇنى ناھايىتى ئىنىق يازىدۇ.

ئىبنى كەسىسرمۇ ‹‹ئبنى كەسىسر››نىڭ 6-باب 249-250-بەتلىرىدە مۇشۇ توغرۇلۇق مەخسۇس توختىلىدۇ.

مۇئاۋىيە بىن ئەبۇ سۇفىيان ئەلى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھۇقۇق تالىشىش كۆرشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن سۈرىيە،پەلەستىن، تاشقى يەمەن قاتارلىق جايلاردىكى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلدى، ئۇ تۇنجى قېتىم ھەسەنگە خەت يازدى، خېتىدە:‹‹ ئۇنىڭ خەلپىلىك ھۇقۇقتىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى،ئەگەر بۇنىڭغا قۇشۇلسا مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرمەيدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭغا قەتئىي ئىسنىشى كېرەكلىكى قۇشۇلمىسا قانلىق قىرغىنچلىق ئېلىپ بارىدىغانلىقى›› نى يازدى.كۆپلىگەن تارىخشۇناسلار مۇئاۋىيە بىن ئەبۇ سۇفيان ئۇنىڭغا نۇرغۇن پۇل بايلىق بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئۇبەيدۇللا ئىبنى ئابباسنىڭ ئىمام ھەسەن قۇشۇنىنى باشلاپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرىغان ، دەيدۇ.ئەمما مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ كۈچىگە تاينىپ سۈرىيەنىڭ كۆپ قىسمىنى بويسۇندۇردى.

مۇئاۋىيەنىڭ سۆھبەتلىشىش پىلانى ئىشقا ئاشمىغاندىن كېيىن، 3-ئايدا 40000كىشلىك قۇشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ يولغا چىقتى ئىككى تەرەپ سابەتكە يىقىن جايدا ئۇچراشتى.ھەسەن ئۆزىنىڭ سەۋىر قاچىسىنىڭ ئاللىقاچان توشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نېمە دېيشىدىن قەتىنەزەر ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيىتتى، ھەسەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇق بېرىپ، يارىلاندى..ئەمما قوشۇن  قورشىۋىلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى. قوشۇننىڭ باشچىلىرىدىن بىرى بولغان ئۇبەيدۇللا بىن ئابباس ئۇنى تاشلاپ قويۇپ مۇئاۋىيە قۇشۇنىغا قېتىلىپ كەتتى.

ئىككى قوشۇن ئازراق تىركشىپلا جەڭ ئاخىرلاشتى.ھەسەننىڭ ئىچى سيىرىلدى،ئىككى مۇسۇلمان قوشۇننىڭ ئۆزئارا قىرغىنچلىققا چۈشۈشىدىن نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. مۇئاۋىيە بەنى قۇرەيىش قەبىلىسىندىن ئىككى كىشىنى سۆھبەتلىششىكە ئەۋەتتى.شىئە مەزھىپىدىكلەر مۇئاۋىيە بىر كېلشىمنامە يېزىپ :‹‹ھەسەننىڭ خەلىپىلىكى مۇئاۋىيە ئۆلگەندىن كېيىن ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ›› ،دېدى، دېيىشىدۇ. شىئە ئالىملىرىنىڭ قارشىچە خەلپىلىكنى مۇئاۋىيە ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىشى،ئەگەر ھەسەن ئۆلۈپ كېتىپ قالسا ئۇنىڭ ئىنىسىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. سۈنئى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارشىچە، ھەسەننىڭ بەلگلىمىسى بويىچە،مۇئاۋىيە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، خەلپىلىك ئىشىغا كەلسەك ،ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۆچ ئېلىشتىن خالىي بولۇشتىن ساقلىنىش ئەلۋەتتە تەس، دەپ قارايدۇ

 مۇئاۋىيە تۆۋەندىكى تىنچلىق شەرتلىرىنى قوبۇل قىلشى كېرەك:

1 . شەھەر ئاھاللىرى ئەلى رەزىيەللەھۇ ئەنھۇغا دۇئا قىلۋاتقانداشەھەر ئاھاللىرىنى مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك ئىدى.

2. مۇئاۋىيە ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشلىرى ئۈچۈن باق يىغماسلىقى كېرەك ئىدى.

3. ئەگەر تىنچلىقنى خالسا ھەزرىتى ھەسەننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلماسلىقى ۋە ھۇقۇق بېرىشى كېرەك ئىدى.

