جېن ئاۋستىن

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش


  

جېن ئاۋستىن

   خۇددى ھەرقانداق بىر ئايال كاپىككىنو قەھۋەسىنى پۈتۈنلەي رەت قىلالمىغىنىغا ئوخشاش، ھەرقانداق بىر قىزچاقمۇ جېن ئاۋستىننى (1817-1775) چىن كۆڭلىدىن رەت قىلىۋېتەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئىككىلىسى ئوخشاشلا شۇنچىلىك شېرىن تەم بىلەن كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇ.

    جېن ئاۋستىن كىچىكىدىن، كىشىنى تاڭ قالدۇرغىدەك تالانتىمۇ يوق، ئۇلۇغۋار ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىمۇ يوق، بوسۇغۇسىنى بېزىگۈدەك شۆرەتلىك نەسەبنامىسى يوق، ھەم گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرگۈدەك كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئىش-ئىزلىرىمۇ يوق ھاللىق بىر ئائىلىدە غەمسىز چوڭ بولغان. ئۇنىڭ دادىسى باستىر، ئاپىسى ئادەتتىكى بىر ئۆي ئايالى بولۇپ، ئىنى-سىڭىللىرى، ئاكا-ھەدىلىرىمۇ ئاددىي ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا پەقەت ئۇلا بىر ئەزىلەپ، ئاۋايلاپ پەرۋىش قىلىنغان، ئېسىلزادە يېگانە گۈل ئىدى. ئۇ ئۆمرۈدە زېمىننى زىلزىلگە سالغۇدەك مۇھەببەت تارىخىمۇ بولۇپ باقمىغان، ۋە ياكى ھايات-ماماتلىق ھايات سىناقلىرىغىمۇ دۇچ كېلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ بىر ئۆمرى پەۋقۇلئاددە ئادەتتىكىچە بولغان، ھەتتا بىر-بىرىنى ئالاھىدە ياخشى كۆرۈپ، ئىززەتلەپ كەتكۈدەك ئەر-ئاياللىق خۇشاللىقىمۇ، نەۋرىلىرىنى ئەركىلىتىپ ئۆتىدىغان شېرىن كۈنلىرىمۇ بولمىغان، پەقەت ئۇ ئۆزى يالغۇز يېگانە 42 يىللىق ھايات مۇساپىسىنى بېسىپ، دۇنياغا داڭلىق ئالتە پارچە ئەسىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن، ھەمدە كىشىلەرنىڭ چىن كۆڭۈللىرىدىن چىقىرىپ ماختىغان ماختاشلىرى ئارىسىدا قۇلاقتىن-قۇلاققا، ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ داۋاملىشىپ كەلگەن.

     ئاۋستىن ئەنگىلىيە ئەدەبىياتى تارىخىدىكى مەسۇمە يازغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر مۆجىزە. ئۇنىڭ ئاشۇ مۆتىۋەر، مەسۇمەلەرنىڭ مۇھەببىتى يېزىلغان، يېزا قىشلاقلارنىڭ مەنزىرىلىرى مەدھىيلەنگەن ئەسەرلىرى، گەرچە بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا بولسىمۇ ئەمما كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ، يۈز يىللار ياقى سېتىلىشتىن توختاپ باقمىدى، شانۇ-شۆھرىتى كەمىيىپ قالمىدى. 16 يېشىدىن باشلاپ قەلەم تەۋرىتىپ، روياپقا چىقارغان « ئېلىياننور بىلەن مارىيەن» (كېيىن «ئەقىل ۋە ھېسسىيات»قا ئۆزگەرتىلگەن) بىلەن ئاخىرىدا يازغان «نوزېمبېرلاند مۇناستىرى» ناملىق ئەسىرىگىچە، ئۇنىڭ رومانلىرى ئانا يۇرتى كىرىستىۋېنتوننىڭ كۈندۈلۈك ئىنچىكى تەپسىلاتلىرى  بىلەن تولۇپ، باشتىن ئاخىرى ئەنگىلىيە جەنۇبىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە گۈزەللىكى ۋە تېنچلىقى سىڭگەن. ئۇنىڭ رومانىنى ئوقۇساق، خۇددى «ھاكاۋۇرلۇق ۋە ئاداۋەت»تىكى داش ئەپەندى بىلەن ئېلزابىت خانقىزنىڭ ئەگرى-بۈگرى يوللاردا قول تۇتۇشۇپ ماڭغىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولۇپ، ئۆز-ئارا قارىمۇ-قارشى پىكىرلىكلەرنىڭ سوقۇشقان ئاۋازلىرى ئارىلاپ-ئارىلاپ ئاڭلىنىپ، بىر كۈلۈپلا ھەممىنى چۈشىنىپ يېتىشتەك بىرخىل ئازادە ھېسىياتقا كەلتۈرىدۇ؛

