خەتكۈچ: يۇجىن پوللىي؛ تىزگىنەك؛ كەشپىيات؛ ئامېرىكا؛ چىكاگو؛ ئۆلۈم
چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەشتېلېۋىزور تىزگىنىكىنىڭ كەشپىياتچىسى يۇجىن پوللىي ئالەمدىن ئۆتتى
1955-يىلى، ئۇ«يالتراق ئاپتوماتلاشقان قۇرۇلما» غا سىمسىز تىزگىنەك كەشپ قىلغان، بۇ تىزگىنەك قول چىراغقا ئوخشايدىغان بولۇپ، تېلېۋىزورغا توغرىلاپ تۇرۇپ ئاچقىلى، ئېتىپ تاشلىغىلى ۋە قانال يۆتكىگىلى بولىدىغان نۇر تارقىتىدۇ. يۇجىن پوللىي ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ بۇ كەشپىياتىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىغان بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى ئىپتىدائىي تىزگىنەكنى دائىم يېنىدا ئېلىپ يۈرەتتى.
ئۇ زېنىس ئېلكترون شىركىتىدە ئاساسلىقى مەھسۇلات ۋە تېخنىكا تەتقىقاتى خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان. ئەڭ ئاخىرى بۇ شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش تارمىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسىغا ئايلانغان. 1982-يىلى شىركەتكە 47 يىل تۆھپە قوشقان يۇجىن پوللىي پېنسىيەگە چىققان.
ئۇ پۈتكۈل ھاياتىدا ئامېرىكىنىڭ 18 تۈرلۈك كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.
تېلېۋىزىيە سىمسىز تىزگىنىكى تەرەققىياتىغا باشلامچى بولغانلىقتىن، يۇجىن پوللىي بىلەن تېلېۋىزىيە سىمسىز تىزگىنىكىنىڭ يەنە بىر كەشپىياتچىسى روبېرت ئادلېر (Robert Adler) تېخنولوگىيە قۇرۇلۇش ئەمىي مۇكاپاتى (Technology & Engineering Emmy Award) غا ئېرىشكەن.
2009-يىلى، ماشىنا ئېلىكترون قۇرۇلىشى جەمئىيىتى يۇجىن پولىيغا IEEE ئىستىمالچىلار ئېلىكترون مۇكاپاتى بېرىپ، ئۇنىڭ تېلېۋىزىيە ۋە باشقا ئېلكترون ئەسلىھەلىرىنىڭ سىمسىز تىزگىنەك تېخنىكىسىغا قوشقان تۆھپىسىنى تارتۇقلىغان.
(نەپرەت تەييارلىدى)
ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش
سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0
>