ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قانداق ئارىلىشىپ قالغان؟(3)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 1 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


 

ئامېرىكا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قانداق ئارىلىشىپ قالغان؟ـــ جەريان ۋە پاكىتلار(3)

يىغىندىن كېيىن، ترۇمېن ئاخبارات ساھاسىدىكىلەرگە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ جەنۇبىي چاۋشيەننى قوغدايدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى ھەمدە 7-فلوتقا تەيۋەن بوغۇزىغا كىرىپ، تەيۋەنگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ھەمدە تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قىلغان ھۇجۇمىنى توسۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. ترۇمېننىڭ ئىككىنچى تۈرلۈك بۇيرۇققا ئىزدىگەن ھەرىكەت ئاساسى بولسا تەيۋەننىڭ كەلگۈسىدىكى ئورنىنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكى، تېنچ ئوكياندا بىخەتەرلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى، ياپونىيىگە قارىتا سۈلھى شەرتنامىسى مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىنى ياكى ب د ت نىڭ قاراپ چىقىشىنى چوقۇم ساقلاش كېرەكلىكى ئىدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىن ئېچىپ، ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان «ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كورىيە جۇمھۇرىيىتىگە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمنى توسۇش ۋە بۇ رايوندىكى خەلقئارالىق تېنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە لازىملىق ياردەم بېرىش تەكلىپى» ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. يىغىندا نەچچە سائەت تالاش-تارتىش قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە نەچچە سائەت ئارام ئېلىنىپ ھىندىستان ۋە مىسىر ۋەكىللىرىنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ يوليورۇقىنى ئېلىشىنى ساقلاشتى. تا يېرىم كېچە سائەت 11 دىن 50 مىنۇت ئۆتكىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى تېخى ب د ت غا قايتمىغان ئەھۋال ئاستىدا، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئاندىن يەتتە ئاۋاز قوللىغان، بىر ئاۋاز (يۇگوسلاۋىيە) قارشى تۇرغان، ئىككى ئاۋاز (ھىندىستان ۋە مىسىر) ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن نەتىجە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان «جىددىي جازالاش لايىھىسى»نى ماقۇللىدى.
28-ئىيۇن، چارشەنبە.
ئۈچ خىل ئارمىيە شتاب باشلىقلىرى چاۋشيەن ۋەزىيىتى ھەققىدە كېچىلەپ قىلغان تەتقىقاتنىڭ خۇلاسىسى چىقتى: پەقەت دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىلىرىگىلا تايىنىپ جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ خەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ئوڭشىغىلى بولمايدۇ. جەڭ ئۇچقۇلىرىنىڭ بومباردىمانى كۈندۈزى شىمالىي چاۋشيەننىڭ تانكا ئەترىتىنى پاچاقلاپ تاشلىيالىغىنى بىلەن، ئون مىڭدىن ئارتۇق پىيادە ئەسكەرلىرىنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ تۆتتىن بىرىگىلا توغرا كېلىدىغان جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرىغا قىلغان ھۇجۇمىنى توسۇپ قالالمايدۇ. چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىندا شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنى ئۆز قول ئاستىدىكى بىرلەشمە ستراتېگىيە كومىتېتىغا ئەگەر نۆۋەتتىكى چاۋشيەنگە قوللانغان ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى تۆۋەن بولسا، ئۇنداقتا ھەربىي ئىشلار نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ قانداق قارشى تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكىنى تەتقىق قىلىپ بېقىش ھەمدە 48 سائەت ئىچىدە لايىھىنى تۈزۈپ چىقىش ھەققىدە يوليورۇق چۈشۈردى. بۇ كومىتېت ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 38-پاراللېلنىڭ شىمالىدىمۇ ھەرىكەت قوللىنىشىنى ھەمدە «قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئەۋەتىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشنىمۇ ئويلىشىشى كېرەك ئىدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە، ترۇمېن ئاقسارايدا دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى يىغىنى ئېچىپ، چاۋشيەن ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلدى. ھاۋا ئارمىيە مىنىستىرى فىنلېتېر ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ پەقەت 38-پاراللېلنىڭ جەنۇبىدىلا ھەرىكەت قىلىش چەكلىمىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، جەنۇبىي چاۋشيەن ئارمىيىسىگە «تولۇق بولغان ھاۋا ياردىمى» بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ترۇمېن بىر قارارغا كېلەلمىدى. ئۇ ھاۋا ئارمىيە شتاب باشلىقى ۋېندېنبېرگنى بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسى شىمالىي چاۋشيەننىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە ماي باكىنى «بەلكىم ئامالسىز» بومباردىمان قىلىشى مۇمكىن، ئەمما ھازىرچە ئۆزىنىڭ قارار قىلىشقا رايى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ۋېندېنبېرگ مەسىلىنىڭ ئىنتايىن نازۇك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، چۈنكى شىمالىي چاۋشيەننىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسى 38-پاراللېلنىڭ شىمالىدىن تەخمىنەن 60 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىدى، ئامېرىكا ئۇچقۇلىرى «چېگرىدىن خاتا ئۆتۈپ قالغان»لىقىنى باھانە قىلىپ ئۇنى بومباردىمان قىلالمايتتى. ئەچېسۇن بىلەن يوھانسونمۇ بۇنداق قىلىشقا مايىل ئەمەس ئىدى. ترۇمېن ئەڭ ئاخىرىدا:« بىز ئۇنداق قىلمايمىز»دېدى. گەرچە ترۇمېن 24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەك ئارسۇر ئاللىقاچان يىراق شەرق ھاۋا ئارمىيىسى ئورۇنباسار قوماندانى پارترىجغا يوللىغان ئاغزاكى تېلېگراممىسىدا «دەرھال شىمالىي چاۋشيەننىڭ ئايروپورتىنى پاچاقلاپ تاشلاش» ھەمدە بۇنى داۋراڭ سالماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى. مەك ئارسۇرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئۇنىڭ چاۋشيەندە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىملىق، ئەمما ھەرگىز ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىقى بولمىغان رەئىس جۇمھۇر ئۇنىڭغا بەرگەن ھوقۇقىدىن ھالقىشى ئىدى.
29-ئىيۇن، پەيشەنبە.
مەك ئارسۇر چاۋشيەنگە ئەۋەتكەن برىگادا گېنېرالى جون چۇرچ باشچىلىقىدىكى ئالدىن ئەۋەتىلگەن تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەگەر ئامېرىكا ئارمىيىسى جەڭگە چۈشمىسە، جەڭدىن ئىلگىرىكى پاسىل سىزىقى ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇمكىن بولمايدىغانلىقى، شىمالىي چاۋشيەن قىسىملىرىنىڭ ئاللىقاچان سېئۇلنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ بولغانلىقى ھەمدە ئۇ يەردىكى ئى سۇڭمەننىڭ ئارمىيىسىنى يوقىتىپ بولغانلىقى، ھازىر داۋاملىق جەنۇپقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، جەنۇبىي چاۋشيەن ھۆكۈمىتى ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان جاي سۇۋانغا ئۇدۇل كېتىپ بارغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئەۋەتتى. يوھانسوننىڭ جىددىي تەكلىپ بېرىشى ئاستىدا، ترۇمېن چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە يەنە ئورۇنباسار رەئىس جۇمھۇر باركلېي، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، ئۈچ خىل ئارمىيە مىنىستىرلىرى ۋە شتاب باشلىقلىرى، مالىيە مىنىستىرى ھەمدە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى قاتارلىقلار قاتناشقان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا يوھانسون ئالدى بىلەن مەك ئارسۇرغا چۈشۈرۈلگەن يوليورۇق توغرىسىدىكى بىر تۈرلۈك تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يوھانسوننىڭ قارىشىچە، پەقەت ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر بازا قۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىمۇ ئىشقا سېلىش كېرەك ئىدى. چۈنكى ياپونىيىدىكى بازىدىن ئۇچقان جەڭ ئۇچقۇلىرىنىڭ نىشان ھاۋا رايونىدىكى ھەرىكەت ۋاقتى ئىنتايىن چەكلىك ھەمدە ئۇلار ياردەم قىلىدىغان جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرى