ئەخلاق ۋە قانۇن

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 



 ھازىر جەمئىيىتىمىز قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىنىشقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ قانۇن ئاڭ سەۋىيىسىمۇ كۈندىن-كۈنگە يۇقۇرى كۆتىرلىۋاتىدۇ. لىكىن كىشىلەر قانۇنغا ئەھمىيەت بىرىش بىلەن بىرگە ئەخلاق(ئادەمىلىك ئەخلاقى) لارنى ئۇنتۇپ كىتىۋاتىدۇ. ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىنىپ كۆرىدىغان بولساق ئەتراپىمىزدا يۈز بىرىۋاتقان نۇرغۇن ئىشلارنى قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغانلىق بىلەن ئەخلاق نوقتىسىدىن قارىغاندا توغرا بولمىغان ئىش ھىساپلىناتتى لىكىن بىز بۇ ئىشلارنى پەقەت قانۇنغا خىلاپ ئىش ئەمەس دەپلا توغرا دەپ قاراۋاتىمىز. .   ھەر قانداق بىر خەلىقنىڭ ئۈزىگە يارىشا ئەخلاق كۆز قارشى بۇلىدىغان. جەمئىيەتتە يۈز بىرىۋاتقان نۇرغۇن ئىشلار قانۇننىڭ چەكىلىمىسىگە ئۇچرىمىغانلىق بىلەن ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. دۆلىتىمىزدىمۇ كىشىلەرنىڭ تەربىيىلىنىش ئورنى بولغان مەكتەپلەردە ئەخلەق ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا قۇيىلىۋاتىدۇ ھەم قاتتىق تەكىتلىنىۋاتىدۇ. لىكىن بىزنىڭ بۇنى چۈشىنىشىمىز يىتەرلىك ئەمەسمۇ قانداق ئىشقىلىپ بىز بۇ نوقتىغا سەل قاراۋاتىمىز.

بىزنىڭ ئۆي بىنادا ئىدى بىرقانچە كۇننىڭ ئالدىدا ئىشتىن كەچراق چۈشۈپ قالدىم. بىنانىڭ ئالدىغا كىلىشىمگە خۇجۇلۇق باشقۇرۇش بۈلىمىدىكى بىرسى بىلەن 50ياشلار چاممىسىدىكى بىرسى جىدەللەشكىلى تۇرۇپتۇ نىمە بولدىكىن دەپ قاراپ تۇرسام ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ ئاچچىقى خېلى بار. ئەسلىدە ئىش مۇنداق ئىكەن 50 ياشلار چاممىسىكى كىشى بۇ ئولتۇراق رايۇندىكى ئىگىز بىنادىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغان ئكەن خۇجۇلۇق بۈلۈمدىكىلەر ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى بىرىدىغان ۋاقىتتا بۇكىشى سېتىۋالغان ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى ئۆيلەرنىڭ سېتىلىپ بولۇپ ئادەملەر كۆچۈپ كىرىپ بولغانلىقىنى شۇڭا ئۆينى بىزەش جەريانىدا خوشنىلارنىڭ دەم ئېلىش ۋە باشقا ئىشلىرىغا تەسىر كۆرسەتمەسلىكنى ئېيتىپ قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. 50ياشلار چاممىسىدىكى كىشى ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ ئۆيگە ئىشلەشكە باشلاپتۇ دەسلىپىدە كۈندۈزلىكتە ئىشلىگەن بولسا ھازىر ئۆينى تىزراق پۈتتۈرۈپ كۈچۈپ كىرىشنى ئويلاپ كىچىلەپ ئىشلەشكە باشلاپتۇ. خۇجۇلۇق باشقۇرۇش بۈلىمىدىكىلەر بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار بۇلغاندىن كىيىن بۇ كىشىگە خۇلۇم خوشنىلىرىنىڭ نۇرمال دەم ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى شۇڭا كۈندۈزلىكتە ئىشلەش لازىملىقىنى ئۇقتۇرغان. لىكىن ئۆيدە ئىشلەۋاتقان ئۇستاملار بۇنىڭغا قۇشۇلمىغان شۇنىڭ بىلەن خۇجۇلۇق باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىكى بىر خادىم بۇ ئۆينىڭ توكىنى ئۈزىۋەتكەن شۇنىڭ بىلەن ئۆيدە ئىشلەۋاتقان ئۇستاملاردىن بىرقانچىسى پەسكە چۈشۈپ بۇ خادىمنى ئورغان. بۇئارلىقتا ئۆينى سېتىۋالغۇچىمۇ پەيدا بولغان شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىمۇ ئۇستاملار تەرەپكە ئۈتۈپ ھېلىقى خادىمغا ئۇينى مەن پۇلغا سېتىۋالغان كىچە ئىشلەمدىمەن، كۈندۈز ئىشلەمدىمەن ئۈزۈمنىڭ ئىشى، توك جېق كەتسىمۇ مەيلى مەن ئاچقۇچنى ئالغاندا ھېچكىم ماڭا ئۆينى كىچىلىكتە ئىشلىسىڭىز بولمايدۇ دىمىگەن دەپ خۇجۇلۇق بۈلۈم كادىرى بىلەن جىدەللەشكىلى تۇرۇپتۇ. قانۇن نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئۆي ئگىسىنىڭ دىگىنى توغرا لىكىن ئادىمىلىك نوقتىسىدىن، ئەخلاق نوقتىسىدىن قارىغاندا بىر يەردە ئولتۇرىدىغان، ئىشىكتىن چىقسىلا كۈرىشىپ تۇرىدىغان ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشغا تەسىر كۆرسىتىش مىنڭچە توغرا ئەمەس.  بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللارنى ئالىدىغان بولساق نۇرغۇن.

دىمەك بىز قانۇننى ئۈگنىۋاتىمىز ، ئەخلاقتىن چەتنەپ كىتىۋاتىمىز.

ھازىر كىشلەردە دىيانەت بار ئىنساپ يۇق. بىر-بىرىمىزنى يۈلەپ كەمچىلىكنى كۆرسىتىپ قۇيۇشنىڭ ئورنىغا ئونىڭغا ئورا كولاپ يېقىتىشنىڭ، باشقىلارنى ھۆل قىشقا دەسسىتىشنىڭ كويىدا، ئۆزىمىز پايدا ئالساقلا باشقىلارنىڭ نىمە بولىشى بىلەن كارىمىز يوق.

بۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى دوسلار بۇئالەم ئۆتنە ئالەم، كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن مۇزاينىڭ بېشىغىمۇ كىلىدۇ، سىز بىرسىنى يېغلاتقان بىلەن كىيىنچەككە بىرسى سىزنى ئۇنڭدىنمۇ قاتتىقراق يېغلىتىپ سالمىسۇن. ئەخلاقنى، ئادەمىلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى.  

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 234 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01