مېنىڭ فۇند(基金) ئېلىش تارىخىم ۋە تەجربەم

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    بەلكىم باشقىلارنىڭ سەۋيىسى يۇقىرىدۇ ، ياكى ئۇلارنىڭ تارىخى تېخىمۇ ئۇزۇندۇر ،بىراق مەن تاكى ھازىرغىچە مېھراي ئىلھامنىڭ پاي چېكى توغرىسىدا يازغان كىتابىنى 2003-يىلى كۆرگىنىمچە  مۇشۇ كەمگىچە پاي چەك ياكى ئاكسىيە  فۇندى  توغرىسىدا  مىللى تىل يېزىقتىكى ماتېرىياللارنى كۆرۈپ باقمىدىم .شۇڭا مەن ئۆزەمنىڭ مۇنۇ تور خاتىرىسىگە ھېس قىلغانلىرىمنى يېزىپ قويۇش ئارقىلىق ئۆزەمنىڭ كۈندىن كۈنگە نىمە ئىشلارنى قىلۋاتقىنىمنى خاتىرلەپ قويۇشنى مەقسەت قىلىش بىلەن بىرگە بىلمىگەنلەر ئۈچۈن كىچىككىنە بولسىمۇ بىلدۈرگە بېرىش، بىلىۋاتقانلاربىلەن ئورتاقلىشىش ،بەك بىلىپ كەتكەنلەردىن تەجرىبە ،بىلىم ئىگەللەش مەقسىتىدە بۇ يەردە جىجىلاپ ئولتۇرۇپتىمەن، خاتا بولۇپ قالغان يەرلەر  بولسا ،كەم بولۇپ قالغانلىرى  بولسا تۈزىتىپ، تولۇقلاپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن .

