ياشانغانلارغا دورا ئىشلىتىش ﯰﺳﯘﻟﻰ

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

ياشانغانلارغا دورا ئىشلىتىش ﯰﺳﯘﻟﻰ
    دورا كېسەللىككە قارشى تۇردىغان مۇھىم ۋاستە. ئۇنى توغرا ۋە مۇۋاپىق ئىشلەتسە ، كېسەلنى ساقايتىدۇ ، ئەگەر ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسا ، سالامەتلىككە زىيىنى كۆپ ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ياشانغانلارغا دورا ئىشلىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس تەتقىقاتلار ئېلىپ بارماقتا . ياشانغانلارىڭ ھەر قايسى ئەزالىرى بولۇپمۇ مېڭە ، يۈرەك ، جىگەر ، ئۆپكە ۋە بۆرەكلەرنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان بولۇپ ،دورىلارغا بولغان چىداملىقى تۆۋەنلەيدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ياشانغانلاردا كۆپ خىل كېسەل بىرگە قوشۇلۇپ كېلىپ ، ئىشلەتكەن دورا تۈرى كۆپ ھەم ئىشلەتكەن ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچقا ، ئازراقلا بىخۇدلۇق قىلغاندا دورىدىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ .

        ياشانغانلار دورا ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكىلەرگەدېققەت قىلىش كېرەك :

        1. دورىنى مۇۋاپىق تاللاش كېرەك. دورىنىڭ باھاسى قانچە يۇقىرى ، مىقدارى قانچە كۆپ بولسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ دىگەن كۆز قاراش خاتا . يەنە بىرنەچچە خىل دورىنى بىراقلا ئىچمەسلىك كېرەك . ئەگەر بىر خىل دورا بىلەن ساقىيىدىغان كېسەلگە ھەرگىز ئىككى خىل دورىنى قوشماسلىق ، يېگىلى بولدىغان دورا بولسا ، ھەرگىز ئوكۇل قىلىپ سالماسلىق ، شۇنىڭدەك بېخەتەر بولغان دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك .

        2. دورىنىڭ ئەكىس تەسىرىدىن ساقلىنىش كېرەك . بۇرۇنقىلارنىڭ دىيىشىچە ، ھەرخىل دورا زەھەردۇر . بۇ گەپىڭ مەلۇم مەنىسى بار . ياشانغانلارغا دورا ئىشلەتكەندە دورىنىڭ ئەكىس تەسىرىگە دېققەت قىلىش كېرەك . بەزى دورىلار ئاڭلاش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزسە ، بەزىلىرى يىلىكنىڭ قان ئىشلەش رولىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ . ھەتتا كېسەللەر كېسەللىكتىن ئەمەس بەلكى ئىشلەتكەن دورىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ .

        3.دورا ئىشلەتكەندە مىقدارىنى كونتىرول قىلىش كېرەك . ئازلىقتىن تەدرىجىي كۆپەيتىش . بەك چوڭ مىقتاردا ئىشلەتمەسلىك كېرەك . شۇڭا ئىمكانقەدەر دوختۇرنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە دورا ئىشلىتىش كېرەك .

        4. دورىلارنى قالايمىقان ئىچىۋەرمەسلىك كېرەك. بەزىلەر ئېلانلاردا ياخشى دەپ ماختالغان دورىلارنى ئىچىۋېرىدۇ . بۇنداق ماختالغان دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىر بولىدۇ . مەسىلەن : بۇرۇن قاناش ، ئاشقازان قىززىش ۋە ئاغرىش قاتارلىقلار .

        5. ياشانغانلار كېسەل بولسا ، ساقىيىشى ئاستا بولغانلىقتىن دورا ئىچىشتىن باشقا يېمەكلىككە دېققەت قىلىش ، دەم ئېلىش ، چېنىقىپ بېرىش كېرەك .

مەنبە : شىپايى تور بېتى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 282 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01