تاغلىق قاراباغ(ئازەربەيجان ئارمېنىيە تالىشىدا)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

     تاغلىق قاراباغ -=Nagorno-Karabakh

ئازەربەيجانچە :Dağlıq Qarabağ 
 ئەرمەنچە- Leṙnayin Ġarabaġ

زېمىنى:سوۋېت ئىتىپاقى دەۋرىدىكى ئەزەربەيجان بېكىتكەن زىمىنى 2700كۋادىرات كلومېتىر، ھازىر ئەمەلى كونترول قىلىۋاتقان زىمىنى 4400 كۋادرات كىلومېتىر.
ئاھالىسى: تاغلىق قاراباغنىڭ2008-يىللىق نوپۇسى 180مىڭ . ئاھالىنىڭ 80%نى ئەرمەنلەر، 20% نى ئازەربايجانلار ئىگەللەيدۇ .   
پايتەخت: خانكەنت (ئەرمەنچە stepanakert) ، ئاھالىسى 70مىڭ.

   دىنى : ئەرمەنلەر ئەرمەن پروۋىسلاۋىيە دىنىغا، ئازەرلەر ئىسلام دىنى شىئە مەزھىبى ئونئىككى ئىمام ئەقىدىسىگە ئىشىنىدۇ.

    قىسقىچە تارىخى: تاغلىق قاراباغ 1918-يىلى قۇرۇلغان ئەرمىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولغاچقا ۋە ئەرمەنلەر نوپۇسنىڭ ئاساسى سالمىقىنى ئىگەللىگەچكە ئەرمەنلەرنىڭ بۇ جايغا زىمىن تەلىۋى كۈچلۈك. 1924-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى تۈركىيە بىلەن ئىمزالىغان دوستلۇق كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن بۇ جاينى ئاپتونومىيىلىك ئورگان سۈپىتىدە ئازەربەيجانغا قوشۇپ بەرگەن.

   1991-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلىنىپ ئەرمەنىيە ۋە ئازەربەيجانلار مۇستەققىل بولغاندا، ئەرمەنلەر كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان تاغلىق قاراباغ ئالى سوۋېتى مۇستەققىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان، كېيىن ئازەربەيجان ۋە ئەرمەنىيە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بۇ يەرگە ئەسكەر چىقىرىپ ، ئۇرۇش ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ ئەرمەنىيەنى ئاستىرتتىن قوللىشى نەتىجىسىدە ئازەربەيجاننىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياقلاشقان.

   خەلقارا جەمىيەتنىڭ ئارلىشىشى نەتىجىسىدە تاغلىق قاراباغنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق ئۇمۇمى خەلق ئاۋازىغا قويۇپ، كۆپ سانلىقلارنىڭ ئەرمىنىيەگە قوشۇلۇش ئارزۇسى ئەرمىنىيەدىن باشقا ھىچقايسى دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ ھازىرغا قەدەر رۇسىيەنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى نامىدىكى كۈچلۈك مۇداپىئە كۈنلۈكى ئاستىدا ئەرمەنىيەگە قاراشلىق بولغان نىسپى مۇستەقىللىقنى ساقلاپ كەلمەكتە.

پايدىلىنىش خەرىتىسى:
   ئەرمەنىيە، ئازەربەيجان ۋە گىرۇزىيە، بۇ رايوندىكى قىزىق نۇقتىلىق رايونلار ئابخازىيە، جەنۇبى ئوسېتى، ئاجارىيە،تاغلىق-قاراباغ، ئاھىسكا

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 740 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01