    مەن بۇ پاي چەك دىگەن نەرسىنى تولۇقسىزغا چىققاندا بەزى كىنولاردىن ئاڭلىغان ئىدىم ،پاي چەك دىگەن نىمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم، ئاشۇ كىنولاردا بەزى كىشلەر بىر كېچىدىلا مىليۇنىر بوپ كەتسە بەزى كىشلەر بىر كىچىدىلا ھەممە نىمىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىرنى كۆرسەم «توۋا بۇ ئاجايىب نىمە ئوخشىمامدۇ ،ئادەملەرنىڭ تەقدىرنى بىراقلا ئۆزگەرتىۋېتەلەيدىكەن »دەپ ئويلايتتىم ،يەنە  تۇرۇپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەرگەن ھالدا :«بۇ دىگەن كىنۇغۇ ،كىنۇغا مۇشۇنداق ئالمىسا كىنو قانداق قىزىيدۇ »دەپ ئويلىدىم ،ئاشۇ ۋاقىتلاردا مۇشۇ پاي چەك دىگەن نەرسىنىڭ پۇل بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئانچە مۇنچە مئڭەمگە سىڭىتىكەنمۇ قانداق ،تولۇقسىز ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئوبلاستلىق مالىيە مەكتەىنىڭ  بوغاللتىرلىق كەسىپدىن باشقا ھئچنىمىنى يازماپتىمەن، دىگەندەك شۇ يەردىن چاقىرىق كەلگەندە باشقىلار : بوغالتىرلىق دىگەن بولمايدىغان كەسىپ ،پۇلنى جىق  تۇتقان بىلەن  ھئچقايسسى ئۆزىنىڭ  بولمايدۇ، دىۋىدى، خىيالىمدا  ئۆزەمنىڭ بولمىغان پۇللاردا پاي چەك ئويناپ نىمە قىلىمەن، ئۇنىڭدىن كۆرە جىقراق پۇل تاپقىلى  بولىدىغان، تاپقاندىن كىيىن پاي چەك دىگەن نىمىنى راۋرۇس ئۆگىتىدىغان ئالى مەكتەىتىلا ئوقۇمامدىم دەپ ئۇ مەكتەىكىمۇ بارماي، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشقا كەتتتىم. تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە «زامانداشلار» دەپ بىر شىياڭگاڭنىڭ فىلىمىنى قويدى ،ئۇ فىلىمدە ئۇ ئارتىس ىپتىن ئېسيادى بىلەن  پاي چەك تەتقىقى قىلىدىكەن ، ئۇستازى ئۇنىڭغا «ئادەم ىپتىن ئۆمرىدە ئۆز ئىسمىنى داڭلىق  ماركا قىلىپ تىكلىيەلىسە مۇۋاپپقققەت قازانغان بولىدۇ» دىگەن ئىدى. شۇ ۋاقتىدا ئۆز ئىسمىنى ماركا قىلىپ تىكلەش بىلەن پاي چەكنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلىپ يىتەلمەيلا ئالى مەكتەىكە ئىمتىھان بئرىپ كەتتىم . تولۇق ئوتتۇردىن ئالى مەكتەىكە ئۆتىش ئىمتىھانىدا 0-تىركىملىك مەكتەىكە قاملاشتۇرۇپ شاڭخەي مالىيە ئىقتىساد ئونۋئرسىتى بىلەن بئيجىڭ مالىيە ئىقتىساد ئونۋئرسىتىنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسىپنى يازدىم، ئۇ ئىككىسىپنىڭ  بئشىغا قىستۇرۇپ ماۋۇ خئخەي دىگەن مەكتەىنى يېزىپ ساپتىمەن، يېزىپ سالغىنىم يېزىپ سالغان بويىچىلا بوپ كەتتى، ئاخىرى ئۇ مالىيە مەكتەىلىرىدىمۇ ئوقۇيالمىدىم، ئادەم چوڭ بولغانچە بىر نىمىلەرنى ئوقۇتقۇچى سۆزلەى بەرمىسىمۇ بىلىپ قالىدىكەن ،شۇنداق قىلىپ پاي چەككە بولغان قىزغىنلىقىم بىلەن تور بەتلەردە بولسۇن ياكى باشقا يەرلەردە شۇنىڭغا ئائىت بىر نىمىلەر بولسىلا كۆردىم ،ئەمما 1.100 سوم دىگەندەك ئۇششاق سانلاردىن باشقا نىمە يوق بۇ ساھەدە يەنە نۇرغۇن جەھەتلەردە چىشەنچەم يوق ئىدى ،دەل شۇنداق  بولغانلىقتىن 2003-يىلى ئىزدىنىش تور بئتىدە پاي چەك توغۇرسىدا ياردەم سوراپ تئما يازسام بىرسى جاۋاپ بئرىپتۇ ، ھەم ماڭا مىھراي ئىلھام يازغان ھئلىقى كىتاپنى  يوللاپ بئرىپتۇ، تاكى مۇشۇ كەمگىچە ئۇ كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، قەيەرلىك ئادەم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. ئۇ كىتاپنى ئوقۇپ ئانچە مۇنچە ئېنىقلىمىلار ىەيدا بولۇشقا باشلىدى، ئەمما ئويناپ ئەمەليەتتىن ئۆتكىزىپ ئويناپ باقاي دىسەم  يېنىمدا پۇل يوق ،بىر ئىككى يۈز سوم بىلەن ئوينىغىلى بولمايدۇ دە .تۇرۇپ تۇراي ،كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم ئوينايمەن دەپ توختۇتۇپ قويدۇم .
     ئوقۇشمۇ پۈتتۈردىم .خىزمەتكىمۇ چىقتىم ،خىزمەتكە چىقىپ  پۈتۈن ئسيادىم ،پۇلۇم 10مىڭ سومغا يېقىنلاشقان كۈنى چوقۇم پاي چەك ئوينايمەن دىگەن خىيال بولدى ،خىيالىمدا مەيلى ئۇتتۇرۋېتەي ياكى تاپاي بىر ئويناپ بېقىش نىيتىلا  بارىدى .
     شۇنداق قىلىپ بۇ يىل بېشىدىلا ئويناشنى باشلىدىم، ئويناشنى باشلاش ئالدىدا ئىزدىنىش تور بېتىگە ئۆزەمنىڭ بىلىملىرنى قايتا بىر پۇختىلاش ئۈچۈن يەنە بىر ياردەم تېمىسى  يوللاپ زادى نىمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى  بولدۇم، دىگەندەك ياخشى ئىنكاسلا چىقتى، ئەمما رەسمى ئويناشقا كەلگەندە ئادەم ئۆزىنڭ جاپا تارتىپ تاپقان پۇلىغا ئىچى ئاغرىيدىكەن، يېڭىياچە، بىراقلا ئۇتتۇرۋېتىشىم مۇمكىن، قانداق قىلاي ئەمدى، بولدى ، ئاستا ئۆسسسىمۇ ئاكسىيە فۇندى ئەپ قوياي ، ئاز ئۆسسىمۇ ھىچ بولمىغاندا بانكىدا بىكار پۇل قويۇپ قويغاندىن ياخشراق ،ئۆي مۈلۈككە مەبلەغ سالاي دىگىدەك ئۇنچە جىق پۇل يوق، ئۆي ئەپ قويساممىغۇ بىر ئىككى يىلدىن كىيىن سېتۋەتسە خېلى  پۇل تاپقىلى  بولىدىكەن ،ئەمما ئۇنىڭ نەدە پۇل دەيسىز ، ئون يىگىرمە مىڭ بىلەن نىمە ئىش قىلغىلى بولاتتى ،يەنىلا ئاكسىيە فۇندىغا مەبلەس سالاي .ئويلىغان خىيالىم شۇ بوپتۇ ،چۈنكى ئۇ بىر ئاز تۇراقلىق ئەمەسمۇ ،مەندەك پاي چەك ئوينىغىلى ۋاقتى يەتمەيدىغان ،ياكى بىر پۇلنى بانكىدا جىم قويغۇسى كەلمەيدىغان (بانكىنىڭ بېجىدىن قورقىمەن )ئادەم ئۈچۈن ئۆزى تۇغۇلۇپ قالىدىغان ئوبدان پۇل بولغاندىكىن ئەپ قوياي .

