سۇغدىلار

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

 


سوغدىلار=  

 

 سوغدىلار قەدىمكى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سۇغدىيانە يەنى ئامۇ، سىر دەريالىرى، زەرەپشان ۋادىلىرى يەنى ھازىرقى تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ئەتراپلىرىدا ياشىغان قەبىلە- قوۋملەرنىڭ بىرى.

سوغدىلار مىلادىدىن ئاۋۋالقى 2- ئەسىردىن مىلادى 10- ئەسىرگىچە بولغان ئۇزاق مەزگىلدە شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى يىپەك سودىسىنى ئاساس قىلغان سودا- سېتىق ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى ئاۋانگارتلىقى بىلەن داڭق چىقارغان بولسىمۇ، مىلادىدىن بۇرۇنلا تۈركلەرگە مۇنقەرز بولغان، 13- ئەسىردە موڭغۇللار ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن سۇغدىيانە فەرغانە ۋادىسىنى ئاساس قىلغان بىر رايوننىڭ نامى بولۇپ قالغان ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بارا-بارا تارىخ سەھنىسىدىن چۈشكەن. ئۇلار كېيىنكى مەزگىللەردە ئۆزبېك، ئۇيغۇر، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرگە قوشۇلۇپ، شۇ مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئېتنىك تەركىبنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركشۇناسلىق ۋە تىل-مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ دەسلەپكى تەتقىقاتچىلىرى ھىندى ياۋروپالىقلار بولغانلىقتىن ، شۇنداقلا ئەينى دەۋردە ئەنگىلىيە ۋە رۇسىيەلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىگىدارچىلىق قارا نيىتى بولغانلىقتىن سوغدىلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رولى چوڭقۇر تەتقىق قىلىنغان ۋە كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىنغان.

  سوغدىلار ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسىنىڭ ئىران تىللىرى ئائىلسى شەرقى تىللار گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولۇپ، سىر ئامۇ دەريالىرى، خوتەن ۋە يۇلتۇز ۋادىلىرىدىن سوغدىلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-6-ئەسىرگە تەۋە يازما يادىكارلىقلىرى تېپىلدى. قەدىمقى يىللاردىكى خارەزىم، باكتىرىيە، خوتەن، تۇمشۇق تىللىرى،   بۈگۈنكى روشەن ، سارىكول، شۇغنى، ۋاخان قاتارىق پامىر تىللىرى، ھىندىقۇش باغرىدىكى پۇشتۇ تىلى شۇنداقلا يىراق كاۋكازدىكى ئوسېتى تىللىرى سوغدى تىلى بىلەن زور ئوخشاشلىقلارغا ئىگە.

  بۈگۈنكى كۈندە تاجىكىستاننىڭ شىمالىدىكى سوغدى ۋىلايىتىنىڭ ياغنوب دەريا ۋادىسىدا ياشاۋاتقان تەخمىنەن ئونمىڭ چامىسىدىكى ياغنوبى دەپ ئاتىلىدىغان تۈركۈم تىل ۋە مەدەنىيەت، ئېرسى سەۋەپلەرگە كۆرە سوغدىلارنىڭ بىردىنبىر قالدۇقلىرى ھىساپلىنىدۇ.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 1254 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01