1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

    1 - مارت كۈنى، 150 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئىشچىلارنىڭ، ئەمگەكچىلەرنىڭ، ئېزىلگەن ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئىنسانلارنىڭ كۈنى سۈپىتىدە تەبرىكلەنمەكتە. 1 - ماي كۈنىدىكى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى، ئاساسلىقى ئىشچىلارنىڭ ئىش، بىخەتەرلىك ۋە مالىيە جەھەتتىكى شارائىتىنىڭ ياخشىلاشتۇرۇۇشىنى نىشان قىلىدۇ. بۇ باسقۇچنىڭ مەنبەسى، 1856 - يىلى مېلبورنېدىكى ئىشچىلارنىڭ 8 سائەتلىك ئىشلەش تەلىپىگە ئاساسەن ئىسيان كۆتۈرگەنلىكىگە تايانسىمۇ، 1- ماينىڭ ئاساسلىق مەنبەسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان. ئامېرىكا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى كونفېراتسىيەسىگە قاراشلىق يۈز مىڭلارچە ئىشچى، 1886 - يىلى 1 - ماي كۈنى ئۇزۇن ۋە ناچار شارائىت ئاستىدا ئىشلەشكە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئىش تاشلىغان ۋە نۇرغۇنلىغان شەھەرلەردە نامايىش ئۆتكۈزگەن. ئەنە شۇنداق باشلانغان 1 - ماي ئىشچىلار نامايىشلىرى ئاخىرىدا پۈتكۈل دۇنياغا تارقالغان.

تۈركىيەدە 1 - ماي ئىشچىلار بايرىمىنى تەبرىكلاش پائالىيەتلىرىنىڭ تارىخى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىگىچە سوزۇلىدۇ. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە 1 - ماي ئىشچىلار ھەرىكىتى تۇنجى قېتىم 1911 - يىلى سەلانىكتە، كېلەر يىلى ئىستانبۇلدا ئوتتۇرىغا چىققان. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمۇ 1923 - يىلى 1 - ماينى رەسمىي بايرام قىلىپ بېكىتكەن. بىراق بۇ قارار ئىجرا قىلىنمىغان. دەرۋەقە 1924 - يىلى 1 - ماينى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە چەكلىمىگە قويۇلغان، 1925 - يىلىغا كەلگەندە 1-ماي بايرىمى سوتسىيالىزىم ۋە كومۇنىزىمنىڭ سىڭىپ كىرىشى دەپ قارىلىپ پۈتۈنلەي مەنئىي قىلىنىپ، تاكى 1975 - يىلغىچە داۋاملاشقان.

1977 - يىلى، تۈركىيەدە 1- ماي ئىشچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋە ھالقىلىق يىلى ھېسابلىنىدۇ. شۇ يىلى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ئىستانبۇل تاكسىم مەيدانىغا يىغىلغان نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقرىىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن پاتپاراقچىلىقتا 34 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. «قانلىق 1 - ماي» دەپ ئاتالغان بۇ ۋەقەنىڭ بىر ھەربىي ئۆزگىرىش ئىغۋاگەرچىلىكى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ 3 يىل كېيىن (1980 - يىلى 12 - سېنتەبىر) يۈز بەرگەن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ تۇنجى ئىجرائاتلىرىدىن بىرى، 1 - ماي بايرىمى ۋە تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى مەنئىي قىلىش قارارى ئىدى. بۇ چەكلىمىگە قارىماي بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەردە 1 - ماينى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئىزچىل داۋاملاشتى.

ناھايەت، بارلىق چەكلىمىلەر، 2007 - ۋە 2009 - يىلىغا كەلگەندە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ رەسمىي بىكار قىلىندى. 2007 - يىلى تاكسىم مەيدانىدا 1 - ماينى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قارىتا قويۇلغان چەكلىمە بىكار قىلىندى، ھەمدە 2009 - يىلى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە ئاۋازغا قويۇلۇپ قوبۇل قىلىنغان بىر قانۇن ئارقىلىق، 1 - ماي، ئەمگەك ۋە ھەمكارلىق كۈنى ۋە رەسمىي بايرام قىلىپ بېكىتىلدى.

1 - ماي، تېگى تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي سىستېمىدىكى سەرمايە ۋە كۈچلۈكلەر بىلەن ئەمگەكچىلەر ۋە كۈچسىز ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىققاندۇر. بولۇپمۇ 1 - ماي، سانائەت ئىنقىلابى پارتلىغان دۆلەتلەردىكى ئىشچىلار سىنىپىغا ئىشلەش شارائىتلىرى، ھەقلىرى، ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەمدە كۈندىلىك ھاياتلىرىدا تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە تەبرىكلىنىدۇ. ئىشچىلار 100 يىل مابەينىدە تەشكىللىك ھالدا كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىنسان شەرىپىگە ئۇيغۇن ئىشلەش ۋاقتى، ماددىي كىرىم، ھايات بىخەتەرلىكى، ھەق - ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرىگە ئېرىشتى. ئىش كۈچى كۈرىشى، غەربتىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئوخشىغان كۈرەشلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىزچىل داۋاملاشماقتا.