     شۇنىڭ بىلەن ئۇدۇل بانكىغا باردىم ،بۇ يەردە مۇلازىمەت بەك ياخشى ،بېرىپ نىمە دىسە شۇنى بىردەمدە قىلىپ بېرىدۇ، تىللايدىغان ئىش يوق ، كۆزنەككە بئرىپ «فۇندى ئالىمەن ،تور بانكىسى ئاچقۇزۇشۇم كىرەكمۇ يوق ،مېنىڭ كۈندە بۇ يەرگە كەلگىدەك ۋاقتىم يوق ،شۇڭا توردىنلا كۆرەي دىگەنتىم »دىۋىدىم  5 مىنۇتتا ھەل قىلىپ بېرىشتى ۋە ئەسكەرتىپ : تەپسىلى ئەھۋالنى تور بېتىمىزدىن كۆرىۋېلىڭ دىدى .

   يېزا ئېگىلىك بانكىسى، قاتناش بانكىسى، خۇاشىيا بانكىسى  قاتارلىقلارنىڭ كارتىلىرىغا ئايرىم ئايرىم پۇل سېلىپ قويۇپ ۋاقتىم يەتسە ئۇلارنىڭ تور بېتىگە كىرىپ فۇندنىڭ تەپسىلاتنى كۆرۈپ چىقىمەن، ۋاقتىنچە ئالمىدىم، چىنكى پاي چەك بازىرى ئۆتكەن يىلدا ئىزچىل ئۆرلىدى، ئەگەردە بۇ يىل ئىلگىرلىمەي چۈشۈپ كەتسە تۈگىشىمەن دە  .شۇ ئارلىقتا يەنە بازار ئەھۋالىنى كۈزىتىپ تۇردۇم ،ھەر خىل پۇل مۇئامىلە تور بەتلىرىگە كىرىپ فۇندى دىرىكتورلىرنىڭ  نۇتىقىنى ، سۆزلىرنى ، ئەسكەرتىشلىرىنى كۆرۈپ تۇردۇم . ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ كۆزىتىشىمنى بىرلەشتۈرۈپ، جوڭگۇ ئەھۋالننىڭ ھازىرقى يۆلىنىشنى كىزىتىپ تۇرۇپ يەنىلا فۇند ئېلىش قارارىغا كەلدىم ،چۈنكى جوڭگۇ 2008-يىلغىچە تەرەققىياتى يۇقىرى بولىشى ئېنىق ئىدى ، ئىقتىساد ئۆسسە بەزى پاي چەكلەرمۇ ئۆسمەي قالمايدۇ ،پاي چەك ئۆسسە پاي چەكنىڭ ئاساسى  بولغان فۇندمۇ ئۆسمەي قالمايدۇ ،ئالاي .