    ئاۋستىننىڭ رومانلىرى شۇنچىلىك «ئاددىي»كى، بىز ئۇنى بەك چوڭقۇر ئەمەس ھەم مۇكەممەل ئەمەستەك، چوڭقۇر پەلسەپىۋىي پىكىر يوقتەك، قۇيۇق ھەم كەڭ مەلۇماتقا ئىگە بولغان تارىخى خام ماتىرىياللىرى يوقتەك، ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن قەھرىمان شەخسلىرى ۋە قاينام-تاشقىنلىق، غايەت زور ھەيۋەتلىك جەڭ مەيدانلىرى يوقتەك ھېس قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنى تاتلىق ھەم مايلىق ماروژنىغا ئوخشىتىمىز، ئۇنى پەقەت بەزى ياش قىزلار مۇھەببىتىدە، ئاقسۆڭەكلەر مەرىكىلىرىدە، خوشنا-خۇلۇملارنىڭ تاماقتىن كېيىن چاي ئىچكەچ قىلىشىدىغان غەيۋەتلىرىدىلا بولىدۇ، دەپ ئويلايمىز. قاتتىق ئازاب، ئەسەبىي مۇھەببەت، قىزغىن ئىنتىلىش، كۈلپەتلىك ھايات قاتارلىقلار جېن ئاۋستىننىڭ رومانلىرىدا بىرىمۇ يوق. تۇرمۇش ئۇ ھامان بىر خىل ئاستا ئۇدار بىلەن ئۈزۈلمەي ئاستا-ئاستا داۋام قىلىدۇ، بارلىق نەرسىلەر شۇنچىلىك كۆكىسى-قارنى كەڭ ۋە تەبىئىي بولىدۇ.

    بۇنداق ئاددىي رەڭسىز ھەتتا «ئاجىز، يۈزەكى» ئاۋستىنغا نىسبەتەن، كەڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ سادىقلىقى، كۈلپەتلىك قېرىنداش-قۇرداشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بار: ئۇنىڭ رومانلىرىنى ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش بولغان داڭلىق ئايال يازغۇچى سىكوتمۇ ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ماختىغان، كېيىنكى دەۋردىكى مۇكەممەللىكتىنمۇ قۇسۇر تاپىدىغان تەرىزچى-ئوبزورچىلارمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە چىن دىلىدىن قايىل بولۇپ، ئۇنى ئەنگىلىيە ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ تۆت ئايال يازغۇچىنىڭ بىرىنچىسى قىلغان. ئۇنىڭ كېيىنكى دەۋرلەردىكىلەرگە بولغان تەسىر كۈچى ھەتتا ئەرەنچە كىيىشىكە جۈرئەت قىلغان، ئاجايىپ كېلىشكەن گېئورگى سانددىنمۇ، ھەتتا تاككېراي دېككىنىستىنمۇ بەك كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تارىخىي ئالمىشىشلاردىكى بوران-چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، تا بۈگۈنگە قەدەر زاماننىڭ كەينىدە قېلىش، ئېقىمدىن قېلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ باقمىدى (ئەنگىلىيىدە جېن ئاۋستىننىڭ رومانلىرى ھەپتىسىگە 30 مىڭدىن 50 مىڭغىچە سېتىلىدىغان كىتابلارنىڭ بىرى)، مەيلى يېڭى بىر تارقىتىش ۋاستىسى پەيدا بولسۇن، مەيلى يېڭى بىر دەۋر تېمىسى چىقسۇن، ئاۋستىننىڭ رومانلىرى يەنىلا ئەنگىلىيە ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ رادىيو-تېلىۋىزىيىدىكى تېمىلىرىنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ پەقەت ئۆزىگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان پارچە-پۇرات ئىشلارنىلا يازغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئۇنى تەنقىدلىگۈسى كەلمەيدۇ، گەرچە ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكىسى پەقەت نادان، گۆدەكلىك بىلەن زۇلمەت جەمئىيەتنى بېزەپ كۆرسەتكەن چۇۋالچاق ۋە مەزمۇنى پۈچەك ئەسەرلەر بولسىمۇ. ئەنگىلىيىنىڭ  داڭلىق مۇتەپپەككۈرى توماس ماكۇللاي ۋە ئوبزور، تەقرىزچى لۇيىسلار ئاۋستىننى ھەتتا شېكىسپىرلار بىلەن بىر ئورۇندا قۇيۇپ تەھلىل ئېلىپ بارغان، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار شېكىسپىرنى ھاقارەتلىك ھېس قىلمىغان. ئامېرىكىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەر تەقرىزچىسى ئېدموند ۋېلسون مۇنداق يەكۈنلىگەن: «يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەنگىلىيىدە نەچچە قېتىملىق قىزىقىش جەھەتتىكى ئىنقىلابلار بولۇپ ئۆتتى، ئەدەبىي قىزىقىشنىڭ يېڭىلىنىشى بارلىق يازغۇچىلارنىڭ شۆھرىتىگە دېگۈدەك تەسىر كۆرسەتتى، بۇنىڭدىن پەقەت شېكىسپىر بىلەن جېن ئاۋستىنلا مۇستەسنا، پەقەت بۇ ئىككىيلەنلا تەسىر كۈچى داۋاملىق ھالدا داۋاملىشىپ كەلمەكتە.» بۇ ئىككىيلەننىڭ بىرى ئېسىل، كۆركەم، نەپىس، ئالىي، يەنى بىرى بولسا ئاددىي، قوپال، ئىككىسى ئىككى دۇنيا.

