ئاقچۇق سېيى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


  

 شىمالىي تەرىپى ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئېتىگىگە تۇتىشىپ تۇرىدىغان، شەرق تەرىپى ئېدىرلىقلار ئارقىلىق قومۇلنىڭ قۇراي يېزىسىنىڭ نېرىن دېگەن مەھەللىسى بىلەن، جەنۇپ تەرىپى تۆرۈك غولى بىلەن تۇتاشقان كەڭرى ساي بولۇپ، تۆمۈر خەلپە باشچىلىقىدىكى قومۇل قوزغىلاڭچىلىرى ياڭ زېڭشىننىڭ چيەن دارېن قوماندانلىقىدىكى قۇشۇنىغا مۇشۇ سايدا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، شەرمەندىلەرچە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. كېيىنكى مەزگىللەردە مۇشۇ قېتىمقى جەڭنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە:

ئاقچۇق سېيى ئوپۇركەن،

چيەن دارىن بىر چۇقۇركەن.

تاغچى پالگانلار چۈشسە،

چيەن دارىن قورقۇركەن.

 

تۆمۈر خەلپە تەۋرەپتۇ،

ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك.

چيەن دارىننى قاچۇردى،

جاڭگالدىكى تۈڭگۈزدەك.

دېگەن قۇشاقلار تارقالغان.      

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 380 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01