ئازەربەيجان

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ئازەربەيجان 

   ئازەربەيجان جۇمھۇرىيىتى Republic of Azerbaijan پايتەخت: باكۇ، ئاھالىسى ئىككى مىليۇن 300مىڭ. زېمىنى:86600 كۋادرات كىلومېتىر. ئاھالىسى: ئازەربەيجاننىڭ2008-يىللىق نوپۇسى 8مىلىيۇن 177مىڭ619. ئاھالىنىڭ 91%نى ئازەربەيجانلار، 2.2%نى داغىستانلىقلار ، 1.8%نى رۇسلار، 1.5%نى ئەرمەنلەر ئىگەللەيدۇ . ئازەربەيجان تىلى دۆلەت تىلى. ئاھالىلەر ئازەربەيجان، تۈرك ۋە رۇس تىلىنى قوللىنىدۇ. دىنى : ئازەربەيجان ئاھالىسىنىڭ 75%ى ئىسلام دىنى شىئە مەزىبى ئونئىككى ئىمام ئەقىدىسىگە، 20% ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبىگە، 5. %2 رۇس پروۋىسلاۋىيە دىنىغا، 2.3% ئەرمەن پروۋىسلاۋىيە دىنىغا ئىشىنىدۇ. پۇلى: مانات. 2006-يىلى 0.8934مانات = بىر دوللار، 2004-يىلى 4913.48 دەرھەم = بىر دوللار، 2002-يىلى4,860.82 دەرھەم = بىر دوللار. ئازەربەيجان 2006-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئىلگىرىكى 5000مانات بىر يېڭى ماناتقا تەڭ بولىدىغان يېڭى پۇل تارقاتتى. ئىقتىسادى: ئازەربەيجان مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇنلا سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئى گاز ، باغۋەنچىلىك نۇقتىلىق تەرەققى قىلدۇرغان رايونى بولۇپ روسىيىدىن باشقا بىردىنبىر مەركەزنىڭ ياردىمىگە تايانمايدىغان جۇمھۇرىيەت ئىدى، مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى يىللاردا ئۇرۇش ۋە روسىيەنىڭ ئىمبارگوسى تۈپەيلى ئازەربەيجان ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ئىدى. كېيىن نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە ۋە تۈركىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ياردەم ۋە قەرز پۇلى بىلەن دۆلەت ئىقتىسادى تېزلا تەرتىپكە چۈشتى. 2008 -يىلى ئازەربەيجاننىڭ ئۇمۇمىي مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 53مىليارت 260مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 9مىڭ500 دوللار توغرا كەلگەن. ئازەربەيجاننىڭ2000-يىلىدىن بۇيانقى يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 10%دىن يۇقىرى بولۇۋاتقان ئىدى. ئەمما 2005-يىلى 24%، 2006-يىلى33% ئېشىپ دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. دۆلەت بايرىمى:( 1918-يىلى)5ئاينىڭ 28-كۈنى، ئازەربەيجاننىڭ بىرىنچى قېتىم مۇستەقىل بولغان كۈنى ۋاقىت رايونى :(شەرقى3- ۋاقىت رايونى) قىسقىچە تارىخى: ئازەربەيجان جايلاشقان كاۋكاز رايونى تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئانا ماكانى بولۇپ ئازەربەيجاندىن تېپىلغان مىلادىدىن بۇرۇنقى 20-ئەسىرگە تەۋە يادىكارلىقلار بۇنى ئىسپاتلايدۇ. كاۋكاز رايونى ئۈچ قىتئە چېگرىسىغا يېقىن بولغاچقا ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇرۇش ئوتى توختىماي كەلگەن رايونلارنىڭ بىرى. ئازەربەيجان مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردە يەھۇدى ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنى بولغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىردىن 6-ئەسىرگىچە مۇستەققىل پادىشاھلىقى قۇرۇلغان، 6-ئەسىردىن كېيىن ئىران ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 333-يىلى ئىسكەندەر ماكىدونىسكى تەرپىدىن ئىشغال قىلىنغان . مىلادىدىن بۇرۇنقى 180-يىلى خازار دۆلىتىنى قۇرغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 73-يىلى ھۇن ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. مىلادى 270-يىلى ئەرمەنىيە ئىران ساسانىلار خانلىقىغا بېقىندى بولۇپ قالغان ، مىلادى 3-ئەسىردە يەنە بىر قېتىم ئاقھۇن ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق بولغان. مىلادى 683-يىلى ئەرەپ ئىسلام ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان، ئازەربەيجانلار ئىسلام ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، مىلادى 810-يىلى ئازەربەيجانلار يەنە بىر قېتىم ئۆز دۆلىتىنى قۇرغان مىلادى 1072يىلىدىن كېيىن ئازەربەيجان سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1513-يىلى ئىران ئازەربەيجاننى بېسىۋالغان، 1582-يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئازەربەيجاننى ئىراندىن تارتىۋالغان. 1730-يىلىدىكى نەخىۋان ئۇرۇشىدىن كېيىن ئازەربەيجان ئىراننىڭ ئۆلكىسىگە ئايلانغان، 1813-يىلى چاررۇسىيە ئىمپىرىيىسى ھازىرقى ئەزەربەيجاننى ئىراندىن تارتىۋالغان. جەنۇبى ئەزەربەيجان يەنىلا ئىراننىڭ قولىدا قالغان. 1918-يىلى ئازەربەيجان تۇنجى مۇستەققىل جۇمھۇرىيەت قۇرغان، 1920-يىلى گىرۇزىيە ۋە ئەرمىنىيە بىلەن بىللە سوۋېت ئىتىپاقى تاشقى كاۋكاز سوتسىيالىستىك ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە ئايلانغان. 1924-يىلى ئايرىم جۇمھۇرىيەت بولغان. 1991-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلىنىپ ئازەربەيجان مۇستەققىل بولغان 1995-يىلىدىن كېيىن ئەزەربەيجاندىكى ئەرمەنلەر ئولتۇراقلاشقان رايون تاغلىق -قاراباغ )ناگورنو قاراباخ( مۇستەقىللىق جاكارلىغانلىقتىن قۇدرەتلىك روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئارمېنىيە بىلەن تاغلىق -قاراباغنى تالىشىش ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. 1998-يىلى ئۇرۇش توختاتقان. ئازەربەيجان زىمىنى ئاساسەن ئېقىنى مول، تۈزلەڭلىكتىن شەكىللەنگەن بولۇپ،15% ئورمانلىق.21% تېرىلغۇ يەر. تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، كان بايلىقى مول . ئازەربەيجاندە ئاھالىنىڭ بەشتىن بىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 2008-يىلى ئازەربەيجاننىڭ ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك كىرىمى 14%،سانائەت45%، مۇلازىمەت 40%نى ئىگەللىگەن بولۇپ -2005يىلى مۇقىم تېلپون ئابونتى 1مىليۇن 254مىڭ ، يانپون ئابونتى تۆت مىلىيۇن 300مىڭ بولغان، ئىنتېرنېت ئابونتى بىر مىلىيۇن 36مىڭ بولغان.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 683 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01