بوۋاقنىڭ دۇنياغا كېلىش ئەندىشسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

بوۋاقنىڭ دۇنياغا كېلىش ئەندىشسى

بىر زامانلاردا دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان بىر بوۋاق بار ئىكەن.بىر كۈنى ئۇ ئاللاھتىن سوراپتۇ:

-ئىلاھىم! پەرىشتىلەر ئەتە مىنى دۇنياغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.ئەمما مەن بەك كىچىك ۋە  زەئىپ. بۇ ھالىتىمدە ئۇ يەردە قانداقمۇ ياشىيالايمەن؟  
پەرىشتىلەر ئىچىدىن بىر پەرىشتە تاللىدىم.ئۇ سېنى ئۇ دۇنيادا كۈتۈپ تۇرىدۇ ۋە سېنى ھىمايە قىلىدۇ . پەرىشتەڭ ساڭا ھەركۈنى ناخشا ئېيتىپ بىرىدۇ ۋە كۈلۈمسىرەيدۇ. بۇنىڭلىق  بىلەن سەن ئۇنىڭ مۇھاببىتىنى ھىس قىلسەن ۋە خۇشال بولىسەن .
­    _ئۇنداقتا!!!.. ئادەملەر ماڭا بىر نەرسە دىگەندە تىللىرىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئېيىتقانلىرنى قانداق چۈشىنىمەن ؟ 

 _پەرىشتەڭ ساڭا سەن چۈشىنەلەيدىغان ئەڭ گۈزەل ۋە شىرىن  گەپلەرنى سۆزلەيدۇ ،ساڭا گەپ قىلىشنى ئىخلاس بىلەن ئۆگىتىدۇ.  

 _ئىلاھىم مەن سىزگە سۆزلىمەكچى بولسام قانداق قىلمەن ؟  
_پەرىشتەڭ ساڭاقولۇڭنى ئېچىپ دۇئا قىلىشنىمۇ ئۆگتىدۇ.   
_دۇنيادا ئەسكى ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدىم مىنى كىم قوغدايدۇ؟   
_پەرىشتەڭ ئۆز ھاياتىغىمۇ قارماستىن سېنى قوغدايدۇ.  
 _پەقەت مەن سىزنى قايتا كۆرەلمەيدىغانلىقىمغا بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن؟  
_پەرىشتەڭ ساڭا ھەردائىم مېنىڭ ھەققىمدە گەپ قىلىپ بېرىدۇ ۋە ماڭا كېلىشنىڭ يوللىرنى ساڭا ئۆگتىدۇ .  
    دەل بۇ ۋاقىتتا جەننەتتە جىمجىتلىق ھاسىل بولىدۇ ۋە دۇنيانىڭ ئاۋازلىرى جەننەتكىچە يېتىپ كېلىدۇ.بوۋاق كېتىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ ۋە ئاخىرقى بىر سۇئالنى سورايدۇ ؛ 
  -ئىلاھىم مەن ھازىر كېتىش ئالدىدا تۇرغان بولسام ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ مېنىڭ ئۇ پەرىشتەمنىڭ  ئىسمى نىمە ؟ 
-پەرىشتەڭنىڭ ئىسمى موھىم ئەمەس، سەن ئۇنى {ئانا }دەپ چاقىرسەن .  
مەنبەسى ؛ئسلام تەلىم- تەربىيىىسىدىن سۇئال -جاۋاپلار دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.  

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 314 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01