جابىر ئىبن ھەيياننىڭ ئاتوم ۋە ‹‹تۈپ بۇۋاق›› نەزەرىيەسى

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 2 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

جابىر ئىبن ھەيياننىڭ ئاتوم ۋە ‹‹تۈپ بوۋاق ›› نەزەرىيىسى


 يۈسۈپجان ياسىن

مەلۇمكى، ئاتوم بومبىسى ۋە  سۈنئىي  ئۇسۇلدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش تېخنىكىسى 20 – ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن ئەڭ  زور كەشپىياتلاردۇر. لېكىن بۇ ئىككى تېخنىكىنىڭ بۇنىڭدىن 1200 يىل بۇرۇن ياشىغان ئالىم جابىر ئىبن ھەييان تەرىپىدىن ئاللىقاچان تەسەۋۋۇر قىلىنغانلىقى بۈگۈنكى كۈندە غەربتە  يېزىلغان پەن-تېخنىكا تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەردە ئومۇمەن تىلغا ئېلىنماي كەلدى. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، يەر يۈزىدە ئىنسانلار تۈرلۈك ئىرقلارغا ۋە ھەر خىل مىللەت تۈركۈمىگە مەنسۇپ بولسىمۇ، يەنە كېلىپ بۇ مىللەتلەر بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان ئەھۋالدىمۇ ئەينى بىر مەقسەت يولىدا بىر بىرىگە ئوخشاش تەسەۋۋۇر قىلىدىغان زېھنىي ئىقتىدارغا ئىگىدۇر.  شۇڭا ، مەلۇم بىر چۈشەنچە ياكى نەزەرىيىنى ياكى مەلۇم بىر مەدەنىيەت ئامىلىنى بىرلا  مەدەنىيەت مەركىزىدىن باشقا جايلارغا قاراپ تارالغان دېيىش ھەم ئىشەنچىسىز ھەم زەئىپ بىر قاراشتۇر. يەنە كېلىپ يېقىنقى دەۋرلەردىن باشلاپ ئەۋج ئالغان ئىلىمگە مىللىي، دىنىي ۋە سىياسىي خاھىشلار بىلەن نەزەر تاشلاش خائىشىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىلىم-پەن تارىخىنىڭ ھەقىقىي ۋە بىتەرەپ ھالەتتە يېزىلىشىغا توسقۇن بولۇپ كەلدى. 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ غەربلىكلەر ئىمپېرىئالىزملىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سىياسىي ئىزچىللىقىنى ساقلاش ئۈچۈن بېسىۋېلىنغان مىللەتلەرگە ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلىكنى سىڭدۈرىدىغان تۈرلۈك ۋاسىتىلارنى قوللاندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغىنى مەدەنىيەت ساھەسى ئىدى. بۇ مەقسەت يولىدا ئۇلار <<ھەر نەرسە غەربتە مەۋجۇت، ھەر قانداق بۈيۈك شەخس، ئالىم ۋە كەشپىياتچىلار غەربتىن چىققان>> دېگەن شوئارنى سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق ئۈستۈنلىكىگە، مەتبۇئات ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىغا تايىنىپ بېسىۋېلىنغان رايونلاردا كۈچەپ تارقاتتى. غەربتە مەيدانغا چىققان نۇرغۇن مۇتەپەككۇرلارمۇ غەرب بىلەن شەرقنى پەرقلىق ۋە زىددىيەتلىك ماھىيەتتە تەتقىق قىلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، <<غەرب قەدىمكى يۇناندىن مىراس قالغان ئىزچىل تەتقىقات، ئەقىدە ۋە مەنپەئەت كۈرىشىنى ئۆزى ئۈچۈن پىكرىي(ئىدىيىۋى) ھاياتنىڭ مەنبەسى قىلغان، تەقدىردىن بەكرەك ئەقىلگە ۋە بىلىمگە ئىشىنىدىغان، تەبىئەتنى ئىنسانغا بېقىندا قىلىش ئىستىكى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان بىر ئاكتىپ دۇنيادۇر، شەرق بولسا ھۇزۇر ۋە پاراغەتتىن لەززەتلىنىدىغان، نازارەتچى، جاھىل، ناھايىتى دىندار، ئاڭسىز، مەۋجۇت ھاياتقا ئۆتكۈنچى نەزەر بىلەن قارايدىغان، بۈگۈنكى كۈنىنى پەقەت ئۆتمۈشكە باغلاپ چۈشىنىدىغان، تەقدىرگە ئىشىنىدىغان، تەبىئەتنى ئۆز مەيلىگە تاشلىۋەتكەن پاسسىپ بىر دۇنيادۇر>> دېيىش ئارقىلىق، شەرقنى ئەقىلگە، ئىلىمگە ۋە ئىزدىنىشكە ئېتىبار بەرمەيدىغان دۇنيا دەپ سۈرەتلەش بىلەن بىرلىكتە شەرقنىڭ ئىلىم – پەن تارىخىغىمۇ  سەل قارايدىغان  پوزىتسىيىدە بولغان. مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 8-13- ئەسىرلەردە باغدادنى مەركەز قىلغان ھالدا مەيدانغا كەلگەن ئەرەب- ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىك شەخسلىرىنىڭ ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىمۇ تازا توغرا ۋە تولۇق يورىتىلمىدى. مەسىلەن، رەسمىي ئىلمىي ئورگانلار تەرىپىدىن يېزىلغان پەن- تېخنىكا تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەردە، ئالى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەبىئىي پەن دەرسلىكلىرىدە ئېينىشتېين نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى ياراتقان بىر فىزىك سۈپىتىدە ھەيرانلىق بىلەن تىلغا ئېلىنغاندا،  ئۇنىڭدىن مىڭ يىللار بۇرۇن نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان فىزىك كىندى(796-866) تىلغا ئېلىنمايدۇ. بىئولوگىيە پىنىدە لامارىك(1744-1829) بىلەن دارۋىن(1890-1882) تەدىرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ ئىجادچىسى دەپ تەكىتلىنىدۇ، بىراق بۇلاردىن كۆپ ئەسىر بۇرۇن نەززام(?-845)، جاھىز(769-866)، بىرۇنى(973-1051)، ئىبن مىسكەۋەيخ(940-1030) ۋە كازۋىنى (1203-1283) قاتارلىقلارنىڭ تەدىرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ياراتقانلىقىدىن سۆز ئېچىلمايدۇ. كولومبو (1451-1506)نىڭ ئىلمىي مەقسەتتىن خالى ھالدا تاسادىپىي پۇرسەتتە ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىپ قالغانلىقىنى <<يېڭى بىر قىتئەنى بايقاش>> دەپ تەرىپلىگەندە،  11- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بىرۇنىنىڭ سىزغان دۇنيا خەرىتىسىدە ئامېرىكا قۇرۇقلۇقنىىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن سۆز ئېچىلغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىلمەيدۇ. يەنە نيۇتون(1643-1727)نىڭ يەرنىڭ تارتىش كۈچى قانۇنىيىتىنى بايقىغانلىقى كۈچەپ تەرغىپ قىلىنىدۇ، لېكىن بىرۇنىنىڭ تۇنجى بولۇپ ئاشۇ قانۇنىيەتنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە شۇنىڭغا ئائىت تەتقىقاتلار بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى تىلغا ئېلىنمايدۇ. شۇنىڭدەك، 20- ئەسىردە ئاتوم بومبىسى ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش زور بىر كەشپىيات سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋاقىتتا بۇنىڭدىن  1200 يىل بۇرۇن جابىر ئىبن ھەيياننىڭ مۇشۇنداق بىر  نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن سۆز ئېچىلمىدى. بۇ نەزەرىيە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئېنىق يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ پەن تارىخىدىكى زور بىر بايقاش ئىكەنلىكى ئىلمىي ئەسەرلەردە نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىلدى.  شۇڭا، ئىنسانىيەتنىڭ پەن تارىخىدىن سۆز ئاچقاندا، ھەر قانداق بىر ئىلىم ئىگىسى ھەم ئۆزىنىڭ ۋىجدانغا، ھەم ئىنسانىيەتكە  ھەمدە ئىلىمگە يۈز كېلەلەيدىغان مەۋقەدە تۇرۇپ بايان قىلىشى ئىلمىدىكى ئەڭ مۇھىم پرىنسىپ سۈپىتىدە تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە جابىر ئىبن ھەييان ۋە باشقا بىر مۇنچە ئالىملارنىڭ كۆمۈلۈپ قالغان ئىلمىي نەتىجىلىرىنى قېزىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىلمىي ئوبرازىنى تىكلەش دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم تېمىلاردۇر.


