ئۈزۈلمەس ئۈمىد

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

ئۈزۈلمەس ئۈمىد

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

 

ھاۋادا كۆپ بۇلۇتلار بار داۋام شۇنداق تۇتۇلغايمۇ؟

قۇياشنىڭ نۇرى ياكى ئۇشبۇ مانىدىن قۇتۇلغايمۇ ؟

قۇياشنىڭ تەمكىنى باردۇر ، ساچۇر نۇرىن داۋام  ئەيلەر،

سۇباتى يوق بۇلۇتلاردا ئۇنىڭ كەيپى بۇزۇلغايمۇ ؟

قۇياشقا دالدا قىلماقلىق ، ئەقىلسىزلىق دەلىلىدۇر ،

سېنىڭ بۇ يۇپقا بوز خالتاڭ بىگىزلەرنى يۇشۇرغايمۇ؟

چىقار بوران تەرەپپىللىكتە ، گەرچە ئويلىماي تۇرساڭ،

ئەگەر قاتتىق چىقىپ كەتسە بۇزۇق تۈڭلۈك يېپىلغايمۇ؟

جاھالەت بۇلۇتى توستى قۇياشنى ھېچ كۆرۈپ بولماس،

مۇقەددەس ئۇ قۇياش نۇرى بىزدە ھەم تېپىلغايمۇ ؟

ئوقۇتماي بالىلارنى ئوينىتىپ خوپ ياخشى چوڭ قىلدۇق،

ئىسىت! بۇ بالىلار ئاخىر يېرىم ناننى تاپالىغايمۇ؟

ئوقۇڭلار، ئوقۇتۇڭلارھاۋا ھەم ئەلپازىنى بۇزدى،

ئەگەر يوق بولسا ھازىرلىق بۇ مىللەت ھەم يوقالغايمۇ ؟ 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 240 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01