    شۈبھىسىزكى، ئاۋستىن ھېكايە ئېيتىش ماھىرى، ئۇ سۆز تالانتى ۋە ئەينەن سۈرەتلەپ بېرەلەيدىغان نۇتۇق قابىلىيەتتىن ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە. ئۇ فىرانسىيە تىلىغا تولىمۇ پىششىق، ئۇنىڭدىن باشقا ئىتالىيە يېزىقىنىمۇ بىلىدۇ. ھەر قېتىم بىر ئەسەرنى تولۇق تاماملىغاندا، ئۇ بۇ ئەسەرنى كىتاب ئوقۇش ياكى ھېكايە ئېيتىش شەكلى بىلەن ھەدە-سىڭىل، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئوقۇپ بېرىشنى ياقتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۇ تۇغۇلىشىدىنلا كىتاب ئوقۇپ، ھېكايە سۆزلەش ئۈچۈن چىققان ئاۋازى ۋە ھەزىل چىراي ئىپادىلىرى، كىشىلەردە ئۇنتۇلماس تەسىر قالدۇرىدۇ، ھەتتا ئۇ يازغان ئەسەرلەرنى ئوقۇۋاتقاندىمۇ، ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ۋە خۇشال چىرايىنى ھەر بىر جۈملىلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرگەندەك بولىمىز. بەزىدە ئاچچىق بەزىدە تاتلىق، گەرچە ئاۋستىن كېيىنكىلەرگە بىرەر پارچە پورتېرىتىنى  قالدۇرۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ يېزىققا سىڭىپ كەتكەن ھېسسىياتىدىن ئۇنى كۆرگەندەك بولىمىز. يېقىندىلا سۈرەتكە ئېلىنغان ھوللېۋودنىڭ بىر كىنو فىلىمى «قەدىرلەش» (يەنە بىر تەرجىمە نامى «جېن ئاۋستىن بولۇش»)دا، تەسۋىرلەنگەن ئاۋستىن بىلەن «ھاكاۋۇرلۇق ۋە ئاداۋەت» دىكى ئايال باش پېرسوناژ ئېلزابىت بېننېتنىڭ نۇرغۇن جەھەتتە ئوخشاشلىقى بار. ئاۋستىننىڭ ئاتا-ئانىسى بېننېت ئەر-ئايال ئىككىيلەن بىلەن كۆپ جەھەتلەردە ئوخشىشىدۇ، ئاۋستىننىڭ تۇنجى مۇھەببىتى تام لېفروي كەم-كۇتىسىز سۆيگۈنى داش ئەپەندىدىن كەلگەن، شۆرەر قازىنىپ، داڭق چىقارغان كونا ئاقسۆڭەك گېرىتشام خانىممۇ «ھاكاۋۇرلۇق ۋە ئاداۋەت»تىكى كېسلىندې باۋئېر خانىمدىن ئوتتۇرىغا چىققان.... كىشىلەر ئاۋستىن ئۆزى ئويدۇرۇپ يازغان رومانلاردىكى توقۇلمىلار ئچىدىن ئاۋستىننىڭ ئۆزىنى تەسەۋۋۇر قىلدى، ئۇنى ئېلزابىت بېننېتقا ئەندىز قىلىپ، ئۆز تۇرمۇش يولى ۋە كاجلىقىدا چىڭ تۇرىدىغان قىلىپ تەسەۋۋۇر قىلىشتى. ئامېرىكا گۈزىلى ئاننې خازۋېي بۇ فىلىمدە («مودا پېرىخون» فىلىمىدىكى قىزچاق) ئاۋستىننىڭ رولىنى ئالدى، گەرچە ئارتىسنىڭ گىرىمى كاتونلاشقان بولسىمۇ، ئەمما فىلىم ئاخىرىدا ئۇنىڭ جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرگەن قىياپىتى، سۈكۈت ئىچىدىكى گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرغان سۈكۈتتىكى تۇرقىنىڭ ئاۋستىننى ھەقىقىي ئىپادىلەپ بەرگەنلىكىگە ھەممە قايىل.