جابىر ئىبن ھەيياننىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ مۇسا بىن ھەييان ئەل –ئەزدەئىل-كۈفى ئەبۇ ئابدۇللاھ دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىسلام دۇنياسىدا <<ئەل -ھەررانى>>، <<ئەل - تۇسۇ>>، غەربتە بولسا <<گەبىر>> دېگەن ناملار بىلەن مەشھۇر بولغان بىر خىمىيە ئالىمىدۇر. جابىر ئىبن ھەيياننىڭ مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. بەزىلەر ئۇنى تۈرك دېسە، بەزىلەر ئەرەب دەپ قارايدۇ، يەنە پارس دەپ قارىغۇچىلارمۇ بار. 721- خۇراساندىكى تۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان ۋە بىر دورىگەرنىڭ ئوغلى بولغان جابىرنىڭ ھاياتى ھەققىدىمۇ كۆپ مەلۇمات يوق. ھاياتىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى تۇس شەھىرىدە ئۆتكەن ۋە  باشلانغۇچ ئوقۇش ھاياتىنىمۇ مۇشۇ شەھەردە باشلىغان. كېيىن ئەرەب يېرىم ئارىلىغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن كۇفە شەھىرىگە كەلگەن ۋە ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇشۇ ئىلىم مەركىزىدە ئۆتكۈزگەن. ئاخىرىدا باغدادقا بارغان ۋە ئۇ يەردە  ھارۇن رەشىدنىڭ سارىيىدا  ۋەزىر ياھيا بىن خالىد ئەل -بەرمەكىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، شۆھرەتلىك بىر ئالىمغا ئايلانغان. بەرمەكى ئائىلىسىگە زەربە بېرىلگەندىن كېيىن جابىر ئىبن ھەييانمۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. جابىر ئىبن ھەييان كۇفەدە ئەلەمدىن ئۆتكەن. لېكىن، قاچان ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بۇ مەلۇماتلارنىڭ بىرسىدە ئۇنىڭ 808-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى تىلغا ئېلىنسا، يەنە بىرسىدە 815- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن دېيىلىدۇ. جابىر ئەينى دەۋرنىڭ شارائىتىغا يارىشا پەن بىلىملىرىنى ئىسلام ئىلىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆگەنگەن. شۇڭا، ئۇنىڭ تەتقىق قىلغان ساھەلىرىمۇ دىن بىلىملىرى بىلەن بىرلىكتە تېبابەت، پەلسەپە، پېداگوگىكا، لوگىكا، ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، خىمىيە، فىزىكا، مېتاللورگىيە، بىئولوگىيە، زوئولوگىيە، بوتانىكا ۋە مۇزىكا قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.