بىلەن ئالاقىلىشالمايتتى. يوھانسون يەنە دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكىتىنى 38-پاراللېلنىڭ جەنۇبىدىلا چەكلەپ قويۇلغانلىقتىن، شىمالىي چاۋشيەننىڭ تەمىنات بويۇملىرى ۋە ياردەمچى قوشۇنلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا جەنۇپقا يەتكۈزۈلگەنلىكىدىن ئاغرىنىپ، ئەگەر قوغداشقا ئېرىشكەن بىر ھاۋا ئارمىيىسى بازىسى قۇرۇلسا، يەنە ئۇ يەردىكى ئامېرىكىلىق خادىملارنىڭمۇ بىخەتەر چېكىنىشىنى قوغدىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئومۇمەن، يوھانسوننىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبىي چاۋشيەندە ئاز دېگەندىمۇ پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك بىرەر جايى بولۇشى كېرەك ئىدى. ترۇمېن قوللانغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى پىلانلاش مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماسلىقىنى، بەلكى پەقەت «شىمالىي چاۋشيەنلىكلەرنى 38-پاراللېلنىڭ شىمالىغا چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىق»ىنىلا ئىپادىلىشى لازىملىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھەرىكەتنىڭ يەنە ئامېرىكىنىڭ «چاۋشيەنگە زىيادە چوڭقۇر پېتىپ قېلىپ، بىزنىڭ باشقا جايلاردا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارغا قارىيالماسلىقىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىق»قا كاپالەتلىك قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى. پېرسنىڭ قارىشىچە، 38-پاراللېلنىڭ شىمالىدا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش مەسىلىسىگە قارىتا چوقۇم ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولۇش ھەمدە بۇ خىل ھەرىكەتكە ئېنىق چەكلىمە قويۇش كېرەك ئىدى. ئەچېسۇن يىغىندا دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكىتىگە قىلغان مۆلچەرى ھەققىدىكى ئومۇمىي مەلۇماتىنى دوكلات قىلدى، دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تەھلىلىچە، «جۇڭگولۇقلار ئارىلىشىشى مۇمكىن، ئەمما روسىيىلىكلەر ئارىلاشماسلىقى مۇمكىن» ئىدى.
ترۇمېننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە مەك ئارسۇرغا 84681-نومۇرلۇق بۇيرۇقنى چۈشۈردى. ئۇنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى مۇنداق ئىدى: (1) مەك ئارسۇرغا چاۋشيەندە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىش، بىراق نىشانى جەڭ رايونى بولغان پۇساننىڭ پورت، ئايروپورت ۋە قاتناش ئەسلىھەلىرىدىن يىراق بولۇش. (2) دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ يىراق شەرقتىكى بارلىق كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ 38-پاراللېلنىڭ شىمالىدىكى بارلىق ھەربىي نىشانلارغا زەربە بېرىشكە ئىجازەت بېرىش، بىراق چوقۇم «شىمالىي چاۋشيەندىكى ھەرىكىتىنىڭ مانجۇرىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسىدا ئېنىق توختاپ قېلىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش». (3) «ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى بىزنىڭ چاۋشيەندىكى جەڭ ھەرىكىتىمىزگە ئاكتىپلىق بىلەن ھۇجۇم قىلسا، شتابىڭىز ئۆزىنى قوغدىسا بولىدۇ، بىراق ۋەزىيەتنى يامانلاشتۇرىۋېتىدىغان ھەرىكەتنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، چوقۇم ۋاشىڭتونغا ئەھۋالنى دوكلات قىلىشىڭىز لازىم.»[7]
بۇ بىر كۈندە، ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىدى. دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىدىكى مەقسەد ئاللىقاچان پەقەت ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ چېكىنىشىنى قوغداش بولۇپلا قالماستىن، يەنە شىمالىي چاۋشيەننىڭ، بولۇپمۇ، 38-پاراللېلنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي نىشانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بېرىش بولدى. ئۇندىن باشقا، ئامېرىكا يەنە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىمۇ چاۋشيەنگە ئاتلاندۇرۇشنى قارار قىلدى، گەرچە بۇ پەقەت قوغدىنىش خاراكتېرلىق بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ھەقىقىي قاتنىشىشقا پەقەت بىر قەدىمىلا قالغان ئىدى.
يىغىندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەچېسۇن جياڭ جيېشىنىڭ تەكلىپىنى ئېلىپ ئاقسارايغا قايتتى. جياڭ جيېشى جەنۇبىي چاۋشيەنگە 33000 كىشىلىك ھەربىي قوشۇن ئاتلاندۇرۇشنى، ئامېرىكىنىڭ توشۇشى ۋە تەمىنات بېرىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ترۇمېن بۇنىڭغا قارىتا ئۆزىنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما ئەچېسۇن بۇنىڭغا قارشى چىقتى، سەۋەبى بولسا «بۇ قوشۇننىڭ فورموسانى قوغدىشى چاۋشيەننى قوغدىشىغا قارىغاندا تېخىمۇ پايدىلىق» ئىدى. ترۇمېن ئەتىكى يىغىندا بۇ مەسىلىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
30-ئىيۇن، جۈمە.
مەك ئارسۇر شەخسەن ئۇچقۇغا ئولتۇرۇپ جەنۇبىي چاۋشيەننى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، يېرىم كېچە سائەت بىردە بەش بۇرجەكلىك بىناغا 2000 خەتتىن ئارتۇق بىر پارچە تېلېگراممىنى يوللىدى. تېلېگراممىدا جەنۇبىي چاۋشيەن قىسىملىرىنىڭ ئاللىقاچان «قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان»لىقى، نۆۋەتتە سېئۇلنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرۇش سېپىنى ساقلاپ قالالايدىغان بىردىنبىر ئۈمىد بولسا «چاۋشيەن ئۇرۇش رايونىغا ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئاتلاندۇرۇش» ئىكەنلىكى يېزىلغان ئىدى. مەك ئارسۇر دەرھال تەخمىنەن ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىش، ئاندىن كېيىن يەنە ياپونىيىدىن ئىككى دىۋىزىيە ئەسكىرىي كۈچنى يۆتكەپ، دەسلەپكى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئىشلىتىش تەكلىپىنى بەردى. كوللىنىس بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ نۆۋەتچى خادىمى تەرىپىدىن كارىۋاتتا ئۇخلاۋاتقان يېرىدىن ئويغىتىلغاندىن كېيىن، ئالدىراش-تېنەش ئىشخانىسىغا كەلدى. ئۇ دەرھال مەك ئارسۇر بىلەن بىۋاسىتە تېلېكسلىق خەت يېزىشىپ مەسلىھەتلەشتى. مەك ئارسۇر دەرھال ئۆزىنىڭ تەكلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەب قىلدى ھەمدە ئالدىنقى سەپنىڭ ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ياردىمىگە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. كوللىنىس ئامالسىز قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى پېرسنى ئويغاتتى. پېرس رەئىس جۇمھۇردىن يوليورۇق سوراشقا ماقۇل بولدى ھەمدە سەھەر سائەت بەشتە ترۇمېندىن يوليورۇق سورىدى. پېرس مەك ئارسۇرنىڭ تېلېگراممىسىنى ئاغزاكى بايان قىلغاندىن كېيىن، ترۇمېن يەنە بىرنەچچە ئېغىز سۇئال سورىدى، ئاندىن پېرسقا دەرھال مەك ئارسۇرغا ئالدى بىلەن بىر پولك ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشقا بۇيرۇق قىلدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت سەككىز يېرىم بولغان چاغ، ترۇمېن يەنە بىر قېتىم بلايېر سارىيى گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە يىغىن ئېچىپ، چاۋشيەندە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئاتلاندۇرۇپ جەڭ قىلىش مەسىلىسى ۋە جياڭ جيېشىنىڭ چاۋشيەنگە قوشۇن ئەۋەتىش تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلدى. ترۇمېن يەنىلا جياڭ جيېشىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا مايىل ئىدى، چۈنكى ۋاقىت ئىنتايىن قىس بولۇپ، جياڭ جيېشى قىسىملىرى بولسا بەش كۈن ئىچىدىلا پاراخوتقا ئولتۇرۇپ يولغا چىقالايتتى. بىراق ئەچېسۇن ۋە ئۈچ خىل ئارمىيە شتاب باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى جياڭ جيېشىنى چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ئارىلاشتۇرۇشقا قارشى تۇردى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يېتەرلىك سەۋەب بولسا بۇ خىل ھەرىكەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئارمىيىسىنىڭ چاۋشيەنگە ئارىلىشىشى ياكى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىدى. ترۇمېن كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلىپ، جياڭ جيېشىنىڭ تەكلىپىنى سىلىق سۆزلەر بىلەن رەت قىلىشنى قارار قىلدى. ئاندىن كېيىن، مەك ئارسۇرنىڭ چاۋشيەندە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش ھەققىدىكى تەلىپى ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىماي ئوڭۇشلۇق ھالدا ماقۇللاندى. ترۇمېن ئېلان قىلىنماقچى بولغان بۇيرۇقنى تەستىقلىدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە، ئاقساراي دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنى ئاچتى. ترۇمېن دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرىگە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بېرىپ، ئۆزىنىڭ ھېلىلا ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قاتنىشىشقا بۇيرۇق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇزۇن ھەم جىددىي سۈكۈتتىن كېيىن، پەقەت بىر نەپەر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كېڭەش ئەزاسىلا رەئىس جۇمھۇرنىڭ دۆلەت مەجلىسى بىلەن كېڭەشمەي تۇرۇپ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئىشلىتىشنى قارار قىلغانلىقىغا باشقىچە پىكىرى بارلىقىنى بىلدۈردى، ترۇمېن ۋاقىتنىڭ تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ بۇ ئەيىپلەشكە جاۋاپ قايتۇردى. دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى پالاتاسى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ترۇمېننىڭ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، شتاب باشلىقلىرى ئالاقە يىغىنى مەك ئارسۇرغا 84718-نومۇرلۇق بۇيرۇقنى چۈشۈردى:« 84681-نومۇرلۇق بۇيرۇقتىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش ھەققىدىكى بەلگىلىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى»، پەقەت « نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ياپونىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا»، مەك ئارسۇرغا ئۆزى قوماندانلىق قىلىۋاتقان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ئىشلىتىپ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى بېرىلدى، ئۇندىن باشقا، «دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بۇيرۇققا بىنائەن، رەئىس (ۋېييۈەنجاڭ) جياڭ جيېشىغا ئۇنىڭ قوشۇن تەمىنلەش تەكلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.»[8]
مۇشۇنداق قىلىپ، ترۇمېن ھۆكۈمىتى ئەڭ ئاخىرىدا ئىنتايىن ئاسانلا ئامېرىكىنى جەڭگە ئومۇميۈزلۈك ئارىلاشتۇرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قەدەمنى باستى. 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 24-دىۋىزىيە 1-پولكى سىمىس ئالاھىدە ئەۋەتكەن ئەترىتى ئوساندا جەڭگە قاتنىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا رەسمىي يوسۇندا چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قاتناشتى. ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا، قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقى ئۇرۇش قىلىش ھالىتىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى، ھالبۇكى، ترۇمېن جەڭ ئېلان قىلماي تۇرۇپلا ـــ بۇ ئامېرىكا تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىش، شۇنداقلا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپلا ـــ ئۇرۇشقا قاتناشتى، بۇ ئىلگىرىكى ئەھۋالدا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرايتتى، ئامېرىكا دۇچ كەلگەن ئۇرۇش ياكى تېنچلىقتىن بىرىنى تاللاشنى قارار قىلدى. ھالبۇكى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە جامائەتچىلىكى بولسا خاتىرجەم ھالدا بۇ ئاللىبۇرۇن ئەمەلىيەتكە ئايلانغان ئىشنى قوبۇل قىلدى. ئامېرىكىمۇ مانا مۇشۇنداق بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن چاۋشيەن ئۇرۇشى پاتقىقىغا پېتىپ قالدى.
چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرقتىكى مۇداپىئە چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدا تۇراتتى، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپمۇ نەچچە قېتىم تۈزگەن چاۋشيەندە ئۇرۇش پارتلىسا قوللىنىدىغان جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىدىمۇ تېز سۈرئەتتە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىن چېكىنىپ، ياپونىيىنى قوغداش بەلگىلەنگەن ئىدى. دېمەكچىكى، چاۋشيەندىن قولىنى بوشىتىش ئامېرىكىنىڭ بەلگىلىنىپ بولغان دۆلەت سىياسىتى ئىدى. ئەمما نېمىشقا ئۇرۇش پارتلاپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان سىياسىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، ھېچنېمىگە قارىماستىن چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ئومۇميۈزلۈك ئارىلىشىدۇ؟
ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن ئۇرۇشىغا ئارىلىشىش قارارىنى چىقىرىشى ھەقىقەتەنمۇ بىرقەدەر مۇرەككەپ مەسىلە، بۇنىڭدا بىر نەچچە ئالدىنقى شەرتنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 1

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 688 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01