مۇئاۋىيە كۇفەگە بىر قانچە قېتىم بېرىپ خەلىپىلىككە سادىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ھەسەندىن ئۆزىگە قۇشۇلۇپ خارجىتلار بىلان ئۇرۇشۇشنى تەلەپ قىلدى. ھەسەن ئۇنىڭغا جاۋابەن:‹. مەن ئاللىقاچان سەن بىلەن ئۇرۇش قىلشتىن ۋاز كەچكەن، ئۆزۈڭنىڭ كۈچى بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئىتتپاقلاشتۇر، سەن مېنى ئۆزۈڭ بىلەن بىر مەيداندا تۇرىدۇ، دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ ››دەپ خەت يازدى.

مۇئاۋىيە تىنچلىق كېلشىمىگە ئەمەل قىلمايلا قالماستىن بەلكى، كۇفەلىكلەرگە:‹‹سەن مېنى سېنىڭ ھوقۇقۇڭنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ، دەپ ئويلاۋاتامسەن؟ مۇمكىن ئەمەس، مەن ھوقۇقنى قولۇمغا ئېلىپ بولدۇم، ئەگەر سەن مەن بىلەن قارشىلىشقا ئۇرنىدىكەنسەن، ئۇنىڭ كاللىسى ئامان قالمايدۇ›› دېدى.ئۇ ئۆزىنىڭ جەمەتىنىڭ قھوقۇقىنى ساقلاپ قىلىپ، ئوغلى يەزىدنى خەلپە قىلشتىن ئىبارەت ئاچكۆز نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇردى.ئۇ  ھۈسەيىن،ئابدۇراخمان ئىبىن ئەبۇ بەكر، ئابدۇللا ئىبىن ئۆمەر، ئابدۇللا بىن زۇبەير قاتارلىقلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى.

شىئە تارىخچىلىرىنىڭ قەيىت قىلشچە ھەسەن مەدىنىئەە قايتىپ كەلگەن، بۇ ۋاقىتتا، يەنى ئۈچىنچى خەلپە ئوسمان بىن ئەففاننىڭ شەخسىي كاتىپى، ئەلىنىڭ بەسىرە ئۇرۇشى مەزگىلدىكى سەپدىشى  مەرۋان بىن ھاكام مەدىنىنىڭ شەھەر باشلىقى ئىدى. ھەسەن ئۇنىڭ قاراشلىرىنى قوللىمايىتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئاۋىيەنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى ۋە ئۇنىڭغا ئازار بېرىپ تۇرغاچقا تازا قىيىن كۈنلەرنى ئۆتكۈزدى.

   يەنە بىر تەرەپتىن، شىئە مەزھىپىدىكى بەزى تارىخشۇناشلار مۇئاۋىيىنىڭ خەلىپە بولۇشى مۇسۇلمان ئېمپىريىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە پايدىلىق بولدى،ھەسەن مۇئاۋىيىگە خەت يېزىپ:‹‹ئەگەر مۇئاۋىيە ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈزگۈزسە. ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەردىم، ئەگەر بۇ ھوقۇق مەندە بولغان بولسا مەنمۇ شۇنىڭدەك قىلاتتى، شۇڭا بۇ ئىشلار مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشسۇن دېگەن›› دەپ قارشىدۇ.

ئۇ بارلىق مال-مۈلكىنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان، ئۆزىگە قالغان قىسمىنى يەنە ئۈچكە بۆلۈپ  كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بەرگەن.

1926-يىلى بۇزۇۋىتىلگەن ئەل باقىي مەقبەرسىنى  شىئەلەرنىڭ خەلپىسى ئىمام بىن ئەلىنىڭ مەقبەرسى دەپ قارايدۇ.

ھەسەن بىن ئەلى مەدىنىدە ئالەمدىن سەپەر ئېيىنىڭ 27-ياكى28-كۈنلىرى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ،نەبى مەسچىدى(پەيغەمبەر مەسچىدى)نىڭ قارشىسىدىكى جەننەتۇل باغىغا دەپنە قىلىنغان. تارىخشۇناسلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، مۇئاۋىيە ئىمام ھەسەننى ئۆزىنىڭ ئوغلى يەزىدنى خەلپە قىلشتىكى پۇتلىكاشاڭ دەپ قارىغان ھەمدە ئىمام ھەسەننىڭ ئايالى جادە بىلەن مەخپىيى تىل بىرىكتۈرۈپ،  ئايالىنى ئۇنىڭغا زەھەر بېرىشكە كۈشكۈرتكەن،جادە مۇئاۋىيەنىڭ پىكىرى بويىچە ھەسەلگە دورا ئارىلاشتۇرپ ئىچۈرۈپ ئۆلتۈرگەن، دەپ قارايدۇ.