 776- يىلىدىن باشلاپ ئاۋۋال تېبابەت ۋە كىمىياگەرلىك(سېھرىگەرلىك، مېتاللارنى بىر بىرىگە ئايلاندۇرۇش ھۈنىرى)   ساھەسىدە تونۇلۇشقا باشلىغان ۋە بىر مەزگىل ھەرراندا باش مۇدەررىس بولغان جابىر ئىبن ھەييان كېيىنچە پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە داڭق چىقارغاچقا، ئۇنىڭ نامىغا بېغىشلاپ يېزىلغان كىتاپلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولدى. شۇڭا، ھازىرغا قەدەر جابىرنىڭ ئۆزى يازغان ئەسەرلەرنىڭ سانىنى تولۇق ئېنىقلاش قىيىنغا توختىغاچقا، ئۇنىڭ زادى قانچىلىك ئەسەر يازغانلىقىنى ھەققىدە كەسكىنلىك بىلەن بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. نېمىس شەرقشۇناسى پ. كرائۇس كۇللىيات دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ئەسەرلەر ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يېزىلغان دەۋرى ھەققىدە : ‹‹ئىسلامىيەت نەقىل كەلتۈرىدىغان قەدىمكى ئىلىملارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كەڭ دائىرىلىك ئەسەرلەر يالغۇز بىرلا مۇئەللىپنىڭ ئەسىرى ئەمەس.  7-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا مەنسۇپ بولۇشىمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بىر بىرىگە  ئۇيغۇن كەلگەن پۈتۈن ۋەقەلەر كۇللىياتنىڭ 8- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 9- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ›› دەيدۇ. بۇنىڭدىن كۇللىياتتىكى مۇتلەق كۆپچىلىك ئەسەرنىڭ جابىرنىڭ ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بولىدۇ. ئەرەبلەردىن چىققان شەرقشۇناس فىلپ ھىتتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، غەربتە ئاپتورى جابىر دەپ يېزىلغان 22 ئەسەرنىڭ نامى مەلۇم بولغان. بۇلاردىن <<كىتابۇل رەھمە>>، <<كىتابۇت تەجمى>> ۋە <<ئەززى ھەقۇس شەرقى>> قاتارلىق بەش ئەسىرى 12 – ئەسىردە ياۋروپادا نەشىر قىلىنغان. بۇ بەش ئەسەر ھەم شەرقتە ھەم غەرپتە ناھايىتى مەشھۇر بولغان ئەسەرلەردۇر. ئۇنىڭ يەنە بەزى ئەسەرلىرى 1473- 1710- يىللار ئارىسىدا نۇرنبېرگ، فرانكۇفورت ۋە سىترازبۇرگدا لاتىن ۋە نېمىس تىللىرىدا نەشىر قىلىنغان.


ئېنسىكلوپېدىك ئالىم جابىر ئىبن ھەيياننىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى خىمىيە ساھەسىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغان ۋە ئەسلى شۆھرىتىنى چىقارغىنىمۇ دەل مۇشۇ ساھەدۇر.  ئۇ ئەينى دەۋرلەردە كەڭ يېيىلغان كىمياگەرلىكنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى  خىمىيەدىن ئىبارەت يېڭى بىر پەنگە ئايلاندۇرغان تەجرىبە ۋە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان. جابىر تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ئەرەب زېمىنىدا كىمىياگەرلىك ئىككى يول بىلەن تەرەققىي قىلغان. بىرى، يىلتىزى جافەر سادىققا قەدەر تاقىلىدىغان ھەمدە بىرمۇنچە ئالىم ۋە تەسەۋۋۇپچىلار ۋەكىللىك قىلغان، ھەقىقىي مەنىسى بويىچە ‹‹روھى خىمىيە›› ياكى سىمىيا(كىمىياگەرلىك)  دەپ ئاتالغان، مېتاللارنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى ماھارەتتۇر. يەنە بىرى، بۈگۈنكى زامانىۋى مەنىدىكى خىمىيەدۇر. بىرىنچى ئېقىمنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا مەدەنلەر، مېنېراللار ياكى باشقا ماددىلارنى خىمىيىلىك تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى بويىچە تەھلىل قىلماي، بەلكى ھەر نەرسىدە روھنىڭ بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىپ، روھ بىلەن خىمىيىلىك ئالاھىدىلىك ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بارلىقىنى، روھنىڭ تەربىيىسى بىلەن مەدەن ياكى باشقا ماددىلارنىڭ فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك تۈزۈلۈشىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ۋە ھەر قانداق ماددىنىڭ ماھىيىتى بىر بولغانلىقى ئۈچۈن مەدەنلەرنىڭ تۈرلۈك روھىي ۋە خىمىيىلىك پائالىيەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بىر بىرىگە ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جابىر ئىبن ھەييان دەسلەپتە بۇ ئېقىمنى قوبۇل قىلغان ۋە شۇ ساھەدە كۆپ  تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئىزدىنىش ۋە تەجرىبە ئەمەلىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىشى بىلەنئىلمىي تەتقىقاتنىڭ خاس مېتودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەجرىبە، ئانالىز ۋە ماتېماتىكىغا تايانغان ھەقىقىي خىمىيە ئىلمىنى مەيدانغا كەلتۈرگەنىدى.


ئۇ خىمىيە پىنىنى شەكىللەندۈرۈشتە ھەم نەزەرىيىگە ھەم تەجرىبىگە تەڭ ئەھمىيەت بەرگەن. پەننىڭ ھەر تۈرلۈك نەزەرىيىۋىي پىكىرلىرىنى ‹‹مىزان›› ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادە قىلغان جابىر خىمىيەنى بىر تەجىرىبە پېنى دەپ تەرىپلىگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، تەجرىبىگە تايانمىغان خىمىيىلىك بىلىملەر ھەر قانداق ۋاقىتتا ھەقىقەت ھېسابلانمايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە: ‹‹خىمىيەدىكى تۇنجى مۇھىم نەرسە سېنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە تەجىرىبىۋىي سىناقلارنى ئېلىپ بېرىشىڭدۇر. ئەمەلىي ھەرىكەت قىلمىغان ۋە تەجرىبىگە ئورۇن بەرمىگەن كىشى خىمىيىدە ئەڭ ئۇستاتلىق دەرىجىسىگە ئۇلىشالمايدۇ. بىراق، ئەي ئوغۇل سەن تەجرىبە قىلساڭ ھەقىقىي بىلىمگە ئېرىشىسەن. ئىلىم ئىگىلىرى ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن زوقلانماي، پەقەت تەجرىبە ۋە سىناق مېتودلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغانلىقىدىن سۆيۈنىدۇ›› دېگەنىدى ۋە ئۆزى لابوراتورىيە قۇرۇپ شۇ ئورۇندا تەتقىقات ۋە ئەمەلىي تەجرىبە بىلەن شۇغۇللانغان.دېمەك، جابىر ئىبن ھەييان يەنە دۇنيادا تۇنجى بولۇپ خىمىيە لابوراتورىيەسىنى قۇرغان ئالىم ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۆزى قۇرغان ئاشۇ تەجىرىبەخانىدا تۇنجى بولۇپ سۇنئىي ھۈجەيرە ياسىغان. ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ ئىككى ئەسىردىن  كېيىن كۇفەنىڭ شام دەرۋازىسىغا يېقىن يەردىكى بىر يول قايتا ياسالغان چاغدا ئۇ قۇرغان لوبوراتورىيەنىڭ خارابىسى بايقالغان. جابىر تەجرىبە ئارقىلىق ئىرىشكەن بىلىم  ۋە پرىنسىپلارنى  قەتئىي ۋە ئۆزگەرمەس دەپ قارىغان ئەمەس، ئەكسىچە ھازىرقى زاماندىكى پەن تەتقىقاتىدىكىگە ئوخشاش بۇنىڭ قىياسىي ۋە ئېھتىماللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەتقىقات مېتودىنىڭ ئاساسىنى ‹‹مۇنتىزىم دەلىل ۋە ساغلام تەجرىبە›› تەشكىل قىلغانىدى. ئۇ  خىيال ۋە قۇرۇق پەرەز بىلەن ۋاقتىنى ئۆتكۈزمەي، بەلكى ھەقىقىي مەنىدىكى بىر ئىلمىي تەتقىقاتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەندە يېڭى بىر يول ئاچقانىدى.