كېيىنكى يىللاردا ئوتتۇرىغا چىققان يەر شارىلىشىش ۋە ئەركىنلىشىش باسقۇچلىرى، بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسنىڭ يۈكسىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بىر قىسىم ھەقسىزلىقلار ۋە ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغىمۇ سەۋەب بولدى. بۇ ئەھۋال، 1 - ماي ئىشچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلەرنىڭ باشقىچە بىر خىل شارائىت ئاستىدا بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئىزچىل داۋاملىشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

بۈگۈنكى كۈندىكى 1 - ماي ئىشچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش ئېڭى، پەقەت ماركسىست - لېنىسىست ئىدېئولوگىيەسىنىڭلا كۈنتەرتىپى بولۇشىدىن چىققاندەك قىلىدۇ. چۈنكى، 1 - ماي پەلسەپىسى قىيىن شارائىتلار ئاستىدا ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنىڭ شارائىتىنىڭ ياخشىلاشتۇرۇلۇشىنى نىشان قىلىدىكەن، بۇنىڭغا باشقا ھەقسىزلىق ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئىنسانلارمۇ داخىل قىلىنىشى كېرەك. قىيىن شارائىت ئاستىدا ياشاۋاتقان ئارىسىدا ئۇرۇشلار، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىجرائاتلار تۈپەيلى ھەقسىزلىق ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇ چى كىشىلەرمۇ باردۇر.

جۈملىدىن 1 - ماي كۈنى، ھەق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق ئىنسانلارنىڭ بايرام كۈنى بولۇشى لازىم. ھېچبولمىغاندا، تۈركىيەگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، يېقىنقى يىللاردا 1 - ماينى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە ھەق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك ئۆزگىرىشلەرنى كۆرىمىز. بۇلاردىن ئۈچى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ:

بىرىنچىسى، ئىلگىرى ماركسىست - لېنىنىست ئىدىئولوگىيەسى دائىرىسىدە 1 - ماينى تەبرىكلىگەن نۇرغۇنلىغان زىيالىيلار، بۈگۈنكى كۈندە ئەزگۈچى - ئېزىلگۈچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق مەسىلىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. نۆۋەتتە بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشلەرگە قارشى ھەقىقىي رەۋىشتە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى تەۋسىيە قىلماقتا. بۇ قاراشلار توغرا بولسىمۇ بىراق بۇ ھەرگىزمۇ 1 - ماي كۈنى ئىشچىلارنىڭ كۈرىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىش دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرمەسلىكى كېرەك.

ئىككىنچىسى، ئىسلامغا بولغان قارىشى سەزگۈر ئىشچىلار ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ 1 - ماي ئىشچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە بارغانسېرى ئاكتىپ ۋە پائال ھالدا قاتنىشىشىدۇر. بۇلاردىن ئەڭ ھەيران قالارلىقى، تۇنجى قېتىم بۇ يىل ئىشقا ئاشۇرۇلغان «ئانتى كاپىتالىست مۇسۇلمان ياشلىرى» نامى ئاستىدا تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپىدۇر. بۇ گۇرۇپپا، « ئاللاھ ئەمگەك ئەركىنلىك»، «قوشنىسى ئاچ تۇرۇپ توق ياتقان كىشى بىزدىن ئەمەستۇر» غا ئوخشىغان شوئارلار بىلەن 1 - ماينى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلدى. ئىشچىلار - ئىش بەرگۈچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيەگە ئاساسلانماسلىقى لازىملىقىنى، ھەقسىزلىق ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى «مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر» نىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىك تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇ يەردە ھەيران قالارلىق بىر نۇقتا؛ ئەنئەنىگە ئاساسەن «ئوڭ قانات» تا ئىكەنلىكى قوبۇل قىلىنىدىغان ئىسلامى گۇرۇپپىلارنىڭ، «سول قاناتلار» نىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇر. بۇنىڭ ئۆرنەكلىرى سوغۇق ئۇرۇش يىللىرىدا بار بولسىمۇ، بىراق تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئۈچىنچىسى، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ پەقەت پۇقرالار سەۋىيەسىدىلا ئەمەس، رەسمىي سەۋىيەدىمۇ شۇنداق ئىكەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن. مەسىلەن، ئۆزلىرىنى «مۇھاپىزىكار دېموكراتلار» دەپ ئاتىغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئىجرائاتلىرىنىمۇ بۇ دائىرىدە ئانالىز قىلىش مۇمكىن. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاپىزىكار كىملىكىگە قارىماي 1 - ماي پەلسەپىسىگە ئۇيغۇن ئىجرائاتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەسلىك كېرەك. بۇ باسقۇچتا ھەبىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنىڭ سوتلىنىشى، تاكسىم مەيدانىنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئېچىۋېتىلىشى ۋە 1 - ماينىڭ ئەمگەك ۋە ھەمكارلىق كۈنى قىلىپ بېكىتىلىشىگە سەل قارىماسلىق لازىم. دەرۋەقە بۇ ئارقىلىق 1 - ماي كۈنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەم ئىشچىلار ھەرىكىتى ھەمدە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى مەقسىتىدە تەبرىكلەنمەكتە. تېخىمۇ ياخشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇنداق پۇرسەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

----مەزكۇر يازما تۈركىيە رادىئوسىنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى مەخسۇس يازمىسىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى.

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 317 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01