    ئاران تەستە ئېلىش قارارىغا كەلدىم ، قانداق ئالسام بولار ، ئەگەردە بىرلا خل فۇندتىن 10مىڭسوملۇق ئالسام چۈشۈپ كەتسە خىلى جىقلا زىيان بولغۇدەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشى  فۇندلارمۇ جىقكەن، بىرنىلا تۇتۇپ تۇرغاندىن كۆرە بىر نەچچىنى ئېلىپ قويمامدىم. شۇنداق قىلىپ بىر ھەىتە كۆزىتىش ئارقىلىق ئاخىرى 6 خىل فۇند ئېلىش قارارىغا كەلدىم. ئالغىلىمۇ ئۇزۇن بولمىدى ،ئىككى ئايچە بولۇپ قاپتۇ، بىرسىدىن دەسلەپكى قەدەمدە سىناق ئۈچۈن 1000 سوملۇق ئېلىپ سىناق قىلدىم ،ئۇ بەش كۈندە 30 سوم ئۆسۈپتۇ ،ھاھا ھا ،ئاخىرى پاي چەك ئوينىمىساممۇ شۇنىڭغا ئوخشاشراق بىر نىمە ئويناپ 30 كويچەن پۇل تاپتىم ،رازى بولدۇم ،ئۆزەمنىڭ تەجىربىسى ۋە ئەمگىكىدىن كەلگەن بۇ 30 سوم شۇنچىلىك تاتلىق كۆرىنىپ كەتتى ،خۇددى 30مىڭ سومدەك .شۇنداق قىلىپ بۇ ساھەگىمۇ ئاستا ئاستا كىرشتىم ھەم كىرىشۋاتىمەن . تېخى  ئاتا -ئانامنىڭ بانكىدا  قويۇپ قويغان پۇللىرىغا ئېلىپ بېرەيمۇ دەپ ئۇلارغىمۇ دەرس ئۆتىپ قىزىقتۇرۇپ قويدۇم.ئۇلارمۇ قىزىقىپ قېلىشتى ،.ھەم ئېلىپمۇ بەردىم ئايلىق تاپقان پۇلىنى ئايلىق دوكلات قىلىپ قويسام ئۇلارمۇ خوشال بوپ كەتتى .

ھازىر ،ئۇ پۇللار بانكىدا بىكار تۇرمايدۇ ، ئايدا ئاز دىگەندە 1000 سوم بولمىسا 1500 ئەتراپىدا پەيدا بولۇپ قالىدۇ ،ئېشىپ كەتسە 2000مىڭغىمۇ چىقىپ قېلىشى مۇمكىن .

شۇڭا ئويلاپ قالدىم ،ئۆلمىگەن جانغا بىكار ياتسا ئىسراپ بولىدىغان نەرسە بەكمۇ كۆپكەن ،مىدىراپ تۇرغانغا يەتمەيدىكەن .

قېنى سىلەرمۇ سۆزلەڭلەرچۇ ؟

-------------------------
ئەسكەرتىش : بۇ ئەسەرلەر قانداق ئەسەر بولىشىدىن قەتئىينەزەر مېنىڭ تور خاتىرەمدىن ئېلىنغان ، باشقا يەرلەرگە ئەسكەرتمەي تۇرۇپ كۆچىرىلىشكە بولمايدۇ ،ئەگەردە تېخىمۇ كۆى ئەسەرگە قىزىقسىڭىز ۋە مەن بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشنى ئىزدىسىڭىز ئىنكاس قالدۇرۇڭ.

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 13:01:00]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 280 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01