جابىر خىمىيىلىك ماددىلارنى ئۇچۇچان (پارغا ياكى گازغا ئايلىنىدىغان) ماددىلار، ئۇچۇچان بولمىغان ماددىلار، كۆيمەيدىغان ماددىلار ۋە مەدەنلەردىن ئىبارەت تۆت تۈرگە ئايرىغان. بۇ  تۈرلەرگە مەنسۇپ بولغان ۋە شۇ دەۋرگە قەدەر  مەۋجۇتلىقى مەلۇم بولغان خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ خىمىيىۋى خۇسۇسىيەتلىرىنى چۈشەندۈرگەن. جابىر  بۇ نەتىجىسى ئارقىلىق خىمىيە پىنىدە تۇنجى قېتىم تۈرگە ئايرىش(تەستىق) ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گۈڭگۈرت بىلەن سىمابنى ئارىلاشتۇرغاندا قىزىل رەڭلىق بىر تاشنىڭ (zencefre)نىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان. جابىرنىڭ گۈڭگۈرت ۋە سىماب پرىنسىپى خىمىيە پىنىدە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت قوللىنىلغان. بۇ يەردە گۈڭگۈرت كۈيۈش پرىنسىپى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. بۇ پرىنسىپ 18- ئەسىردە فلوژىستون نەزەرىيىسى بارلىققا كەلگەن دەۋرگىچە داۋام قىلغان. فلوژىستون نەزەرىيىسىنىڭمۇ يەنە جابىرنىڭ ئاشۇ پرىنسىپىگە تايىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.      


ئۇ خىمىيەدىكى ئىككى ئاساسىي پرىنسىپ بولغان ئوكسىدلاش بىلەن ئوكسىدسىزلاش ئۇسۇلىنى دەلىللەپ، كرىستاللاشتۇرۇش، دىستىللەش، سۈزۈش، سۇبلىماتسىيىلەش، ئېرىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى تېخنىكىلىق بىر سەۋىيىگە كۆتۈرۈپ، بۇنى خىمىيە تەجىرىبىسىدە كەڭ تەدبىقلىغان.  بۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك خىمىيىۋى ۋە سانائەت بوياقلىرى ھەققىدىمۇ ساۋات بېرىپ،  چاچ بوياش، رەخت بوياش ۋە ئەينەك سىرلاش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرغان. ئوتتا كۆيمەيدىغان قەغەز ئىجاد قىلغان. يەنە تۇنجى قېتىم تەجىرىبىدە قوللىنىلىدىغان تېمىتىش سايمىنىنى ياسىغان. مېتاللارنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى، پولات قۇيۇش تېخنىكىسى، سۇ سىڭمەس رەختلەرنى بوياش تېخنىكىسى، ئەينەك ئىشلەشتە مانگان تۆت ئوكسىتنىڭ قوللىنىلىشى، مېتال سايمانلارنىڭ داتلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كرال سۈيى(تىللا سۈيى) ھاسىل قىلىش جەھەتتە بىرمۇنچە كەشپىياتلارنى ياراتقان. بۇنىڭدىن باشقا جابىر سۇلفات كىسلاتاسى ۋە ئازوت كىسلاتاسى قاتارلىق كىسلاتالىق بىرىكمىلەرنى، ناترىي كاربونات ۋە كالىينى، ئەڭ زەھەرلىك ماددا بولغان ئارسىن تۇزىنى بايقىغان. ئەسەرلىرىدە خىمىيىلىك بەلگىلەرنى قوللىنىش بىلەن بىرلىكتە يەنە ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىش خۇسۇسىيىتىنى تونۇشتۇرغان. جابىر ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ تەھلىل ۋە تەجرىبىلىرىنى ئەڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىگىچە بايان قىلغان، ئىرىشكەن نەتىجىلىرىنىمۇ ناھايىتى سەگەكلىك ۋە ئەستايىدىللىق  بىلەن تەرىپلىگەن. ئۇنىڭ  خىمىيە ئىلمىنىڭ بارلىققا كىلىشىدە ياراتقان ئاساسلىق تۆھپىسىنى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بىرىنچىسى، جابىر بەزى مۇھىم خىمىيىۋى ماددىلارنىڭ تەركىبىنى ئېنىقلىغان. ئىككىنچىسى خىمىيىدە قوللىنىلىدىغان بەزى مېتودلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۈچىجىسى، تەجىرىبىدە ئىشلىتىلىدىغان بەزى سايمانلارنى ياساپ، بۇلارنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى كۆرسەتكەن. جابىرنىڭ خىمىيە تەتقىقاتىنى چۈشىنىشتە مۇراجىئەت قىلىدىغان ئەسەرلىرى <<كىتابۇل كىمىيا>>، <<كىتابۇسسۈمۇم>> قاتارلىق  كىتاپلىرىدۇر.