گەرچە ھەر بىر ئايال يازغۇچى چىن قەلبىدىن جېن ئاۋستىندەك: بىر ئۆمرىدە ئازمۇ ئەمەس. كۆپمۇ ئەمەس ئالتە پارچە رومان يېزىشنى، ئۇزۇنمۇ ئەمەس قىسقىمۇ ئەمەس يېرىم ئەسىرلىك ئۆمۈر كۆرۈشنى، يېزىقچىلىقنى كۆڭۈل ئېچىش دەپ بىلىشنى، سايات كەچۈرۈشنى كۆڭۈل ئېچىش دەپ بىلىشنى ئۈمىد قىلسىمۇ، ھەممىلا ئايال يازغۇچى جېن ئاۋستىندەك بولالمايدۇ. ئاۋستىن بۇرۇن: «مۇھەببەت گۈلگە گۈل كەلگەندەك كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ، پۇل خۇددى تۇرمۇشتىكى لازىمەتلىكلەرگە ئوخشاش كام بولسا بولمايدۇ» دېگەن. تۇرمۇشتىن شۇنچىلىك ھوزۇرلىنىپ كۈلۈشنى بىلىدىغان ئاۋستىن، ئەپسۇسكى ئاددىيلا بىر كېسەل سەۋەبىدىن بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى. ھاياتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدىمۇ، كىشىلەرنىڭ زورىغا، كېسەلنىڭ داۋاملىق ئازابلىشىغا ئىمكانىيەت قالدۇرمىدى، ۋە ياكى غېرىبلىق تەرىپىدىن داۋاملىق يۇتۇۋېتىلمىدى، گۈللىنىۋاتقان دەۋرلىرىدە، سۇلۇشقا ئۈلگۈرمىگەن چىرايلىق يۈزلىرىنى ئېلىپ، ئۆز سالاپىتى بىلەن جىمجىت كېتىپ قالدى.... بۈگۈن، ئاشۇ ئاق ياقىلىق، كىچىك كاپىتالىستلار ھەقىقىي بىكارچىلىققا، ھەشەمچىلىككە، بايلىققا، ئۆزى سۆيىدىغان ھەم ئۆزىنى سۆيىدىغان ئادەم بار تۇرمۇشقا ئەسەبىيلەرچە ئىنتىلۋاتقىنىدا، ئەسلىدە بۇنىڭدىن 200 نەچچە يىل بۇرۇنلا بۇلارنىڭ ھەممىسى جېن ئاۋستىن تەرىپىدىن «ئالدىن ھېسابات قىلىنىپ بولغان»لىقىنى ھېس قىلىشماقتا.

شۇڭلاشقا، مۇبادا ئىمكانىيەت بولسىلا، جېن ئاۋستىن بولايلى!

(گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • كۆرۈلىشى: 458 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01