مادىلوڭنىڭ خاتىرسىدە:‹‹ ھەسەننىڭ بەزى بۇرۇنقى ماتېرىياللاردا ھەسەننىڭ بەلكىم باشقا بىر ئايالى زەھەر ئىچۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم سۇھەيل بىن ئامىر قىزى بولۇشى ياكى ئۇنىڭ قۇلى بولۇشى›› دەپ يازغان.مادىلۇڭ قارشىچە، ھەسەن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن، بۇرۇنقى تارىخشۇناش تەلبە ئىشەنچىلىك كىشلەردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقلىق يېزىپ چىققان، دەپ قارايدۇ.

شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار مۇئاۋىيە جادەنى پۇل ۋە مال-دۇنيا ئارقلىق ئازدۇرغان، ئىمام ھەسەن ئۆلگەندىن كېيىن يەزىدنىڭ ئۇنى نىكاھىغا ئالىدىغانلىقىنى ئېيىتقان. مال-دۇنياۋە ھوقۇقنىڭ ئازدۇرشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن جادە ئىمام ھەسەننى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن مۇئاۋىيەنىڭ مۇكاپاتىنى تاپشۇرۋالغان، ئەمما مۇئاۋىيە ۋەدىسىدە تۇرماي، جادەنى باشقا بىر ئادەم بىلەن تويىنى قىلىپ قويغان.

ئىمام ھەسەن ئىلگىرى ئۆزى ۋاپات بولغاندىن كېيىن مېيىتىنى پەيغەمبەر ئەلە   يھى ۋەسسالامنىڭ يىنىغا  ئانىسى فاتىمەگە يىقىن يەرگە دەپنە قىلشنى ۋەسيەت قىلغانىدى، ئەمما ئۇنىڭ ۋەسيىتى مۇئاۋىيەنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئايشە رەزىيەللەھۇ ئەنھا ئوتتۇرغا چىقىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھى ۋەسسالامنىڭ يىنىغا يەنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە دەپنە قىلشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يۇيۇپ- تاراپ بولغاندىن كېيىن،ئىنىسى ھۈسەيىن ئوتتۇرغا چىقىپ ئاكىسىنىڭ ئاخىرقى ۋەسيىتى بويىچە مەدىنىدىكى جەننەت ئەل-باقىي قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلدى.مەرۋاننىڭ رىۋايەت قىلشچە، مۇھەممەد ئەلەيھى ۋەسسالامنىڭ ئايال ئايىشە رەزىيەللەھۇ ئەنھا پەيغامبەر ئەلەيىھسالامنىڭ يىنىغا پەيغەمبەر ئەلەيىھىسالامنىڭ تۇغقىنى ئوسمان بىن ئەففاننى دەپنە قىلشقا يول قويغان، ئەگەر ئىمام ھەسەن ئۇ يەرگە دەپنە قىلنسا، ھەزرىتى ئايشەنىڭ  ئۇ يەرگە  دەپنە قىلنىشىغا يەر قالمايتتى، دېگەن.

ئىمام ھەسەن ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىراقتىكى قوللىغۇچىلىرى ئىمام ھۈسەيىنگە مۇئاۋىيىنى ئاغدۇرۋىتىش توغرسىدا خەت يازغان، ئەمما، ئىمام ھەسەن بۇنى رەت قىلىپ، ئىمام ھەسەن بىلەن مۇئاۋىيە ئوتتۇرسىدىكى كېلشىمگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

20-ئەسىردە ئىمام ھەسەن مەقبەرسى سالافى سەئۇدى تەرپىدىن  بۇزۇۋىتىلگەندىن ھەمدە ئەبۇ ھاياج ئەسەد بايان قىلىپ:ئەلى بىن ئەبۇ تالىپ ماڭا:‹‹ئاللاھ مېنى  پەيغەمبەر ئەلەيىسالاتۇ ۋەسسالامغا ئوخشاش ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتىمۇ؟ ئۇنى بۇزۇپ تۈزلىۋىتىڭلار، ھىچقانداق قەبرە قاتۇرماڭلار›› دېگەن، دەيدۇ.

 

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 298 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01