جابىر ئىبن ھەيياننىڭ خىمىيە ساھەسىدە ياراتقان ئەڭ چوڭ نەتىجىسى ئۇنىڭ ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ ئاتوم بومبىسىدەك ۋەيران قىلىش كۈچىگە ئىگە  كۈچلۈك بىر قورالنى ياساش مۈمكىنچىلىكىدىن بىشارەت بەرگەنلىكىدۇر. جابىر ماددىلارنىڭ ئاتوم تۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئورگىنال ئېنىقلىمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىمىيىلىك رېئاكسىيىدە بەلگىلىك بىر مىقدارنىڭ يەنە بىر بەلگىلىك مىقدار بىلەن رېئاكسىيەلىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بۇ ئارقىلىق مۇقىم نىسبەت قانۇنىيىتىگە يول ئاچقان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئالتۇن بىلەن كۆمۈشنىڭ رەڭگى ۋە ئېغىرلىقىدىن باشقا پەرقى يوق بولۇپ، بۇ ئىككى ئالاھىدىلىكنى يوقىتىش مۇمكىن ئىدى. بۇنىڭ ئۇسۇلى بولسا ھەر ئىككى ماددىنى تەشكىل قىلغان ئاتومنى پارچىلاپ ئۇنىڭ ۋالىنتىنى ئۆزگەرتىشتۇر. بۇ قاراش  ھازىرقى زامان  خىمىيە پىنى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنغان بىر ھەقىقەتتۇر.  جابىرنىڭ ئاتوم قارىشى قەدىمكى يۇنان(گرېك) ئالىملىرىنىڭ قارىشىدىن پەرقلىنەتتى. يۇنان ئاتوم نەزەرىيىسىدە ‹‹ئالەم بوشلۇقتىن، سانسىزلىغان چوڭ-كىچىك زەررىچىلەردىن مەيدانغا كەلگەن. بۇ زەررىچىلەر بۇزۇلمايدۇ، ئۆزگەرمەيدۇ، بۆلۈنمەيدۇ. بۇ زەررىچىلەر ئاتوم دەپ ئاتىلىدۇ...ئاتوم ماددىنىڭ شەكلى ۋە ئالاھىدىلىكىنى پەرقلىق قىلغان ئۇل تېشىدۇر... ئاتوم يوقتىن بار بولمايدۇ، بارلىرى يوقالمايدۇ...›› دەپ قارالغان. يۇنان ئالىملىرى زەررىچىلەرنى پارچىلانمايدۇ دەپ قارىغاچقا، ئۇنى ‹‹پارچىلانماس›› دېگەن مەنىدە ‹‹ئاتوما››(ئاتوم) دېگەن سۆز بىلەن ئاتىغان. ھازىرقى زامان خىمىيەسىدە بولسا ئاتومنىڭ  سانسىزلىغان  پارچىغا بۆلىنىدىغانلىقى، ئاتومنىڭ ئېلېكترون دەپ ئاتالغان كىچىك زەررىچىلەردىن مەيدانغا كەلگەنلىكى ۋە بۇ  زەررىچىلەرنىڭ زىچلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئاتوم يادروسىنى چۆرىدەپ تىز ئايلىنىدىغانلىقى ئالغا سۈرۈلىدۇ. جابىرنىڭ ئاتوم  قارىشى يۇنان ئالىملىرىنىڭكىدىن پەرقلەنگەن ھەم ھازىرقى زامان خىمىيە پېنىدىكى ئاتوم چۈشەنچىسى بىلەن بىرخىل بولغان ئىدى . ئۇ ئاتوم ھەققىدە مۇنداق دېگەن: <<ماددىنىڭ ئەڭ كىچىك پارچىسى بولغان ئاتومدا كۈچلۈك بىر ئېنېرگىيە بار. يۇنان ئالىملىرىنىڭ دېگىنىدەك بۇنى پارچىلانمايدۇ دېيىشكە بولمايدۇ. ئاتوممۇ پارچىلىنىدۇ. پارچىلانغاندا شۇنداق بىر كۈچ مەيدانغا كېلىدۇكى، بۇ كۈچ  باغداتنى بىردەمدە خارابىگە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ>> دېمەك، جابىر ئىبن ھەييان ئاتوم ھەققىدە ناھايىتى چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە جون دالتون (1766-1844)، ئوتتۇ ھان(1779-1868)، ئېرنىك فېرمى(1901-1954) ۋە ئالبېرت ئېينىشتېين(1879-1955) قاتارلىق مەشھۇر ئالىملاردىن مىڭ يىللار بۇرۇن ئاتومنىڭ پارچىلىشى ۋە ئۇنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچى ھەققىدە توغرا  قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 20- ئەسىرگە كەلگەندە بۇ قاراش ئەمەلگە ئېشىپ، ئاتوم بومبىسى بىرەر شەھەرنى بىردەمدىلا تۈزلىۋىتىدىغان كۈچلۈك بىر قورالغا ئايلاندى. شۇڭا، جابىرنىڭ ئاتوم ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى پەن تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن بىر تەۋرەنمەس بىر نەزەرىيە ۋە بۈيۈك بىر كەشپىيات دېيىشكە بولىدۇ. جابىر ئىبن ھەيياندىن كېيىن مۇتەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇپچى شائىر جالالىدىن رۇمى(1207-1273) بىلەن شائىر ۋە پەيلاسوپ ياھيا بىن پىر ئالى نەۋى(?-1598)مۇ   ئەسەرلىرىدە ئاتومنىڭ پارچىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار ئۆز پىكىرلىرىنى سىمۋوللۇق بىر سۆز بىلەن ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلىگەن. 


  ئوپتىك قانۇنىيەتلىرىنىڭ بايقىلىشى ۋە مەرجەك نەزەرىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىمۇ  جابىر تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسىدۇر.   ئۇ  پېتىنقى ئەينەك ئارقىلىق قۇياش نۇرىنى بىر يەرگە يىغىپ يىراقتىكى ياغاچقا ئوت تۇتاشتۇرغان، يەنە شۇ ئۇسۇل بىلەن  بىر قاچا سۇنى قايناتقانىدى. بۇنىڭدىن جابىرنىڭ يەنە پەن تارىخىدا تۇنجى قېتىم قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش ئۇسۇلىنىمۇ تەجرىبە قىلغان ئالىم ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. 


