دورىلىق ئۆسۈملۈكلەر ۋە شىپالىق رولى(4)

خەتكۈچ: ۋاقتىنچە خەتكۈچ يوق

چوققىلاش 0 ئىنكاس 0 سۆزلۈك تەھرىرلەش

تاباشىر

خۇسۇسىيتى : يۈرەك، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، قىزىتما قايتۇرۇش، قۇرۇتۇش، كۆڭۈلنى خۇشال قىلىش

ئىشلىتىلىشى: يۈرەك، جىگەر ئاجىزلىقى، ئىچى سۈرۈش، مەنىينىڭ تېز كېتىشى، بالىياتقۇدىن سۇيۇقلۇقنىڭ كۆپ ئېقىشى، قاندىن بولغان بوۋاسىر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: خىمىر گاۋزىبان، جاۋارىش قانىسە، ھەببى زىيابىتۇس، قەنىت سىيىش كىسىلى كۇمۇلىچى، سۇپۇپى سەرتان، سۇپۇپى ئەھمەر، سۇپۇپى تاباشىر

 

تەمرى ھىندى

خۇسۇسىيتى : سەپرانى تەڭشەپ، ئاشقازاننى كۈچەيتىش، يۈرەكنى سالقىنلىتىش، ئۈچەينىڭ تۇتۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، قان تازىلاش، ئاغرىق توختىتىش، مەنى تۇتۇش

ئىشلىتىلىشى: سەپرادىن بولغان قىزىتمىلار، كۆڭۈل ئېلىشىش، ئېھتىلام، قىچىشقاق، جوزام، سۆزنەك، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىقلار ۋە باشقا ئىسسىقتىن بولغان ياللۇغلارنى قايتۇرۇش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: شاھتەرە شەربىتى، مەتبۇخى شاھتەرە

 

تۇربۇد

خۇسۇسىيتى : بۇزۇق بەلغەم، سەپرا ۋە سەۋدانى سۈرۈش

ئىشلىتىلىشى: ئىستىسقا، بۇۋاسىر، بوغۇم ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچى نېرۋا ئاغرىقى، لەقۋا، يۆتەل، زىققا، مالىخۇلىيا قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: ئىتىرپىل ئەپتىمۇن، ھەببى بەرەس، ھەببى سىماب

 

ۋاسالغۇ

خۇسۇسىيتى : بەلغەمنى چىقىرىش، باھنى كۈچەيتىش

ئىشلىتىلىشى: ئورۇقلۇق، ئۇنۇتقاقلىق، سۈيدۈك تۇتالماسلىق، باھ ئاجىزلىقى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: زۇفا شەربىتى، مەتبۇخى ئەپتىمۇن، ماددەتول ھايات، مەجۇنى ھۆرمىل

 

زەمچە

خۇسۇسىيتى : قورۇش، قۇرۇتۇش، قان توختىتىش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش

ئىشلىتىلىشى: تەپ، بەزگەك، بۇرۇن قاناش، ئېغىز ئاغرىش، چىش تۈۋى قاناش، گال ئاغىرىش، كۆكيۆتەل، قان يۈرۈپ كېتىش، قان تۈكۈرۈش، قان سىيىش، سۆزنەك قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: سۇپۇپى بىخ مارجان، سۇپۇپى ئەھمەر

 

زەنجىۋىل

خۇسۇسىيتى : قوغىتىش، ئىشتىھا ئېچىش، توسالغۇلارنى ئېچىپ يەل تارقىتىش، شىلىمشىق ھۆللۈكلەرنى تارقىتىش

ئىشلىتىلىشى: نېرۋا پەي ئاجىزلىقى، پالەچ، لەقۋا، ئىشتىھاسىزلىق، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كۆپىيىپ قېلىشى، ئىسھال قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: ماددەتول ھايات، مەجۇنى ئازاراقى، سۇپۇپى سىپ

 

زىرە

خۇسۇسىيتى : ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ئۈچەينى كۈچەيتىش، يەل تارقىتىش، قۇرۇتۇش، قورۇش، قاتۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى ماڭدۇرۇش ھەمدە بۇزۇق ماددىلارنى پارچىلاش

ئىشلىتىلىشى: ھەزىم ناچارلىقى، قورساق كۆپۈش، سۆزنەك، جىگەر ۋە ئۈچەينىڭ ھەزىم خىزمىتىنىڭ سۇسلىشىشى، سۈيدۈك ۋە ھەيزنىڭ ئاغرىتىپ كېلىشى ۋە ئىسھال قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: مەجۇنى نانىخا، جاۋارىش كۇمۇنى، كالى زىرە ئوكۇلى، سۇپۇپى زىرە

 

زۇفا

خۇسۇسىيتى : بەلغەم چىقىرىش، ئىششىق تارقىتىش، تەرلىتىش، يەل ھەيدەش، تېرىگە رەڭ بېرىش

ئىشلىتىلىشى: زىققە، بەلغەملىك يۆتەل، زاتىلجەنبى، زاتىررىيە، قىزىتما، ئىستىسقا ۋە ئادەتتىكى زۇكام، نەزلىلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: زۇفا شەربىتى، مەجۇنى نانىخا

 

يالپۇز

خۇسۇسىيتى : چىرىشنىڭ ۋە زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل ھەيدەش، ئاغرىق توختىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش

ئىشلىتىلىشى: ئىشتىھاسىزلىق، ئىسھال، قۇسۇش، يەلتاشما، سەپكۈن، داغ، زەھەرلىك ھاشارەت پەيدا قىلغان جاراھەت، قۇلاق، بۇرۇن ۋە باشقا ئەزالاردىكى قۇرت قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: مەجۇنى نانىخا

