لۇرىلار

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 


لۇرىلار

 

 

 

ئىراننىڭ مىللەتلەر خەرىتىسى

 

 لۇرىلار- غەربى ئاسىيا ئىران مىللەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەخمىنەن يەتتە مىليون 500 مىڭ نوپۇسقا ئىگە، ئاساسلىقى ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدكى لۇرىستان، ئىلام، چاھار ماھار بەختىيار ۋە كوھگىيار بەيارئەھمەد ئۆلكىلىرىگە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئىرقى موڭغۇل تىپى ئارىلاشقان ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تۈرىگە كىرىدۇ.

   لۇرىلار ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسى ئىران تىللىرى ئائىلىسى، غەربى ئىران تىللىرى تۈركۈمىگە تەۋە بولغان ئېران لۇرى تىلىنى ئىشلىتىدۇ،. لورى تىلىنىڭ سۆزلۈكىدە ئەرەب تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان نۇرغۇن سۆزلەر بار. كۆپ سانلىقلىرى پارس تىلىنى ئىشلىتىدۇ. كۆپ سانلىق ئىرانلىقلارغا ئوخشاش ئىسلام دىنى شىئە مەزھىپىنىڭ ئون ئىككى ئىمام مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلسىمۇ،. ئەمما كۆپ قىسىم ئاھالىلىرىدە يەنىلا ئەنئەنىۋىي ئېتىقادىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، دەرەخ، تاش، بۇلاقلارنى مۇقەددەس بىلىدۇ.

   زاگروس تېغىنىڭ تاغ قىرى لۇرىلارنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدۇ: پېشكىكوچ (يەنى تاغ ئالدى) بىلەن پېشتىكوچ (يەنى تاغ ئارقىسى) لۇرىلار. بۇ ئىككى قىسىم لۇرىلارمۇ نۇرغۇلىغان قەبىلە ۋە قەبىلە ئىتتىپاقلىرىغا ئىگە. ھەربىر قەبىلىنىڭ ئۆزىگە خاس مۇقەددەس جايى بولىدۇ. لۇرىلار قەدىمقى ئېللاندلار بىلەن سىرتتىن كەلگەن پارس قەبىلىلىرىنىڭ ئارىلاشمىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدى. ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىللىرى لۇرىستيان ئىنتايىن مول بولغان بىرونزا (مىس قوغۇشۇن، قەلەي ۋە ئاليومىن قېتىشمىسى) مەدەنىيىتىگە ئىگە بولغان. لۇرىلار قەبىلە تۈزۈلىسىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ نوپۇزى بۈگۈنەە قەدەر تەسىرىگە ئىگە. لورىلار ئاساسلىقى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولغاچقا قىش ۋە ياز كۈنلىرى ئوخشىمىغان يايلاقلاردا قەبىلە بويىچە كۆچۈپ ئايلىنىپ تۇرىدۇ. كۆچمەن چارۋىچىلىرى بولسا چېدىر تىكىدۇ، مۇقىم ئاھالىلىرى لاي سۇۋاپ ئۆي سالىدۇ. چارۋىچىلار ئاساسلىق سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىدۇ، مۇقىم ئاھالىلىرى بۇغداي قاتلىمىسىنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىدۇ. بالدۇر توي قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. پەرزەنتلەر كىچىك چېغىدىلا ئاتا-ئانىلىرى ئۇلارنىڭ توي ئىشىنى بېكىتىۋەتكەن بولىدۇ. ئېغىز تىلى ھەرخىل بولۇپ ئىنتايىن كەڭ مەزمۇنغا ئىگە. كەسپى سەنئەتچىلىرى بولۇپ، ھەرخىل ئۇيۇنلارغا ۋە تەبرىكلەش مۇراسىملىرى بولۇپ تۇرىدۇ.

 

 

 

ئىنتايىن ئاز قىسىم لۇرىلار ئېراق قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ.

يۇسران تەرجىمىسى

 

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 1073 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01