مەشھۇر ئالىم جابىر ئىبن ھەيياننىڭ پەن تارىخىدا ياراتقان ئەڭ زور كەشپىياتلىرىدىن بىرى پروبىركىدا بوۋاق يېتىشتۈرۈش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدۇر. جابىر بەزى ئەسەرلىرىدە ئىنساننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جانلىقلار تۈرىنى سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن يارىتىلىدىغان بۇ جانلىقنى ئۇ ‹‹تەكەئىن›› دەپ ئاتىغان. جابىر ئەسەرلىرىدە يەنە جانلىقلارنىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا قانداق يارىتىلىدىغانلىقىغا دائىر ئۇسۇل ۋە تەجرىبىلەرنى چۈشەندۈرگەن. مەسىلەن، ئىنساننىڭ ئىسپىرمىسىنى باشقا بىر مۇنچە ماددىلارغا ئارىلاشتۇرۇپ بىر ئەينەك پروبىركىغا قاچىلاپ، زۆرۈر ھەرىكەت ۋە شەرتلەرنى ئورۇندىغاندىن كېيىن تىرىك بىر بوۋاقنىڭ تۇغۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ قارىشى بىزگە بۈگۈنكى كۈندىكى ‹‹تۈپ بوۋاق››(پروبىركىدا ھامىلە يېتىشتۈرۈش) تەجرىبىسىنى ئەسلىتىدۇ. لېكىن، جابىرنىڭ مۇشۇنداق بىر تەجرىبىنى ئىشلىگەن ياكى ئىشلىمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. ئەمما،  شۇ بىر نۇقتىنى  قىياس قىلىشقا بولىدۇكى، شۇ دەۋردە جابىر ياشىغان جەمئىيەتنىڭ ئىلاھىيەت قارىشى، ئومۇمىي پىكىر سەۋىيىسى ۋە تېئوكراتىك ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى  قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا جانلىق يارىتىش تەجرىبىسىگە يول قويۇشى ناتايىن ئىدى. پ. كرائۇس جابىرنىڭ  ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسلىقى خىمىيە، تېبابەت، ئاسترونومىيە، تېلېسمولوگىيە(سېھرىگەرلىك)، ماددىنىڭ خاس خۇسۇسىيەتلىرى نەزەرىيىسى ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا جانلىقلارنى يارىتىش تەتقىقاتىغا بېغىشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن جابىرنىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا جانلىقلارنى يارىتىش تەتقىقاتى بىلەن كۆپ مەشغۇل بولغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ. لېكىن، جابىر ئىجتىمائىي مۇھىتتىن كېلىدىغان قارشىلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ بۇ تەتقىقاتىنى پەقەت نەزەرىيە جەھەتتىن داۋاملاشتۇرۇپ، تەجرىبە قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇنداق نەزەرىيە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مىڭ يىل داۋامىدا ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى ۋە تەجىرىبىمۇ قىلىنمىدى. پەقەت 20- ئەسىرنىڭ  60-يىللىرىغا كەلگەندە ئاندىن بۇ نەزەرىيە غەرب مېدىتسىناسىدا تەجىرىبە قىلىنىشقا باشلىدى. 1973- يىلى بەدەن سىرتىدا ھامىلە يېتىلدۈرۈش ئوڭۇشلۇق تاماملانغان بولسىمۇ، ھامىلىنى ئانىنىڭ بالىياتقۇسىغا كۆچۈرۈش تەجرىبىسى مەغلۇپ بولغان. 1978- يىلى ئىيۇلدا ئەنگلىيىدە دوكتۇر ستېپتې بىلەن ئېدۋاردس تەرىپىدىن  پروبىركىدا يېتىلدۈرۈلگەن تۇنجى بوۋاق ‹‹لوئىس بروۋن›› دۇنياغا كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇقلاندۇرۇش ۋە ھورمون ھەققىدىكى تەتقىقاتلار كۈچەيتىلدى. ‹‹تۈپ بوۋاق›› يېتىلدۈرۈش ھەققىدىكى بىلىممۇ چوڭقۇرلىشىپ، تەدبىقلاش جەريانىمۇ كۆپ خىللاشتى. بولۇپمۇ پروبىركىدا يېتىشتۈرۈلگەن ھامىلىنى GIFT، ZIFT ئۇسۇلى بىلەن ئانا تېنىگە كۆچۈرۈش تېخنىكىسى مۇھىم بىر باسقۇچقا كىردى. SUZIۋە PZDتېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇرۇق(سپېرما) بىلەن تۇخۇمنى ئۇچراشتۇرۇش ئۇتۇقلۇق ئۇرۇندالماقتا. بولۇپمۇ 1996- يىلى مىكروئېنژىكسيون (İCSİ) ئوكۇلى ئۇرۇش ئارقىلىق ئانا تېنىگە ھامىلە كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ھەقىقىي بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن، ‹‹تۈپ بوۋاق›› يېتىشتۈرۈش نىسبىتى تېخىمۇ  ئاشتى. ھازىر دۇنيادا بۇ تېخنىكا بىلەن يېتىلدۈرۈلگەن بوۋاقلار نەچچە مىڭغا يەتتى.


يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، جابىر ئىبن ھەييانغا بېغىشلانغان كىتابلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئۆزى يازغان كىتابلارنى تولۇق ئايرىپ چىقىش قىيىن. مەنبەلەردە جابىر ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا بېغىشلانغان ئەسەر سانىنىڭ 500 دىن كۆپرەك ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. پ. كرائۇس جابىر ھەققىدە <<ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى>>گە يازغان ماقالىسىدا جابىرغا بېغىشلانغان ئەسەرلەرنىڭ سانى ۋە بۇ ئەسەرلەرنىڭ تېمىسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ : <<112 كىتاپ  خىمىيىگە ئائىت كۆپلىگەن مەلۇماتلار بىلەن خىمىيىنىڭ تەدبىقلىنىشى ھەققىدە بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رىسالىلاردۇر. 70 كىتاپ خىمىيە نەزەرىيىسىنىڭ سىستېمىلىق تەسنىفىدۇر. 114 كىتاپ خىمىيە بىلەن ئۇلۇمى- غايىبىيەت(غايىب ئىلىملەر)نىڭ نەزەرىيىسى، بولۇپمۇ پەلسەپىۋى ئاساسلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ سانغا خىمىيە ھەققىدە توختالغان باشقا كىچىك كۇللىياتلارنى، ئارىستوتېل ۋە ئەپلاتۇننىڭ ئەسەرلىرىگە يېزىلغان شەرھىيلەرنى، پەلسەپە، ئاسترونومىيە، ئاسترولوگىيە، ماتېماتىكا، مۇزىكا، تېبابەت ۋە سېھرىگەرلىك ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى، نىھايەت دىنىي ئەسەرلەرنىمۇ قوشۇشقا بولىدۇ.>> جابىرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەتقىق قىلغان فرانسۇز پەن تارىخچىسى، شەرقشۇناس م. بېرتېلېتمۇ بۇ تېمىدا مۇنداق بىر خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويغان : <<بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپى بىر ياكى بىر قانچە بۆلۈمدىن ئىبارەت بولغان قىسقا ماقالىلاردۇر. بۇ ئەسەرلەردە پەقەت خىمىيە تېمىلىرىلا  بولۇپ قالماي، يەنە ئارىستوتېل لوگىكىسىنىڭ خۇلاسىسى، خىمىيە ۋە فىزىكا تېمىلىرى ھەققىدە توختالغان ماقالىلار، تەن، روھ، ئۇزۇقلىنىش، ھەزىم قىلىش، بالىياتقۇ، مىڭە ھۈجەيرىسى، ئەستە ساقلاش، خىيال  ۋە تەپەككۇر مەركەزلىرىنىڭ مېڭىدىكى ئورنى قاتارلىق مەسىلىلەر، تېبابەت ۋە فىزىئولوگىيە تېمىلىرىمۇ بايان قىلىنغان. يەنە ئاسترولوگىيەمۇ باردۇر... ئىسلام دۇنياسىدا يېزىلغان خىمىيە كىتابلىرى جابىرنىڭكىدەك كەڭ ۋە تەپسىلى ئەمەس.>>  17- ئەسىردە ياشىغان تۈرك ئالىمى كاتىپ چەلەبىمۇ جابىرنىڭ يەتتە پارچە ئەسىرىنى تىلغا ئالغان. جابىرنىڭ كۇللىياتىغا ئائىت ئەسەرلەر ھازىر بېرلىن، پارىژ، لېيدېن ۋە قاھىرە كۇتۇپخانىلاردا ساقلىنىۋاتىدۇ.  جابىرغا ئائىت دەپ قارالغان كىتابلارنىڭ تىزىملىكى ئالدۇ مىئېلىنىڭ ئەسىرىدە بىرىلگەن.