 

رەۋەن

خۇسۇسىيتى : ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، ئىچىنى سۈرۈش، ئىچىنى قاتۇرۇش، سەمرىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى ماڭدۇرۇش

ئىشلىتىلىشى: ھەرخىل ئىششىقلار، يۆتەل، خاپىخان، زىققا، سىل، ئىستقا، يەرقان، تۈرلۈك ئىچ ئۆتكۈ، سۈيدۈك قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: دىنار شەربىتى

 

شاھتەررە چىنى

خۇسۇسىيتى : جىگەر ۋە تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، قان تازىلاش، سۈيدۈك ماڭدۇرۇش، چىشنى چىڭىتىش، ئۈچ خىل خىلىتنى سۈرۈش، ئىشتىھا ئېچىش

ئىشلىتىلىشى: تېرە كىسەللىكلىرى، قىچىشقاق، تەمرەتكە، جىگەر ۋە تال توسۇلۇش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، يەرقان، خۇننىڭ كۆيگەنلىكىگە ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: شاھتەرە شەربىتى، ئۆشبە شەربىتى، ئەرقى شاھتەرە، مەتبۇخى شاھتەرە، ھەببى شاھتەرە

 

ئالقات مىۋىسى

خۇسۇسىيتى : بۆرەك، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، مەنى پەيدا قىلىش، كۆزنى قۇۋۋەتلەش

ئىشلىتىلىشى: بۆرەك ئاجىزلىقى، مەنى كېمىيىپ كىتىش، بەل، ئۇمۇرتقىلار ئاغرىش، نېرۋا ئاجىزلىقى، كۆز تورلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: جاۋارىش قانىسە

 

ئالتۇن ۋەرەق

خۇسۇسىيتى : يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، ماددا ئالماشتۇرۇشنى ياخشىلاش، زېھنىنى ئېچىپ، ئۇنۇتقاقلىقنى داۋالاش

ئىشلىتىلىشى: رەئىس ئەزالاردىكى ئومومىي خىزمەت ئاجىزلىقى، خەفاقان، ئۇنۇتقاقلىق، مالىخۇلىيا قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: لوبوبى كەبىر، خىمىر گاۋزىبان، جاۋارىش قانىسە

 

ئاقاقىيا

خۇسۇسىيتى : قۇرۇتۇش، قاتۇرۇش، تۇتۇش، نەپەس يولىدىن كەلگەن قاننى توختىتىش، ئاشقازاننى ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش

ئىشلىتىلىشى: قانلىق ئىچ ئۆتكۈ، سوڭى چىقىپ قىلىش ۋە بالىياتقۇ چىقۇقى، بوۋاسىر، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشى، ئاشقازان، جىگەر ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: ھەببى زىيابىتۇس، قەنت سىيىش كىسىلى كۇمۇلىچى، سۇپۇپى سەندەل

 

ئاسارۇن

خۇسۇسىيتى : يۇمشىتىش، تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، بۆرەك، تال ۋە جىنسىي ئەزانى قۇۋۋەتلەش مېڭە ۋە ئاشقازاننى ياخشىلاش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى ياخشىلاش

ئىشلىتىلىشى: ھۆل سوغۇقتىن بولغان سەرئىي، لەقۋا، پالەچ، ئىستىرخا، تەشەننۇج(تارتىشىپ قىلىش)، بىھۇشلۇق، نېرۋا ئاجىزلىقى، بالىياتقۇ مەنبەلىك باش ئاغرىقى، ئۇنۇتقاقلىق قاتارلىقلارغا ئۇندىن باشقا ھەرخىل سۇلۇق ياكى توسالغۇ مەنبەلىك ئىششىقلار، سىيىشنىڭ قىيىنلىششى، خۇن چىگىلىشىش، بۆرەك ۋە دوۋساقتا تاش پەيدا بولۇش، ھەرخىل چوڭ-كىچىك بوغۇم ئاغرىقلىرى ھەمدە ھۆللۈكتىن بولغان جىنسىي ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: ئايارەج پەيقىرا

 

بادىرەنجى بۇيا ھىندى

خۇسۇسىيتى : قان تازىلاش، كۆڭۈلنى ئېچىش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، سەۋدانى تازىلاش، زەھەر قايتۇرۇش، ماددىلارنى تارقىتىش

ئىشلىتىلىشى: يۈرەك ئاجىزلىقى، ۋەسۋەسە، زىققە ھەمدە بەلغەم ۋە سەۋدا مەنبەلىك باشقا كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالمىلىرى: ئۆشبە شەربىتى، گاۋزىبان شەربىتى، ئەرقى چۆبىچىن، مەتبۇخى سۆرىنجان

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-15 14:14:19]
مەنىداش سۆز

قوشۇمچە ھۆججەتلەر


ئەگەر مەزكۇر سۆزلۈكنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز، سۆزلۈك تەھرىرلەش

سۆزلۈك مەزمۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنلا بېرىلدى، ئەگەر كونكرېت مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولسىڭىز، (بولۇپمۇ قانۇن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكى) مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىگىلىرىدىن سۈرۈشتۈرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز 0

>

سۆزلۈك ئۇچۇرلىرى

  • ئۆچۈرۈلگەن
  • ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
  • سۆزلۈك قۇرغۇچى
  • كۆرۈلىشى: 808 قېتىم
  • يېڭىلانغان ۋاقىت: 1970-01-01