بۈيۈك ئازەربەيجان

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

     بۈيۈك ئازەربەيجان مەسىلىسى

    ئىراننىڭ غەربى شىمالىدىكى ئەردەبىل،  شەرقى ئازەربەيجان،   غەربى ئازەربەيجان، زەنجانى ئۆلكىلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان  20مىلىيۇن ئازەربەيجان بىلەن ئازەربەيجان جۇمھۇرىيىتىدىكى ئازەربەيجانلار ئەسلىدە بىر مىللەت بولۇپ، 13-ئەسىردىن 16-ئەسىرگىچە ئىرانلىقلارنىڭ تەسىرىدە تۇرغانلىقتىن كۆپ قىسمى شىئە ئون ئىككى ئىمام مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلىدىغان بولغان.    16-17-ئەسىرلەردە بىر مەزگىل ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئازەربەيجان ، تۈرك ئىران ئۇرۇشىدا روسىيە بىلەن ئىراننىڭ تۈرك ئىمپىرىيىسىگە قارشى بىرلىكتە ھەربى ھەركەت قوللىنىشى نەتىجىسىدە شىمالى ئازەربەيجان  رۇسىيەگە تەۋە قىلىپ بېرىلدى ئىران جەنۇپتىكى  ئازەربەيجانغا ئىگىدارچىلىق قىلىۋەردى،  ئاقىۋەت ئازەربەيجان مىللىتىنى ئىككىگە بۆلۈپ تاشلىدى.
    گەرچە ئازەربەيجان جۇمھۇرىيىتىدىكى ئازەربەيجانلار ئېتىقاد ۋە تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە 200يىلغا يېقىن رۇسلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرۇش نەتىجىسىدە زور بەدەل بەرگەن بولسىمۇ ئەمما يەنىلا بىر ئېتنىك مىللەتلىك ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقىنى يوق. بولۇپمۇ90-يىللاردىن كېيىن ئازەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى ئازەربەيجاننى كۈچلۈك مىللى مەۋجۇتلۇق ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى. ئەمما ئىراندىكى ئازەربەيجانلار مىللەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنمىغاچقا ئەقەللى ئۆز تىلىدا مەتبۇئات-تېلېۋىزىيە، مائارىپ ھوقۇقىنىمۇ يۈرگۈزەلمەي ئىراندىكى ئاساسى مىللەت پارىسلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا مىللى ئالاھىدىلىكىدىن بارغانسېرى ئايرىلىپ قالماقتا. شىمالى ۋە جەنۇبى ئازەربەيجاندىكى سول قانات كۈچلەرنىڭ خەلقارا سەھنىلەردىكى ئىككى ئازەربەيجاننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بۈيۈك ئازەربەيجان قۇرۇش پىلانى ئاللىبۇرۇنلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، شۇنداقلا روسىيە ۋە غەرپ ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرق ۋە كاۋكاز رايونىدا سىتراتىگىيىلىك مەنپەئەتى بار دۆلەتلەرنى ئەنسىرىتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. گەرچە ئازەربەيجان بىلەن ئىراننىڭ دۆلەت كۈچى پەرقى، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىش تەشەببۇسى قاتارلىق توسالغۇلار بولسىمۇ بۈيۈك ئازەربەيجان مەسىلىسى ئىران بىلەن ئازەربەيجان سىتراتىگىيىسىدىكى نازۇك نۇقتا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. 

     ئازەربەيجان مىللەتچىلىرى زور دەرىجىدە يول قويۇپ ئىراندىكى ئازەربەيجانلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان زەنجانى ئۆلكىسىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە تۈزۈلگەن «ئازەر كارىدورى» پىلانى نۆۋەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ ئەللىرىنىڭ تەشەببۇسىغا ئايلاندى.

[qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-29 14:24:53]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 752 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01