جابىر ئىبن ھەيياننىڭ نامى مىلادى 8- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىلىم ساھەسىدە تىز يېيىلغان. ئەبۇ بەكىر ئەل – رازى(865-925) ۋە ئىبن سىنا(980-1037)  ئۇنى <<ئۇستازلارنىڭ ئۇستازى>> دەپ تەرىپلىگەنىدى. كېيىن ئەسەرلىرى لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن جابىر ئىبن ھەييان <<گەبىر>> دېگەن نام بىلەن غەربتە تونۇلۇشقا باشلىغان. 13- ئەسىردىن كېيىن نامى چىقىشقا باشلىغان غەربلىك نۇرغۇن خىمىيە ئالىملىرى ۋە فارماكولوگلار جابىرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئاساسىي خىمىيە ئىلىملىرىدىن پايدىلانغان. بۇ چاغدا جابىرنىڭ نامىمۇ ياۋروپادا كەڭ تارالغان. جابىر  ئۆزىنىڭ ھەم نەزەرىيەگە  ھەم تەجىرىبىگە تايانغان ئىلمىي نەىجىلىرى بىلەن زامانىۋى مەنىدىكى خىمىيە ئىلمىنى ياراتقاچقا ھەمدە  ھازىرقى زامان خىمىيە پىنىمۇ ئۇنىڭ ئاچقان يولىنى بويلاپ ئىلگىرلىگەچكە،  پەن تارىخىنى تەتقىق قىلغانلار ئۇنىڭغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىدۇ. 16- ئەسىردە ياشىغان ئىتالىيەلىك ئالىم كاردانو(1501-1576)  ئۇنى <<دۇنيادىكى مەۋجۇت 12 داھىنىڭ بىرى>> دەپ كۆرسەتكەن. باشقا بەزى مەنبەلەردە جابىر <<خىمىيىنىڭ ھىپۇگراتى>>، <<بۈيۈك خىمىك>>، <<ئىسلام خىمىيەسىنىڭ ئاتىسى>>،  <<ئىسلام  دۇنياسىدىكى زامانىۋى خىمىيىنىڭ تۇنجى يېتەكچىسى>>،  <<ئوتتۇرا ئەسىر خىمىيەسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئادىمى>>، <<ئىسلام خىمىيىسى بىلەن زامانىۋى خىمىيىنىڭ قۇرغۇچىسى>>، <<ئەسەرلىرى ئاۋۋال ئىسلام خىمىيەسىگە، كېيىن غەرب خىمىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا تىز تەسىر كۆرسەتكەن ئالىم>> دېگەن ناملاردا تەرىپلىنىدۇ. سارتون(1884-1956) ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ‹‹ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ پەنلەر ئېنسىكلوپېدىيىسى›› دەپ تەرىپلىگىنىدەك، ئۇنىڭ شۆھرىتى ۋە تەسىرى 17- ئەسىرگە قەدەر داۋام قىلغان. ھەقىقەتەن، 17- ئەسىرگە قەدەر خىمىيە پىنى ساھەسىدە ئۇنىڭ سەۋىيىسىگە يېتەلىگەن ياكى ئۇنىڭدىن ھالقىپ ئۆتكەن بىرەر خىمىك ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەس. خىمىيە تارىخچىسى لېكرېس ‹‹ئەرەب مېدىتسىنا تارىخى›› دېگەن كىتابىدا جابىر ئىبن ھەيياننى ‹‹ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەڭ بۈيۈك ئالىمى، ئىلمىي نوپۇزى ۋە تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىقى بىلەن تەڭدىشى يوق بىر ئۇستاز، مېتود ئارقىلىق يول كۆرسىتىش جەھەتتە بۈيۈك بىر ئىلىم تەرغىباتچىسى، نىھايەت ئۇ زامانىۋى خىمىيىنىڭ قۇرغۇچىسىدۇر›› دەپ تەرىپلىگىنىدەك، ئەبۇ بەكىر ئەل -رازى، ئىبن سىنا، ئەل-مەجرىتى(950-1007)، فارابى(870-950) ۋە باشقا بىر مۇنچە شەرق ئالىملىرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلانغان. غەرب ئالىملرىدىن گالىلې(1564-1642)، فرانكىس باكون(1561-1626) نيۇتون(1643-1727) قاتارلىق كۆپ ئالىملارمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆگەنگەن. بولۇپمۇ بۇلاردىن بۇرۇن ياشىغان پەيلاسوپ ۋە تەجرىبىگە ئەھمىيەت بەرگەن ئالىم روگېن باكون(1214-1291) ئۇنىڭغا تولىمۇ ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 17-، 18- ئەسىرلەردە غەرب ئىلىم مۇھىتىدا بارلىققا كەلگەن بىرمۇنچە كەشپىياتلاردا جابىر ئەسەرلىرى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. م. بېرتېلېت ‹‹ئوتتۇرا ئەسىر خىمىيە تارىخى›› دېگەن كىتابىدا جابىرنىڭ خىمىيە تارىخىدا تۇتقان ئورنىغا مۇنداق باھا بەرگەن : ‹‹ئارىستوتېلنىڭ لوگىكا ئىلمىدىكى ئورنى قانداق بولسا جابىر ئىبن ھەيياننىڭ خىمىيە ئىلمىدىكى ئورنىمۇ شۇنداقتۇر. ئارىستوتېل لوگىكىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئۇستازى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغىنىدەك، جابىر ئىبن ھەييانمۇ خىمىيىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئۇستادىدۇر.››


 جابىرغا ئائىت ئەسەرلەرنى كەڭ دائىرىلىك تەتقىق قىلغان شەرقشۇناس پ . كرائۇس ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختالغاندا:‹‹ جابىرنىڭ خىمىيىسى قەدىمكى خىمىيە(سىمىيا)دىن بىزگە قالغان ھەر نەرسىدىن ناھايىتى روشەن پەرقلىنىدۇ. جابىرنىڭ خىمىيىسى پەلسەپىۋى بىر نەزەرىيىنى ئاساس قىلغان بىر ئىلىمدۇر. ئىسلام دۇنياسىغا ئائىت ھېچقانداق بىر خىمىيە كىتابى دەسلەپكى دەۋر ئەسەرلىرى ھەققىدە جابىرنىڭ يازغانلىرىدەك كەڭ دائىرىلىك بىر بىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەمەس ۋە ئۇنىڭدەك ئېنسىكلوپېدىيە ئەمەس›› دەپ كۆرسىتىدۇ. جابىرنىڭ ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەلۇماتلار ئاۋۋال ئىسلام خىمىيەسىگە، كېيىن غەرب خىمىيەسىنىڭ  تەرەققىياتىغا تىز تەسىر كۆرسەتكەن. كېيىنكى دەۋرلەردە ياشىغان  ئىسلام خىمىيەچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ نامىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان، بىر مۇنچىسى جابىرنىڭ ئەسەرلىرىگە شەرھى يازغان. لېكىن، غەربتە جابىرنىڭ ئىلمىي ئوبرازىغا ھەسەت قىلغان ئالىملارمۇ بولغان. ئۇلار ئەسەرلىرىدە جابىر ھەققىدە ‹‹ھىيلىگەر...››، ‹‹گرېك نەسىللىكتۇر...››، ‹‹ئەسەرلىرى يۇنان مەنبەلىرىگە تايانغان...›› دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىلمىي ئوبرازىنى چۈشۈرۈشكە ۋە ئىلمىي نەتىجىلىرىگە كۆز يۇمۇشقا ئۇرۇنغان. لېكىن، ئوبيېكتىپ قاراشقا ئىگە بەزى غەربلىك شەرقشۇناسلار بۇ خىل خائىشقا قارشى تۇرۇپ : ‹‹جابىر ھەقىقىي مۇسۇلماندۇر. ئىسلامىي ئاساسلار دائىرىسىدە ياشىغان. ئەسەرلىرىدە ئىلگىرىكىلەرگە ئائىت ئىزلارنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس›› دېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭ يۇنان تەسىرىدىن خالى ھالدا مۇستەقىل تەتقىقات ۋە تەجرىبىگە تايىنىپ خىمىيە ئىلمىنى ياراتقان ئالىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئاخىرىدا جابىرنىڭ  ھازىرقى زامان خىمىيە ئىلمىنىڭ قۇرغۇچىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدىغان فرانسىيىلىك فىزىك ۋە خىمىك  لاۋوزىئېر(1743-1794) بىلەن بولغان باغلىنىشىمۇ ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك بىر مەسىلىدۇر. بۇ مەسىلىدە ئەلبەتتە جابىرنى يول ئاچقۇچى، لاۋوزىئېرنى ئۇنى داۋاملاشتۇرغۇچى دەپ قاراشقا بولىدۇ. لاۋوزىئېر 1789- يىلى <<خىمىيە ئىلمىگە كىرىش>> دېگەن بىر ئەسەر يازغان. بۇ ئەسەردە يېڭىدىن بايقالغان بىرەر خىمىيىلىك ماددا ياكى خىمىيىگە ئائىت تېخى مەلۇم بولمىغان بىرەر يېڭى مەلۇمات يوق ئىدى. لاۋوزىئېرنىڭ بۇ ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويغىنى پەقەت ئۆزىدىن بۇرۇن ياشىغان خىمىيە ئالىملىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنى سىستېمىلىق بىر شەكىلدە كۆرسەتكەنلىكى ۋە شۇ ۋاقىتقا قەدەر مەلۇم بولغان خىمىيىلىك ماددىلارنى ئاتاش ئۈچۈن يېڭى بىر سىستېمىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدۇر. دېمەك، جابىر ئىبن ھەييان لاۋوزىئېر ۋە ئۇنىڭ دەۋرداشلىرى ئۈچۈن بىر بىلىم غەزىنىسىنى مىراس قالدۇرغان. شۇ ۋەجىدىن، ئىلىم ساھەسىدىمۇ جابىرنىڭ ئاچقان يولىنىڭ لاۋوزىئېر ۋە پرىئېستلىي(1733-1804)نىڭ ئاچقان يولىدىنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئىختىلاپ يوق. فرانسىيىلىك ئالىم ماكس مايېرخافنىڭ ‹‹ياۋروپادا خىمىيىنىڭ تەرەققىياتى بىۋاسىتە جابىرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىشتىن باشلانغان›› دېگەن سۆزىمۇ بۇ نۇقتىنى دەلىللەيدۇ.


   


                                            


 


جابىر ئىبن ھەيياننىڭ 15- ئەسىردە                                 جابىر ئىبن ھەيياننىڭ تۈركىيىدە ئېلان


ياۋروپادا سىزىلغان رەسىمى                                                قىلىنغان بىر سۈرىتى

مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 2

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 680 قېتىم
  • تەھرىرلەش سانى: 1قېتىم -نەشىرى
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 2013-02-06